مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بىر قانچە شەھەرلەردىكى ساياھەت خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 02:44:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-ئاينىڭ 2-كۈنى پەيشەنبە
بۈگۈن ھەمراھلىرىم بىلەن چۈشكىچە ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرىلىك جايلىرىنى تاماششا قىلغاچ ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق.چۈشتىن كېيىن ئارمان تاللا بازىرىغا كىرىپ بۇ قېتىمقى شاڭخەي سەپىرىدە قوشۇمچە يىمەكلىك سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىشمىز ئۈچۈن يىمەكلىك سېتىۋالدۇق.2008 يىلى كەلگەن ۋاقتىمدىمۇ ‹‹ئارمان تاللا بازىرى›› بار ئىدى.لېكىن ئېسىمدە قېلىشىچە كۆلىمى كىچىك  سالغان ماللىرى ئاز ئادەتتىكى تاللا بازارلىرىدىن پەرقى يوقلا بىر دۇكان ئىدى.(ياكى مەن بىرەر تارماق دۇكىنىغا كىرىپ قالغانمۇ بىلمىدىم) .مانا ئەمدى كونسۇل كوچىسىنىڭ شەرىق تەرەپتىكى كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە نەچچە قەۋەتلىك قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى مىللىلار ئاچقان تاللا بازارلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرالايدىغان زور كۆلەمگە ئىگە ئۇنۋېرسال تاللا بازىرى بولۇپ شەكىللىنىپتۇ.بىرىنچى قەۋىتىدىن تۇرمۇشتا كېرەك بولىدىغان ئۇن، گۈرۈچ گۆش مايدىن تارتىپ تاللا بازارلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ھەرقانداق مەھسۇلات تېپىلىدىكەن.ئىككىنچى قەۋىتىدىكى كىتاپ جاھازىلىرىغا تىزىلغان ئىلىم پەنگە دائىر كىتاپلار مېنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالدى. تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدىكى بىنا ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى چوڭ تېلىۋىزوردىن ھەرقاچان ئۇيغۇر كارخانىلىىرىنىڭ تېلىۋىزىيە ئېلانلىرى چىقىپ تۇرۇدىكەن.بۇ تاللا بازىر بەك ئاۋات بولۇپ كېچە -كۈندۈز ئادەم ئۈزۈلمەيدىكەن.‹‹كارۋان كۇلۇبى››،‹‹تاشمۇھەممەت باتۇر ناخشا كېچىلىكى›› دېگەندەك كېچىلىكلەرنىڭ بېلەتلىرىمۇ ئارمان تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا سېتىلىدىكەن.تېپىشالمىغان دوستلارمۇ:‹‹نەدە كۆرۈشىمىز؟›› دېسە‹‹ئارمان تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشەيلى››دېيىشىپ بۇ ئاۋات جايدا ئۇچرۇشۇپ ئۆز ئىشلىرىغا مېڭىشىدىكەن.
مېنىڭ بۇرۇندىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى بولغان بۇ داڭلىق ماركىغا ۋە رادىل ئابلاغا چوڭقۇر ھۆرمىتىم بار.بەزىلەر ئۆز ماقالىلىرىدە ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدا قوللانغان بەزى تەدبىرلىرىنى توغرا تاپماپتۇ.مېنىڭچە رادىل ئابلا توغرا قىلدى.ئاتا-بوۋىلىرىمىز:‹‹زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق!››دەپ ھىكمەت قالدۇرغان.بىز جۇڭگۇ تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ئىكەنمىز ئۇنىڭ خاراكتىرىنى چۈشۈنىشىمىز،ئۇنىڭغا ماسلىشىشىمىز،قانداق يولدا مېڭىشنى تەلەپ قىلسا شۇنداق يولدا مېڭىشىمىز كېرەك.كونىلارنىڭ:‹‹زامانغا باققان دانادۇر››دېگەن ھىكمىتى بويىچە ئېيتقاندا رادىل ئابلا ئۇيغۇرلاردىن چىققان دانا كارخانىچى.‹‹ئۆيدىكى ھېساپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ›› دېگەن گەپ بار.بىز بازارغا كىرگەن ئىكەنمىز ئۆيدىكى ھېساپقا قارىغاندا چوقۇم پەرىقلىق زىيان بولىدۇ.بىز بۇ زىيانغا چىدىغان،بازارغا ماسلاشقاندىلا بازاردا سودا قىلالايمىز.مەن بۇ يەردە ئارمان شىركىتىنى بىراز تەشۋىق قىلايمۇ دېگەن بىراق.تېمىدىن چەتنەپ كەتمەي دەپ بۇتەرەپتىكى نۇرغۇن مەزمۇنلارنى قىسقارتىۋەتتىم.شىركەت ھەققىدىكى بۇ بىرنەچچە ئابزاس مۇھىم بىلىملەرنى ئوقۇشنى خالايدىغانلار ئوقۇڭلار ئوقۇشنى خالىمىساڭلار ئاتلاپ ئكتۈپ كەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.
      شىنجاڭ‹‹ئارمان›› كەسپىي چەكلىك شىركىتى 1995  - يىلى 8  -ئايدا بارلىققا كەلگەندە ئاددىي بىر فىلىم ئىشلەش مەركىزى ئىدى. لېكىن ‹‹ئارمان››  شىركىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ بىر ئىزدا توختاپ قالمىدى. رادىل ئابلا قاتارلىق يول باشلىغۇچىلارنىڭ پاراسەت بىلەن رەھبەرلىك قىلىشى ئاستىدا دادىل ئالغا ئىلگىرلىدى. تىجارەت يولىنى يىلمۇ يىل كېڭەيتتى. خەلق ئاممىسى ‹‹ ئارمان ›› ئۈچۈن مەدەتكار بولدى. ‹‹ئارمان›› تاللا بازىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى شىنجاڭ‹‹ئارمان››  كەسپىي چەكلىك شىركىتىگە زور قۇدرەت ئاتا قىلدى. ‹‹ئارمان›› قۇۋۋەت تالقانلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى‹‹  ئارمان ›› شىركىتىنى خاسلىققا ۋە قۇدرەتكە ئىگە قىلدى‹‹ئارمان›› قۇۋۋەت تالقانلىرى كۆپ يىللىق ئىلمىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، خەلقىمىزنىڭ سۆيۈپ ئىستېمال قىلىدىغان ساغلاملىق يېمەكلىكىگە ئايلاندى.      ئارمان قۇۋۋەت تالقانلىرى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى دورىلىق يېمەكلىكلەردىن نوقۇت، ياڭاق، بادام، ئۆرۈك مېغىزى، كاۋا ئۇرۇقى، كاسىن قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ۋە زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ بەدەننىڭ ئېمونېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان دۆلەتنىڭ يېشىل يېمەكلىك ئۆلچىمىگە توشقان قۇۋۋەت تالقىنى،بۇ شىركەت 21 خىل ‹‹ئارمان››  يۈرۈشلۈك قۇۋۋەت تالقىنىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ، بۇ ساھەدىكى مىللىي كارخانىلارغا باشلامچى بولدى.
  بۈگۈنكى كۈندە ‹‹ ئارمان ›› شىركىتى شىنجاڭ ئالتاي ‹‹ ئارمان  سۈتچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتى››، شىنجاڭ بۇرچىن ‹‹ ئارمان ›› مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ كۈنەس ئارمان سۈتچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو  - كانادا شېرىكچىلىكىدىكى شىنجاڭ ئارمان پەن  - تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى، دۇبەي ئارمان خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى، كورىيە ۋە جۇڭگو تەيۋەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قۇرغان شاڭخەي ‹‹ ئارمان ›› سودا چەكلىك شىركىتى، 1000 نەچچە ئارمان زەنجىرسىمان تاللا بازىرى، 86 ئارمان مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىش ئورنى، شىنجاڭ ئارمان ئېلان شىركىتى، ئۈرۈمچى ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد  -تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئارمان سانائەت باغچىسى، ئارمان مال يەتكۈزۈش، توپ تارقىتىش مەركىزى قاتارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن تەركىپ تاپقان، يېزا ئىگىلىك، سودا، پەن  -تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق ئۇنىۋېرسال كارخانىغا ئايلاندى. شىنجاڭ ‹‹ ئارمان ›› كەسپىي چەكلىك شىركىتى 2003  -يىلى ئۇتۇقلۇق ھالدا ISO9001-  2000خەلقئارالىق سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتتى. ‹‹ ئارمان ››يۈرۈشلۈك يېمەكلىكلىرىمۇ 2006  -يىلى خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى (HACCP) نىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتتى.
      شىنجاڭ ‹‹ ئارمان ›› كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولغان ‹‹ ئارمان ›› سانائەت باغچىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد  -تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان. سانائەت باغچىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 50 مىڭ 76 كۋادرات مېتىر. (يەنى 75 مو)، ئومۇمىي سېلىنمىسى 95 مىليون 850 مىڭ يۈەن بولۇپ، سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىغا پىلان بويىچە 2007  -يىلى 7  -ئايدا ئۇل سېلىندى.
     ‹‹ ئارمان ›› سانائەت باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن 300 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. پۈتكۈل قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن جەمئىي 700 ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.
    ‹‹ ئارمان›› سانائەت باغچىسى ئۇنىۋېرسال خىزمەت بىناسى، زاۋۇت رايونى ۋە ئىشچى  -خىزمەتچىلەر ياتاق  -ئىشخانا بىناسىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىشچى  -خىزمەتچىلەرگە ئازادە خىزمەت مۇھىتى، ياتاق  -ئاشخانا مۇھىتى ھازىرلىنىدۇ.
‹‹ ئارمان ›› سانائەت باغچىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ‹‹ ئارمان›› شىركىتىنىڭ مەھسۇلات تۈرلىرى ۋە مەھسۇلات مىقدارى ھازىرقىدىن بىر نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇلۇپ، ‹‹ ئارمان ›› مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەرگە كۆپلەپ چىقىرىلىشىغا پۇختا ئاساس يارىتىلىدۇ.
      شىنجاڭ ‹‹ ئارمان ›› كەسپىي چەكلىك شىركىتى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، مول بىلىم ۋە ئۆزىگە خاس ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارغا ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ھازىر ‹‹ ئارمان ›› شىركىتىدە 1000 دىن ئارتۇق ئىشچى  -خىزمەتچى بار. ئۇلارنىڭ %60 دىن كۆپرەكى ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-19 02:46 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 06:39:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹  مەستانە››دىكى كەچلىك زىياپەت
كەچتە خىزمەتدىشىم ۋە سەپەردىشىم ئەمەتجاننىڭ قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە بىرگە ئوقۇغان ھازىر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئورۇندا ئىشلەيدىغان قۇدرەت ئىسىملىك ساۋاقدىشى ئەمەتجانغا تېلىپۇن قىلىپ:‹‹ئەمەتقان بىلەن دىدار  كۆرۈشۈپ مۇڭداشقاچ مېھمان قىلىۋالغۇسى بارلىقىنى،شۇڭا ئەمەتجان  ئۆزى يالغۇز چىقماي يېقىن دوستلىرىدىن بىرنەچچىنى بىرگە ئېلىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى دەپتۇ.كونىلار :‹‹ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت›› دەپتىكەن،ئۇ ساۋاقدىشىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى قايتۇرۇش ئادەمگەرچىلىككە توغرا كەلمەيتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى ساۋاقداش كۆرۈشمىگىلى يىگىرمە يىل بولغان بولۇپ  بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق قىممەتلىك دىدارلىشىش پۇرسىتى ئىدى.  ئەمەتجان بۇ سەپەرگە ئەر –ئايال بىرگە چىققان ئىدى.بۇنداق سورۇنغا ئايالىنى بىرگە ئېلىپ چىقسا ئەپسىز بولىدىغان بولغاچقا  ئايالىنى قالدۇرۇپ بىز سەپەرداشلاردىن تۆتىمىزنى بىرگە ئېلىپ  ساۋاقدىشى كۆرسەتكەن مەنزىل مەلۇم دوقمۇشتىكى تاشقى سودا شىركىتىنىڭ خوشنىسى بولغان ‹‹مەستانە ئۇيغۇر تائاملار ئاشخانىسى›› ئالدىغا كەلدى.ئىشىك ئالدىدا ساقللاپ تۇرغان ساھىپخان بىز بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىىن بىزنى ئىچكىرىگە باشلىدى. بۇ ئاشخانا ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ لېكىن خېرىدارلىرى كۆپ ئىكەن. نىمە ئۈچۈن خېرىدارلىرى كۆپ ؟ بۇ بىردەمدىن كېيىن ئايان بولدى.ھازىر بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز ھاراققا  خۇددى ئەجداتلىرىمىز چايغا ئۆگىنىپ قالغاندەكلا ئۆگىنىپ قالغان بولۇپ ھەر كۈنى بىرەر باھانە تېپىپ  ئاز-ئازدىن ئىچىپ تۇرمىسا تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.خۇددى تۈركىيىلىكلەر ئالبېنى يىيىش ئۈچۈن باھانە ئىزدىگەندەك بىر قىسىم ئەرلەرمۇ كۈندە ھاراق ئىچىپ تۇرۇشقا باھانە ئىزدىشەتتى. ھاراقمۇ بىر خىل زەھەر،ئۇ نىشە چەككەن كىشى مەست بولۇپ خۇدىنى يوقاتقاندەك،ھاراقنىمۇ  كۆپرەك ئىچىپ سالسا  كىشىنى ئېغىرمەست قىلىۋېتىپ ئويلىمىغان ئاقىبەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ.ئۇ زەھەر بولغاچقا بەدەننى زەھەرلەپ ئاشقازان ،ئۈچەي،ۋە جىگەرلەرنى كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ.ئۇزۇن مۇددەت ئىچكەن كىشى ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ ئىچمىسە تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ‹‹ساراڭ›› دېگەن ھىكايىسىدە ‹‹بىر ئوبدان ئوڭلۇق كىشىلەر قاۋاققا ساپ-ساق كىرىپ كېتىپ بىردەمدىن كېيىن ساراڭ بولۇپ چىقىدۇ›› دەپ يازغىنى مۇبالىغە ئەمەس،بەلكى تۇرمۇش ئەينىكىنىڭ تەسۋىرى ئىدى.بىزنىڭ بۇ ئەمەتجان دېگەن خىزمەتدىشىمىز ئادەتتە ناھايىتى قىزغىن،روھلۇق،مىھماندوست،چىقىشقاق ئادەم .تونۇمايدىغان كىشىلەر بىلەنمۇ بىردەمدە چىقىشىپ ئاپاق –چاپاق بولۇپ كېتەلەيدۇ.لېكىن ئۇنىڭ بىر پەرىزى بار.ئۇ بولسىمۇ ھاراق.ئۇنىڭدىن ئىچىپلا سالدىمۇ بولدى.ھەرگىز توختىمايدۇ.سىلىق گېپى قوپال گەپكە ئۆزگىرىدۇ،توختىماي ئادەم تىللايدۇ.ئەسلىدىكى يۇۋاش ھالىتى يوقاپ بىر پارچە ئوتقا،ھەممىگە ئېتىلىشقا تەييار شىر -ئارسلانغا ئايلىنىدۇ.شۇڭا ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە‹‹ ئولتۇرۇپ›› قېلىشتىن قورقۇشاتتى.لېكىن بۈگۈن ئۇنىڭدىن قاچىمىز دەپمۇ قاچالمىدۇق.ئاشخانىدا 4-5تاماق شىرەسى بار بولۇپ ھەر بىرىدە 7-8دىن ئادەم ئولتۇرۇشقا بولىدىكەن.بىزدىن بۇرۇن كىرگەن باشقا خېرىدالار ئاللىقاچان  ئىككى شىرەدە ئولتۇرۇپ يەپ ئىچىشنى باشلاپ بولۇشقان ئىكەن.ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ھەر خىل قورۇما ۋە ھاراق بوتۇلكىلىرىدىن بىلدىمكى، بۇ ئاشخانا مېھمانلارنى تاماق يېگەچ ھاراق ئىچىشكە رۇخسەت قىلىپلا قالماي بەلكى ھاراقنىمۇ ئۆزى سېتىپ بېرىدىكەن.شۇڭا ئىچەرمەن خېرىدارلار قىممەتچىلىك باسقان رېستۇراندىن بۇنداق ئاشخانىلارنى چوڭ بىلىشىدىكەن.شىرەگە قورۇما تىزىملىكى كەلتۈرۈلدى.ساھىپىاننىڭ زورى بىلەن ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئاددى قورۇمىلارنى بۇيرۇتتۇق. ساھىپخان بىزنىڭ پەدىشەپ ساقلاپ ئۆزىنى ئاياۋاتقىنىمىزنى بىلىپ قېلىپ  بىز بۇيرىغان سەيلەرگە قوشۇپ قىممەت باھالىق باشقا  قورۇمىلاردىن يەنە ئىككى ئۈچنى قوشۇپ بۇيرۇپ شىرە ئۈستىنى تولدۇرۇۋەتتى.ئارقىدىن سورۇنغا بىرنەچچە شىشە ھاراق كەلتۈرۈلدى.ساھىپخان قۇدرەت  ھاراقنى ئەمەتجاننىڭ ئالدىغا قويۇپ ئۇنى ساقىي بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.مەن ئىچىمدە‹‹ ئىم›› دەپ قالدىم.ئازراقلا ھاراق ئىچسە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان كىشىگە ھاراق مىراپلىقىنى بېرىش تەلۋىگە چوماق تۇتقۇزغان بىلەن باراۋەر ئىدى.ئەمەتقان ‹‹مەنسەپ››نى قوبۇل قىلىپ خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.مېنىڭ ئەزەلدىن ئىچمەيدىغان ئادىتىمنى بىلگەچكە ماڭا زورلىيالماي ئالدىمغا ئالما شەربىتى ئەكىلىپ قويۇپ قالغان سورۇنداشلارغا ئارقىمۇ –ئارقا ھاراق قۇيۇپ ھەممىسىنى مەست قىلىۋەتتى. ئۆزىمۇ ‹‹شىركەيىپ››ھالەتكە يەتتى...
   سورۇنىمىز كېچە سائەت بىرلەر ئەتراپىدا ئاخىرلاشتى.ئىسسىق ئاشخانىدىن سىرتقا چىقىشىمىزغا ئۈرۈمچىنىڭ ئاچچىق سوغوقلىرى شۇئان ئۈششۈك ھەرىسىدەك ئېتىلىپ كېلىپ يۈز-كـۆز،ۋە بويۇن-قۇلاقلىرىمىزغا ئايىماي نەشتەر ئۇرۇپ ھارماي چېقىپ كەتتى.ھەمراھلىرىمنىڭ تىك تۇرالماي دەلدۈگۈنۈشلىرىگە باقماي قېلىن قار كوچىلارنى بەكمۇ تېيىلغاق قىلىۋەتكەن ئىدى.بوشراق مەست بولۇشقان ھەمراھلار قۇرسىقى تويغان مۈشۈك ئىسسىق تۆشەكتە ئۇخلاشقا ئالدىرىغاندەك قوللىرىنى يەڭلىرى ئىچىگە تىقىپ دۈگدۈيۈشكىنىچە چۈشكۈنىمىزگە قاچماقچى بولۇپ مېڭىشتى. ئەمەتجان بولسا ھەدەپ قول شىلتىپ ھېلى ئۇنى،ھېلى بۇنى دەپ قۇدرەتتىن ئايرىلغىلى ئۇنىمىدى.ئۇنىڭ كەيىپلىكتىكى ئوسال مېجەزىنى بىلگەچكە ‹‹نىمە قىلساڭ قىل!›› دەپ تاشلىۋېتىپ كېتىشكە غۇرۇرۇم يول قويمىدى.ئۇ شۇ ھالىچە قۇدرەتنىڭ ئۆيىگە بارسا ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىىرىنى چۆچۈتۈۋېتىشى،‹‹داۋاملىق ئىچىمىز ›› دەپ غەلۋە قىلىپ دوستىنى بىر كېچە ئاۋارە قىلىشى چوقۇم ئىدى.بۇنداق بولغاندا ئۇزاق يىل كۆرۈشمەي ئاران كۆرۈشكەن دوستلار ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت نەپرەتكە ئايلىنىپ قېلىشى،بىزمۇ قۇدرەتنىڭ نەزىرىدە سورۇندارچىلىق،ئوغۇلبالىچىلىققا يارىمايدىغان يەپ قاچار نان كۈچۈكلىرىگە ئايلىنىپ قېلىشىمىز مۈمكىن ئىدى.شۇڭا بوشراق مەست بولغان بىر ھەمراھىمنى ئەيىپلەپ كەينىگە قايتۇرۇپ كەلدىم.ئىككىمىز ئەمەتجانغا جاھاندا بار ياخشى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قىلىپ مىڭ تەستە قۇدرەتتىن ئاجرىتىپ ئىككىمىز ئىككى قولىدىن يېتىلىگىنىمىزچە چۈشكۈنىمىزگە ئېلىپ ماڭدۇق. سوغاقتا ئۇزاق تۇرۇپ قاتتىق توڭۇپ كەتكەن قۇدرەتمۇ‹‹رودۇپاي››دىن قۇتۇلغان سەيياھتەك يەڭگىل تىنىپ غىپپىدە كېتىپ قالدى.بىز ئەمەتجاننى ئاسانراق ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن نەچچە قېتىم تاكسى توسۇغان بولساقمۇ بىرىمۇ توختىماي كېتىپ قالدى.تاكسى شوپۇرلىرى مەستلەرنىڭ ھەلەق مەينەتلىكى ۋە قوپال تىل ھاقارەتلىرىگە تولا يولۇقۇپ ‹‹ئالتۇن- يامبۇ بەرسىمۇ ماشىنىسىغا  مەست سالماسلىق›› قا قەسەم قىلىۋېتىشكەن بولىدۇ.بىز يېرىم سائەتلىك يولنى بىر يېرىم سائەتتە بېسىپ مىڭ بالالىقتا چۈشكۈنىمىزگە يىتىپ كېلىۋالدۇق.ھەممىمىزنى قاتتىق ئۇيقۇ ئازابى قىينىماقتا ئىدى.لېكىن ئەمەتجان يولدىن سېتىۋلغان ھاراقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ‹‹يەنە ھاراق قۇيىمەن،كېلىشە ئىچىمىز!››دەپ غەلۋە قىلاتتى.قانچە يالۋۇرساقمۇ گەپ ئاڭلىماي ھەممىمىزنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى.ئۆي ئىگىسى ئەقىل ئىشلىتىپ ئەمەتجاننى ياندىكى ئۆيدە ياتقان ئەمەتجاننىڭ ئۆز ئايالىنىڭ يېنىغا ئەچىقىپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قۇلىقىمىز تىنجىدى.لېكىن ئۇنىڭ ئايالى بىچارە خانىم كېچىچە جىدەل ئويناپ ئۇخلىيالماي چىقتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 12:44:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاڭخەي سەپىرىدىكى ئايرۇپىلان تەسىراتلىرى
بۇ قېتىمقى  سەپەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگەللىشىمچە شاڭخەيگە ئايرۇپىلان بىلەن بېرىپ پويىز بىلەن قايتىدىغان بوپتۇمىز.قاتناشنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدىكى سەۋەپ ھازىر گەرچە چاغان ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر چاغان پانۇس بايرىمى يېقىنلاشقان بولغاچقا پويىز بېلىتى يەنىلا قىس ئىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى كۈننى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولغۇنىمىز ئۈچۈن ئەمدى پويىزغا ئولتۇرغان تەقدىردىمۇ شاڭخەيدىكى يىغىن ۋە تەربىيەلەشكە ئۈلگۈرۈپ بارالمايتتۇق.شۇڭا ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ تېز يىتىپ بارىدىكەنمىز. ئۇقۇشىمىزچە بىز ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان  چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدا ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرۇمىدىن قوزغۇلۇپ بەش سائەت ئۇچۇپ ئاندىن شاڭخەيگە يېتىپ بارالايدىكەن.
ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولدىكى بىز 13 ئادەمدىن 4ئادەم بىزدىن بۆلۈنۈپ قالغان بولۇپ بىز ئونىنچى قېتىملىق ئايرۇپىلاندا,قەپقالغان ھەمراھلىرىمىز سائەت 17 يېرىم ۋە17دىن 45مىنۇت ئۆتكەنلەردە ئۇچۇدىغان 12-ۋە13-قېتىملىق ئايرۇپىلانلاردا بىزدىن ئۈچ سائەت كېچىكىپ ئۇچۇدىكەن.(ئۇلار بىر ئەر ۋە ئۈچ ئايال بولۇپ جەمئى تۆت ئادەم ئىككى ئايرۇپىلانغا ئىككىدىن بۆلۈۋېتىلىپتۇ.)شۇڭا ئۇچۇش ۋاقتى كەلگۈچە ئۇلار خىزمەتدىشىمىزنىڭ ئۆيىدە ساقلاپ تۇرۇپ كەينىمىزدىن بارىدىغان بولۇپ قالدى.
ئايرۇپىلان ئۇچۇشتىن2سائەت  بۇرۇن ئايرۇدرۇمغا بېرىپ ئالدىن تىزىملىتىپ قويغان بېلەتنى ئېلىشىمىز،يۈك تاقلىرىمىزنى بىخەتەرلىكتىن ئالدىن تەكشۈرتىشىمىز ۋە تاپشۇرۇشىمىز،ئاندىن ئۆزىمىزنى تەكشۈرتىشىمىز دېگەندەك زىل رەسمىيەتلەر كۆپ بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر ئايرۇپىلان ئۇچۇشتىن2-3 سائەت بۇرۇن  ئايرۇدۇرۇمغا بېرىپ بولىدىكەن.شۇڭا بىزقالغان ئون ئادەم( ئىككى ھەمرايىمىز قەشقەردىن ئايرۇپىلاندا تۈنۈگۈن كەلگەن ئىدى) سائەت 11يېرىمدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كادىرلار مېھمانخانىسى ئالدىدىن  كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئايرۇدرۇمغا قاراپ يولغا چىقتۇق.(نەچچە كۈندىن بېرى ھىچبىر خىراجىتىمىزگە ئىەە بولمىغان شىركەت ماشىنا ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن ).بىز چۈش سائەت 12يېرىمغا چارەك قالغاندا ئايرۇدرۇمغا باردۇق.شوپۇر بىزنىT3 دەپ ئايرىلىدىغان تارماق ئىستانسا بۆلىكى ئالدىدا چۈشۈرۈپ قويۇپ جۈممە نامىزىغا ئالدىراپ كېتىپ قالدى.ئۇقۇشساق بىزنىڭ ئايرۇپىلاندا ئۇچۇدىغان يېرىمىز T2 تارماق ئىستانسا بۆلىكى ئىكەن.شاڭخەيدە قوشۇمچە يىمەكلىك ئۈچۈن ئېلىۋالغان نان ۋە تەييار چۆپلىرىمىز ىېلى كۆپ بولۇپ قالماي چامادانلىرىمىزمۇ خېلى بار ئىدى.قانداق قىلارمىز دەپ ئەتراپنى كۆزەتسەك دەرۋازا ئالدىدا يولۇچىلارنىڭ يۈك تاقلىرىنى ئاسان يۆتكىشى ئۈچۈن  تىزىپ قويۇلغان خەلققە قولايلىق يەتكۈزىدىغان ناھايىتى كۆپ ئۈچ چاقلىق يۈك ھارۋىلىرىنى كۆرۈپ قالدىم .بىزدەك ئىككى تارماق ئىستانسا ئارلىقىدا قاتنايدىغانلار بۇلاردىن پايدىلىنىدىكەن.بىز يۈكلىرىمىزنى ھارۋىغا سېلىپ T2 تارماق ئىستانسا بۆلىكىگە كېلىپ بىرەر سائەتكىچە بېلەتنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىش،يۈكلىرىمىزنى تەكشۈرتۈپ ئىستانسىغا تاپشۇرۇش بىلەن بولدۇق.يۈكلىرىمىز ئۈچۈش رايۇنىغا بىزدىن بۇرۇن كىرىپ كېتىپ بولدى.بىز ئۇنى ئەمدى شاڭخەيدە تاپشۇرۇۋالىدىكەنمىز.
بىز يىگىرمە  مىنۇتچە ساقلىغاندىن كېيىن بېلەت تەكشۈرۈش باشلاندى.بىز ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش بۆلىكى ئالدىغا تىزىلدۇق.باشقىلارنى قويۇپ تۇرۇپ ئۆزۈم ئارقىلىق قانداق تەكشۈرۈلگەنلىكىمىزنى بايان قىلاي،ئالدى بىلەن كىملىك بىلەن بېلەتنى بېلەت تەكشۈرگۈچى  بىرىنچى خادىمغا بەردىم.ئۈ بېلەتنى كومپىيۇتېردا سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كىملىكتىكى رەسىم بىلەن چىرايىمغا نەچچە  قاراپ مېنىڭ شۇ ياكى ئەمەسلىكىمنى تەكشۈردى،جەزىملەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىچكىرىگىرەك مېڭىپ ئىككىنچى خادىمنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدىم.ئۇ باش كىيىمىم،چاپىنىم،ئايىقىم،كەمىرىم ،سومكام قاتارلىقلارنىكىيىم ۋە سومكا  تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى ئۈستىگە قويۇشقا بۇيرۇدى،سومكامنى ئاختۇرۇپ يولدا ئىچىش ئۈچۈن ئېلىۋالغان ئىككى قۇتا ‹‹توڭيى يېشىل چېيى››نى تارتىۋالدى.(مەن بىلمەپتىمەن،ئايرۇپىلانغا قۇتىلىق نەرسە ئەچىققىلى قويمايدىكەن.) ئۈسكىنە سېرىلما كەمەرلىك بولغاچ ەتەكشۈرۈلمەكچى بولغان ئۇ نەرسىلەرنى سېرىپ تەكشۈرۈش ئاپاراتى ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى.ئاڭغىچە يەنە بىر ساقچى مېنى گىرغا ئوىشاپ كېتىدىغان بىر تۆمۈر پەشتاق ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇپ قولۇمنى ئىەىز كۆتۈرگۈزۈپ قويۇپ ئالدى كەينىمگە ئۆرۈلدۈرۈپ تەپسىلى سىلاشتۇرۇپ نىمىلەرنىدۇ ئىزدىدى،گەۇمانلىق نەرسە بايقالمىغاندىن كېيىن ئايرۇپىلان ساقلايدىغان ئىچىكى زالغا كىرگىلى قويدى.سىرتقى زالدا ھەقانداق يولۇچى تۇرالايدىكەن(زالدا ئورۇندۇق يوق ئىكەن، لېكىن زال ئىچىدىكى خەنزۇلار ئاشخانىسىدايېتەرلىك ئورۇندۇق بار ئىكەن،تامىقى شەھەر ئىچىدىكى ئاشخانىلاردىن 50-10 ھەسسە قىممەت ئىكەن ،ئىككى ھەمرايىمىز ئىككى تەخسە گۆش باسقان پولۇنى 260 يۈئەنگە ئېلىپ يەپتۇ.ئايرۇپىلان كۈتۈش زالىغا مەندەك  تەكشۈرتۈشتىن ئۆتۈپ بولغانلار توپلىنىپ ئايرۇپىلان كۈتكەچ ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇيدىكەن ياكى چوڭ دەرىزىدىن ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇش- قونۇش مەيدانىدىكى ھەركىتىنى تاماششا قىلىشىدىكەن.ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش - قونۇش ۋاقتى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىر تەرەپتىن  مۇشۇ زالدىكى چوڭ كومپىيۇتېر ئېكرانلىرى ئارقىلىق خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە ئىككى خىل يېزىقتا ئۇدۇللۇق كۆرسۈتۈلسە يەنە بىر تەرەپتىن رادىيۇ كانىيى ئارقىلىق ئاڭلىتىلىپ تۇرۇلىدىكەن.مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بەزى كۈنلىرى ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلۈپ ياكى ئەمەلدىن  قالدۇرۇلۇپ تۇرۇدىغان ئىش ئادەتتىكى ئىش ئىكەن.ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرۇمى خەلقارالىق چوڭ ئايرۇدۇرۇم بولغىنى ئۈچۈن كېلىپ- كېتىپ تۇرىدىغان ئايرۇپىلانلار بەكمۇ كۆپ ئىدى.ھەر بەش مىنۇتتا بىرى دىگۈدەك ئۇچۇپ ياكى چۈشۈپ تۇراتتى.ئادەتتە ئايرۇپىلان بېلىتىنى كىشىلەر ئىككى ھەپتە بۇرۇن ،ھىچ بولمىغاندا بىر -ئىككى كۈن بۇرۇن سېتىۋالىدۇ.ئەگەر ئايرۇپىلان ئۇچۇدىغان كۈنى بارماس بولۇپ قېلىپ پۇلىڭىزنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسىڭىز پۇلۇڭىزنىھەرگىز قايتۇرۇپ بەرمەيدىكەن.لېكىن كىشىلەردىن ئاڭلىشىمچە بىرەر سەۋەپ بىلەن ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلۈپ قالسا،يولۇچى:‹‹بارىدىغان يېرىمگە ۋاقتىدا بارالمىدىم،پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار›،دەپ بېلەت قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلسا  ئۇ ھالدا بېلەت پۇلى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن.بىزنىڭ ئايرۇپىلىنىمىز بىر سائەت كېچىكتۈرۈلۈپ 15تىن 45ئۆتكەندە ئۇچۇشقا بەلگىلەنگەن ئىكەن.لېكىن سائەت 15تىن 30مىنۇت ئۆتكەندە بىز ئايرۇپىلانغا چىقىش ئۈچۈن ئونىنچى نومۇرلۇق چىقىش ئېغىزى ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ ئۆچىرەت بولۇپ تىزىلدۇق.بىلەت تەكشۈرگۈچىلەر بېلىتىمىزنى تەكشۈرۈپ ھەر بىر بېلەتنىڭ كىچىك بىر پارچىسىنى يىرتىپ ئېلىپ قېلىپ مېڭىشقا رۇخسەت قىلاتتى.چىقىش ئېغىزى زال ئىشىكىدىن ئايرۇپىلاننىڭ ئىشىكىگە قەدەر سوزۇلغان بوشلۇقتىكى تۆت چاسا مەش كانىيىسىمان كارىدۇر بولۇپ  بىز ئۇنىڭ ئارقىلىق رەتلىك تىزىلىپ مېڭىپ ئايرۇپىلانغا چىقتۇق.ئايرۇپىلان ئىچىدە بىر نەپەر ياش  يىگىت،تۆت نەپەر قىز(ھەممىسى خەنزۇ) ئايرۇپىلان كۈتكۈچىسى بار ئىكەن.ھەر بىر يولۇچى ئىشىكتىن كىرگەندە ئۇلار ئەدەپ بىلەن ئىگىلىپ :
-ئەپەندىم ياخشىمۇسىز؟ ئايرۇپىلانىمىزغا چىققانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز!
