izdinish يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 08:36 PM
مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىپ تۇرۇپ ،مۇسۇلمانغا خاس دۇنيا ...
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
پاھ، پاھ، پاھ، رەھمەت ماڭا بەرگەن ئۇنۋانىڭىزغا.
مەن تېخى ئىتىقاد ۋە ئىمان توغرىسىدىكى باھانى بىر ياراتقان رەببىم بېرىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.
جېنىم قىرىندىشىم، مەن بۇنداق دىندىن سۆزلەپ چۈشكىدەك بىرەر ئېغىز گەپ قىلغان بولسام پاكىتى بىلەن سۆزلەڭ، بۇ مېنىڭ تەلىپىم!
مېنىڭ دېگىنىمنىڭ نەرى خاتا؟ مەن خاتا پىكىر قىلىپ قانداق قىلدىم؟ ئەجەبا مۇسۇلمانغا خاس دۇنيا قاراش تىكلىگەن ئادەم ئىناقلىقنى، بىرلىكنى تەشەببۇس قىلمامدىكەن؟ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى مۇسۇلمانغا خاس دۇنيا قاراش ئۆز قىرىنداشلىرىنى ئەيىپلەش بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپامدۇ؟
شۇنچە چىرايلىق سۆز ئىبارىلەر بىلەن ئىختىلاپ تۈگىتىش توغۇرلۇق بەرگەن پىكىرىم سىزگە مۇسۇلمانغا خاس تۇيغۇ بەرمىگەن بولسا، سىزدىن شۇنى سەمىمىي سوراپ باقاي:
1. سۆزلىگەن سۆزۈمنىڭ قايسى قىسمى مۇسۇلمانغا خاس ئەمەس؟ ھىكايىنى ياقتۇرغانلىقىممۇ ياكى ئۆز قىرىنداشلىرىمنىڭ ئىختىلاپىنى توسقانلىقىممۇ؟
2. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى مۇسۇلمانغا خاس دۇنيا قاراشنىڭ ئىپادىسى قانداق؟
3. ئۆز-ئارا ئىختىلاپنى چەكلىگەنلىكىمنىڭ خاتا يېرىنى دەپبىرەلەمسىز؟
4. مېنىڭ ئىنكاسىمدا بۈيۈك دىنىمىز ئىسلامغا، ۋە دىنىمىزنىڭ ئۇلۇغلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، بۇزىدىغان، ئۇنى بۇرمىلايدىغان سۆزلەر بولسا كۆرسىتىپ بېرەلەمسىز؟
يۇقارقى سۇئاللىرىمغا جاۋاب بېرىپ خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز سىزدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن، ۋە ئىنكاسىمنى ئىنكار قىلىمەن، بولمىسا سىز ماڭا تۆھمەت قىلغان بولىسىز، بۇنى بىلەرسىز ھەقىچان؟
مۇنازىرىنىڭ قائىدىسى بويىچە تىل تەككۈزمەي، چىرايلىق سۆز ئىبارىلەر بىلەن باشلىدىم، سىزنىڭمۇ دىققەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن.