ئەلۋەتتە مىنىڭ ھازىرقى سەۋىيەم بىلەن بۇ فىلىمدە ئىيتىلغان تەپسىلاتلارنى توغرا يا خاتا دىيەلمەيمەن . شۇندىمۇ چەتئەللىك بەزى ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ھەر ھالدا ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك دەپ قارىغانلىقم ئۈچۈن بۇلارنى تورداشلار بىلەن پىكىرلىشپ بىقىشنى لايىق تاپتىم . بۇ قاراشلار تەجىربىدىكى بەزى يوچۇقلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن . قىنى كۆرۈپ باققايسىلەر .
1-يوچۇق : سۇ كىرىستالىنىڭ شەكىللىنىشى پەقەت تىمپراتۇرا ۋە نەملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
كالفورنىيە سانائەت ئۇنۋىرسىتىتى فىزىكا فاكۇلتىتى مۇدىرى كىنىس رىبىچىت سۇ كىرىستالى تەتقىق مۇتەخىەسسىسى بولۇپ، ئۇ كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ : تىمپراتۇرا بىلەن نەملىك سۇ كىرىستالىنىڭ شەكلى ۋە ھالىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئىككى ئامىل . ئەگەردە كىرىستاللىشىش تىمپراتۇرىسى 5-سىلسىيە گىرادۇستىن 10-سىلسىيە گىرادۇس ئارلىقىدا بولسا ، كرىستال سىلىندىرسىمان ياكى يىڭنىسىمان تۇزۇلۇشتە شەكىللىنىدۇ . تىمپىراتۇرا 15-سىلسىيە گىرادۇسقا بارغاندا ، سۇ كىرىستالى دانچىسىمان قارگۈلى بولۇپ شەكىللىنىشكە مايىلراق بولىدۇ . قارگۈلى كىرىستالىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى نەملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك . نەملىك قانچە تۆۋەن بولسا قارگۈلى كىرىستالىنىڭ شەكلى شۇنچە ئاددى بولىدۇ . بۇ خىل ئەھۋاللار سۇ كىرىستالى مۇڭلۇق مۇزىكا ئاڭلاش ئاڭلىماسلىق بىلەن ، مىھىرلىك سۆزلەرنى كۆرۈش كۆرمەسلىك بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق .
2-يوچۇق : جياڭ بىننىڭ تەجىربىسى رەسىمنى ئىسپات نەتىجىسى قىلىپ تاللىغان .
2006-يىلى 4-ئايدا ئامىرىكا ‹‹يىڭى ئالىملار›› ژۇرنىلى روبىرت ماكسىيۇس نىڭ تەھلىل ماقالىسىنى ئىلان قىلغان . ماقالىدە ماكسىيۇس جىياڭ بىنشىڭ نىڭ تەجىرىبە لايىھەسىدە مەشغۇلات خاتالىقى بار دەپ قارىغان يەنى« ئۇ رەسىمدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تاللىغان ، جىياڭ بېنشىڭ پۇتكۇل تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئەسلا كۆرسەتمىگەن ، ئۇ پەقەت ئۆزىگە پايدىلىق رەسىملەرنىلا تاللاپ ئىلىپ قالغان ھەمدە ئۆزىنىڭ تەجىربىە نەتىجىسىگە زىيانلىق تەرەپلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان. مەسىلەن 100پارچە رەسىمنىڭ ئىچىدىن ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئەڭ قوللايدىغان بىر پارچە رەسىمنى تاللاپ چىقىپ ئىلان قىلغان››دىىگەن .
جىياڭ بېنشىڭنىڭ قارا پەردىسىنى يىرتىپ تاشلىغان بىر تەتقىقاتچى مۇنداق قارىغان : بىتخوۋىننىڭ سىمفونىيىسىنى قويۇپ بولغاندىن كىيىن ، جىياڭ دوكتۇر نەچچە يۈزلىگەن كىرىستاللار ئىچىدىن پەقەت ئەڭ چىرايلىق بولغان بىر تال كىرىستالنى ئىلىپ كىتابقا قىستۇرغان ؛ ئاندىن سۇغا يىقىمسىز روك مۇزىكىسىنى ‹‹ ئاڭلىتىپ ›› بولغاندىن كىيىن جىياڭ بېنشىڭ ئەڭ كۆرۈمسىز بولغان كىرىستالنى تاللاپ چىققان . بۇنداق بولغاندا ، ھەرقانداق كىشى ئۆزى خالىغان نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ .
ساختىلىقنىڭ ئارقىسىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەت
جىياڭ بىنشىڭ ئادەتتە سۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ‹‹دولقۇن››غا يىغىنچاقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بۇ ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن مەھسۇلات سىتىش خىزمىتىنىڭ بىزەكلىرى دەپ گۇمانلانغان .
