غوجا يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 01:01 PM
سىز ھوزۇر توغرىلۇق باشقىلاردىن سوئال سورىمىسىڭىزمۇ ب ...
ھە شۇندامۇ تېخى شۇندا ھوزۇرلىنىدىكەنمىزدە؟! ھە...ئۇنداق بولسا مەن بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەي :بىر ئادەم ئۆيىدىن بىر خاتا ئەخلەتنى ئېلىپ چىقىپ نېرىدىكى ئەخلەت دۆۋىسىگە پەرۋاسىزلارچە پېقىرىتىپ تاشلىۋېتىپ كەينىگىمۇ قارىماستىن كېتىپ قالدى.بۇ چاغدا يەنە بىر كىشىمۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ بۇ كىشىمۇ ئۇ كىشىنىڭ ئەخلەتنى قانداق تۆككەنلىكىگە ئازراقمۇ دىققەت قىلمىغان ئىدى.ئەگەر ئۇ كىشى دىققەت بىلەن قارىغان تەقدىردىمۇ بىرەر مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.ئەخلەت تۆككەن كىشىگە دىققەت قىلغان بىر نەرسە بار ئىدى ئۇ بولسىمۇ ئەخلەتخانىدىن ماكان تۇتقان قېرى چىۋىن ئىدى.ئۇ قېرى چىۋىن ئەخلەت پېقىرتىپ ئۈستىگە تاشلانغاندا قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى .چۈنكى ئۇ ئەخلەت چىۋىن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئوزۇق مەنبەسى ئىدى.تېخى بۇلا ئەمەس .چىۋىن بۇ ئەخلەتلەرنى تولىمۇ ياخشى ماكان دەپ بىلەتتى ئۇنىڭ مۇشۇ ئەخلەت ئارىسىدىكى تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسى تولىمۇ كۈچلۈك ئىدى ئۇ ھوزۇرنىڭ نېمىلىكىنى مەن ھەممىدىن ياخشى بىلسەم كېرەك دەپ ئويلايتتى ...ئۇ ھەر قېتىم مۇشۇ خىياللارغا كەلگەندە تېخىمۇ ھوزۇلىنىش ھېس قىلىپ يىرگىنىشلىك گىژىلداپ كېتەتتى...
ھوزۇرلىنىش قىممىتى بار ئەسەر يېزىپتىمەنمۇ؟ئەگەر بۇ ئەسەر چەتئەلدە يېزىلىپ دۇنيا ئەدەبىياتىغا بېسىلغان بولسا چوقۇم ياقتۇرۇپ ئوقۇيسىزغۇ دەيمەن؟قېنى ئەمىسە ياقتۇرۇشىڭىزغا سۇندۇم ھوزۇرلىنىڭە...