مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بىر قانچە شەھەرلەردىكى ساياھەت خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 12:10:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى يەكشەنبە
كېچىدىن مەن توردىن خەرىتە كۆرۈپ  بىز چۈشكەن بۇ مېھمانخانىنىڭ شاڭخەيدىكى ئورنىنى تېپىپ چىقتىم.بىز چۈشكەن بۇ مېھمانخانا شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايۇنىنىڭ شەرقىدىكى يېزىغا تەۋەرەك جايغا(شاڭخەينىڭ سەھراسىغا) جايلاشقان بولۇپ شەرقى شىمال تەرىپىدە 新港镇    شىنگاڭ بازىرى،غەربى جەنۇپ تەرىپىدە 唐镇 تاڭجېن بازىرى بار.شەرىققە新港镇تەرەپكە داۋاملىق مېڭىۋەرسە چاڭجىاڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلغان يېرىگە بارغىلى بولىدىكەن .لېكىن بىزگە دېڭىزنى كۆرۈش نېسىپ بولمىدى.بۇ جاي   شاڭخەي شەھەر مەركىزىدىن ئاپتۇبۇس بىلەن مېڭىشقا بىر يېرىم سائەتچە يىراقلىقتا ئىكەن.
بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت سەككىزدە ئورنۇمىزدىن تۇرۇپ ناشتا قىلىپ بولغىنىمىزدىن كېيىن مەسئۇل مۇئەللىملەر ھەممىمىزنى بىز ياتاق قىلىپ يېتىۋاتقان جۈنفېڭ مېھمانخانىسى بىناسىنىڭ  غەرىپ تەرەپتىكى تۆتىنچى قەۋەت يىغىن زالىغا دەرسكە چاقىردى.پائالىيىتىمىزنىڭ ئەسلى كۈن تەرتىپىدە پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە بىزنى نىيۇسكىن شىركىتىنىڭ شاڭخەيدىكى دۇرا زاۋۇتىغا ۋە  زاۋۇت دۇرا ياساشقا ئىشلىتىدىغان دۇرا خام ئەشيا مەنبەلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئېلىپ چىقماقچى ئىدى.ئەمما بۈگۈنكى يەكشەنبىدە زاۋۇتتىكى ئىشچىلار دەم ئالىدىكەن.شۇڭا زاۋۇتقا بېرىش كۈنتەرتىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ  ئەزالارغا مەخسۇس بىر كۈن دەرس سۆزلەپ  نەزىريە جەھەتتىن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىپتۇ.
بىز كىرگەن زال مەكتەپلەرنىڭ كۆپ مۇھىتلىق ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرى سەپلەنگەن مەخسۇس تەربىيەلەش، يىغىن قاتارلىق ئىشلارغا ماس كېلىدىغان،   200كىشىلىكتىن كۆپ پارتا ئورۇندۇق سەپلەنگەن چوڭ زال ئىدى.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 11:52:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاڭخەي ۋەيتەن،خاڭجۇ شىخۇ كۆلى،قايتىش سەپىرى،ۋە ئۈرۈمچىدىكى پائالىيەتلەر خاتىرسى






[media=swf,700,475] http://player.56.com/v_NjY1MDE1Mjg.swf[/media] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-25 12:12 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 07:27:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى لېكسىيەدە ئالدى بىلەن تۇرسۇنجان مۇئەللىم ‹‹باي دادام نامرات دادام-ئائىلىدىكى بايلىق››دېگەن كىتاپقا باغلاپ تۇرۇپ كۆپ مەبلەغ سالماي تۇرۇپلا نىيۇسكىن قىلىش ئارقىلىق‹‹ ھوقۇق كىرىمى››گە ئېرىشىش توغرىسىدا بىرەر سائەتچە لېكسىيە سۆزلىدى.ئۇمۇ بىلىملىك،نەزەر دائىىسى كەڭ، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي،ناتىق يىگىت بولغاچقا لېكسىيەسىگە ھەممىمىزنى رام قىلىۋالدى.ئۇنىڭ لېكسىيەسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى ئۈرۈمچىدە كىچىك ئەخمەتجان بىزگە سۆزلەپ بەرگەن مەزمۇنلارغا ئاساسەن ئوخشاش ئىدى.شۇڭا بۇ يەردە ئۇ مەزمۇننى قايتىلاپ يۈرمەيمەن.
ئالدى بىلەن بۇ لېكسىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە  قېرىشنىڭ سەۋەپلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ  قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان   ageloc (ئەيگىلوك) تېخنىكىسى ھەققىدە چۈشەنگەنلىرىمنى سۆزلەپ بېرىمەن.
ئادەم نىمە ئۈچۈن قېرىيدۇ؟ ئىنسانىيەت نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى قېرىماسلىق،ياشلىقنى ساقلاش،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ بۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەلمىگەن.ئامېرىكا نىيۇسكىن شىركىتى ئوخشاش ياشتىكى كىچىك ئىككى مايمۇننى ئوتتۇز يىل بېقىپ گېن تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاخىرى ئادەم بەدىنىنىڭ ياشلىق ھالىتىنى بەلگىلەيدىغان گېننى تېپىپ چىققان.يەنى ئادەم بەدىنى25مىڭدىن ئوتتۇزمىڭغىچە گېندىن تەشكىل تاپىدىكەن.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنىڭ ياشلىقىنى بەلگىلەيدىغان 25گېن بار ئىكەن. ageloc (ئەيگىلوك) تېخنىكىسى دەل مانا شۇ 25 گېننى كونتىرۇل قىلىپ ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان كارامەت تېخنىكا بولۇپ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قېرىماي ياشلىق ھالىتىنى ساقلاپ تۇرالىشى ئۈچۈن مۆجىزە خاراكتىرلىك ئىلگىرلەش ياراتقان.بۇ تېخنىكا نۆۋەتتە نىيۇسكىن شىركىتىىدىلا بار بولۇپ دۇنيا بويىچە ھىچقانداق شىركەت ياكى گوروھ بۇ تېخنىكىدىن خەۋەرسىز.باشقىلار بۇ تېخنىكىغا ئېرىشىمەن دېسە بۇ شىركەتتەك يەنە ئوتتۇز يىل ھىچ بولمىغاندا 20يىل گېن تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن .نىيۇسكىن شىركىتىنىڭ بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ياساپ چىققان ageloc يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى ئۇدۇل ئادەم بەدىنىدىكى ھېلىقى 25 گېننى تېپىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ چىراي قىياپىتى ۋە بەدىنىنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ياش ۋاقتىغا قايتۇرۇپ قۇلۇپلاپ قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.بۇ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار 2010-يىلى يىل بېشىدا ئامېرىكا،ياپۇنىيە،ۋە جۇڭگۇ بازارلىرىغا تەڭلا سېلىنغان.بۇ مەھسۇلاتلار ئارقىلىق يۈزگە چۈشكەن قورۇق،سەپكۈن،تېرە بوشىشىش،سۇ كەم بولۇش،داغ چۈشۈش قاتارلىق قېرىلىق ئالامەتلىرىنى گېنىغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ياش ۋاقتىڭىزدىكى چىرايىڭىزغا قايتۇرغىلى بولىدۇ.بۇ مەھسۇلات بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىدا 100ئانا ۋە دادىغا سىناق قىلىشقا بېرىلگەن.  ئۇلار بۇ مەھسۇلاتنى  بىر يىل ئىشلەتكەندىن كېيىن كىشىنى ھەيران قالدۇرۇدىغان  نەتىجە كۆرۈلگەن.بۇ ئانا دادىلار ئۆز بالىلىرى بىلەن بىر يەرگە كەلسە بۇرۇنقىدەك ئاتا –ئانا بىلەن بالىدەك ئەمەس بەلكى ياش قورامى ئانچە پەرىقلەنمەيدىغان  يېقىن دوستلاردەك  بولۇپ قالغان.شىركەت 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 25 –كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىپورنىيە شىتاتىنىڭ ھوللىيۋود شەھىرىدە بۇ مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرۇش ۋە بازارغا سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى ئەينى چاغدىكى كالىپورنىيە شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى شىۋاسېنگىر ئەپەندى ئالايىتەن بۇ مۇراسىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ۋە بۇ مەھسۇلاتنىڭ تۇنجى خېرىدارى بولغان.بۇ مەھسۇلات يۈز قىسىمىغا ئىشلىتىدىغان يۈرۈشلۈك ۋە ئائىلە يۈرۈشلۈكى دەپ  ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىكەن.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6405
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1502 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 08:45:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە  بۇنداق  تەربىيىلىنىشكە  بارغاندىن ئۆزى ئايرىم ساياھەتكە  چىققان  ياخشى .بولسا  ئالدىن  پىلانلاپ  قويسىڭىز  شاڭخەيگە  كېلىدىغان  ئايرۇپىلان  بېلەتلىرىنى  600-700يۈەندىن ئالالايسىز .مىھمانخانا ،كىنۇخانا ،ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ  بېلىتىنى  توردىن ئەرزان  زاكاز  قىلالايسىز .بولمىسا  بېلەتكىلا  خېلى  كۆپ  پۇل  كېتىدۇ .سىز  كېلىپلا  يىغىنغا  قاتنىشىپ ئۆزىڭىزنى ھاردۇرىۋاپسىز .ۋۇلۇڭ  چېيى ،بولكا  دىگەنلەرنى  ئادەتتىكى  تاللا  بازارلىرىدا  ئەرزان ،سىز  قىممەت  ئېلىۋاپسىز جۇمۇ .
بىر  سوئالىم بار ،سىز   دەۋاتقان  نىيۇكسىن  شاخلىتىپ  سېتىشقا   كىرەمدۇ ،كىرمەمدۇ ؟
ساياھەت  خاتېرىڭىزنى  كۆرۈپ  شاخلىتىپ  سېتىش  ئېسىمگە كېلىپ  قالدى .

بايتۇرا

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 09:26:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baytura يوللىغان ۋاقتى  2012-2-26 08:45 PM
مېنىڭچە  بۇنداق  تەربىيىلىنىشكە  بارغاندىن ئۆزى ئايرىم ...

شاخلىتىپ سېتىشقا كىرمەيدىكەن.بۈگۈنكى يازمامدا بۇ سۇئالىڭىزغىمۇ قانائەتلنەىدەك جاۋاپ بېرىمەن.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 09:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈز قىسمىغا ئىشلىتىلىدىغان يۈرۈشلۈكنىڭ ئەسلى باھاسى 4850 يۈئەن.ئېتىبار باھاسى 3880يۈئەن ئىكەن.
ئاىلە يۈرۈشلۈكىنىڭ ئەسلى باھاسى 9700يۈئەن ئىكەن.ئېتىبار باھاسى 7760 يۈئەن ئىكەن.
نىيۇسكىن قىلغۇچىلار ‹‹ئېرو›› ،‹‹بىئېوسكىن›› ۋە ‹‹فارمىنىكىس ››قاتارلىق ئۈچ يۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ سېتىش ئارقىلىق ھوقۇق كىرىمىگە ئېرىشىدىكەن.بۇنىڭدىكى ‹‹فارمىنىكىس ››ئوزۇقلۇق ماددىلارنى كۆرسۈتىدىغان بولۇپ سېتىلىش قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقۇرى مەھسۇلاتلار ئىكەن.مەسىلەن: ئوزۇقلۇق ماددىلار ياپۇنىيە بازارلىرىغا كىرىشتىن بۇرۇن خاشىكاۋانىڭ ياپۇنىيەدىكى نىيۇسكىن شىركىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش نىسبىتى % 25 بولغان ئىكەن.ئوزۇقلۇق ماددىلار بازارغا كىرگەندىن كېيىن سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش نىسبىتى %78 بولغان.نىيۇسكىن ياپۇنىيەگە 93 يىلى كىرگەن بولسىمۇ كوزىر مەھسۇلاتلاردىن ‹‹ئېرۇ›› 96-يىلى،‹‹بىئېوسكىن›› بولسا 2004-يىلى كىرگەن ئىكەن.
تەلەيلىك جۇڭگۇلۇقلارغا بولسا بۇ ئۈچ خىل ئامىل تەڭلا كىرگەن بولۇپ ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ ئون يىلدا ئېرىشكەن مۇۋەپىقىيەت  نەتىجىسىگە جۇڭگۇلۇقلار بىر يىلدىلا ئېرىشەلەيدىكەن.
نىيۇسكىننىڭ ساقلىق ساقلاش ئوزۇقلۇق بويۇملىرىنىڭ جۇڭگۇچە ئىسمى ‹‹خۇا ماۋ›› ئىكەن.ئېنگىلىزچە ئىسمى بولسا ‹‹فارمىنىكىس ›› ئىكەن.ئۇنى سۆز يىلتىزى جەھەتتىن ئانالىز قىلساق ‹‹قوشۇمچە دورا››ياكى ‹‹كېيىنكى بىر ئەۋلات دورا›› دېگەن ئىككى خىل مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.بۇنىڭدىن نىيۇسكىننىڭ
كەسپى ئىددىيەسى ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ دورا بلەن كېسەل داۋلاش ئەمەس بەلكى زەھەرسىز ئوزۇقلۇقلار ياكى قوشۇمچە دورىلار ئارقىلىق كېسەل داۋالاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئالىملارنىڭ قارىشىچە ھەرقانداق دورىدا كېسەلگە قارشى ئۈنۈم بولۇپلا قالماي يەنە ئۈچتىن بىر ئۈلۈش زەھەرمۇ بولىدىكەن.ئەمما خۇئاماۋنىڭ دورىلىق ئۈنۈمى بار لېكىن قوشۇمچە تەسىرى يەنى زەھىرى يوق ئىكەن.
مەسىلەن سىز نىيۇسكىننىڭ يېشىل چاي جەۋھىرى كاپسۇلىدىن بىر تال ئېلىپ خالىغان بىر خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئورنىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتسىڭىز تەركىبىدىكى چاي فىنولىنىڭ %97گە يەتكەن ياكى ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلەيدىكەنسىز.ئۇنىڭغا يەتمىسە شىركەتنىڭ نەچچە مىليۇن يۈئەنلىك تۆلىمىگە ئېرىشەلەيدىكەنسىز.جۇڭگۇدا ئادەتىكى نورمال دەرىجىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى CCC بولىدۇ.لېكىن بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى بەك يۇقۇرى بولۇپ ‹‹ئالتە س›› دەرىجىسىگە توشىدىكەن.بۇدېگىنى بۇ شىركەتنىڭ ئوزۇقلۇقلىرى ۋە ساقلىق ساقلاش بۇيۇملىرى
6خىل قاتتىق رەسمىيەتلىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈدىكەن.
خۇئاماۋ بىئو تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدا زېڭ رۇن خەي دوكتۇر باشچىلىقىدىكى 75نەپەر تەتقىقاتچى بار ئىكەن.ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50نەپىرى دوكتۇر دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلار ئىكەن.بۇ ئورۇندا يەنە قېرىشقا قارشى تۇرۇش تەتقىقاتىنىڭ ئاتىسى لىي پەي كې پروفېسسور،پۇتۈن دۇنيا بويىچە پولى ساخارىد تەتقىقاتىدىكى  نوپۇزلۇق ئەرباپ ۋىڭ چى خۇي پروفېسسور،كۈمۈش ئۈرۈك تۈزىلىشىنىڭ بايقۇغۇچىسى جوڭ شى شىياڭ ئېر دوكتۇرقاتارلىقلار بار بولۇپلا قالماي ،مىڭ يىللار مابەينىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور دەپ قارالغان تەتقىقاتچى-زۇكام دورىسى ۋە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان جەي رۇشى دوكتۇر پەن تېخنىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قوشۇنىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.بۇ شىركەت بۇلاردىن باشقا يەنە پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان تەتقىقات ئىشخانىلىرى ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ئىگە ئىكەن.بۇ شىركەت يەنە ئامېرىكا سىتەنفورد ئونۋېرستىتى،بوكلەي ئونۋېرستىتى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئونۋېرستىتلار بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورناتقان ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئوزۇقشۇناسلىق توربىتى www. supplementwatch. Comدا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ساقلىق ساقلاش بۇيۇملىرى ئىشلەيدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى 17شىركەتنىڭ سۈپىتى باھالغانغان بولۇپ فارمېنىكىس بۇ 17 خىل داڭلىق ماركا ئىچىدە بىرىنچى بولغان.شۇنداقلا نىيۇسكىن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۇرا زاۋۇتى بولۇپ باھالانغان.لېكىن سېتىش كىرىمى جەھەتتىكى سېلىشتۇرۇشتا يىللىق سېتىش كىرىمى نەچچە مىليۇن دوللاردىن ئاشىدىغان موشادۇن شىركىتى بىرىنچىلىكنى ئىگەللىگەن.ئۇنداقتا نىيۇسكىن نىمىشقا سېتىش كىرىمىدىمۇ بىرىنچى بولالمىدى؟
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-26 09:27 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6405
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1502 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 10:06:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچىنىڭ  يەر  شەكلى  ئېگىز  -پەس ،قىش  پەسلى ئۇزۇن ۋە سوغۇق  بولغاچقا   ۋېلىسپىت  مىنىدىغانلار  بەك  ئاز  .ھازىر  ماشىنا  كۆپىيىپ  كېتىپ ۋېلىسپىت  يوللىرىنىڭ  ھەممىسىدە  ماشىنا  ماڭىدىغان  قىلىۋەتتى .شاڭخەي ،سۇجۇلارنىڭ  يەر  تۈزۈلىشى  تەكشى ،قىش پەسلىمۇ قىسقا  ،يەرمۇ ئاساسەن  مۇز  تۇتمايدۇ ،شۇڭا  ۋېلىسپىت ،موتو  كۆپ .شۇڭا  مېنىڭچە  بۇنى  قانداقتۇر  نامىراتلىقتىن  كۆرۈش  بىر تەرەپلىمە  بولۇپ  قالىدىغۇ  دەيمەن .

بايتۇرا

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 10:20:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھلىلىڭىز توغرا ،سىز دېگەن ئامىللارمۇ بار. مۇھىمى مۇھىت ئاسراش ئېڭىمۇ بىر مۇھىم ئامىل.ئۈرۈمچىدىمۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىىرىغا چەك قويۇپ بۇلغىنىش قويۇپ بېرىشكە چەك قويۇۋاتمامدۇ؟ تەرەققى قىلغان شەھەرلەر مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ زىيىنىنى ئاللىقاچان تونۇپ يېتىپ مۇھىت ئاسراش،ساپ ھاۋانى قوغداش جەھەتتە ئاللىقاچان ئومۇمى خەلىق ھەركەتكە ئۆتۈپ بولغان.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 11:10:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۇئال ئەينى ۋاقىتتا خىزمەتدىشىم ئەمەتجاننىڭ ئايالى تەرىپىدىن تۇرسۇنجاندىن سورالغان ئىدى.
بايا مىسرانىم تورىدىكى بايتۇرا ناملىق توردىشىمىزمۇ ئىنكاس ئارقىلىق‹‹نىيۇسكىن شىركىتى شاخلىتىپ سېتىش  بىلەن شۇغۇللىنامدۇ؟›› دەپ سوراپتۇ.ئەمدى تۇرسۇنقاننىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.
-نىيۇسكىن شىركىتى شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانمايدۇ! بۇ ئاتالغۇنى تىلغا ئالغان ئىكەنمىز نىمىنىڭ شاخلىتىپ سېتىش بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ ئۆتەيلى.شاىلىتىپ سېتىش دېگەندىكى ‹‹شاخلىتىش››مال باھاسىغا باھا قوشۇپ مەھسۇلات باھاسىنى پەيدىن پەي ئۆستۈرۈپ سېتىشنى كۆرسۈتىدۇ.شاخلىتىپ سېتىش شىركەتلىرىدە زاۋۇتتىن چىققان مەلۇم مال تەننەرقى بىلەن 10يۈئەنگە پۈتۈپ چىققان بولسا شاخلىتىپ سېتىش گورۇھىدىكى ئەزالار قولىدا ئون ئادەمنىڭ قولىدىن ئۆتكەن بولسا ھەر بىر ئادەم قولىدا بىر ھەسسىدىن باھا قوشۇلۇپ ئاخىرىدا خېرىدارنىڭ قولىغا بارغۇچە 100يۈئەن بولۇپ سېتىلىشى مۈمكىن.بۇ گورۇھتىكىلەرنىڭ مەقسىدى سودا ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىش بولغاچقا قانچىلىك پايدا ئېلىش مۈمكىىنچىلىكى بولسا شۇنچىلىك پايدا ئالىدۇ.ئەگەر ئەشۇ ئون يۈئەنلىك مالغا 1000 يۈئەنگە ئالىدىغان بىر خېرىدار چىقسىمۇ مىڭ يۈئەنگە سېتىۋېرىدۇ.لېكىن نىيۇسكىننىڭ سېتىش ئەندىزىسى شاخلىتىپ سېتىش ئەمەس بەلكى ‹‹بىۋاستە سېتىش›› ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتىمىزنىڭ شىركەت بەلگىلەپ بەرگەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياكى پۈتۈن دۇنيا بويىچە بىرلىككە كەلگەن باھاسى بولىدۇ.بۇ باھا مۇقىم بولۇپ ھەرگىز ئۆزگەرتىلمەيدۇ.مەسىلەن:ئىككى قۇتا بىرلەشتۈرۈلگەن چاچ سوپۇنىمىزنىڭ باھاسى 5-6 يىلنىڭ ئالدىدىمۇ 115يۈئەن ئىدى.ھازىرمۇ يەنە شۇ ئوخشاش باھادا سېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن  باشقا ماللارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن  چاغدىمۇ يەنىلا ئوخشاش باھادا ساتىمىز.يەنى  خېرىدار كۆپ بولسا ئۆستۈرىۋالىدىغان،خېرىداركۆپ بولسا باھاسىنى چۈشۈرىپ سېتىشنى تېزلىتىدىغان ئىش يوق.ھەر بىر ۋاكالىتەن ساتقۇچىمىزدا باش شىركەت تەمىنلىگەن مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ بىر تۇتاش باھا جەدىۋىلى بار. ۋاكالىتەن ساتقۇچىلىرىمىز خېرىدارلارغا شۇ باھا بويىچە ساتىدۇ.ئكز مەيلىچە باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتسا مەيلىكى بىر يۈئەن ئۆستۈرۈپ سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.كىمىكى شۇنداق سېتىش بىلەن شۇغۇللانسا پاش قىلىنسا پاش قىلغۇچىغا يۇقۇرى سوممىدا مۇكاپات بېرىش بىلەن قالماي شۇ خىزمەتچىنى سوتقا تارتىپ قاتتىق جازالايمىز.چۈنكى نىيۇسكىن ئوبرازغا ئىناۋەتكە ئەڭ ئېتىبار بېرىدىغان شىركەت.سودا قىلالمىسا مەيلىكى ئوبرازىنى چۈشۈرىۋالىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ.شۇنى ئاشكارىلايكى خېرىدارلىرىمىزغا نىسبەتەن مۇنداق پەرىقلىق ئىككى خىل باھا مەۋجۇت.مەسىلەن: 400يۈئەنلىك كولىستىن كاپسۇلى(قىزىل ئېچىتقۇ كاپسۇلى) 400يۈئەندىن ۋە 320 يىگىرمە يۈئەندىن ئىككى خىل باھادا سېتىلىدۇ.
نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ 400يۈئەنگە سېتىۋالغۇچى بىر قېتىملىق ئادەتتىكى سېتىۋالغۇچى.ئۇ پەقەت بىر قېتىملا مەھسۇلات سېتىۋېلىپ شىركەت بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزىدۇ.شۇڭا ئۇ %100لىك باھا بويىچە سېتىۋالىدۇ.ئۇنداقتا 320يۈئەنگە سېتىۋالغۇچى قانداق ئادەم؟ ئۇ شىركىتىمىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى،دائىملىق خېرىدارى.ھەرقانداق بىر ئادەم شىركىتىمىز خىزمەتچىلىرىدىن مەلۇم بىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن شىركىتىمىزگە ئەزا بولسا بولىدۇ.لېكىن شەرتى تۇنجى قېتىم سېتىۋالغان مەھسۇلاتى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ 500يۈئەنگە يەتكەن بولۇشى كېرەك. شىرتكەتكە ئايرىم ئۆزى كەلسىمۇ،تونۇشتۇرغۇچىسىنى ئېلىپ كەلسىمۇ بولىدۇ.تونۇشتۇرغۇچى چوقۇم بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئەزاسى ياكى سېتىش ۋاكالەتچىسى. بىزنىڭ شىركەتنىڭ ھەر بىر  ئەزاسى ياكى سېتىش ۋاكالەتچىسىنىڭ شىركىتىمىز بەلگىلەپ بەرگەن پۈتۈن يەر شارى بويىچە تورلاشقان cn نومۇرى بولىدۇ.مۇشۇ نومۇر بولسىلا ھەرقانداق جايدا،ھەرقانداق چاغدا  شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى %80 ئېتىبار باھادا سېتىۋېلىپلا قالماي يەنە شىركىتىمىزنىڭ ھوقۇق كىرىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.بۇھوقۇق كىرىمى پايچېكىگە ئوخشاش بولۇپ ئەسلى ئىگىسى ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بۇ نومۇر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىبارباھا  ۋە ھوقۇق كىرىمىگە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات ۋارىسلىق قىلالايدۇ.


داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 12:25:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىقى يېڭى كەلگەن  500يۈئەنلىك مال سېتىۋېلىپ ھەمكارلاشقۇچىغا  يېڭى cn نومۇرى بەلگىلەپ بېرىلىپ  ئېتىبار كارتىسى بېجىرىپ بېرىلىدۇ.بۇ نومۇر ئۇنى تونۇشتۇرغۇچىنىڭ cn نومۇرىغا كومپىيۇتېر ئارقىلىق زەنجىرسىمان چېتىۋېتىلىدۇ. ئۇ مانا شۇ كۈندىن ئېتىبارەن شىركىتىمىزنىڭ ھەرقانداق مەھسۇلاتىنى%80ئېتىبار باھادا سېتىۋالالايدۇ.ئۇنىڭ ھەر بىر سېتىۋالغان مەھسۇلاتىنىڭ %5 پۇلى ئۇنى تونۇشتۇرغان ئەزانىڭ ھېساباتىغا ئاپتۇماتىك ئۇرۇلۇپ ماڭىدۇ.بۇ يېڭى خېرىدار مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ ،باشقىلارغا ئۇنىڭ پايدىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆزىمۇ  يەنە باشقا يېڭى ھەمكارلاشقۇچى خېرىدار تېپىپ كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرالىسا  ئۇمۇ ئۆزى تېپىپ كەلگەن يېڭى‹‹نەۋرە خېرىدار››نىڭ سېتىۋالغان مەھسۇلاتىنىڭ %5لىك پايدا ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ. ‹‹نەۋرە خېرىدار››نىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە سېتىۋېلىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىدىن ھەر قېتىمدا  %5لىك ھوقۇق كىرىمى يېڭى  تونۇشتۇرغۇچىغا كىرىم بولۇپ كىرىۋېرىدۇ.دېمەك نىيۇسكىندىن مەھسۇلات سېتىش ئارقىلىقلا ئەمەس بەلكى كۆپرەك ھەمكارلاشقۇچى تېپىش ئارقىلىقمۇ ھوقۇق كىرىمىگە ئېرىشەلەيسىز.بۇ قىلىشقا ئەرزىيدىغان كەسىپ.باي بولۇشنى،ئۈزلۈكسىز ھوقۇق كىرىمىگە ئېرىشىشنى ئارزۇلىغۇچىلار بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا  غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
-يەنە بىر سورايدىغان سۇئالىم بار ئىدى،نىيۇسكىننىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن ياخشىكەن.لېكىن بىراز قىممەتكەن.بايا سىز چاچ سوپۇننى تىلغا ئالدىڭىز،ئادەتتىكى چاچ سوپۇنلىرىنى بازاردىن 10 يۈئەندىن تارتىپ يۇقۇرىسى 50-60يۈئەنگىچە سېتىۋالغىلى بولىدۇ.سىز باش شىركەتكە دەپ باققان بولسىڭىز،نىيۇۇسكىن مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ رايۇنىغا نىسبەتەن ئېتىبار باھادا تۆۋەنلىتىپ سېتىپ بېرەلىگەن بولسا،بىز خېرىدارلارغا نىيۇسكىن مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرغان ۋاقتىمىزدا ئۇلار سېتىۋېلىشقا  ئوتتەك قىزىقىدىكەن،ئارقىدىنلا باھاسىنى ئاڭلاپ يالتىيىپ قالىدىكەن.
-سىز ئالتۇن ئۈزۈك بىلەن ئالتۇن سۈيى يالاتقان مىس ئۈزۈكنى سېلىشتۈرۈپ بېقىڭ.ئىككىلىسىلا ئۈزۈك.لېكىن باھاسى ئاسمان -زىمىن پەرىقلىنىدۇ. نىمىشقا دېگەندە ئالتۇن قىممەت،مىس بولسا ئەرزان.پۇلى كۆپلەر  باھاسىغا چىقىشالىغانلار بىركىم زورلىمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن قىممەت دېمەي ئالتۇن ئۈزۈكنى سېتىۋالىدۇ.سىز بايا ئىككى خىل سوپۇننىڭ باھسىنى سېلىشتۇردىڭىز.ئەرزان چاچ سوپۇنلىرى چاچنى پاكىزلەپلا قالماي مەلۇم دەرىجىدە كېپەك يوقۇتىدۇ.لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدە مەلۇم دەرىجىدە خىمىيەلىك تەركىپلەر بولغىنى ئۈچۈن ئۈزۈن مەزگىل ئىشلەتسىڭىز چاچ يىلتىزىنى زەھەرلەپ چاچ چۈشۈشنى،چاچ شالاڭلىشىشنى،ھەتتا چاچ پۈتۈنلەي چۈشۈپ تاز بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ چاغدا سىز تېجەپ قالغان نەچچە مىڭ يۈئەن پۇلىڭىزنى داۋالاشقا  خەشلەپمۇ قايتا چاچ چىقىرالمايسىز.بىزنىڭ چاچ سوپۇنلىرىمىز چاچنى پاكىز يۇيۇپ كېپەك يوقۇتۇپلا قالماي يەنە چاچنى قۇۋۋەتلەيدۇ.پارقىراق قويۇق ،جانلىق قىلىپ ھۆسنىڭىزگە ھۆسۈن قوشىدۇ.ئۆمۈر بويى ئىشلەتسىڭىز  يۇمران قاپقارا ،گۈزەل چاچلىرىڭىز ھەرقاچان سىزگە ھەمراھ بولىدۇ.سىز ئۇنى ئىشلەتسىڭىز ھەقىقەتەن رازى بولۇپ قالىسىز.مەن بايا شىركەت مەھسۇلاتلىىنىڭ پۈتۈن دۇنيا بويىچە بىر تۇتاش باھادا سېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتىم.شۇڭا ئۇنى بىر رايۇندا بىر خىل باھادا،يەنە بىر رايۇندا يەنە بىر خىل باھادا سېتىشقا بولمايدۇ.مەھسۇلاتلىرىمىز ئالتۇنغا ئوخشاش قىممەتلىك،باھاسىمۇ ئۆزىگە مۇۋاپىق.شۇڭا ئۇنى قىممەت دېگىلى بولمايدۇ.بىز ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۇنى سېتىۋېلىشىنى تەشەببۇس قىلمايمىز.مەھسۇلاتلىرىمىز ھەممىلا ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولغۇدەك بەك كۆپمۇ ئەمەس.ئېھتىياجلىقلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا يەتمىگۈدەك ئازمۇ ئەمەس.كىمىكى ئۇنىڭ قەدرىنى بىلسە،قىممىتىنى تونىسا سېتېۋېلىپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.باھاسىغا چىىقىش قىلالمايدىغانلار ھازىرچە ئىشلەتمەي تۇرۇپ كېيىن باھاسىغا چىقىش قىلالىغاندا ئىشلەتسە بولىدۇ.بايا دېدىم،باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى يىلسېرى ئۆسكەن بىلەن بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ باھاسى يەنىلا تۇرغۇنلۇقنى ساقلايدۇ.

داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش