ئەجەبا چۈشەنمىگەن، ئارقا كۆرۈنىشىگە يېتەلمىگەن ئەسەر بىمەنە تۇيۇلسا چوقۇم ئۇنى تىللاش، يازغۇچىنى، يوللىغۇچىنى چىشلەپ تارتىپ، بىر خەقنىڭ يازغان ئەسىرىنى كۆچۈرۈپ ئەكەلگەنگە ئۇنىڭغا دىندىن، تۇرمۇشتىن، ئەقىدىدىن، ۋىجداندىن، ئىتىقادتىن... چىشلەپ تارتىپ ھەرخىل قالپاقلارنى كېيگۈزۈش مۇھىممۇ؟ چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەكمۇ؟
بۇ تېمىنى چۈشەنگەن، ياقتۇرغان، ئارقا كۆرۈنىشىگە يەتكەنلەر چوقۇم مۇشۇنى چۈشەنمىگەنلەرگە چۈشەندۈرۈشى، مېڭىسىگە قۇيۇشى، راۋرۇس بىلدۈرۈشى، ئېزىپ ئىچۈرۈشى، «چۈشەندىم» دېگۈزۈشى كېرەكمۇ؟
مۇختار بۇغرانىڭ مانداق بىر سۆزىنى ئوقۇغانىدىم «بىر شىئېرىمدىن ھەربىر كىشى ئۆزگىچە مەنا ھىس قىلسا مانا بۇ شىئېر، ئەگەر ھەممىلا كىشى ئوخشاش بىر مەنانى ھىس قىلسا بۇ قاپقارا مەنىسىزلىك»، بۇ گەپنى چۈشىنىش تەس ئەمەسقۇ دەيمەن؟
بۇ ھىكاينى شەخسەن مەن ياقتۇردۇم (ياقتۇرغانلىقىم ئۈچۈن چىشلەپ تارتىدىغانلار بولسا قارشى ئالىمەن)، ئەدەبىيات ئۇنداق تار، ئۇنداق كىچىك دائىرىدىكى نەرسە ئەمەس.
شۇڭلاشقا چۈشەنمىگەنلەر تېما ئىگىسىگە، يازغۇچىغا ۋە تەرجىمە قىلغۇچىغا ھۇجۇم قىلماي، «چۈشەنمىدىم» دېگەن گەپ بىلەن كۇپايىلەنسىمۇ بۇ ئەسەرنى ياقتۇرمىغانلىقىنى ئىپادىلەپ چىقالايتتى ئەسلى، ئۇنىڭغا بىرمۇنچە گەپ قىستۇرۇپ، گەپنى ئۇزارتقۇچە...
چۈشەنگەنلەر، ياقتۇرغانلار، يوللىغانلارمۇ ئاشۇ چۈشەنمىگۈچى بىلەن تەڭ بولماي، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى نەقىل ئالماي تۇرۇپمۇ ئۆز چۈشەنچىسى، بايقىغىنى، قايسى تەرەپتىن قانداق ھوزۇر ئالغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويسا مۇنازىرە چىرايلىق داۋاملىشاتتى.
دېمەكچى بولغىنىم، ئويلاپ بېقىڭلار، بىر ھىكايىنى دەپ بىردەمدە بىرنەچچە قىرىندىشىمىز ئازارلىشىپ قالدى، بۇنى قانچىڭلار «شۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدۇ» دەپ قارايسىلەر؟