merwayit يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:02 PM
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
بۇ ئىنكاسىڭىزدىن نېمە دېمەكچى ئى ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
مەنمۇ سىزنىڭ كۆز قاراشلىرىڭىزغا قوشۇلىمەن،مەنمۇ ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن.شۇنداقلا بۇنداق ئەسەرلەرنى زادى يوقىتىش كېرەك دەپ تۇرۇۋالمايمەن.(ھەم ئۇنداق قىلىشمۇ قولۇمدىن كەلمەيدۇ ) ئەمما مەن بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن قېرىنداشلىرىمنى، مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا «زەھەر»لىنىپ قالمىسۇن دەپ ئويلايمەن شۇڭا جىكىلەپ قويىمەن.بۇ خۇددى بىر بالا يەنە بىر دوستىغا «يولدىن ئاۋايلاپ ماڭ» دەپ جېكىلىگەنگە ئوخشاش سەمىمىي تەكلىپ خالاس.
سىز «سەنئەت» دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىپسىز،ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقاي،«سەنئەت» دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ بىز مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟بىزگە نىسبەتەن «سەنئەت»نىڭ قانداق ئىجابىي ئەھمىيىتى بار؟
بۇ سوئاللارنى سىزگە قالدۇردۇم،ئەلۋەتتە مەن بۇ مەسىلەرگە نىسبەتەن بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە لېكىن سىز بىلەن بۇ جەھەتتە سىز بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى خالايمەن..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا FIRDEWIS تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-1 01:10 AM