مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور ھەققىدە قىسسە(شاھنامە 11-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 12:22:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەي ھارام قىلىنىپ ئارىدىن نەق بىر يىل ئۆتكەندە يەنە مەيگە مۇناسىۋەتلىك ئاجايىپ بىر ۋەقە يۈز بېرىپ بەھرام يەنە مەينى ھالال قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
جاكا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پۈتكۈل يۇرت-ئەل شاراپنى ‹‹مەھرۇ››دەپ بىلىشتى.
شاھىنشاھ ھەر قېتىم زىياپەت قىلغىنىدا بەختسىز كەبرۇينى ئېسىگە ئېلىپ مەي شاراپ ئىچىشنى تەرك قىلاتتى.
كۈنلەردىن بىر كۈنى نامدار،مالدار بىر موزدوز ھۈنەرۋەن  يىگىت خوتۇن ئالدى.لېكىن تويدىن كېيىن تۈن كېچىلەردە خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشقا چارىسىز قالدى.يىگىتىنىڭ ئانىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئېغىر غەمدە قالدى.تەدبىرلىك ئانا  ئوغلىنىڭ ‹‹كېسىلى››نى داۋالاشنىڭ چارىسىنى ئىزدىدى.ئانا بۇ ‹‹كېسەل››نى داۋالاشنىڭ چارىسىنى بۇرۇندىنلا  بىلەتتى.لېكىن بۇ ‹‹داۋا›› شاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش بەدىلىگە ئورۇنلىناتتى.شۇڭا ئامالسىز قالغان ئېدى.ئوغلى بۇنداق ئازاپتا قالسا قايسى ئانا چىدىيالايدۇ دەيسىز؟!ئوغلىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئۇچرىغان بەختسىزلىكى ئاخىر بۇ ئانىنى قاراملىق بىلەن ئىش قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.
بۇ ئايال ئەلدىن پىنھان بىر كوزا كۈچلۈك مەي ساقلىغان ئېدى.بۇ مەي ئاجىزنى -كۈچلۈك،توخۇ يۈرەكنى -قاپ يۇرەك،خەسىسنى- مەرت ھاتەم قىلىۋېتەتتى.موزدوز يىگىتكە ئوخشاش ‹‹ كېسەل››گە گىرىپتار بولغانلار بۇ مەيدىن قانغۇدەك ئىچسە ‹‹ياراملىق ئەزىمەت››كە ئايلىناتتى.بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇ ئانا ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىپ دېدىكى:
-ئەي ئوغلۇم،بۇمەيدىن يەتتە جام ئىچكىن! شۇندىلا مەقسىدىڭ ھاسىل بولۇپ، ئارام تاپقايسەن.
بۇ نەرسە سەۋەبى بىلەن مۈشكىلىڭ ئاسان بولسا،كۆڭلۈڭگە خۇشاللىق تولسا، مەن سەندىن ئۆتە خۇشال بولىمەن.
موزدوز ئوغلان ئانسىنىڭ سۆزىگە كىرىپ مەيدىن يەتتە جام ئىچتى.ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ۋۇجۇدىغا كۈچ-قۇۋۋەت تولغاندەك،ئالدىدا ھىچقانداق مۈشكۈللۈك قالمىغاندەك ھىسسسياتقا كېلىپ قالدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:21:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىت بۇ مەي بىلەن مەرتلەشتى.قورۇنۇش يوقۇلۇپ ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھىس قىلدى.ئۆيىگە كىرىپ بەخت ئىشىكىنى ئاچماقچى،نىگارىنىڭ گۈلدەك  لېۋىدىن غۇنچە ئۈزۈپ بال-ھەسەل يىغماقچى بولدى...