جىياڭ بىنشىڭ سۇنىڭ بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىنى بىر قاتار ئىلان قىلىۋەتكەندىن كىيىن ھەرخىل قاملاشمىغان سۆزلەر بىلەن ‹‹ ئەگەردە تاشقى دۇنيانىڭ ھىس تۇيغۇسى سۇ مولىكۇلىسىنىڭ تۈزۈلىشىگە تەسىر قىلسا ئۇنداقتا بىزنىڭ 75پىرسەنتتىن تۈزۈلگەن بەدىنىمىز قانداق تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ ›› دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان . ئۇ شۇندىن كىيىنلا سۇ تاشقى دۇنيانىڭ كەيپىياتىنى ھىس قىلالىشىدەك بۇ سەپسەتىنى ئاتالمىش <<يۇقىرى قۇۋۋەتلىك سۇ>>نى سىتىشقا ئىشلەتكەن . جىياڭ بىنشىڭنىڭ شەخسىي توربىكىتىدە ، بۇ خىل << Indigowater >> ئائىت تونۇشتۇرۇشلار ۋە
ئۇلىنىشلار بار . بۇ خىل قۇۋۋەت سۈيى ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى كىسەلنى داۋالىيالايمىش ، ئىلانىدىمۇ جىياڭبىنشىڭ تەرىپىدىن ئىنتايىن مۇكەممەل دەپ تەرىپلەنگەن .
جىياڭ بىنشىڭ بۇ خىل سۇنى <<ھۈجەيرە مولىكۇلىسى نۇقتىنەزىرىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ، بۇ خىل سۇنى ئادەم بەدىنى تىخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ >> دەپ تەسۋىرلىگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ سىتىلىش باھاسى 35دوللار ھەر 8 ئۇنسىيە بولغان . ئەمىلىيەتتە بۇ خىىل سۇنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن جەنۇبىي كالفورنىيە بالاما تىغىدىن مىنرال سۇ ئىلىپ كىتىدىغانلىقى،ئاندىن بوتۇلكا ئۈستىگە ماركا چاپلاپ قويىدىغانلىقى ،بۇ ماركىلارنىڭ شۇنداق گۈزەل،ئىجابىي سۆزلەر بىلەن تولغانلىقى ئاشكارىلانغان .
مىدىتسىنا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىدىن باشقا ، IHM گوروھىنىڭ باش قۇرغۇچىسى ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيتى ، بۇ گورۇھنىڭ تارمىقىدا بەش شىركەت بار . ئۇنىڭ بىرسى بولسا پۇتكۇل دۇنيادا دولقۇنسىمان داۋالاش ئىلىپ بارىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ .
ئەمما يەنە بەزى كىشلەر جىياڭ بىنشىڭ نىڭ تەجىربىسىنى ئىلمىي ئاساسى بار دەپ قارىغان . ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، سۇ مولىكۇلىسىمۇ بىر خىل زەررىچە .، ئەينەككە ئوخشاش تاشقى دۇنيانىڭ ئوي پىكىرىنى ، تىلىنى ، مۇزىكا ۋە رەسىمنى ئىسىدە ساقلىيالايدۇ ھەمدە ئۆزنىڭ تاشقى تۈزۈلىشىىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ .
ئەسلى مەنبە :
http://news.163.com/11/1217/04/7LETO1MM00014AED.html
ئۈستىدىكىلىرى ھەرخىل ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قاراشلىرى . قايسىنىڭ توغرا قايسىنىڭ خاتا بۇ تىخى ھەممەيلەنگە قاراڭغۇ .
لىكىن مەنچە جىياڭ بىنشىڭنىڭ بۇ تەجىربىسى يەنىلا گۇمان قىلىشقا ئەرزىيدۇ . قايسى كۈنى خەنزۇچە تور بىكەتتە شۇنداق چىرايلىق سۇ كىرىستالىنىڭ رەسىمىنىڭ ئۈستىگە بۇددا دىنىنىڭ ئامىتابا دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچىسى ۋە يەنە بىر ئۇمۇ شۇنداق چىرايلىق كىرىستالنىڭ رەسىمىنڭ ئۈستىگە بۇددا دىنى دىگەن خەتنىڭ خەنزۇچىمۇ يا ياپونچىسىمۇ يىزىقلىق تۇرغىنىنى كۆردۈم . ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بۇمۇ جىياڭ بىنشىڭنىڭ تەجىربىسىدىن ئىرىشكەن نەتىجىمىش . بۇنىڭ بىر قاراپلا قاتتىق يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز .
يەنە بىرگە مۇشۇ فىلىمنىڭ بىشىدىمۇ مەلۇم بىر ساغلاملىق ئورنىنىڭ ئادىرىسى بىرىلگەن . بۇمۇ بەلكىم ئاتالمىش شۇنداق << قۇۋۋەت سۈيى>>سىتىش دۇكىنى بولىشى مۇمكىن .