FIRDEWIS يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 08:25 PM
داۋامى...قېرى چىۋىن شۇ خىل ھالەتتە ياشاپ كېتىۋەردى ھېلى ...
مەن ئىنكاسنىڭ بېشىنى كۆرمەپتىمەن، سىزنىڭ مېنى نېمىنى چىشلەپ تارتتىڭ دەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمىدىم. شۇنداق ھوزۇر بىلەن يېزىپ مەغرۇر ھېس قىلغاندەك تۇرىسىز، گارسىيا ھېكايىسىنىڭ سىزگە بەرگەن تەسىرى مۇشۇنچىلىك ئىكەن، بۇمۇ بولىدۇ، «چىۋىنغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇ مىكروبنى تازىلىيالايدۇ، ئۇ بولمىسا بەزى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ.» گارسىيا مۇنداق دەيدۇ، ئىشەنگۈسىز رېئاللىقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نۇرغۇن كىتاب يېزىشىم كېرەك ئىدى. 20 يىلغا يېقىن ياشىغاندىن كېيىن، بىر نەچچە سائەت ۋاقتىمنى چىقىرىپ، قىزىل پۇرچاقنىڭ ئۇسسۇلىدىن قانغىچە ھوزۇرلاندىم، خۇددى سانسىز قېتىم شۇنداق ھوزۇرلانغاندەك. ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ماڭا «قىزىل پۇرچاقنىڭ ئىچىدە بىر تىرىك قۇرت بار» دەپ چۈشەندۈردى. ئەمما بۇ چۈشەندۈرۈش ماڭا تولىمۇ مەززىسىز ۋە ئاددىي تۇيۇلدى. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى پۇرچاقىنىڭ ئىچىدىكى قۇرتنىڭ مىدىرلىشى ئەمەس، بەلكى پۇرچاق ئىچىدىكى قۇرتنىڭ پۇرچاقىنى مىدىرلاتقانلىقىدۇر. ئەسەردىكى ۋەقەلىك رېئاللىقنى غۇۋا ئەكىس ئەتتۈرگەن، قانداق كۆزىتىش ۋە كۆرۈش ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. سىزگە قانداق ھوزۇرلىنىشنىمۇ دېمىگەن، ئەقىللىقلىق قىلىپ، مۇنداق ھوزۇرلىنىڭ دېگەندەك، جاۋابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاپسىز.