مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور ھەققىدە قىسسە(شاھنامە 11-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6780
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 01:31:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخىغىچە تۈگىمىدىما بۇ داستان؟
يېزىلىپ بولغانداۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇسام بولغۇدەك.

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 03:27:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لاچىن بىلەن ئوۋ قىلىش مەۋسۈمى كەلگەندە  شاھ بەھرامدا ئوۋ قىلىش ئىشتىياقى قوزغالدى.ئۇ ئوۋچى لاچىنىنى قولىغا قوندۇرۇپ ئوۋغا ئاتلاندى.ئۇچقۇر ئات دەشتسېرى ئىلگىرىلەپ ئوردىدىن يىراقلاشتى.خېلى ئۇزاق يول ماڭغاندىن كېيىن كۆزىگە ئالدى تەرەپتىن  كەڭرى كەتكەن دەرەخزارلىق ۋە ياپ-يېشل چىمەنلىك گۈزەل ۋادا كۆرۈندى.بىھىش مىسال شۇنچۋالا گۈزەل ماكان قايسى بەختىيارنىڭ ئىلكىدىدۇ؟! شاھ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئورمانلىقنى ئارىلىدى.بۇ جەننەتتەك گۈزەل،ساپ ھاۋالىق،ياپيېشىل مايسىزارلىق ماكاندا بىرمۇ ئادەم ياكى چارۋا كۆرۈنمەيتتى.بۇ سۈرلۈك جىمجىتلىقتىن شاھمۇ بىراز ئەيمىنىپ قالدى.ئۇ ئۆزىگە-ئۆزى دېدى:
-قارىغاندا بۇ شىرلار ياشايدىغان جاي ئىكەن.پەقەت شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرلا بۇ يەرگە كىرەلەيدىكەن.
شاھ زور قىزىقىش ئىلكىدە چىمەنلىك ئىچىنىچەت بۇرجەكلىرىگە قەدەر ئارىلاپ چىقتى.بىناگاھ، بىر چاغدا بىر ئەركەك شىر ئۇدۇل تەرەپتىن پەيدا بولۇپ شاھقا قاراپ ھەيۋەت بىلەن ھۆركىرەپ  ئېتىلىپ كەلدى.شاھ:
-شىرنىڭ چارىسى شەمشەر،-دېگىنىچە  قىلچە تەمتىرىمەستىن  شەمشىرىنى چىقىرىپ تەييار بولۇپ تۇردى.ئەركەك شىر بىر تەرەپتە،شاھ بىر تەرەپتە نەرە تارتماقتا،بۈيۈك باتۇرلاردەك بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشماقتا ئېدى.شىر يېتپ كېلىپ بولۇشتىن ئىلگىرى شاھ كامان تارتىپ ئەركەك شىرغا قارىتىپ ئوق ئۈزدى.ئوق ئۇچۇپ بېرىپ شىرنىڭ كۆكسىگە قادالدى.ئەركەك شىر قاتتىق ھۆركىرەپ يىقىلدى. بۇ ھالنى كۆرۈپ چىشى شىرنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ تاشتى.ئۇ بەھرامغا قاراپ قىساس كۈچى بىلەن تاشقىن كەبى تاشلاندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-18 03:28 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 03:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇتاپ ئورمان چىشى شىرنىڭ غەزەپلىك نەرىسىدىن تىترەپ كەتتى.شىر يېقىنلاپ كەلگەن ھامان بەھرام ئۇنىڭغا شىددەت بىلەن تىغ ئۇرۇپ بېشىنى چېپىپ تاشلىدى.بۇ شىرمۇ يەرگە يىقىلدى.
شۇ پەيتتە چىمەنلىك ئىچىدە مېھرىبەند ئىسىملىك بىر بوۋاي بۇ باتۇرلارچە ئېلىشىشنى كۈزۈتۈپ تۇرغان ئېدى.ئېلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بوۋاي چىمەنلىك ئىچىدىن چىقىپ بەھرام تەرەپكە ماڭدى. بۇ ئېلىشىشتىن ئەمگەكچان،خۇداگۇي مويسىپىت دانا  بەكمۇ روھلانغان، دىلى سۆيۈنگەن  ئېدى.شۇڭا ئۇ خۇشال ھالدا  بەھرامنىڭ يېنىغا كەلدى.بۇ ئورمانلىق ئۇنىڭ مەنزىلى ئېدى.بوۋاي بەھرام بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاپىرىنلار ئېيتقاچ دۇئالار قىلىپ بەخت تىلىدى:
-ئەي ئۇلۇغ نامدار،بۇ ئالەم رۇزغارلىرى بېشىڭدىن ئايلانسۇن.مەن مۇشۇ ئورماندا ياشايدىغان  قول ئىلكىمدە بار مۈلۈكدار ئادەممەن.بۇ دىيار ۋە دەشت سايلار مېنىڭ ماكانىمدۇر.ئۆيۈمدە ناھايىتى كۆپ قويۇم،ئىشىكىم،سيىر- كالىلىرىم ۋە منىدىغان ئاتلىرىم بار بولسىمۇ لېكىن مۇشۇ شىرلارنىڭ زۇلمىدىن غەم ئەپغان چېكەتتىم.بۈگۈن خۇدايىم سىزدەك ئۇلۇغ باتۇر پالۋاننى يەتكۈزۈپ مېنى ئۇلارنىڭ زىيانلىرىدىن ساقلاپ قالدى.تىغ بىلەن مۈشكىلىم ئاسان بولدى.ئەي غالپ باتۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە يۈزمىڭ مىراتىبە رەھمەت بارىكاللا ئېيتىمەن.ئەمدى سىزدىن كۈتۈدىغان ئۈمىدىم شۇكى،پىسەنتىڭىزگە ئېلىپ ئۆيۈمگە مەن بىلەن  بىرگە بارسىڭىز.ئەزىز مېھمىنىم بولۇپ بىر مۇددەت تۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز!مەن ئالدىڭىزغا سۈت،مەي ۋە مېزىلىك كاۋاپلارنى ئېلىپ كېلىپ خىزمىتىڭىزنى قىلىۋالسام.ئەگەر كۆڭلىڭىز مىۋىگە مايىل بولسا بېغىمدا پىشىپ مەي بولۇپ تۇرغان تۈرلۈك-تۈمەن مىۋىلىرىم بار شۇلارغىمۇ ئېغىز تەگسىڭىز.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 03:29:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ بەھرام بوۋاينىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرگە باردى.دەرۋازا ئالدىغا بارغاندىن كېيىن  ئاتتىن چۈشتى.ئەتراپتىكى كۆركەم مەنزىرىلەرگە نىگاھىنى تاشلىدى.ھەممە ئەتراپ ياپ-يېشىل بولۇپ ئېرىقلاردا سۈپ-سۈزۈك شەربەتتەك سۇلار راۋان  ئېقىپ تۇراتتى.بۇ باتۇر يىگىتلەر بىلەن گۈزەل  قىزلارغا ماس كەلگىدەك راھەت ماكان ئېدى.
مېھرىبەنداد مېھماننى مېھمانخانىسىغا باشلاپ ئالدىغا داستىخان سالدى.داستىخانغا تۈرلۈك ئىسىل يېمەكلىكلەرنى تىزىپلا قالماي ئىسىل مەي-شاراپلارنى ھەم تەييارلىدى.مېھماننىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەتراپتىن مەشھۇر ناخشىچى ۋە سازەندە-ئۇسۇلچىلارنى تەكلىپ قىلىپ كېلىپ شاتلىق بەزمىسى تۈزدۈردى. مېھماننىڭ شەرىپى ئۈچۈن قويلارنى سويدۇردى.ئالتۇن قەدەھلەرگە مەيلەرنى قۇيۇپ ئىچىشتى.تاماقتىن كېيىن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇشتى.ئەتراپتىكى چىرايلىق گۈللەر كۆزلەرنى مەھلىيا قىلاتتى.بەھرام بۇ ەۈزەلمەنزىرىلەرنى تاماششا قىلغاچ ئولتۇرۇپ چالنىڭ قولىدىن مەيلەرنى ئېلىپ ئىچتى.بۇ دەمدە جامدىكى مەيلەر راھەت بېغىشلاپ جانغا جان قوشاتتى.بىللە ئىچىشكەن مېھرىبەندادمۇ مەي كەيپىدىن روھلاندى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 07:57:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېھرىبەنداد ئىززەت-ئىكرام ئىچىدە بەھرامغا  دېدى:
-ئەي مېھمان،سىز ئۆيۈمگە كېلىپ مېھمىنىم بولۇپ بەئەينى قاراڭغۇ كېچىلەرنى يورۇتقان تولۇن ئاي كەبى ئۆيۈمنى نۇرلاندۇردىڭىز.نۇرلۇق چىرايىڭىز ماڭا سائادەت كۆرسەتتى.
بەھرام بۇنىڭغا جاۋابەن:
-ئەي ساھىپخان،بۇ سۆزىڭىز راۋادۇر.چېھرى جەھەتتە نەسەبىمنى تارتقاندۇرمەن.خۇدا ئەجداتلىرىمىزنى سائادەتمەن،دۆلەتمەن ۋە خۇش چېھىرلىك قىلىپ ياراتقان ئىكەن.ھەر نەرسىنى خۇدا ئۆزى يارىتىدۇ.ئۇ ئارتۇقمۇ قىلمايدۇ،كەممۇ قىلمايدۇ،كامالىتى بىلەن ئۆزىگە ماس ۋە ياراشقىدەك قىلىپ لاھىيەلەيدۇ.ئەگەر نەزىرىڭىزدە مەن پادىشاھ بولۇپ كۆرۈنگەن بولسام، سىزگە سىز ياشاۋاتقان مۇشۇ جەننەت كەبى ماكاننى سوغا قىلىپ بەردىم.
     شاھ شۇ سۆزنى قىلغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ بوۋاي بىلەن خوشلاشتى.ئېتىغا مىنىپ گۈزەل قەسىرى تامان يول ئالدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-18 07:57 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:08:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى تاڭ ئاتقان مەھەلدە بەھرام مەي سېغىنىپ قالدى.ئايۋان سارايلار،مەيدانلار،ھەتتا پەلەمپەيلەرمۇ لەشكەر بىلەن تولغان ئېدى.دەل شۇ چاغدا بىر مۆتىۋەر زات شاھ ھوزۇرىغا كىردى.بۇ مۆتىبەر يېزىدىن كەلگەن بولۇپ شاھقا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە تۆگىدە ئالما،بىھى،ئانار...قاتارلىق تۈرلۈك مىۋىلەر،رەڭدار گۈلدەستىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئېدى.شەھرىيار بەكمۇ شادلاندى، ئۇنىڭغا يېندىن ئورۇن بېرىپ كۆپلىگەن ئىززەت-ئىكراملار قىلدى.مۆتىبەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن مېۋە-چىۋىلىرى بەكمۇ تەملىك ۋە خۇشبۇي ئېدى.
بۇ مۆتىبەرنىڭ پەھلەۋىيچە نامى مەرد كەبرۇي ئېدى.ئۇ شاھنىڭ دىدارىنى ۋە يېنىدا تۇرغان نامدارلارنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدى.ئۇ يەنە جامدىكى لىپمۇ لىق قۇيۇقلۇق  تۇرغان مەينى كۆرۈپ  دىلىدا شۇ مەينى ئىچىشكە بولغان بىر ئارزۇ پەيدا بولدى.شۇڭا ئۇ شاھقا چەكسىز ئېھتىرام بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-ئەي قۇدرەتلىك شاھىم،مەن بىر مەيخور كىشىمەن.بۇ ئىززەت ئابرۇيلارنىمۇ مەي سەۋەبىدىن تاپقان ئېدىم.شۇ تاپ كۆڭلۈم مەي ئىچىشنى خالاۋاتىدۇ.ماڭا مەي ئىچىشكە ئىجازەت بەرگەن بولسىلا!
شاھ ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى.ئۇ جامنى قولىغا ئېلىپ دەست كۆتۈرۈپ ھەممىنى ئىچىۋەتتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:08:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېيىن يەنە مەستانىلىق ئىچىدە ئارقىمۇـ ئارقا يەتتە جام مەي ئىچتى.ئەتراپتا تۇرغان كىشىلەر ئۇنىڭ مەي كۆتۈرۈشچانلىىدىن ھەيران قېلىشتى.لېكىن كۈچلۈك شاھانە مەي كەبرۇينى مەست قىلىۋەتتى.ئۇ بارغانسېرى خۇدىنى يوقىتىشقا باشلىدى.ئۇ مەستچىلىكتە شاھ ئالدىدا ئەدەپسىزلىك قىلىپ سېلىپ كاللىسى كېتىشتىن قورقۇپ  شاھتىن رۇخسەت ئېلىپ تاشقىرىغا چىقتى.ئاندىن باغلاقتىكى ئېتىنى يىشىپ مىنىپ شەھەردىنمۇ چىقىپ كەتتى.مەقسىدى ئۆيىگە كېتىش ئېدى.لېكىن مەستلىكتە ئۆيىگە بارىدىغان يولنى پەرق ئېتەلمىدى. شۇڭا ئاتنى مەيلىگە قويۇۋەتتى.ئات يولدىن ئېزىپ  دەشتكە قاراپ يول ئالدى.ئۇ شاراپنى كۆپ ئىچىۋەتكەچكە ئىچ باغرى بەئەينى ئوت كۆيۈۋاتقاندەك كۆيۈپ تۇراتتى.تاغدا دەرەخزارلىق بىر زىمىن بار ئېدى.ئۇ ئېتىنى تېز چاپتۇرۇپ شۇ يەرگە يېتىپ باردى.بۇ چاغدا مەستلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ ئاتتىمۇ ئولتۇرالمىغۇدەك بولۇپ قالغان ئېدى.شۇڭا  ئېتىدىن چۈشۈپ دەرەخ تۈۋىدە ئارام ئېلىپ ياتتى.بىردەم ياتقاندىن كېيىن ئۇ ھۇشىنىمۇ بىلەلمەي قالدى.يالغۇز ماڭغاچقا يېنىدا بىرمۇ قارىغۇچىسى يوق ئېدى.كۆزى ئوچۇق ھالەتتە ھۇشسىز ياتقان بىچارە كەبرۇينى ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن بىرنەچچە  قۇزغۇن كۆرۈپ قېلىپ ‹‹تاپ››ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ يېنىغا چۈشتى.مۆتىبەرنىڭ ئۇنى بايقىغۇدەك ۋە قوغلۇۋەتكۈدەك ھۇشى بولمىغاچقا بەئەينى ھەقىقى تاپتەك مىدىر قىلماي يېتىۋەردى.قۇزغۇنلار ئاۋال ئۇنىڭ كۆزىنى چوقۇشتى. كېيىن كىيىملىرىنى چوقۇلاپ يىرتىپ قۇرساق تېرىسىنى چوقۇلاشتى.تاپ يەپ كۆنگەن ئۇچلۇق ئۆتكۈر تۇمشۇقلار بىردەمدە ئۇنىڭ قۇرسىقىدىن بىرنەچچە تۆشۈك ئېچىۋەتتى.ئۇلار ئېچىلغان تۆشۈكلەردىن بىچارە مەستنىڭ گۆشلىرىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يىيىشكە باشلىدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:09:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمەك بىقۇۋۇل مۆتىبەر كەبرۇي ئېغىر مەستلىك تۈپەيلى ئۆزىنى قوغدىيالماي قاغا –قۇزغۇنلارغا ئەنە شۇنداق يەم بولدى...
بىر چاغدا شاھ كەبرۇينى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئارقىسىدىن ئەۋەتكەن بىرنەچچە ئاتلىق  مۇلازىم بۇ يەرگە كېلىپ قالدى.رىزىق تالىشىپ ھەدەپ ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى چوقۇلاپ يەۋاتقان بىر توپ يىرتقۇچ قۇزغۇن سەت قاقىلداپ ئۇچۇپ كېتىشتى.مۇلازىملار قارىسا كەبرۇينىڭ كۆزلىرى ئويۇۋېلىنغان،ئۈستى بېشى قان بىلەن بويالغان.ئىچكى ئەزالىرىنمۇ قۇزغۇنلار چوقۇپ يېگەچكە ئاللىقاچان جېنى چىققان ئىكەن.ئاچكۆز قۇزغۇنلار ئۇنىڭ بەدىنىنى خام تالاش قىلىپ ئىچكى ئەزالىرىنىمۇ يەپ بولاي دەپ قالغان بولۇپ بەكمۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرە شەكىللەنگەن ئېدى. مۇلازىملار بۇ دەھشەتىك مەنزىرىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈشتى. دەرھال يەرلىك كولاپ كەبرۇينى دەپن قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئېتىنى ئېلىپ ئوردىغا قايتىشتى.


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:46:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پادىشاھغا كەبرۇينىڭ ئەھۋالى يەتكۈزۈلدى.شاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ قايغۇردى.ئەل-ئاۋاممۇ ئۇنىڭ قىسمىتىدىن ئازاپلىنىپ پەرياد كۆتۈرۈشتى.جام بىلەن مەي ئىچىشىدىغان مەجلىس پادىشاھنىڭ دىلىنى بەربات قىلدى.شاھ ئاخشىمى سارايغا كىرىپ ئۇخلىماقچى بولدى.لېكىن مۇلازىملار يەتكۈزگەن كەبرۇينىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەر ئېسىگە كەلسىلا بىئارام بولۇپ ئۇيقىسى قاچاتتى.ئۇ كۆپ ئويلىنىپ بۇ پاجىئەنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدەندى.ئاخىر پۈتۈن گۇناھنى ھاراقتا  قويدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە شاھ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ئوردىغا چىقتى.مىرزىلارنى چاقىرتپ ھاراقنى چەكلەش ھەققىدە پەرمان يېزىشقا بۇيرۇدى.پەرمان يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن جاكاچىلار كوچىمۇ-كوچا، شەھەرمۇ -شەھەر،يېزىمۇ-يېزا ئايلىنىپ يۈرۈپ شاھنىڭ مەي ئىچىشنى چەكلىگەنلىك،مەينى ھارام قىلغانلىق ھەققىدىكى پەرمانىنى ئەلگە جاكالاپتۇ:
-ئەي ئەھلى خالايىق،ئاڭلىمىدىم ئىشىتمىدىم دېمەڭلار.بۈيۈك پادىشاھ ئالىيلىرى بۈگۈندىن باشلاپ  جاھاندىكى ئەقلى-ھۇشى بار ھەرقانداق ئىنساننىڭ  مەي-شاراپ ئىچىشىنى چەكلىدى.مەي ھارام قىلىندى.ھەرقانداق بىر كىشى مەيلى ئۇ باتۇر يا كاسىپ ۋە ياكى داڭلىق ئەرباپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق چاغ ھەرقانداق جايدا ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن مەي-شاراپ ئىچىشىگە بولمايدۇ.كىمىكى پەرمانغا قارشىلىق قىلىپ مەي-شاراپ ئىچىدىكەن قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ.گۇناھى ھەرگىز كەچۈرۈلمەيدۇ.


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 856
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 02:17:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللىرىڭىزگا دەرت كەمىسۇن

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش