mashrab يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 03:35 PM
11-سىنتەبىر دىگەن خەت چاپلانغان سۇ بەك سەت كىرىستال ھاس ...
قېرىندىشىم، تۇمار ئېسىشتەك شېرىك ئەمەللەرنى ھەرگىزمۇ بۇنىڭغا چېتىۋالماڭ. بۇ ياپونلۇق ئالىملارنىڭ بىر تەجرىبىسى ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىكى ھەقىقەتتىن ھۇزۇرلانساق بولىدۇ.
پۈتۈن دۇنيانى يوقلۇقتىن بار قىلىپ ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللاھ قۇرئان كەرىم نى بىزگە يولباشچى قىلىپ بەرگەن. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە چەكلىگەن ئىشلارنى قىلساق توغرا بولمايدۇ.
بىز بۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن ھۇزۇرلانغۇدەك نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر بار ئىكەن، شۇنى كۆرسەكلا بولدى،ئاللاھ چەكلىگەنلىكى ئېنىق ئشىلارنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ كىچىككىنە ھەقىقەتنى كۆرۈپلا ئاز ساندىكى مەزمۇنلىرىنى ئىنسانىي تەپەككۇرىمىز بىلەن تۇمار ئېسىشتەك ناچار قىلمىشلارغا باغلىۋالمايلى. ئۇنىڭسىزمۇ بۇ فىلىمدە سىز بىلەن بىز ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى تەپەككۇر قىلغۇدەك نۇرغۇن مىساللار بار ئىكەن.
مەيلى راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن بۇنى كۆرسىڭىز ھاياتىڭىزغا ۋە ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىتقا ۋە باشقا قېرىنداشلىرىڭىزغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىڭىزگە پايدىسى بار دەپ قارايمەن. بۇ ماڭا ئىستىتىك زوق بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈنلا يوللىغان ئىدىم.
ئىنسان پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا بولمايدۇ!
ئەگەر ئۇنىڭ يالغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ئىسپاتلارنى تاپقان قېرىنداشلار بولسا، يوللاپ قويساڭلار بۇ تېمىنى ئۆچۈرىۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TILSIMAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-19 08:57 PM