يىگىت ھوجرىدا مۇراد –مەقسىدىگە يەتتى.ئۆزىمۇ ،ئايالىمۇ رازى بولدى.يېرىم كېچىلەردىن كېيىن ئۇ شاد-خورام ۋە مەغرۇر ھالدا ئانىسىنىڭ يېنىغا كىردى.مەستلىكى تېخىچە يېشىلمىگەن ئېدى.تۇرقىدىن بەيئەينى زەنجىرلەنگەن ئەركەك شىرغىلا ئوخشاپ قالغان ئېدى.شۇ تاپتا ئۇ زەنجىرمۇ كار قىلمىغۇدەك دەرىجىدە ئەسبىيلىشىپ ھىچكىم ھىچنىمىدىن قورقمايدىغان،كۈچ-قۇۋۋىتى،غەيرەت-جاسارىتى تاشقىن بولۇپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئېدى.شۇڭا ئانىسىنىڭ توسقىنىغا پەرۋا قىلماي ئوڭغۇل-دوڭغۇل دەسسەپ كوچىغا قاراپ يول ئالدى.ئۇ كوچىغا چىقىپ بىردەم ماڭغاندىن كېيىن شاھ ئوردىسىغا يېقىن يەردىكى شاھنىڭ شىرخانىسىغا بېرىپ قالدى.ئۇ يەردە راسا چوڭ ئەركەك شىردىن بىرسى بار بولۇپ ئۇ يوغان زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلغان ئېدى.شۇنداقتىمۇ ئادەتتىكى ئادەملەر ئۇنىڭ سۈرىدىن قورقۇپ يېقىن بارالماس ئېدى.
لېكىن مەست ئەزىمەت ئۇنى كۆرگەندە كەيىپچىلىكتە  كۆزىگە قانخور ۋەھشى مەخلۇق ئەمەس كىچىككىنە يۇۋاش قوتۇر ئىشەكتەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 11:58:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن مەست ئەزىمەتكە قانخور ۋەھشى شىر، يۇۋاش قوتۇر ئىشەكتەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى.ئۇ شىر باققۇچىلارنىڭ توسۇشىغا پەرۋا قىلماي:
-ۋۇ پىسپاس مۆشۈك،نىمانچە ھەيۋە قىلىسەن؟ سېنى راسا دۇمبالاپ ئۈستىڭگە مىنىۋالمىغىنىمنى كۆر!-دەپ تىللىغىنىچە شىر تەرەپكە دادىل قەدەم باستى.تا شۇ كەمگىچە مىڭلاپ ئادەملەرنى قورقۇتۇپ، ئۇچرىغانلا ئادەمنى دىر-دىر تىترىتىپ،ھەممىسىنى جېنىنى ياقىغا ئالدۇرۇپ كەلگەن ھايۋانلار شاھى شۇ تاپ قىلچە قورقۇشنى بىلمەي ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقان مەست ئەزىمەتنى كۆرۈپ ئېغىر زەنجىرىنى سۆرىگىنىچە غەزەپلىك نەرە تارتىپ ئېتىلدى. زەنجىر بۇ غەزەپلىك ئېتىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۈزۈلۈپ كەتتى.شىر بوراندەك ئېتىلىپ كېلىپ موزدوز يىگىتكە ئۆزىنى ئۇردى. ئۇ شۇ ئېتىلىشدا ھېيىقىشنى بىلمىگەن ‹‹نادان››رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ خەنجەردەك چىشلىرىنىڭ  كارامىتىنى كۆرسەتمەكچى،يەنە بىر قېتىم ئادەم گۆشى يەپ تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنى ئۆزىدىن قورقۇدىغان قىلماقچى بولغان ئېدى.
لېكىن بۇ قېتىم شىرنىڭ تەلىيى تەتۈر كەلدى.مەست ئەزىمەت چەبدەسلىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ شىرنىڭ بىرىنچى ھۇجۇمىنى بىكار كەتكۈزدى.شىر ئىككىنچى قېتىم ئېتىلىپ كەلگەندە كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ يايلىدىن چىڭ تۇتۇۋېلىپ ئېغىز سېلىشقا ئىمكان بەرمىدى.شىر ھەرقانچە يۇلقۇنۇپمۇ ئۇنىڭ قولىدىن ئاجرىيالمىدى.يىگىت بىر پۇتى بىلەن يەر دەسسەپ تۇرۇپ يەنە بىر پۇتى بىلەن شىرنىڭ قۇرساقلىرىغا راسا تەپتى.خېلى ئۇزاق تىركىشىشتىن كېيىن موزدوز يىگىت ئاخىر شىرنى بويسۇندۇردى.تاياق خېلى ئۆتكەن ‹‹ھايۋانلار شاھى››يۇۋاشلاپ جىم تۇردى.يىگىت ئۇنى باغلىغان تۆمۈر زەنجىرنى يۈگەن قىلىپ ئۇنى خۇددى بىر ئېشەكنى مىنگەندەك مىنىۋالدى.ئۇرۇپ تېپىپ ئۇياق-بۇياققا ماڭدۇردى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85975
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 12:18:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شۇ،،،،جاھاندار چىلىق،،،،،،، [em:25: ]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 01:03:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىر باققۇچى بۇ مۆجىزىدىن ھەيران بولۇپ شۇ ھامان شاھ ئوردىسىغا قاراپ چاپتى... جۈرئەت قىلىپ كىرىپ شاھ بىلەن كۆرۈشۈپ يۈز بەرگەن بۇ  قىزىقارلىق ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى.تا شۇ كەمگىچە ھىچبىر قۇلاق بۇنداق ۋەقەنى ئاڭلاپ باقمىغان ئېدى.شۇڭا ئاڭلاپ جاھاندارمۇ غايەت لال بولدى.شۇ ھامان ئەمىر ۋە ۋەزىرلىرىنى چاقىرتتى.ئۇلارغا بۇيرىدى:
-بۇنداق ئىش ئاددى ئادەملەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.ئۇ چوقۇم نامدار پالۋانلار زاتىدىن بولۇشى مۈمكىن.شۇڭا تېزدىن بېرىپ ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار،ئۇ موزدوزنىڭ ئەسلى زاتى زادى كىم؟
ۋەزىرلەر شىرخانىغا بېرىپ يىگىتنى يەنىلا  شىر مىنىپ تۇرغان ھالەتتە كۆرۈشتى.ئۇنىڭ ئادەم تونۇغىدەك، سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگۈدەك ھالى يوق ئېدى.بۇ بالا بىرەر مەشھۇر پالۋانزادە بولۇشى،قىلىق ھەركەتلىرى ئاتىسىنى تارتقان بولۇشى مۈمكىن ئېدى.شۇڭا نام نەسەبىنى ئېنىقراق سۈرۈشتۈرۈپ بىلىش ئۈچۈن يىگىتنىڭ ئانىسىنى تاپتى.ئۇلار بىلدىكى،ئۇ يىگىت ھىچبىر پالۋانزادە ئەمەس ئىكەن.ئۇلارنىڭ نەسەبىدىن شۇ كەمگىچە بىرەر نامدار ياكى  بىرەر  باتۇرمۇ چىقىپ باقماپتۇ.يىگىت پەقەت ئاددى بىر موزدوزنىڭ ئەۋلادى ئىكەن.بۇ جاۋاپ ئۇلارنى تېخىمۇ ھەيرانلىققا سالدى.ۋەزىرلەر بىردەم مەسلىھەت قىلىشقاندىن كېيىن  مەزلۇمنى شاھقا ئۆز ئاغزى بىلەن جاۋاپ بەرگۈزۈش ئۈچۈن ئوردىغا ئېلىپ باردى.ئايال شاھ ئالدىدا يۈكۈنۈپ تازىم بەجا كەلتۈردى.شەھرىيار نامىغا كۆپلىگەن دۇئا-مەدھىيەلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن بولغان ئەھۋالنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئەي ئۇلۇغ شەھرىيار،مەڭگۈ شاد ياشىغايلا! مەن ئاددىيغىنە بىر موزدوزنىڭ ئايالىمەن.جەمەتىمىزدىن تا شۇ كەمگىچە بىرەر باتۇر ئەزىمەت ياكى بىرەر نامدار شەخس چىققان ئەمەس.ئوغلۇمنىڭ بۇنداق ئەزىمەتلەرچە ئىش تەۋرىتەلىشى ئۇنىڭ  قانداقتۇر باتۇرلۇق خىسلىتىدىن ئەمەس،بەلكى مەي-شاراپنىڭ كۈچىدىن، مەستلىك-بىھۇشلۇقتىكى تەلۋىلەرچە قاراملىقتىن بولغان.بىلىمەن،سىلى پەرمان جاكالاپ پۇقرالارنىڭ مەي ئىچىشىنى چەكلىگەن.مەينى ھارام قىلغان.ئۇنداقتا بىز نىمە سەۋەپتىن گۇناھكار بولۇپ پەرمانلىرىغا خىلاپ ئىشنى قىلىپ سالدۇق؟ غەزەپلەنمەي تۇرسىلا ئالىيلىرى،مەن ئىشنىڭ جەريانىنى سىلىگە سۆزلەپ بېرەي! ئوغلۇم تېخى تولۇق ۋايىغا يەتمەيلا ئۆيلىنىش كويىغا كىردى.ئارزۇسىغا بىنائەن توي رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ چىرايلىق بىرقىزنى نىكاھىغا ئالدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 01:46:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم ئويلىغان دەيلا،بالا بىرىنچى كېچە سۇسلۇق قىلدى.بالام خىجىل بولۇپ يەرگە قارىدى.قىز ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ:‹‹قىينالما،خىجىل بولما،بۈگۈن بولمىسا ئەتە بولار،ئەتە بولمىسا ئۆگۈن بولار.بىز ئەر –خوتۇن بولغاندىن كېيىن ئىشىمىزدىن ھامان بىر كۈنى ياخشى خۇلاسە چىقىدۇ.لېكىن بۇ ئىشنى پىنھان تۇتايلى.خەق ۋاقىپ بولسا يىگىتلىك شەنىڭگە داغ يۇقىدۇ.››ئۇلار شۇنداق دېيىشىپ بىر ھەپتىنى ئۆتكەزدى.لېكىن مۇرادى ھاسىل بولمىدى.ئوغلۇم ئەسلى يارامسىز ئەمەس ئېدى.پەقەت ئۇياتچان،خىجىلچان بالا ئېدى.ئىش كۆرمىگەن بولغاچقا ئىنتاھاندا بوش كەلدى.ئۇلار بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايتتى.ئۇلار ئاجرىشىپ كەتسە بەختلىك ئۆيى بۇزۇلۇپلا قالماي ئىش ئاشكارىلىنىپ ئوغلۇم سۆز –چۆچەككە قالاتتى.ئۇنداقتا ئۇ ئۆمۈر بويى باش كۆتۈرەلمەسلىكى،نومۇس كۈچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋلىشىمۇ مۈمكىن ئېدى.مەن بۇ ئىشنىڭ چارىسىنى بىلەتتىم.ئوغلۇمدەك تارتىنچاق يىگىتلەر توي كېچىسى مەست بولغۇدەك شاراپ ئىچىۋالسا خۇشخۇيلىشىپ قېلىپلا قالماستىن قورقماس،تارتىنماس،جۈرئەتلىك بولۇپ كېتەتتى.بەدىنى كۈچلىنىپ بۇرۇن قىلشقا پېتىنالمىغان ئىشلارنىمۇ قىلالايتتى.قىسقىسى ئايالى ئالدىدا كارغا كېلىپ ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندىيالايتتى.مەن ئوغلۇم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ئۇنىڭغا مەي ئىچكۈزدۈم.مەست قىلىۋەتتىم.ئىش ئويلىغىنمدەك بولدى.ئوغلۇم ئايالى يېنىغا كىرىپ مۇۋەپىقىيەت قازاندى.ئايالىنى رازى قىلدى.لېكىن ئۇ مەينى سەل كۆپرەك ئىچىپ سالغان بولغاچقا كەيىپلىكتە ئۆزىنى كونترۇل قىلالمىدى.توسقىنىمغا قارىماي سىرتقا چىقىپ كېتپ ئىش تېرىدى.بۇرۇن شىرغا مىنىش ئەمەس نامىنى ئاڭلىسىمۇ قورقۇپ تىترەيدىغان ئوغلۇم مەستچىلىكتە  شىر بىلەن ئېلىشىپ يېڭىۋاپتۇ.ھەتتا ئۇنى بويسۇندۇرۇپ ئىشەك قىلىپ مىنىۋاپتۇ...
شاھ كەمپىرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ.مەينىڭ زىيانلىق تەرىپى بولۇپلا قالماي پايدىلىق تەرەپلىىمۇ بارلىقىنى،ئۇنى چەكلەپ خاتا قىلغانلىقنى تونۇپ يېتىپتۇ.
ئەتىسى  بۇ ئاجايىپ ۋەقە ھەممە يەرگە تارقىلىپ پۈتكۈل ئەل بۇ ئىشنى بىلىپ كېتىپتۇ.شاھمۇ ۋەزىرگە مەي ئىچىشنى چەكلەش پەرمانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ:
-ئەي ۋەزىر، پۈتكۈل ئەلگە جاكا قىلدۇرغىن.بۈگۈندىن باشلاپ مەي ھالالدۇر.مەيخورلۇق گۇناھ بولمىغاي! ئەل مەينى شۇنداق ئىچىشسۇنكى،توخۇ يۈرەكلەر شىر يۈرەككە ئايلىنىپ، شىر مىنىدىغان،ھىچكىم -ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان باتۇر ئەزىمەتلەر كۆپلەپ  يېتىشىپ چىقسۇن!
سارايدىن شۇ خىلدىكى خەۋەر شەھەرگە تارقىلىپ نۇرغۇن كىشىلەر جاكاچىدىن بۇرۇنمۇ ئۇنىڭدىن جەۋەردار بولۇپ كېتىشتى.موزدوز يىگتىمۇ ئەزىمەت ئاتىلىپ شاھ ئوردىسىدىن بىر كىشىلىك خىزمەتكە ئېرىشتى.جاكاچى كوچىمۇ -كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ يېڭى پەرماننى ئەلگە جاكالىماقتا ئېدى:
-ئايا زەر كەمەرلىك پەھلىۋان مەرتلەر،شاھمىز بۈگۈندىن باشلاپ مەينى ‹‹ھالال›› دەپ ئېلان قىلدى.ئۇنى ئىچكەنلەر ئەمدى گۇناھكار ھېساپلانمايدۇ.بۇندىن كېيىن ھەممىڭىز مەي ئىچسىڭىز بولىدۇ.لېكىن ئىچتىم دەپ كۆپ ئىچىۋالماڭ.ئىچكەندە ئاۋۋىلى ۋە ئاخىرىنى بىلىڭ!ئەگەر بۇ ئىشتا سىزگە شەيتان رەھنەمالىق قىلسا جامنى يەرگە قويۇڭ.ئېغىر مەست بولۇپ جاننى سەپ بەرگەندىن كۆرە مەينى ئاز ئىچىپ كەيپلىكتىن ھوزۇرلانغان،جاننى ساقلاپ قالغان ئەۋزەل.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 03:51:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى تاڭ يورۇغاندا شاھ بەھرام قوشۇنىنى ھەمراھ قىلىپ دەشتكە شىكارغا چىقتى.سول يېنىدا يېڭىدىن ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن موزدوز يىگىت بار ئېدى.ئوڭ يېنىدا بولسا پاك ئوڭ قول ۋەزىرى بىرگە كېتىۋاتاتتى.ئۇلار يول بويى شاھنىڭ ئىززىتىنى قىلىشاتتى.شاھنىڭ زېرىكىشىنى بېسىش،يول ئۇزاقلىقىنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ‹‹جەمۇ پەرىدۇن››دىن داستان سۆزلىشەتتى.ئوۋچى تايغانلار شاھ ئالدىدا ئولجا ئىزدەپ چېپىشىپ ماڭماقتا،لاچىن،بۈركۈتلەر بولسا قوللارغا قوندۇرۇلغان بولۇپ بېشىغا توسۇق كىيدۈرۈپ قويۇلغان ئېدى.
ئۇلار كۈن بويى دەشت كېزىپ يول  يۈرۈشتى.گۈمبەزسىمان ئاسماندا قۇياش پارلاپ كۈچلۈك نۇرى بىلەن جاھاننى يوپيۇرۇق يورۇتۇپ تۇرغان بولسىمۇ كۆزلەرگە بىرمۇ كىيىك چېلىقمايۋاتاتتى.قۇياشنىڭ تەپتى شۇنچە كۈچلۈك بولغاچقا ئۇلارنى تەشنالىق قىينىدى.شۇڭا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەشنى توختۇتۇپ كەينىگە يېنىشنى قارار قىلىشتى.ئۇلار خېلى ماڭغاندىن كېيىن سۇلۇق بىر ماكانغا ئۇلاشتى.بۇ سانسىز چارۋىلار ئوتلاپ يۈرۈشكەن بىپايان يايلاق بولۇپ باي چارۋىدارلار تۇرىدىغان ئوبدان ماكان ئېدى.يېزا ئەھلى شاھ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى كۆرۈشكە قىزىقىپ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقىشتى.
  جاھاندار ھەم ھارغان ھەم قانداقتۇر بىر ئىشقا غەزەپلەنگەن ئېدى.بىر يەرگە چۈشكۈن قىلىپ بىر مەزگىل ئارام ئېلىشنى خالاپ تۇراتتى.لېكىن بۇ يەردىكى چارۋىچىلار پۇقرالىق رەسمىيىتىنى بىلمەمدۇ قانداق شاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئانچە ئىلتىپات قىلىپ كەتمىدى.شاھ باشقا يەرلەرگە بارغان چاغدىكىدەك ماختاش ۋە ئالقىش سادالىرىنى ئاڭلىيالمىدى.بۇ يەردىكى كىشىلەر گوياكى ھەممىسى كور بولۇپ قالغاندەك شاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ بىپەرۋا ھالەتتە ئۆز ئىشلىرى بىلەن بولۇشماقتا ئېدى.شۇڭا شاھ بۇ يېزا ئەھلىدىن ئازار يېدى.خاپىلىق دەستىدىن چارۋىچىلارغا ئىللىق نەزەردە قارىمىدى.بۇ يۇرتتىكى كىشىلەرنى ئەدەپلەپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازى، كۈچ ۋە ھەيۋىسىنى تونۇتۇپ قويغۇسى كەلدى.بۇ مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋەزىرگە دېدى:
-بۇ مەنزىلدىكىلەر بەختى قايتقان ئەلدۇر.ئادەملىرى شۇم تەلەي،رەزىل كىشىلەردۇر.ئۇلار بىزگە تەركى ھۆرمەت قىلدى.شۇ سەۋەپتىن ئۇلارغا جازا بەرمىكىمىز لازىم.بۇ يېزىنى ۋەيران قىلىپ ئاھۇ بىلەن شىرلارغا ماكان قىلىپ بېرىڭلار.ئېرىق ئۆستەڭلىرىدە سۈزۈك،پاك سۇ ئورنىغا ئوغا ئاقسۇن.
ۋەزىر شاھنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئۇنى بەجا كەلتۈرمەك بولۇپ لەشكەرلەر بىلەن يېزىغا قەدەم قويدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 04:13:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىيلىگەر ۋەزىر يېزىنى ۋەيران قىلىشقا لەشكىرى كۈچىنى ئىشقا سالمىدى.پەقەت ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ يېزىدىكىلەرنى ئۆز-ئارا ئۇرۇش تالاشقا سالماقچى،بۇ ئىشتا ئۆزلىرىنىڭ قولى بارلىقنى  يوشۇرۇپ قالماقچى بولدى.شۇڭا ۋەزىر رەزىل مەقسىدىنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
-بۇ يەرنىڭ يېرى شۇنچە خوپ،مىۋىلىرى مول،چارۋىلىرى كۆپ،ئادەملىرىمۇ كۆپ ئىكەن.شۇڭا بۇ مەنزىل شاھىمىزغا غايەت يېقىپ قالدى.شۇڭا شاھىمىز سىلەرگە لۇتپى كەرەم قىلدى.ھەممىڭلارنى ئىسىل ئەرباپ قىلىپ سايلىدى.شاھىمىز بۇ گۈزەل ماكاندا يېڭىدىن شەھەر بىنا قىلماقچى بولدى.سىلەرنىڭ يېزىنى بىكارلاپ بەرگەنلىكىڭلەرگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مەيلى ئەر،مەيلى ئايال،مەيلى كىچىك،مەيلى چوڭ ھەممىڭلارنى بىردەك ئەرباپ قىلىپ سايلىدى.ئەمدى خوجا بىلەن خىزمەتكار ئوخشاش بولدى.ھەممەيلەن ھوقۇق ۋە ئىمتىيازدا باراۋەردۇر.بۇ زور ئىلتىپاتنى چۈشىنىڭلار. سىلەرگە ئەمدى بۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە قانداق شان-شەرەپ ۋە مۇكاپات كېرەك؟!
دۆلەتمەن يېزىدىن خۇشاللىق سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭراشقا باشلىدى.ھەممىسى كاتتا ئەرباپ بولۇش خام تاماسىدا ئەقلى-ھۇشىنى يوقىتىشقان ئېدى.ئەرباپ بىلەن پۇقرا،ئەر-بىلەن ئايال تەڭ-باراۋەر  بولغان بولغاچقا ھىچكىم ھىچكىمگە بوسۇنۇشنى خالىمايتتى.شۇڭا جىدەل-ماجرا ئاۋۇدى.ناپاكلىق قۇتراپ تەپرىق -نىزا سەلدەك يامرىدى.بىر-ئىككى كۈن ئىچىدىلا ناپاكلىق بىر تالاي ياشلارنى يوق قىلدى.ئۆز-ئارا چوڭ ئەرباپلىق تالاشقانلار بىر-بىرىنى قەستلەپ باشلىرىنى ‹‹شارت›› قىلىپ كېسىپ كېتىشتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-2 04:31 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 04:25:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ ئوتتۇرىدا جىدەل ۋە نىزا باشلاندى.بۇ قىشلاقتىكىلەر ئۈستۈنلۈك تالىشىپ گۇناھسىز قانلارنى كۆپ تۆكۈشتى.بەئەينى بۇجايدا قىيامەت قايىم بولغاندەك ھەممە يەرنى نالە-پەرياد،ئۇر-چاپ سادالىرى قاپلاپ كەتتى.بۇنداق جايدا كىمنىڭمۇ داۋاملىق تۇرغۇسى كېلىدۇ دەيسىز شۇنىڭ بىلەن ئامان قالغانلار  جانلىرىنى ياقىغا ئېلىپ بۇدەھشەت باسقان يېزىدىن پىتىراپ قېچىپ كېتىشتى.بۇنداق زور پاجىئە ئالدىدا دانالار بىلەن ياشانغانلارمۇ ئىلاجىسىز قالدى.ئىكىن يەرلەر،رۇزىغارلار تامام ۋەيران بولدى.دەرەخلەر قىرقىلدى.ئېرىقلار قۇرۇپ سۇ ئاقماس بولدى.ئىسىل ئۆيلەر،ھەشەمەتلىك سارايلار خارابىلىككە ئايلاندى.شۇڭا ئادەملەر بىلەن چارۋىلار بۇ ماكاننى تەرك ئەتتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 06:48:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ باھار پەسلى كەلگەندە شاھ بەھرام يەنە ھېلىقى جەزىرە تەرەپەك شىكارغا چىقتى.شاھ بەھرام قارىغۇدەك بولسا بۇلتۇرقى جەننت كەبى ماكان پۈتۈنلەي خاراپ بولۇپ كەتكەن ئېدى.بۇ ھالنى كۆرۈپ شاھنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ غەمكىن بولدى.چېھرى سارغىيىپ مۇڭلۇق ئاھ تارتتى.بۇ يەرنىڭ شۇنداق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا ئۆزىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقنى ئەسكە ئالغىنىدا ئازابى كۈچەيدى.گۇناھ ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار؟! خاتا قىلغانلىقنى بىلگەن ئادەم ئۇنى قەتئى تۈزىتىشى، ئۆزى بۇزغاننى يەنەئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرمىكى كېرەك.
شاھ بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن بىزگە تونۇش موزدوز يىگىتتىن ۋەزىرللىككە ئۆسكەن ھېلىقى سول قول ۋەزىرى روزبىھقا تىكىلدى،پەرمان بېرىپ دېدىكى:
-ئەي دانا ۋەزىر،مېنىڭ سەۋەبىمدىن بۇ ئاۋات ماكان ۋەيران بولۇپتۇ.مەن سېنى بۇ يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيمەن.تېزدىن يېتەرلىك خەزىنە ئاجرىتىپ بۇ يەرنى قايتىدىن ئاۋات قىل.خەلقى ئەمدى رەنج تارتمىسۇن.ئۇلارنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆمۈرلۈك شادلىققا ئېرىشتۈر!

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش