كېيىن نىۇيسكىن شىركىتىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ دەپ بېرىشىچە تۇرسۇنجاننىڭ تاقىۋالغىنى كۆزئەينەك ئەمەس بەلكى ئەينەكسىز كۆز ئەينەك جازىسى ئىكەن.نىيۇسكىنچىلار غايىپەرەس كېلىدىكەن.بىر ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ، پىلانىنى چوقۇم يېتىشكە تىرىشىدىغان ئارزۇسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىپ كېچە –كۈندۈز شۇنىڭ غېمى بىلەنلا بولىدىكەن.باشقا پۇتلىشىدىغان ئىشلىرىنى قانچە مۇھىم بولسىمۇ تاختىبېشىغا ئېلىپ قويىدىكەن.(كونىچە سۆز،قويۇپ تۇرىدىكەن دېگەن مەنىدە) تۇرسۇنجاننىڭ بۇ كۆزئەينىكى ئۇنىڭ كەلگۈسى بىر يىللىق پىلانىنىڭ سىمۋولى ئىكەن.يەنى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەزا گۇرۇپپىسىدىكى Sr لەرنىڭ سانىنى 1001گە يەتكۈزمەكچىكەن.ئوتتۇرىدىكى ئىككى‹‹0›› كۆزئەينەكنىڭ ئىككى كۆزى،چەتتىكى ئىككى ‹‹1›› بولسا كۆزئەينەكنىڭ ئىككى دەستىسى ئىكەن. بۇ سىمۋۇللۇق پىلان كېچە كۈندۈز كۆز ئالدىدا تۇرسا ئۇ پىلانىنى ھەردائىم ئېسىدىن چىقارماي كېچە-كۈندۈز دېمەي غايىسى ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.ئۇ بۇ ئۇلۇغۋار غايىسى ئۈچۈن ئۆز تۇرمۇش ئىشىنىمۇ تېخى ئويلاشمىغان. يەنى تېخىغىچە توي قىلمىغان. بولمىسا بۇنداق كېلىشكەن،يۇقۇرى مەلۇماتلىق، شەكسىز ئىستىقباللىق، ھەر ئايدا 15-16 تۈمەن يۇقۇرى مۇئاشلىق كىرىمى بار يىگىتكە قايسى قىز تەگمەيمەن دېيەلىسۇن دەيسىز.ئاسىيەمۇ ئىگىز ،ئورۇق،زىلۋا كەلگەن چىرايلىق قىز ئىكەن.پۇلى، ئىستىقبالى،شان شەرىپىنى دېمىگەندىمۇ چىرايى بىلەن قاملاشقان بوي بەستىلا ھەرقانداق يىگىتنى ‹‹ئاھ يۈرۈگۈم››دەپ يىغلاتقۇچىلىكى بار ئىكەن .مەن كۆڭلۈمدە ئۇنى تۇرسۇنجانغا لايىق كۆرۈپ :‹‹ئۇ ئىككىسى توي قىلسا بولمامدۇ،تازا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دېگەندەك ماس كېلەر ئىكەن.›› دېسەم ھېلىقى پاراڭ قىلىپ بەرگەن خىزمەتچى: گەگنېر سېستىمىسىدا بىر سېستىمىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئۆز -ئارا توي قىلىشى چەكلەنگەن. سېستىمىغا كىرىشتىن بۇرۇن توي قىلىپ بولغان بولسا بۇ باشقا گەپ›› دەيدۇ.‹‹نېمىشقا ؟›› دەپ سورىسام ئۇ:‹‹باشقا ئالاھىدە سەۋەپمۇ يوق.تازا تىرىشىپ ئىشلەپ يۈكسەك چوققىغا ئۆرلەۋاتقان ئىككى تەن بىرلەشسە ئۇ چاغدا ئىككىسى بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك بولۇپ قېلىپ بۇرۇنقىدەك كۆپ تۆھپە يارىتالمايدۇ.
بۇرۇن ئىككىسى ئىككى كىشىلىك ئىشلىگەن بولسا مانا ئەمدى ئىككىسى بىر كىشىلىك ئىشلەشكە قانائەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئىككىسىدىن بىرى يەنە بىرىگە يول قويۇپ چېكىنىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.بىر ئائىلىگە نىسبەتەن بۇنداق قۇربان بېرىش كۆپىنچە ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ.شۇڭا ھەر ئىككىلىسى گەرچە كۆڭلىدە بىر بىرسىنى ياخشى كۆرسىمۇ(بۇ بىر پەرەز) سىرتقا چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
بۇ چۈشەندۈرۈش بولىۋاتقاندا يېنىمىزدا شوپۇر باۋدۇنمۇ بار ئىدى.ئۇ ئىگىز بويلۇق،تەمبەل كەلگەن،خام سېمىز، قىزىقچى، خۇشچاخچاق ئادەم ئىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن چاخچاقلاشقاندا تۇرقىغا قاراپ بەزىدە ‹.جۇباجى›› دەپ،يەنە بەزىدە ‹‹جاڭ مېنشېن ›› دەپ لەقەم قويۇپ چېقىشاتتۇق.
ئۇ ئاسىيە ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپلا:
-ئاسىيە تۇرسۇنجان بىلەن توي قىلمىسا ماڭىلا تونۇشتۇرۇپ قويمامسىلەر ؟ ئۆزۈم بىر ئالاي! –دەپ ھىجايدى.
باشقىلار گەپ قىلىپ بولغىچە مەن چىشىغا تېگىپ ئۈلگۈردۈم:
-ماڭغىنەۋاي كالامپاي،مۇشۇ جۇباجىدەك ئەپتىڭگە خوتۇنۇڭ رۇزىگۇل ساڭا ئارتۇق كەتكەن تۇرسا،مىللەت گۈلىمىزگە كۆز قىزارتىۋاتامسەن؟ ‹‹ئوچاقنىڭ مورىسى بار،چامغۇرنىڭ ئورىسى›› دېگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ ‹‹ھەر ئىش يولى بىلەن،دوڭپاڭلى گۈلى بىلەن›› دېگەن گەپمۇ بار.ھەممە نەرسىنىڭمىچۇ ئۆز خىلى بولىدۇ.
-سىلە ئۇنداق دېگەن بىلەن ‹‹كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ›› دېگەن گەپ بار.قەدىم زاماندىكى نى-نى پادىشالارنىڭ خوتۇنلىرىمىچۇ قاشتېشىدەك سۈزۈك،خېلى خېلىلاردىن تۈزۈك قاملاشقان ئەرلىرىنىڭ يۈزىگە ئاياق كۆمتۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ قازان كۈيىسىدەك قاپقارا ،دەرەخ كۆتىكىدەك قوپال بەتبەشىرە قۇللىرى بىلەن ئاشنا ئويناپ ئەرلىرىنى يەرگە قارىتىپتىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئەلەمگە چىدىمىغان پادىشالار بارلىق قۇللىرى ۋە ساراي خىزمەتچىلىرىنى ئاختا قىلىۋېتىپتىكەن.
مەن ئۇنىڭ گېپىگە يەنە چاخچاق ئارىلاشقان ياپتا گەپلەر بىلەن جاۋاپ قىلىپ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدۇم.ئۇ سۆزلەرنى بۇ يەردە يېزىپ يۈرگىلى بولمايدۇ.
ئەمدى بىزگە دەرس سۆزلىمەكچى بولغان خاشىكاۋا ئەپەندى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى.
ئۇ 1969-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك چىقىدىكەن.1993-يىلى ئۇ 24 ياش ۋاقتىدا نيۇسكىن شىركىتىگە ئەزابولۇپ كىرىشتىن ئىلگىرى ئاددى بىر تاشيول ئىشچىسى ئىدى.شۇ چاغدىكى مەدەنىيەت سەۋىيەسىمۇ تولۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق تاسادىپى پۇرسەتتە نىيۇسكىن شىركىتىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاڭلىغان دەرسىنىڭ راست يالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن ئايرۇپىلان بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ نىيۇسكىن شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغان.تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ كەسىپنىڭ ئىنتايىن ئىستىقباللىق كەسىپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ نىيۇسكىنچىلىك قىلىشنى باشلىغان.
باشلىغانلا ئەمەس پۈتۈن كۈچى بىلەن كىرىشكەن.ئۇ بىر مۇتەخەسىستىن:
-ئادەم بىر كۈندە ئەڭ ئاز بولغاندا قانچە سائەت ئۇخلىسا ئۆلمەيدۇ؟ - دەپ سورىغان.
مۇتەخەسىس:
-ئەڭ ئاز بولغاندا تۆت سائەت ئۇخلىسا ئۆلمەي بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.-دەپ جاۋاپ بەرگەن.
شۇنىڭ بىلەن خاشىكاۋا بىر سوتكا ئىچىدە پەقەت تۆت سائەتتىنلا ئۇخلاپ قالغان 20سائەتتىن ۋاقىتتا خېرىدار ئىزدەش،نىيۇسكىن مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش،خېىدرلارغا مۇلازىمەت قىلىش،زەنقىرسىمان ئەزا كېڭەيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.تاشيول ياساشنىمۇ تاشلاپ قويمىغان.ئۇئەشۇنداق زور بەدەل تۆلەپ تىرىشىش ئارقىلىق قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدىلا ئاددى نامرات تاشيول ئىشچىسىدىن پۇلدار مىليۇنېرغا ئايلانغان.شۇ چاغدا ئۇ ‹‹پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ياش،شۇنداقلا قۇرۇق قول بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ تېز بېيىغان ئەڭ ئالدىنقى رەتتىكى بىردىنبىر شەخس›› بولۇپ باھالىنىپ سۈرىتى ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژورنال‹‹دەۋر›› ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلىپ زور شان- شەرەپ قازانغان.
شۇنداقلا ياپۇنىيە gagner گەگنېر سېستىمىسى(نىيۇسكىن مەھسۇلاتلىرى سودىسى قىلىدىغان شىركەت ئەزالار توپى ئادەتتە ‹‹گەگنېر سېستىمىسى›› دە ئاتىلىدۇ) نىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ قالغان.ھازىر بۇ سېستىمىدا 100مىڭدىن ئارتۇق ئەزا بار ئىكەن. خاشىكاۋانىڭ بۇ سېستىما ئارقىلىق ھەر ئايدا ئالىدىغان مۇئاشى ھازىر جۇڭگۇ پۇلىغا سۇندۇرغاندا 2مىليۇن 500مىڭ يۇئەن خەلىق پۇلىغا توغرا كېلىدىكەن.
ئۇنىڭ نىيۇسكىن شىركىتىدىن باشقا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە يەنە يەتتە سودا شىركىتى بار بولۇپ ئۇلاردىن ھەر ئايدا كىرىدىغان كىرىمىمۇ 3مىليۇن يۈئەن خەلىق پۇلىدىن ئاشىدىكەن.ئۇنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالى دەرىجىلىك ماشىنىسىدىن ئون نەچچىسى بار ئىكەن.ھەر يىلى ئۇ ماشىنىلىرىنى دۇنياۋى كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇپ كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويىدىكەن.
بىزيىگىرمە مىنۇتچە كۈتكەندىن كېيىن كۈتكەن ئەزىز مېھمان ئاخىرى يىتىپ كەلدى.بىرنەچچە سادىق ئەزا ئۇنىڭ قەدەم مۇبارىكى ئۈچۈن زال ئىشىكىدىن سەھنە مۇنبىرىگىچە ئاللىقاچان پايانداز سېلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
،رەتلىك،پاكىز كىيىنگەن، سالاپەتلىك،روھلۇق ئادەم ئىشىكتە پەيدا بولغاندا قىزغىن چاۋاكلىرىمىز بىلەن كۈتىۋالدۇق.
بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ياپۇنىيەەلىكلەر پاكار خەق. لېكىن بىز كۆرگەن خاشىكاۋا ئۇنداق ئادەم ئەمەس ئىدى.ئۇنى ئوتتۇرا بوي كىشى دېگەن مۇۋاپىق ئىدى.گەرچە يېشى قىرىقتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى. قىياپىتىدىن ئەمدىلا 30 ياشلارغا كىرگەن قىران يىگىتتەك كۆرۈنەتتى.يۇقىرىدىكى تونۇشتۇرۇشلاردىكىدەك مەرتىۋە ، ئورۇن ۋە بايلىق باشقا بىرىمىزدە بولغان بولسا بەلكىم ئىشلىمەي يېتىپ يىيىشىمىز،ئادەم ياراتمايدىغان،پۇل مال دۇنيايىمىزنى پەش قىلىپ نوچىلىق قىلىدىغان بولۇپ كېتىشىمىز مۈمكىن.لېكىن خاشىكاۋا ئۇنداق ئادەم ئەمەس ئىدى.ئۇ سەمىمى،ئوچۇق يورۇق،چىقىشقاق،يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي ئادەم ئىكەن.ھەرقانداق كىشى بىلەن بەش مىنىۇت پاراڭلىشا- پاراڭلاشمايلا ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كېتەلەيدىكەن. دەرستە سۆزلىگەن سۆزلىرى ۋە بەرگەن تەسىرىدىن بىزمۇ ئاز ئۆتمەيلا ئۇنىڭغا رام بولۇپ قېلىپ چاۋاكنى باشتا رەسمىيەت ئۈچۈن چالغان بولساق كېيىن ئىچ ئىچىمىزدىن چىقىرىپ ھاياجان ئىچىدە چالدۇق.
ئۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيتتى.دەرسىنى ئۆز تىلىدا ياپۇنچە سۆزلىدى.ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قىزغۇچ سېرىق چاچلىق، قارىماققا 35-40 ياشلارغا كىرگەندەك كۆرۈنىدىغان ،چىرايى پاكىز،روھلۇق بىر خەنزۇ ئايال خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى.ئۈچىنچى نۆۋەتتە تۇرسۇنجان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بىزگە يەتكۈزدى.تۇرسۇنجان بۇ ئايالنى ‹‹ماۋ چۇنخۇا مۇئەللىم›› دەپ تونۇشتۇردى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-21 03:11 AM