mashrab يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 03:35 PM
11-سىنتەبىر دىگەن خەت چاپلانغان سۇ بەك سەت كىرىستال ھاس ...
قېرىندىشىم، بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلارنى مەن 100% توغرا دەپ ھۆكۈم قىلالمايمەن، سىزمۇ ھەم 100%خاتا دېيەلمەيسىز. بۇ مەزمۇنلار يالغان بولسا، قېرىنداشلارنىڭ ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ھازىر كۆپىنچە مۇنبەرلەردە مۇشۇ تېما. توغرا، ھازىر مەيلى جەمئىيىتىمىزدە بولسۇن ۋە ياكى باشقا جايلاردا بولسۇن بەزىلەرنىڭ قەستەن خاتا مۆجىزىلەر بىلەن بىزنى قايمۇقتۇرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز. ئەتراپىمىزدا بىرەر قوي توغرۇلۇق گەپ چىقسا ئۇنى يالغانغا چىقىرىپ بىرمۇنچە سۆزلىدۇق. ئەمدى قوپۇپ دۇنيا ئالىملىرىنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى دەلىللەپ بېرىدىغان تەجرىبىسىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئاللاھ ئوچۇق ئاشكارە چەكلىگەن ئىشلارنى قانۇنلاشتۇرىدىغان رەزىل نىيىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا كۈچەۋاتىمىز؟ كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرىۋىلىپلا قالايمىقان سۆزلىسەك توغرا بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە سىز دەۋاتقان ئىش بىلەن بۇ ئىككىسى ئىككى ئىش تۇرسا. بۇ ھەقىقەتنى سىز بىلەمسىز ياكى ياراتقان ئىگىڭىز بىلەمدۇ؟
مەن بۇنى ئىلمىي جەھەتتىن دەپ بىلىپ يوللىدىم. خاتا دېگۈچىلەر ئىسپات كەلتۈرسەڭلار بۇ تېمىنى ئۆچۈرىۋىتىشنى مەن ئۆزۈم تەلەپ قىلىمەن. مەن بۇنى مۆجىزە دەپ بىلىپ باشقىلار بېشىغا كۆتۈرۈپ، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىنكار قىلسۇن، بۇ تېمىنى يامان جەھەتتىن بۇرىسۇن دەپ يوللىمىغان. ئەگەر ئىدىيىرىڭىزدىن ئۆتمىسە سىزنى ھېچكىم زورلىمايدۇ، لېكىن بۇنى باھانە قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئىسپاتسىز ھالدا يول ئاچىمەن دېسىڭىز بۇ قۇرۇق گەپ!!!!
ئەقلىي تەپەككۈرى نورمال ھەرقانداق ئادەمگە بۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدىغان نۇرغۇن مەزمۇنلار بار ئىكەن دەپ يوللىغان. بەزىلىرىڭلار بۇ ئىككىسى ئىككى ئىش تۇرسىمۇ يەنە ئىسپاتسىز ھالدا ئۆز مەقسىتىڭلارغا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەستەن پۇتاق چىقىرىۋاتىسىلەر. مەن بۇنى ئىلمىي تەجرىبە دەپ بىلگەچكە يوللىدىم.خاتا بولسا ئۆچۈرىۋىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن. ئاللاھ چەكلىگەن ئىشنى توغرا دەپ قارىساڭلار ئەگەر ئاشۇ سۆزلىرىڭلارنى ئىسپاتلاشقا بىزنى قايىل قىلغۇدەك ئىسپاتىڭلار بولسا سۆزلەڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارنى گۇناھكار قىلىدىغان سۆزلەردىن ساقلىنىڭلار.
سىزنىڭ تۇمار ئېسىشنى بۇنىڭغا باغلىۋىلىپ، تېمىنى بۇرىشىڭىزدىن مەن بەك ھەيران. ئەگەر بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار ھەقىقەتەن راست بولسا، بۇنىڭلىق بىلەنلا ئىسپاتسىز ھالدا سىز دېگەندەك ‹ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇمار ئېسىش، ئويلاپ قېقىشلىرىغىمۇ ئىلمى ئاساس چىقىدىغاندەك قىلىدۇ.› دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغىلى بولمايدۇ. بوپتۇ بىلمەي تۇرۇپ تۇمارنى ياخشى سۆزنى بىلدى دەپمۇ تۇرىلى، سىز بۇنىڭلىق بىلەن نېمە دېمەكچى؟ تۇمار بىلسە بىزگە نېمە ئىش قىلىپ بېرىدۇ؟ شۇ تىلەكلەرنى ئىككى قولىمىزنى كۆتۈرۈپ ئاللاھ دىن بىۋاستە تەلەپ قىلماي، تۇمار ئارقىلىق تەلەپ قىلامدۇق؟ بۇ ئىسلامدا ئېنىق چەكلەنگەن شېرىك كەلتۈرۈش بولماي نېمە؟
ئۇنتۇماڭ، سۇنىمۇ ئادەم بەدىنىنىمۇ ئۇلۇغ ئاللاھ ياراتقان، ئەگەر سىز بۇ نۇقتىنى توغرا دەپ قارايدىغان مۇسۇلمان پەرزەنتى بولسىڭىزلا، ئاللاھنىڭ ھەرقانداق ئىشنى پەقەت ئۆزىدىنلا بىۋاستە تەلەپ قىلىشنى، باشقا شەيئىلەرنى ئۆزىگە ۋاستىچى قىلماسلىقنى بۇيرۇغانلىقىدەك ھەقىقەتنى چوقۇم بىلىسىز دەپ ئويلايمەن. بولمىسا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى بولۇپ قالىمىز. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئېغىر گۇناھ نەق شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىدۇر!
ئاللاھ زېمىننى ۋە زېمىندىكى ھەممە شەيئىنى ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن. بۇنىڭغا ئەمەلىي مىساللار بەك جىق. بۇ فىلىم راست بولسا بۇ فىلىمدە بىز ئادەتتە ھېس قىلالمايدىغان ھادىسىلەر بايان قىلىنغان. يۇقىرى ئىقتىدارلىق مېكروسكوپلاردا كۆزىتىلگەن ئالىملارنىڭ تەجرىبىسى.
ئۇنتۇپ قالماڭ، بۇ فىلىمدا ئادەم سۇنىڭ ھېسسىياتى بويىچە ئىش قىلماپتۇ، سۇ ئادەمنىڭ خارەكتىرىگە قاراپ ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ. سىزنىڭ دېگىنىڭىزچە بولغاندا ئادەم تۇمارنى ھېس قىلىشى كېرەك بوپ قالىدۇ. بۇ فىلىمنى مىسال قىلىپ، تۇمار ئېسىشنى بۇنىڭغا باغلىۋالىمەن دېسىڭىز بولمايدۇ، بۇ فىلىمدە بۇ ئىككىسى ئىككى ئىش.
ئۇلۇغ ئاللاھ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئىنسانلارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ، ئاللاھنىڭ ياراتقان قانۇنىيىتى بويىچە ئىنسان بەدىنى جانسىز شەيئىلەردىكى ھادىسىلەرنى بايقىيالمايدىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇلارنى ئىسپاتسىز ھالدا بەك ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىدىغانغا باھانە ئىزدىسەك بولماس.
كېسىپ ئېيتقاندا، مەيلى بۇ راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى ھەممە ئىشنىڭ ئىنساننىڭ نىيىتىگە قاراپ بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئالەمنىڭ خۇدالىق ئالەم ئىكەنلىكىنى، ھەرۋاقىت ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىگە يۈز كېلەلىگەن ئاساستا توغرا نىيەت بىلەن ياشىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتسەك مۇشۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. لېكىن ھەرگىزمۇ خاتا ئىدىيەلەرگە كۆڭلىمىزدىن ئورۇن بەرمەيلى، بولمىسا قارا كۆڭۈل بولۇپ كېتىمىز.
بەزىلىرىڭلارنىڭ ئىسپاتسىز ھالدا ئارتۇقچە تالاش-تارتىش قىلىپ، بۇ تېمىنى ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىل خاتا ئىدىيەلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
قېرىنداشلار، نىيىتىمىزنى بۇزۇپ ياشىساق، ياشىغىنىمىزنىڭ قىلچىلىك قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئورنىغا ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا مەنپەئەتلىك ، ئىككىلا ئالەملىك ھاياتىمىز ئۈچۈن ساۋاپلىق ئىشلارنى جىق قىلساق دەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TILSIMAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-19 08:51 PM