ark-ay يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 01:01 PM
چەت نامرات يېزىدا مۇئاشقىلا تايىىنىپ ‹سېرىقتال› كۈن ئ ...
راست،ئائىلە تۇرمۇشۇم ھەقىقەتەن نامرات،ئايالىمنىڭ ئىش ئورنى يوق،مېنىڭ بىر كىشىلىك مۇئاشىم ۋە ئايالىم تېرىۋاتقان ئون موغا يېقىن يەرگە تايىنىپ خىزمەتداشلىرىمغا نىسبەتەن سېرىقتالراق تۇرمۇش كەچۈرىمىز.ھەرقانداق كىشىنىڭ بىر ئاجىز نوقتىسى بولىدۇ.مېنىڭ ئاجىز نوقتام شۇكى كىتاپ بىلەن زامانىۋى ئىلىكتىر سايمانلىرىغا بەكلا ھەۋەس قىلىمەن.نامراتلىقىمغا باقماي نىمە يېڭى چىقسا شۇنى سېتىۋېلىپ تۇرىمەن.چامدان كومپىيۇتېرغا كەلسەك،بەك ئالىسى ئەمەس،توردىن بىريېرىم مىڭغا ئەكەلدۈرگەن تۆۋەن سەپلىمىلىك كومپىيۇتېر.مەن ئۇنى مەكتەپتە دەرس تەييارلاش،يېزىقچىلىق قىلغاندا خاتىرە ۋە قەلەم ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋالغان.مەن ئاىلە ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرىگە پۇل بۇزغىنىم بىلەن باشقا خىزمەتداشلىرىمدەك ئالى سورتلۇق تاماكا،كۈن ئارىلاپ ئىچىلىپ تۇرىدىغان تۆۋىنى 50 يۇقۇرىسى 150 كويلۇق ھاراقلارغا پۇل خەشلىمەيمەن. ھازىر ئىقتىزاد ئىشىدا يۈز ئادەمنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغانلار 20%مۇ چىقمايدۇ. يوللىغان چىاراي ئىپادە رەسىمىڭىزدىن قارىغاندىمۇ مېنى مازاق قىپسىز،بۇ مەن ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش دەپ بىلىمەن.مەن بۇندىن كېيىن تۇرمۇشتا تېجەشلىكرەك بولۇشنى ئۆگەنمىسەم بولمايدىكەن.سىزگە رەھمەت.