turklan يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 07:51 PM
بۇفىلىم چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ فىلىمنىڭ ئەسلىي بىر ئېل ...
قېرىندىشىم، ئەگەر بۇنىڭ يالغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بولسا دەۋەرسەڭلار بولىدۇ. مەنمۇ بىر ئىنسان بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ فىلىم ماڭا زور ئىستىتىك زوق بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە ئالىملار تەجرىبە قىلىپ ئېرىشكەن دېگەندەك مەزمۇنلار بولغانلىقى ئۈچۈن يوللاپ قويغانتىم.
بۇ فىلىم مەيلى راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن، بۇ فىلىمدا بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگىدەك نۇرغۇن پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئالغا سۈرۈلۈپتۇ. شۇنىڭدىن ئىلھاملانساقمۇ بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى 31-قەۋەتتىكى ئىنكاسىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئېيتقان سۆزۈمنى قايتا تەكرارلاپ قوياي:
ئەڭ مۇھىمى ھەممە ئىشنىڭ ئىنساننىڭ نىيىتىگە قاراپ بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئالەمنىڭ خۇدالىق ئالەم ئىكەنلىكىنى، ھەرۋاقىت ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىگە يۈز كېلەلىگەن ئاساستا توغرا نىيەت بىلەن ياشىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتسەك مۇشۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. لېكىن ھەرگىزمۇ خاتا ئىدىيەلەرگە كۆڭلىمىزدىن ئورۇن بەرمەيلى، بولمىسا قارا كۆڭۈل بولۇپ كېتىمىز.
بەزىلەرنىڭ ئىسپاتسىز ھالدا ئارتۇقچە تالاش-تارتىش قىلىپ، بۇ تېمىنى ئۆزىنىڭ رەزىل خاتا ئىدىيەلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىدىن بەك ئەپسۇسلاندىم.
قېرىنداشلار، نىيىتىمىزنى بۇزۇپ ياشىساق، ياشىغىنىمىزنىڭ قىلچىلىك قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئورنىغا ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا مەنپەئەتلىك ، ئىككىلا ئالەملىك ھاياتىمىز ئۈچۈن ساۋاپلىق ئىشلارنى جىق قىلساق دەيمەن.