GULGUN يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:05 AM
ئاللا دېگەن سۆزنى يازسا قانداق شەكىل چىقدىغاندۇ؟شاراي ...
ئەگەر بۇ تېمىدىكى مەزمۇن راست بولسا بىزمۇ سىناپ باقساق بولاتتى.
لېكىن سىز بىلەن بىزدە ئالىملار بۇ خىل ھادىسىنى كۆرۈشكە ئىشلەتكەن يۇقىرى تېخنىكىلىق مىكروسكوپلار ۋە باشقا شارائىتلار يوقتە؟
مۇمكىن بولسا بۇنىڭ راست يالغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇماتقا ئېرىشسەك بەك ياخشى بولاتتى، ئولتۇرىۋىلىپ ئىنكار قىلىش ئەمەس. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ۋە دىيارىمىزدىكى ئاشۇنى سىناق قىلالايدىغان تەجرىبىخانىدا ئىشلەيدىغان ئالىم دەرىجىسىگە يەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىر سىناق قىلىپ بىزگە خەۋىرىنى بەرگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى. باشقا يەرلەردىكى بىزنى قايىل قىلغۇدەك ئىشەنچلىك مەلۇمات بولسىمۇ مەيلىتى.
مەيلى راست بولسۇن يالغان بولسۇن باشقىلار قانداق ھېسسىياتتا ئۇنى بىلمىدىم، لېكىن مەن ئۆزۈم ئۇنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىتقا نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىدەك بەك مۇھىم ھەقىقەتنى ھېس قىلىپ، ئىستىتىك زوق ئالدىم.
راست يالغانلىقىنى ھامان بىركۈنى بىلىمىز، مەيلى قانداق نەتىجە چىقسۇن، بىزنىڭ ئاللاھ قا بولغان ئېتىقادىمىز مۆجىزە كۆرمىسەكمۇ داۋاملىق مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك.
مۆجىزە كۆرسەك ئېتىقادىمىز چىڭىپ ، كۆرمىسەك بوشايدىغان ئىش بولسا بىز ئېزىپ كېتىمىز.
پۈتكۈل كائىناتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئان كەرىم نى چىن قەلبىمىزدىن ئوقۇپ، چۈشىنىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا ماڭساقلا ئىككى دۇنيالىق مەنزىلىمىز بەك گۈزەل بولىدۇ.