دەپ ھۆرمەت بىلدۈرەتتى.قىزلار قىزىل رەڭلىك خىزمەت پورمىسى،ھېلىقى يىگىت بولسا قارا كۆك رەڭلىك
خىزمەت پورمىسى كىيىۋالغان ئىدى.ئايرۇپىلان كۈتكۈچىلىرى چىراي،بەدەن سۈپىتى،بىلىم سەۋىيە،مەدەنى،ئىللىق بولۇش ..دېگەندەك تەلەپلەر بىلەن مىڭنىڭ ئىچىدىن بىرى تاللىنامدۇ قانداق ئۇلار بىر بىرىدىن ياش،بىر بىرىدىن چىرايلىق،بىر بىرىدىن قىزغىن بولۇپ يولۇچىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلاتتى.
ئايرۇپىلاننىڭ شەكلى چوڭ لەھەڭ بېلىقنىڭ شەكلىگە ئوخشايتتى.كىرىش ئىشىكى بېلىقنىڭ بېشىدىكى سۇ سۈزگۈچىدەك يان تەرىپىدە ئىدى.ئايرۇپىلان ئىچىدە  بېشى تەرىپىدىن قۇيرۇق تەرىپىگە قارىتا سوزۇلغان ئىككى ئۇزۇن رەت ئۇرۇندۇقلار بار بولۇپ ئوتتۇرىسى يولۇچىلار ۋە كۈتكۈچىلەرنىڭ كىرىش چىقىشتا مېڭىشى ئۈچۈن بوش قويۇپ قويۇلغان ئىدى.ئورۇندۇقلارنىڭ بۇ خىل تۈزۈلىشى ئاپتۇبۇسنىڭ ئورۇندۇق تۈزۈلىشىگە ئوخشايتتى.ئوخشىمايدىغان يېرى ئىككى تەرەپتىكى ئورۇندۇقلار سانى تەڭ بولۇپ ھەر بىر توغرا رەتتە ئۈچتىن ئالتە رەت ئورۇن بار ئىدى.بۇنداق توغرا رەت يولۇچىلار  ئورۇندۇق سانى نورمال ھالەتتە 27بولۇدىكەن. 27نى ئالتىگە ھەسسىلىسەك جەمئى 162 بولىدىغان بولغاچقا نورمال ھالەتتە بىرلا قېتىمدا 162 نەپەر يولۇچى ئېلىپ مېڭىلىدىكەن.ھەر بىر ئورۇندۇقلارغا ئېنگىلىز ھەرپى بىلەن توغرا رەتنىڭ تەرتىپ سانى ئارىلاشتۇرۇلۇپ نومۇر سېلىنىدىكەن. مەسىلەن ئوڭ تەرەپتىكى ئورۇندۇقلارغاA,1B,1!C,、 بويىچە،سول تەرەپتىكى ئورۇندۇقلارغىمۇ  1E, 1D,1F,بويىچە نومۇر سېلىنىدىكەن.مېنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ئورنى ئاخىرقى رەتتە بولۇپ مېنىڭ ئورۇن نومۇرۇم E 26 ئىكەن.دېمەك ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى رەت سول تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ئورۇندا ئولتۇرىدىكەنمەن.يېنىمدىكى ھەمرايىممۇ ئۆز ئادەم بولغاچقا دەرىزە تۈۋىدە سىرتنى كۈزىتىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ چەتتە ئولتۇردۇم.ئايرۇپىلان دەرىزىسىنى دەرىزە دېگەندىن كۆرە ‹‹كۆزنەك›› دېگەن تۈزۈك ئىدى.چۈنكى ئۇ كەڭلىك ۋە ئىگىزلىك جەھەتتە پەقەت بىر كىتاپچىلىكلا كېلىدىغان قاتتىق سۇلياۋ ئەينەك بىلەن ھىم ئېتىكلىك كىچىك دەرىزە ئىدى.
ئايرۇپىلان ئۇچۇشتىن بۇرۇن ھېلىقى ئايرۇپىلان خىزمەتچىلىرى ئىككى رەت  ئوتتۇرىسىدا قاتارلىشىپ تۇرۇپ مۇلايىم ئاۋازدا ئورۇندۇقلىرىمىزدىكى تاسما بەلباغلارنى باغلىۋېلىشنى ئەسكەرتىپ تۇردى.باغلاشنى بىلمىگەن ياشانغانلارغا ياردەملىشىپ تاسمىسىنى باغلىشىپ بەردى.ئۇلار يەنە يولۇچىلاردىن بىخەتەرلىك ئۈچۈن يان تېلىفۇنلىرىنى دەرھال ئىتىۋېتىشنى،تاكى مەنزىلگە يىتىپ بېرىپ ئايرۇپىلاندىىن پەسكە چۈشمىگۈچە ئۇنى قايتا ئاچماسلىقنى تاپىلىدى.
مەن ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كۆزنەكتىن  ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش ئەھۋلالىنى كۈزەتتىم.ئايرۇپىلان ئۇچۇش يولىغا كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن بىر ئىككى كىلومېتىرچە يولغا ئاستىدىكى چاقلىرى بىلەن خۇددى ئاپتۇمۇبىلدەك ماڭدى،ماڭغانچە تېزلىكى ئاشتى،شۇنداق تېز مېڭىۋېتىپ تېزلىكى راسا ئاشقان چاغدا لىككىدە قىلىپ بېشى تەرەپ ئىگىز ،ئايىقى تەرەپ پەس ھالەتتە يەردىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇشنى باشلىدى. ئايرۇپىلان ئۇچۇش يولىدىن كۆتۈرۈلگەن مۇشۇ چاغدا سائەت 16 گە بەش مىنۇتچە ۋاقىت    قالغان  چاغ ئىدى .
مەن كۆزنەكتىن پەستىكى تۇمان ۋە قار باسقان ئۈرۈمچىنى كۆرۈپ  ئولتۇردۇم.يەر دەسلەپ خېلى چوڭ كۆرۈنگەن بولسا بارا –بارا كىچىكلەپ كەتتى.تۇمان قويۇق بولغاچقا ئۇزۇنغا قالماي يەرنى كۆرگىلىمۇ بولماي قالدى.بىز يەردىكى چاغدا ھاۋا تۇتۇق ۋە تۇمانلىق ئىدى.قۇياش يۈزىنى كۆرگىلى بولمايتتى.ئايرۇپىلان بارا-بارا ئىگىزلەپ قويۇق قارا بۇلۇت قاتلىمىنىڭ ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن‹‹ لاپ››پىدە    قىلىپ كۈن يۈزى كۆرۈنۈپ ئايرۇپىلان ئىچىگە كىچىك كۆزنەكلەردىن كۈچلۈك كۈن نۇرى كىردى -دە ئايرۇپىلان ئىچى تېخىمۇ يورۇق بولۇپ كەتتى.بىز ئۈرۈمچىدىكى  چاغدا بۇلۇت بىلەن تۇمان توسۇۋېلىپ  كۆرەلمىگەن قۇياشنى مانا ئەمدى ھاۋا ئوچۇق كۈندىكىدەك بىمالال كۆرەلىدۇق. بىز يەردىكى چاغدا بۇلۇتنى دائىم ئاستىدىن كۆرەتتۇق مانا ئەمدىلىكتە بولسا ئۇنى ئۈستىدىن كۆرۈۋاتاتتۇق.بۇ چاغدا بىز ئۆزىمىزنى بۇلۇت ئۈستىدە پەررەكلەپ ئۈزۈپ ئۇچۇۋاتقان سۇن ۋۇكۇڭدەك ھىس قىلىپ قالدۇق. بىز قۇياش يۈزىنى شۇ بىر كۆرگەنچە تاكى تولۇق ئولتۇرۇپ كېتىپ  بولغانغا قەدەر تولۇق كۆرەلىدۇق.بىز يەردىكى چاغدا ھەر كۈنى كەچ  قۇياش دائىم تاغ كەينىگە ئولتۇرۇپ كېتەتتى.بۈگۈن بولسا خۇددى سۇغا چۆككەندەك  قويۇق بۇلۇتلار ئاستىغا ئولتۇرۇپ كەتتى.قۇياش ئولتۇرۇپ كېتىپمۇ يېرىم سائەتلەرگىچە غەرىپ تەرەپتىن شەپەقنىڭ قىزىللىقى يۈتمىدى.مېنىڭ ئورنۇم ئايرۇپىلاننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى.قۇياشمۇ ئولتۇرۇپ كەتمەستە ئىزچىل ئوڭ تەرىپىىزدە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىدى.شۇنىڭدىن قارىغاندا ئايرۇپىلان شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.خەرىتىدىن قارىغاندىمۇ بىز جۇڭگۇنىڭ غەربىدىن شەرقىگە ئۇچۇپ كېتىۋاتماقتا ئىدۇق.يۇقارقى ئىككى تۇيغۇدىن قارىغاندا بىزنىڭ ئۇچۇش  يۆنۈلىشىمىز غەربى شىمالدىن شەرقى جەنۇپقا قارىتىلغان ئىدى.
ئايرۇپىلاننىڭ ئالدى تەرەپ بېشى قىيپاش ئىگىز ،كەينى قۇيرۇق تەرەپ پەسرەك ھالەتتە بىر سائەتچە ئۇچقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا تۈز ھالەتتە ئۇچۇشقا ئۆزگەردى.مەن ئايرۇپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن باشقىلاردىن ئايرۇپىلاندا ئۇچۇش سەپىرى ئىككى  سائەتتىن ئېشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا يولۇچىلارغا بىر ۋاق تاماق بېرىلىدىغانلىقى شۇنداقلا ھەر خىل ئىچىملىكلەر بىلەنمۇ تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.ئايرپىلان ئۇچۇپ بولۇپ يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندە كۈتكۈچىلەر كولا،ھەر خىل مىۋە سۈيى،مېنىرال سۇ ۋە قايناقسۇ دېگەندەك ئون خىلغا يېقىن ئىچىملىكلەر قاچىلانغان ھارۋىلىرىنى ئىتتىرىشىپ ئايرۇپىلاننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كىچىك ئىسكىلاتتىن چىقىشىپ ھەر بىر يولۇچىدىن:
-ئەپەندىم نىمە ئىچىسىز؟
دەپ سوراپ دېگەن نەرسىسىنى كىچىك ئىستاكان(بىر قېتىم ئىشلىتىپلا تاشلىۋېتىدىغان قەغەز ئىستاكان)غا قۇيۇپ بېرىپ ئىككىنچى بىرىدىن سورايتتى.يولۇچىلار ئىچىملىك ئىچىپ بولۇپ ئارىدىن بىرەر سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندە كۈتكۈچىلەر يەنە يولۇچىلارغا تاماق تارقاتتى.تاماقلار بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان تاماق قۇتىلىرىغا قاچىلانغان بولۇپ لەغمەن،قورىما چۆپ،پولۇ دېگەندەك بىز يىيەلىگۈدەك تائاملار ئىدى.ئۇ تائاملارنىمۇ:
-ئەپەندىم نىمە  تاماق يەيسىز؟
دەپ سوراپ تەلەپ قىلغان تامىقىنى بېرەتتى.تاماق بىلەن بىللە يەنە ئىككىدىن بولكا ۋە بىردىن كۇرۇپكىدا سەي بىلەن مىۋە تارقىتىلدى. تاماق تارقىتىلىپ بولۇپ 15 مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتكەندە ئىككىنچى قېتىملىق ئىچىملىك تارقىتىلدى.
تاماق تارقىتىلىپ ھەم ئىككى قېتىم ئىچىملىك تارقىتىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئايرۇپىلاننىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىكى(ئورۇندۇقىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى)ئىككى ھاجەتخانا ئاۋات بولۇپ كەتتى.يولۇچىلار ئۇندىن بۇرۇن ھاجەتخانىغا  ئانچە كەلمىگەن ئىدى.مانا ئەمدىلىكتە بولسا ئۆچىرەت بولۇپ تىزىلىپ كەتتى.ئەلۋەتتە ئادەم كۆپ بولغاندىن كېيىن بۇ خېلى نورمال ئەھۋال ھېساپلىناتتى.لېكىن پۇزۇر كىيىنگەن،50ياشلاردىن ئاشقان كادىر سۈپەت بىر ئادەم كۆزىمىزگە تولا چېلىقىپ ھەر يېرىم سائەتتە بىر دېگۈدەك ھاجەتخانىغا كېلىپ ئاۋارە بولۇپ كەتتى.ھەمراھلىرىمدىن بىرى ئۇكىشىنى مازاق قىلغاندەك مۇنداق دېۋىدى كۈلۈشۈپ كەتتۇق:
-بۇ ئادەم بىرەر ئىدارىنىڭ جۈجىڭى بولسا كېرەك،شاڭخەيگە مېڭىش ئالدىدا قول ئاستىدىكى يالاقچىلىرى خۇشامەت قىلىپ چوڭ زىياپەت بەگەن ئوخشايدۇ،ھارام پۇلغا كەگەن تاماقلانى جۇباجىدەك تازا  يەپ مانا ئەمدى سىڭىرەممەۋاتقان بوسا كېرەك.
ئايرۇپىلان بىر ئاممىۋى سورۇن، ئاممىۋى سورۇندا ئۈنلۈك پاراڭ قىلىشىپ ئولتۇرۇش ھازىرقى زامان كىشىلىرى ھار ئالىدىغان مەدەنىيەتسسىز قىلىق بولۇپ قالدى.ئايرۇپىلاندىكى 170 كە يېقىن كىشى ئىچىدە خۇددى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ياكى يېقىن دوستلىرى بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا پاراڭلىشىپ ياكى چاخچاقلىشىپ ماڭىدىغانلىرى يەنىلا بىزنىڭ ئارىمىزدىكى تۆگىچى ھەمراھلىرىمىز ئىدى.ئۇلارقۇملۇق مەنزىرە ساياھەت رايۇنىدا كىشىلەرگە تۆگە ۋە ئات يېتىلەپ بېرىپ پۇل تېپىپ ئۆتمۈش زامانلاردىكى ‹‹كارۋان ئەترىتى››نى ئەسلىتىدىغانلار بولغىنى ئۈچۈن مەن ئۇلارنى شۇ كۈندىن ئېتىۋارەن ئومۇملاشتۇرۇپ ‹‹كارۋان››دەپ ئاتىدىم.مېنى دوراپ باشقىلارمۇ شۇنداق ئاتايدىغان بولدى.ئۇلار يەتتە ئادەم بولۇپ ئىككى نەپىرى 50 ياشلاردىن ئاشقان ساقاللىق كىشى كىشى،قالغان بەش نەپىرى 40ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن ئىدى.ئارىسىدا تېخى ئەمدىلا 40 ياشتىن ھالقىغان قۇربان ئىسىملىك بىرسى بار بولۇپ ئۇ ياش تۇرۇپلا ساقال قويۇۋالغاچقا  ئۇنىڭ ساقىلى ھەممىدىن ئۇزۇن ئىدى.كۆرگەن كىشى ئۇنى بۇ ئەترەتتىكىلەرنىڭ ئەڭ قېرىسىمىكىن دەپ ئويلاپ قالاتتى. ئىككىمىزنىڭ بېلەتتىكى ئورنى يانداش بىر يەرگە ئورۇنلىشىپ قالغان بولغاچقا يانداش ئولتۇرۇپ قالدۇق.بىز نەچچە سائەتلىك زېرىكىشلىك سەپەرنى‹‹قىسقارتماقچى››بولۇپ باشقىلاردىن تۆۋەنرەك ئاۋاز (پەقەت ئىككىزلا ئۆز-ئارا ئاڭلىشالىغۇدەك ئاۋاز) دا پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. ئۇ بىز بىلەن بىر يېزىلىق ئەمەس بەلكى خوشنا يېزىدىن بولغىنى ئۈچۈن  مەن ئۇنى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن.شۇڭا پاراڭ جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىپ مەندىنمۇ نەچچە ياش كىچىك ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ھەيران قالدىم.ئايرۇپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى‹‹ قۇربان تاغا›› دەپ چاقىرىپمۇ ساپتىمەن تېخى!مەن ئۇنىڭدىن ياش تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ساقال قويۇۋالغانلىقىنى سورىسام:‹‹ ساقال ماڭا قالقان بولىدۇ.مەن ئۇنى قويۇۋالسام ئۆزۈمنىمۇ يامان يولدىن تارتالايمەن.باشقىلارمۇ ساقىلىمنى كۆرسە مېنى يامان يوللارغا باشلىمايدۇ››دېدى.‹‹ ئۈنۈمى بولدىمۇ؟›› دەپ سورىسام ئۇ ‹‹ئەلۋەتتە ئۈنۈمى بولدى!››دەپ جاۋاپ بەردى.نىمىشقا دېسىڭىز جەمىيەتتە بولۇپمۇ يېزىلاردا ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش،ساقال قويۇۋالغانلارنى قېرىغان،‹‹يامان يولدىن يانغان››،‹‹ھەۋەستىن قالغان›› دىنغا مۇرىت بولغان كىشىلەر›› دەپ ئويلاپ تۆۋەن ياشتىكىلەر، ھەتتا دېمەتلىكلەرمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ.
بىز پاراڭلاشقاچ كۆزنەكتىن يەر يۈزىنى ۋە ئاسماننى كۈزىتەتتۇق.ئايرۇپىلان كېچىدە ئۇچۇۋاتقان چاغدا يەر يۈزى قاپقارا كۆرۈنەتتى.ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭمۇ چولپان يۇلتۇزغا ئوخشاش چوڭلىرىدىن بىرنەچچىسىلا كۆرۈنۈپ كىچىكلىرى پەقەت  كۆرۈنمەيتتى. ئايرۇپىلان بىرەر شەھەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقاندا بولسا يەر يۈزىدىكى چىراقلارمۇ يۇلتۇزدەك كۆرۈنۈپ كىشىگە ئايرۇپىلان يۇلتۇزلار ئارىسىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ قوياتتى.ئايرۇپىلان ئۇچۇۋاتقان چاغدا مەن پەرەز قىلىپمۇ باقمىغان ئۈچ خىل ئەھۋال يۈز بەردى.لېكىن بۇ ئايرۇپىلاندا ئادەتتىكى ئىش ھېساپلىنىدىكەن.بىرسى مەن:‹‹ ئايرۇپىلان ئىگىز- پەس توپا  يولدا ماڭماي سىلىق ھاۋادا ئۇچقاندىكىن ناھايىتى سىلىق ئۇچۇشى مۈمكىن›› دەپ ئويلايتتتىم. كۆپىنچە ھاللاردا شۇنداق بولسىمۇ لېكىن سىلىق ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز ‹‹دوروق-دوروق››قىلغاندەك بولۇپ 10- 15سېكۇنىتتەك  سىلكىنىپ كېتىدىكەن.قارىغاندا ئۇچۇش جەريانىدا تۇيۇقسىز  قارشى شامال ئېقىمىغا  ئۇچرىسا كېرەك.ئىككىنچىسى :‹‹ئايرۇپىلاننىڭ ھەممە يېرى ھىم ئېتىۋېتىلگەن بولغاچقا سىرتتىكى ئاۋاز ئاڭلانماسلىقى كېرەك ›› دەپ ئويلايتتىم.لېكىن ئايرۇپىلان ئۇچقاندىن تارتىپ چۈشكەنگە قەدەر گۈرۈلدىگەن بىراز كۈچلۈك ئاۋاز ھامان ئاڭلىنىپ تۇردى.ئۈچىنچى خىل ئەھۋال ئايرۇپىلان چۈشۈشكە ئاز قالغان چاغلاردا مەندە بىر خىىل غەلىتە سېزىم پەيدا بولدى.يەنى تۇيۇقسىز قۇلاق پەردەمگە غايىۋى بىركۈچلۈك  بېسىم تەسىر قىلغاندەك بولۇپ قۇلۇقۇم يېرىم گاستەك بولۇپ قالاتتى.بۇ چاغدا گۈرۈلدىگەن ئاۋاز پەسىيەتتى.تۇرۇپلا قۇلىقىم پەردىسىگە كىرىۋالغان غايىپ بىر نەرسە چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ گۈرۈلدىگەن ئاۋاز كۈچىيىپ ئاڭلىنىپ كېتەتتى.مەن سوغۇقلۇق بىر نەرسە يەپقالغان بولسام زىيان قىلىپ قۇلىقىمئاغرىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم لېكىن يېنىمدىكى ھەمراھلىرىممۇ شۇنداق تۇيغۇدا بوپتۇ.بىز ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئۇچقاندىن كېيىن ئۈرۈمچىۋاقتى سائەت 19يېرىمدىن ئاشقاندا ئايرۇپىلان رادىيۇسىدىن يولۇچىلارغا ئايرۇپىلاننىڭ شاڭخەيگە يېقىنلاشقانلىقىنى، يەنە50نەچچە مىنۇتلاردىن كېيىن شاڭخەيگە يېتىپ بارىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى. كۆزنەكتىن پەس تەرەپكە كارىسام ئايرۇپىلان ساپ- سېرىق ئۆمۈچۈك تورىسىمان كوچىلىرى ۋە يۇلتۇزلاردەك چاقناپ تۇرغان لامپوچكىلىرى بار بىر شەھەر ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپتۇ.ئۇندىن بۇرۇن بۇخىل مەنزىرە پات-پات كۆرۈنۈپ يوقاپ كېتەتتى.لېكىن مانا ئەمدى ئۇنداق بولمىدى.بۇخىل مەنزىرە يوقاش تۈگۈل بارغانسېرى زىچلىشىپ،دائىرىسىمۇ بارغانسېرى يوغىناپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى.ئايرۇپىلان قونۇشقا 15مىنۇت قالغانلىقى ئۇقتۇرۇلغاندا ئايرۇپىلان بارا بارا پەسلىگەن بولسا كېرەك چىراق مەنزىرىسى تېخىمۇ رۇشەن كۆرۈنۈشكە باشلىدى.مانا ئەمدى ئاستىمىزدا كۆرۈنۈۋاتقانمەنزىرە تېلىۋىزۇر ۋە كومپىيۇتېرلارنىڭ توك يول خەرىتىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مەنزىرە ئىدى.لېكىن بۇ ‹‹خەرىتە›› سىزىقلىرى قارا رەڭدە بولماستىن يالتىراپ تۇرۇدىغان ئالتۇن رەڭدە ئىدى.بۇ مەنزىرە ئادەمنى جەلىپ قىلىپ پۈتۈنلەي يالتىراپ تۇرغان ئالتۇن بىلەن تولغان بىر زىمىنغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قوياتتى.ئايرۇپىلان تېخىمۇ بەك پەسلىگەندە كوچىلاردا مېڭىپ كېتىۋاتقان ماشىنىلار،ئىگىز بىنالار، ماشىنا توىتىتىش مەيدانلىرى،ھەتتا دەريادا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان پاراخوتلارمۇ كۆرۈنۈشكە باشلىدى.ئايرۇپىلان شاڭخەي قىزىل كۆۋرۈك خەلقارا ئايرۇدۇرۇمى(   (上海虹桥国际飞机场غا  يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا پەسلەپ چۈشۈش يولىغا چۈشكەندىن كېيىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئاپتۇبۇستەك مېڭىپ  مەيداننى يېرىم چەمبەرسىمان ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىر بەلگىلەنگەن توختىتىش ئورنىغا كېلىپ توختىدى.رادىيۇدىن يولۇچىلارغا ئايرۇپىلاندىن چۈشۈش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن كېيىن بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كىچىك سەپەر سومكىلىرىمىزنى ئېلىپ  ئايرۇپىلاندىن چۈشۈش ئۈچۈن باش تەرەپكە سىلجىدۇق.ئايرۇپىلان توختىغان ھامان يۈك تاق توشۇيدىغان ئىككى كىچىك ماشىنا ئايرۇپىلان ئاستىغا كېلىپ توختىدى.ئۇلارنىڭ بىرسىگە ئايلانما لىپىت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا كېرەك چوڭ سەپەر سومكىلىرىمىز ئايرۇپىلان ئاستىدىكى يۈك تاق بۆلۈمىدىن چىقىپ ئايلانما لىپىت ئارقىلىق يۈك ماشىنىسىغا چۈشتى. يۈك توشۇيدىغان ئىشچى ھەر بىر سومكىنى چۈشكەن يېرىدىن ئېلىپ  يۈك ماشىنىسىنىڭ ئالدى تەرەپكە تاشلايتتى.ئۇنىڭ قوپال ھەركەتلىرى داۋامىدا بەزى چامادانلار قاراسلاپ كېتەتتى.بىز ئايرۇپىلان ئىشىكىگە بارساق ئىشىك ئاللىبۇرۇن كارىدۇرسىمان چىقىش ئېغىزىغا ئۇدۇللىنىپ بولغان ئىكەن.بىز كارىدۇردىن چىقىپ ناھايىتى ئۇزۇن ۋە ناھايىتى چوڭ قىلىپ لاھىيەلەنگەن  ئىستانسىسىدىن چىقىش زالىغا كىرىپ قالدۇق.بۇنداق چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك زال ئۈرۈمچىدىكى ئايرۇپىلان ئىستانسىسىدا ئەلۋەتتە يوق ئىدى.بىز بۇ زال ئىچىدە بەزىدە ئايلانما لىپىتلىك يولدا، بەزىدە تاش پەلەمپەيلەردە 20 مىنۇتچە مېڭىپ ئاخىرى يۈك تاقلارنى تاپشۇرۇۋېلىش ئورنىغا كەلدۇق.بۇ يەردە بىردەم ساقلاشقا توغرا كەلدى.بۇنداق ئورۇندىن 30نەچچىسى بار ئىكەن،ھەر بىرى بىردىن شەھەردىن كەلگەن يۈكلەرنى ئىەىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن،قايسى شەھەر دىن كەلگەن يۈك ئىكەنلىكىنى شۇ يەردىكى سۇيۇق كىرىستاللىق چوڭ ئىكراندىكى خەتتىن بىلىۋالىدىكەنمىز.چامدانلىرىمىز چەمبەر شەكلىدىكى بىر ئايلانما لىپىتتا توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرۇدىكەن.بىز يانداپ كېلىپ  چامادانىمىزنى تونۇپ ئېلىۋالىدىكەنمىز.ئالمىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر بىر چامادانغا چامادن ئىگىسىنىڭ ئىسمى  خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ئىككى خىل تىلدا كومپىيۇتېر ئارقىلىق يېزىلىپ چاپلاپ قويۇلىدىكەن.لېكىن مېنى قارا باسقان ئىدى.كىيىم قاچىلىغان چامادانىمنىڭ   سۆرۈگۈچى تۆمۈر تۇتقۇسى سۇنغان،نان قاچىلانغان چوڭ  رەخت سومكامنىڭ ئىككى تەرىپى تەڭلا بۆسۈلۈپ كەتكەن ئىدى.بۇنىڭ قاچان نەدە شۇنچە خاراپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىدى. بىرەرسى بىلەن تەگىشەي دېسەممۇ بۇ يەردە مەسئۇل بولىدىغان ئادەم باردەك قىلمايتتى.مەنلا ئەمەس باشقا ھەمراھلىرىمدىنمۇ 4-5ىنىڭ سومكا چامادانلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
بىز يۈك تاقلىرىمىزنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سائەتكە قارىساقبىزنىڭ ۋاقتىمىزچە 21گە،بېيجىڭ ۋاقتى بويىچە 23كە يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. بەك كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي  يەنە ئىككى سائەت ئارقىمىزدىكى ئىككى ئايرۇپىلاندا كېلىدىغان تۆت ھەمراھىمىزنى كۈتۈپ تۇردۇق.ئۇلار بىلەن بىللە پەيزاۋات ناھىيەسىدىنمۇ 10غا يېقىن كىشى بىرگە كەلگەن ئىدى.بىزنىڭ ئارىمىزدا ئەرلەر كۆپ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللار كۆپ ئىدى.يەنە بىر ئوخشىماسلىق بىزنىڭ كۆپىنچىمىز ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار،ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 20 ياشتن 35 ياشقىچە بولغان جۇشقۇن ياشلارئىدى.بىز ئىككى ناھىيەنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان ئاپتۇبۇسىمىز بىر بولۇپلا قالماي يەنە بۇ يەردە گۇرۇپىمىزمۇ بىر بولدى.بۇ ئىككى ناھىيەدىن كەلگەنلەرگە ئېزىز ئىسىملىك پەيزاۋاتتىن كەلگەن بىر‹‹مۇئەللىم›› مەسئۇل بولدى.بىز توپلىشىپ ئايرۇدۇرۇمنىڭ كۈتۈش زالىدىن چىقىپ بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن بىزنى ئالغىلى شىركەت ئورۇنلاشتۇرغان مەخسۇس ئاپتۇبۇس كەلدى.بۇ چاغدا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت بىر بولاي دەپ قالغان ئىدى.ئاپتۇبۇس بىزنى ئېلىپ كۆپ قەۋەتلىك يۇقۇرى سۈرئەتلىك يول بىلەن توپ-توغرا  بىر يېرىم سائەت يول يۈرۈپ ئاخىرى پۇدۇڭ يېڭى تەرەققىيات رايۇنىدىكى ‹‹جۈن فېڭ مېھمانخانىسى››骏朋大酒店 دەپ ئاتىلىدىغان تۆت قەۋەتلىك ئالى دەرىجىلىك بىر مېھمانخانىغا ئەكىلىپ قويدى.كېيىن بىلىشىمىزچە بۇ نىيۇسكىن شىركىىنىڭ ئۆگەنگۈچى  ئەزالىرى ھەر كەلگەندە  قونىدىغان مەخسۇس مېھمانخانىسى ئىكەن.مەن بىر يۇرتلۇق شوپۇر ھەمراھىم باۋدۇن بىلەن بىر ياتاققا ئورۇنلاشتىم.بۇ ياتاق ئىككى كارۋاتلىق ئالى ياتاق بولۇپ شارايىتى مەن ھازىرغىچە كۆرگەن ياتاقلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا ئىدى.كارۋىتىنىڭ ئىسىللىكى،تۆشەكلىرىنىڭ پاكىزلىكىنى دېمەيلا قوياي ياتاق ئىچىگە 42 سۇڭلۇق چاڭخۇڭ ماركىلىق سۇيۇق كىرىستاللىق تېلىۋىزۇر،توكلۇق دوخۇپكا،كىچىك تىپتىكى توڭلىتىش ساندۇقى،توك چاينىكى،تېلىفۇن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپلا قالماي يەنە كومپىيۇتېرنى تورغا ئۇلاشقا بولىدىغان كەڭ بەلۋاقلىق تور سىمىمۇ بار ئىكەن.ياتاق ئىچىدە يەنە باش بارماقتەك توملۇقتىكى ئەينەك تاختاي بىلەن توسۇپ ياسالغان مونچىسى بار بولۇپ ئىچىدە تاغاق،چىش پاستىسى،چاچ سوپۇنى،بەدەن سوپۇنى،توكلۇق چاچ قۇرۇتقۇچ قاتارلىق يۈرۈشلۈك نەرسىلەر ھەممىسى  بار ئىدى.ياتاق قەشقەر ئۈرۈمچىلەردىكىدەك پار بىلەن ئىسسىتىلماستىن ئېلىكتىرلىك ھاۋا تاڭشىگۈچ بىلەن ئىسسىتىلىدىكەن.تېمپىراتۇرىسىنى 30سېلسىيە گىرادۇسقا تەڭشەپ قويۇپ ئارىدىن يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتمەي مەن چاي قاينىتىپ ئۇنى ئۈرۈمچىدىن ئەكەلگەن نان بىلەن  ئىچىپ بولغۇچە ياتاقمۇ ئىسسىپ بولدى.بىز چاي ئىچىپ بولغۇچە سائەت ئۈچمۇ بولۇپ قالغان ئىدى.شىركەتنىڭ ئەتىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە  ئەتتىگەن سائەت سەككىزدىلا سۇ جۇ 苏州 شەھىرىگە چىقىپ چۈشتىن بۇرۇن تەربىيەلەشكە، چۈشتىن كېيىن شىركەتنىڭ 2011- يىللىق خۇلاسە يىغىنىغا قاتنىشىدىكەنمىز.شۇڭا 2-3 سائەت بولسىمۇ ئۇخلىۋېلىش ئۈچۈن  تېزلا يېتىپ ئۇخلىدۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-20 12:50 AM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 12:48:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆگىچى كارۋان ئەزالىرىمىز ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرۇمىدا

IMG_0863.JPG


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20342
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5343 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 01:56:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىپ ئوقىۋاتسام ئاخىرى تۈگەپ كەتتى ... ۋاقتىڭىز چىققاندا ئاخىرىنىمۇ يوللاپ قويسىڭىز ...

ئاۋۇ تۆگىچى كارۋانلار مىللى سالاھىيتىنى تۇلۇق ساقلاپ قاپتۇ، يولدا ئۆتكەن كەچكەنلەر ساقىلىغا ھەۋەسلىنىپ كەتكەندۇ ھە ھى ھى ھى

مايماق بۇلۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
         يىغا  ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69733
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 10:31:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۆرۇشكە تەشنامەن .

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 08:45:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elijan يوللىغان ۋاقتى  2012-2-20 01:56 AM
قىززىپ ئوقىۋاتسام ئاخىرى تۈگەپ كەتتى ... ۋاقتىڭىز چىققا ...

تۆگىچى كارۋاندىكى بۇ ئىككى ساقاللىق تاغىلار سۇجۇدا  بەك بازارلىق بولۇپ كەتتى. نەگىلا بارسا  ياش قىز تەيتەيخانلار بىرگە سۈرەتكە چۈشىمىز دەپ كەينىگە  كىرىۋالدى.ھى..ھى..ھى..

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 09:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخشام بەك كەچ ياتقاچقا لايدەك ئۇخلاپ كېتىپتىمىز.تېخى نەچچە سائەت ئۇخلا -ئۇخلىمايلا تاڭ ئېتىپ كەتتى.بۇ يەردە بىزنىڭ قەشقەرگە قارىغاندا كۈن ئىككى يېرىم سائەتكە يېقىن بۇرۇن چىقىدىكەن  ئەمەسمۇ؟ بۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدا مەسئۇل مۇئەللىملەر ھەممىمىزنى ئويغۇتىۋېتىپ تېز ناشتا قىلىپ پەسكە چۈشۈشكە ئالدىراتتى.سۇجۇغا بارىدىكەنمىز.پەستە بىزنى ئېلىپ بارىدىغان ئاپتۇبۇسلار ئاللىبۇرۇن تەييار بولۇپ بوپتۇ.شۇڭا  ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ناشتا قىلشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئالدىراپ كىيىنىپ  يۈزىمىزنى يۇيۇپلا پەسكە چۈشتۇق.ئاخشامتىن بېرى شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ غۇلجا،خوتەن ...دېگەندەك   باشقا ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن بىزگە ئوخشاش باشقا نىيۇسكىنچىلارمۇ (شۇنداق ئاتاش مۇۋاپىقكەن) كېلىپ بولۇپ ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغان ئىكەن.بىزنى ئېلىپ مېڭىشقا تۆت چوڭ تىپتىكى نىيۇسكىن شىركىتىنىڭ شىركەت خىزمەتچىلەر  ئاپتۇبۇسى تەييارلىنىپ بولغان ئىكەن.بىز بەلگىلەنگەن ئاپتۇبۇسلارغا چىقىپ يولغا چىقىشقا تەييارلاندۇق. سائەت  سەككىز يېرىملار بولغاندا ھەممە تەييارلىقلار پۈتۈپ يولغا چىقتۇق.بىزنى ئېلىپ ماڭغىنى ئاخشام بىزنى ئايرۇدۇرۇمدىن ئېلىپ كەلگەن ئاپتۇبۇس ئىكەن.(شاڭخەي سۇجۇلاردىكى ئۈچ كۈنلۈك پائالىيىتىمىز جەريانىدا بۇ ئاپتۇبۇسلار بىز ئۈچۈن راسا ئەسقاتتى.).بىز سۇجۇغا سائەت ئونغا چارەك قالغاندا يىتىپ باردۇق.بۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق ئىدى.بۇ بىزگە ئادەتتىكىچە بىلىندى.لېكىن ئەخمەتجان  مۇئەللىم( چوڭ ئەخمەتجان):
-شاڭخەيدە ھاۋا ئوچۇق كۈنمۇ بولىدىكەن ھە؟! قارىغاندا شاڭخەي بىزنى قارشى ئېلىۋېتىپتۇ-دېدى.
-نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز ؟ -ئەجەپلىنىپ سورىدىم مەن.
-سىز يېڭى كەلگەچ بىلمەيسىز ،شاڭخەي ھەر كۈنى دېگۈدەك يامغۇر يېغىپ تۇرىدىغان جاي،بۇ يەردىن كەتكىچە بىردىن كۈنلۈكلۇكمۇ بولۇپ قالىسىز تېخى !
بۇ سۆزدىن تېخىمۇ ھەيران بولدۇم.‹‹بۇ دېگەن تېخى ئىككىنچى ئاينىڭ بېشى تۇرسا ،قار پەسلىدە نەدىمۇ يامغۇر ياغىدىغان ئىش بولىدۇ؟ ئەخمەتجان مۇئەللىم ‹‹قار ياغىدۇ›› دەيمەن دەپ ‹‹يامغۇر ياغىدۇ›› دەپ سالدى ھەقىچان) .لېكىن ئۇ توغرا ئېيتقان ئىكەن. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقى ئەتىسىلا ئىسپاتلاندى.

داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.سائەت ئوندا  ئاخىرىنى يوللايمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-20 09:21 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 12:14:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇبۇس سۇجۇ شەھرىنىڭ بىزگە ناتونۇش بىر كوچىسى يېنىدىكى كىچىك ماشىنا توختۇتۇش  ئورنىدا توختىدى.ئەخمەتجان بىزگە:
-ھەممەيلەن ماشىنىدىن چۈشۈڭلار،ھازىر ئاڭلاشقا ئېرىشىش ئىنتايىن تەس بولغان بىر قېتملىق دەرسنى ئاڭلاشقا كىرىمىز.بۇ دەرىسنى گەگنېر سېستىمىسىنىڭ ياپۇنىيەدىكى قۇرغۇچىسى ،جۇڭگۇ ۋە ياپۇنىيەدىكى گەگنېر سېستىمىسىنىڭ ئادەملىرى پىر ئەۋلىيا سۈپىتىدە ئەڭ چوڭ كۆرىدىغان خاشىكاۋا مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا كىرىمىز.بۇ كىشىنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ۋە دەرسىنى ئاڭلاش بىز جۇڭگۇلۇقلارغا ئاسانلىقچە نېسىپ بولمايتتى.ئۇ بۇ قېتىم جۇڭگۇغا مۇھىم يىغىن ئىشى بىلەن كېلىپ دۆلىتىگە قايتماقچى بولۇپ تۇرۇپتىكەن. شىنجاڭلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئالايىتەن يىراق سەپەردىن بۇ قېتىىمقى يىللىق يىغىن ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇيىمىز بارلىقىنى ئاڭلاپ ئالدىراش ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىز بىلەن كۆرۈشىدىغان ،بىزگە يېرىم سائەت دەرس ئۆتۈپ بېرىدىغان بولدى.
بىز يېڭىلار بۇ گەپكە بەك ئېرەن قىلىپ كەتمىدۇق.لېكىن  ئارىمىزدىكى نىيۇسكىننىڭ كونا ئەزالىرى بولسا خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ قىن-قىنغا پاتماي قالدى.بىز ئۇلارنىڭ بۇ خىل كەيپىياتىدىن بۇ ياپۇنلۇقنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدۇق.
بىز ماشىندىن چۈشۈپ مەيدان يېنىدىكى يولنى كىسىپ ئۆتۈپ ئۇدۇلدىكى بىر ئىگىز بىناغا قاراپ ماڭدۇق.
بىنا ئىشىكىدە  雄狮山庄大酒店 دېگەن خەنزۇچە  ۋىۋىسكا ئېسىقلىق ئىدى.بۇ سۇجۇ  شەھىرىدىكى داڭلىق مېھمانخانىلارنىڭ بىرى ئىكەن. شىركەتتىكىلەر خاشىكاۋانى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ۋە بىزنى ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش شارائىتىغا  ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ مېھمانخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى نەچچە يۈز كىشىلىك ھەشەمەتلىك يىغىن زالىنىڭ ئىككى سائەتلىكىنى سېتىۋالغان ئىكەن.
بىز ئۇزۇن كارىدۇرنى كىسىپ ئۆتۈپ ئىچكىرىگە كىردۇق.ئايلانما ئىشىكتىن كىرىشىمىزگە مېھمانخانىنىڭ چىرايلىق ياسانغان قىز- ئوغۇل تۆت نەپەر خىزمەتچىسى يان تەرەپتە تۇرۇپ ئەگىلىپ سالام بېرىپ :
-خۇش كەپسىلەر، قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
دېيىشىپ ئالى ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى.بىز بۇرۇن بۇنداق قارشى ئېلىشلارغا ئېرىشىپ باقمىغاچقا بىردىنلا ئەمىلىمىز ئۆسۈپ  ‹‹ئابرۇيلۇق،يۇقۇرى دەرىقىلىك مەمۇرى خادىم››غا ئايلىنىپ قالغاندەك شەرەپ ھىس قىلىشىپ چىرايىمىزدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
بىز زالغا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ زالغا  كىرىپ ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن قارىسام 300كىشىلىكتىن ئارتۇق  ئورنى بار بۇ يىغىن زالىنىڭ  ئورۇندۇقلىرى بىز شىنجاڭلىق نىيۇسكىنچىلار بىلەن لىق تولۇپتۇ.
خاشىكاۋا مۇئەللىم كەلگۈچە نىيۇسكىن شىركىتىنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئەڭ چوڭ ئەمەلدارى ،دۆلەت دەرىجىلىك سېتىش نازارەتچىلىرىدىن تۇرسۇنجان بىلەن بىلەن ئاسىيەلەر بىزگە خاشىكاۋا مۇئەللىمنىڭ كىملىكى،تەسىر دائىرىسى،نىيۇسكىن قىلىپ ئېرىشكەن غايەت زور نەتىجىلىرى،ئۇنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاشقا نائىل بولۇشنىڭ نەقەدەر زور بەختلىك پۇرسەت ئىكەنلىكى ،ھېلى خاشىكاۋا مۇئەللىم كەلگەندە قىزغىن چاۋاكلىرىمىزنى ئايىماي چېلىپ ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قەدرىنى قىلىپ كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆرسەتمىلەرنى بەردى. مەن  ئىگىز بويلۇق، قارا قاشلىق،كۆزلىرىدىن ئۈمىد ۋە ئىشەنچ نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، تېخى ئەمدىلا  يىگىرمە نەچچە ياشلارغا كىرگەن،ئۆزىنىڭ چوڭقۇر بىلىمى ۋە زور تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا ئادەتتىكى نىيۇسكىن قىلغۇچى ئەزادىن دۆلەتلىك سېتىش نازارەتچىسىلىك يۇقرى مەرتىۋىسىىگە كۆتۈرىلەلىگەن مىللىتىمىزنىڭ بۇ پەخىرلىك يىگىتىنىڭ رەسىمىنى خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدىكى نىيۇسكىنچىلارنىڭ تەشۋىقات ژورنىلىدىن كۆرگەن ئىدىم.شۇڭا بىر قاراپلا تونۇۋالدىم.لېكىن مانا ئەمدىلىكتە ئۇ نىمىشقىدۇر كۆزىگە قارا يۇمۇلاق  گەردىشلىك كۆزئەينەك تاقىۋالغان بولۇپ ئالى مەكتەپنىڭ كىتاپنى دۈم يېتىپ تولا ئوقۇپ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئاكتىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 12:16:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇبۇس سۇجۇ شەھرىنىڭ بىزگە ناتونۇش بىر كوچىسى يېنىدىكى كىچىك ماشىنا توختۇتۇش  ئورنىدا توختىدى.ئەخمەتجان بىزگە:
-ھەممەيلەن ماشىنىدىن چۈشۈڭلار،ھازىر ئاڭلاشقا ئېرىشىش ئىنتايىن تەس بولغان بىر قېتملىق دەرسنى ئاڭلاشقا كىرىمىز.بۇ دەرىسنى گەگنېر سېستىمىسىنىڭ ياپۇنىيەدىكى قۇرغۇچىسى ،جۇڭگۇ ۋە ياپۇنىيەدىكى گەگنېر سېستىمىسىنىڭ ئادەملىرى پىر ئەۋلىيا سۈپىتىدە ئەڭ چوڭ كۆرىدىغان خاشىكاۋا مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا كىرىمىز.بۇ كىشىنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ۋە دەرسىنى ئاڭلاش بىز جۇڭگۇلۇقلارغا ئاسانلىقچە نېسىپ بولمايتتى.ئۇ بۇ قېتىم جۇڭگۇغا مۇھىم يىغىن ئىشى بىلەن كېلىپ دۆلىتىگە قايتماقچى بولۇپ تۇرۇپتىكەن. شىنجاڭلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئالايىتەن يىراق سەپەردىن بۇ قېتىىمقى يىللىق يىغىن ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇيىمىز بارلىقىنى ئاڭلاپ ئالدىراش ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىز بىلەن كۆرۈشىدىغان ،بىزگە يېرىم سائەت دەرس ئۆتۈپ بېرىدىغان بولدى.
بىز يېڭىلار بۇ گەپكە بەك ئېرەن قىلىپ كەتمىدۇق.لېكىن  ئارىمىزدىكى نىيۇسكىننىڭ كونا ئەزالىرى بولسا خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ قىن-قىنغا پاتماي قالدى.بىز ئۇلارنىڭ بۇ خىل كەيپىياتىدىن بۇ ياپۇنلۇقنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدۇق.
بىز ماشىندىن چۈشۈپ مەيدان يېنىدىكى يولنى كىسىپ ئۆتۈپ ئۇدۇلدىكى بىر ئىگىز بىناغا قاراپ ماڭدۇق.
بىنا ئىشىكىدە  雄狮山庄大酒店 دېگەن خەنزۇچە  ۋىۋىسكا ئېسىقلىق ئىدى.بۇ سۇجۇ  شەھىرىدىكى داڭلىق مېھمانخانىلارنىڭ بىرى ئىكەن. شىركەتتىكىلەر خاشىكاۋانى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ۋە بىزنى ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش شارائىتىغا  ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ مېھمانخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى نەچچە يۈز كىشىلىك ھەشەمەتلىك يىغىن زالىنىڭ ئىككى سائەتلىكىنى سېتىۋالغان ئىكەن.
بىز ئۇزۇن كارىدۇرنى كىسىپ ئۆتۈپ ئىچكىرىگە كىردۇق.ئايلانما ئىشىكتىن كىرىشىمىزگە مېھمانخانىنىڭ چىرايلىق ياسانغان قىز- ئوغۇل تۆت نەپەر خىزمەتچىسى يان تەرەپتە تۇرۇپ ئەگىلىپ سالام بېرىپ :
-خۇش كەپسىلەر، قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
دېيىشىپ ئالى ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى.بىز بۇرۇن بۇنداق قارشى ئېلىشلارغا ئېرىشىپ باقمىغاچقا بىردىنلا ئەمىلىمىز ئۆسۈپ  ‹‹ئابرۇيلۇق،يۇقۇرى دەرىقىلىك مەمۇرى خادىم››غا ئايلىنىپ قالغاندەك شەرەپ ھىس قىلىشىپ چىرايىمىزدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
بىز زالغا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ زالغا  كىرىپ ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن قارىسام 300كىشىلىكتىن ئارتۇق  ئورنى بار بۇ يىغىن زالىنىڭ  ئورۇندۇقلىرى بىز شىنجاڭلىق نىيۇسكىنچىلار بىلەن لىق تولۇپتۇ.
خاشىكاۋا مۇئەللىم كەلگۈچە نىيۇسكىن شىركىتىنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئەڭ چوڭ ئەمەلدارى ،دۆلەت دەرىجىلىك سېتىش نازارەتچىلىرىدىن تۇرسۇنجان بىلەن بىلەن ئاسىيەلەر بىزگە خاشىكاۋا مۇئەللىمنىڭ كىملىكى،تەسىر دائىرىسى،نىيۇسكىن قىلىپ ئېرىشكەن غايەت زور نەتىجىلىرى،ئۇنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاشقا نائىل بولۇشنىڭ نەقەدەر زور بەختلىك پۇرسەت ئىكەنلىكى ،ھېلى خاشىكاۋا مۇئەللىم كەلگەندە قىزغىن چاۋاكلىرىمىزنى ئايىماي چېلىپ ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قەدرىنى قىلىپ كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆرسەتمىلەرنى بەردى. مەن  ئىگىز بويلۇق، قارا قاشلىق،كۆزلىرىدىن ئۈمىد ۋە ئىشەنچ نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، تېخى ئەمدىلا  يىگىرمە نەچچە ياشلارغا كىرگەن،ئۆزىنىڭ چوڭقۇر بىلىمى ۋە زور تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا ئادەتتىكى نىيۇسكىن قىلغۇچى ئەزادىن دۆلەتلىك سېتىش نازارەتچىسىلىك يۇقرى مەرتىۋىسىىگە كۆتۈرىلەلىگەن مىللىتىمىزنىڭ بۇ پەخىرلىك يىگىتىنىڭ رەسىمىنى خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدىكى نىيۇسكىنچىلارنىڭ تەشۋىقات ژورنىلىدىن كۆرگەن ئىدىم.شۇڭا بىر قاراپلا تونۇۋالدىم.لېكىن مانا ئەمدىلىكتە ئۇ نىمىشقىدۇر كۆزىگە قارا يۇمۇلاق  گەردىشلىك كۆزئەينەك تاقىۋالغان بولۇپ ئالى مەكتەپنىڭ كىتاپنى دۈم يېتىپ تولا ئوقۇپ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئاكتىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.:

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش