مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور ھەققىدە قىسسە(شاھنامە 11-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2863
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25971
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7710 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 12:11:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەككىزىنچى كۈنى شاھ ئوۋغا چىقتى.مىڭ لەشكەر ئۇنىڭغا  ھەمراھ بولۇپ بىرگە چىقتى. بۇ باھار پەسلى بولۇپ ئوۋنىڭ ئالتۇن پەسلى ئېدى. دەشت-باياۋان قۇلان بىلەن تولغان ئېدى.قۇلانلار نەچچە توپ بولۇپ كىچىكلىرى بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئوينىسا ئەركەكلىرى بايتال تالىشىپ بىر بىرى بىلەن جەڭ قىلىشار ئېدى. بەھرام قولىدا كاماننى ئوينىتىپ ماھىرلىق بىلەن ئوۋ ئوۋلىماقتا ئېدى.تۇيۇقسىز يېقىنلا يەردە جەڭ قىلىشىۋاتقان  ئىككى ئەركەك قۇلان   كۆرۈندى.ئۇلار بىر-بىرىنى قان ئىچرە پايمال قىلىشىپ بىرى يېڭىلدى.غالىپ چىققىنى باياۋان ئارا يۈرۈپ بىر ئۇرغاچى قۇلانغا زور سالدى.  شاھ بۇ ھالنى كۆرۈپ ئۇنى ئاتماق بولۇپ قادىر خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇپ ئىككى ئۇچلۇق ئۆتكۈر ئوقتىن بىرنى يايغا ئورناتتى.ئوقنىڭ ئۇچىنى قۇلانلار تەرەپكە قارىتىپ كىرىچنى راسا تارتىپ قويۇۋەتتى.ئوق شىددەت بىلەن ئۇچۇپ بېرىپ  جۈپلەشكەن قۇلانلارنى بىر بىرىگە چەمبەرچەس مىخلىۋەتتى.دېمەك ئۇ بىر تال ئوق بىلەن ئىككى قۇلاننى بىمالال ئېتىپ يىقىتتى.ئەسكەرلەر بۇ كارامەتتىن لال بولۇپ قېلىشتى.ئۇنىڭ مەرگەنلىكتىكى ئۈستۈن سەنئىتىنى تەرىپلەپ، ھېساپسىز ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ، تەھسىن-ئاپىرىنلار ئېيتىشتى:
-ئەي شاھىم،كارامەت مەرگەن ئىكەنلا،ئىگەم سىلىنى يامان كۆزلەر،زىيانلىق سۆزلەردىن ئامان ساقلىسۇن. ھەر بىر كۈنلىرى بايرامدەك خۇشال ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتسۇن.سىلى ھەقىقەتەنمۇ مەردلىك بابىدا ساھىپقىران.ھەم ئۇلۇغ شاھ،ھەم خۇسرەۋدەك تەڭداشسىز قەھرىمان!


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2863
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25971
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7710 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 12:15:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەھرام ئۇچقۇر تۇلپارىغا قامچا بېسىپ ئۇزۇن يوللارنى باستى.بىر توقايزارغا كەلگىنىدە ناگاھ  جاڭگاللىقتىن ئىككى شىر چىقىپ كەلدى. شاھ قورقۇپ قاچماستىن ياكى تەمتىرەپ تۇرماستىن دەرھال كاماننى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوق سالدى ۋە ئوقنى  شىرلارغا قاراتتى.بىرىنچى ئوق چاقماق تېزلىكىدە ئۇچۇپ بېرىپ ئەركەك شىرنىڭ كۆكسىگە تېگىپ تاكى ئارقىسىغىچە ئىچكىرلەپ پاتتى.ئەمدى ئوۋلاش  نۆۋىتى چىشى شىرغا كەلگەندە بەھرام ئۇنىڭغا قىلىچ ياكى ئوق ئىشلىتىپ يۈرمەستىن بەلكى بېلىدىكى شايى بەلبېغىنى يىشىپ بىرنەچچە قېتىم ئوينىتىش بىلەنلا ئۇنى مىدىر-سىدىر قىلالمىغۇدەك چۈشەپ قويدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11412
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6201 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 12:35:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭىلاپتۇ دەپ خوش بولسام بىردەمدىلا تۈگەپ كەتتى،ھى ھى ئاخىرىنى قاچان يوللارسىز ئەمدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش