مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور ھەققىدە قىسسە(شاھنامە 11-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82007
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3551
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2012-6-23
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-27 05:34:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنا ئاخىرى با ما  تىزراق يولىسىڭىز بولاپتىكەن

مەنىسىز ھايات

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6793
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6436 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-27 05:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر چاغلاردا ئوقۇغىنىم ئېسىمدە...يەنە قىزىقىپ ئوقۇپ چىقتىم...

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-27 06:25:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دانالارنىڭ داناسى ۋە باشقا بارچە دانالار، ھۈنەر-ماھارەتكە پىشقانلار، تەپەككۈرغا ماھىر مەشھۇرلار بەھرامنىڭ ۋەدە-قەسەملىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشتى.ئۇلار دېيىشتىلەركى:
-ئەي شەھرىيار، ھەممىمىز ساڭا بەندىمىز.ئەمىر-پەرمانلىرىڭغا ھەرقاچان پەيۋەندىمىز.
بەھرام ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
-ئەي رەھنەما ئۇلۇغلار،ئەقىلدان دانلار!بىلىڭلاركى مەن شاھ بولۇپ ئارىدىن يۈز يىل ئۆتسىمۇ بۈگۈن قىلغان ۋەدىلىرىمدىن تايماسلىققا ۋىجدانىم بىلەن كېپىللىك قىلىمەن.مەن بايا ‹‹شىرلارئارىسىدىن تاج ۋە تەختنى قولۇمغا ئېلىپ جاسارتىمنى  سىنايمەن›› دەپ ۋەدە بەرگەن ئېدىم.مانا ئەمدى ئەنە شۇ شەرتىمنى ئورۇنلايمەن.بۇ جەرياندا شۇم نىيەت دۈشمەنلەرنى بەختسىز،توغرا نىيەت دوستلارنى شادىمان  قىلىمەن!
ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئەتراپتكى ھەممە كىشىنى-دانالار،بىلىمدانلار ۋە دىل يورۇقلارنى مەپتۇن  قىلدى.بۇرۇن ئۇنىڭغا قاتتىق تەككەن،چەتكە قاققان،شاھ بولىشىغا بار كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان نۇرغۇن ئادەملەر قىلغان سۆزلىرىگە پۇشايمان قىلىشتى.ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھىس قىلىشىپ باغرى قان بولۇشتى.ئۇلار قاتتىق پۇشايمان ئىلكىدە ھەممىسى بىردىنلا ئورتاق ھالدا مۇنداق سادا ياڭرىتىشتى:
-شاھلىققا پەقەت بەھراملا لايىقتۇر.ئۇندىن ئۆزگە شاھلىققا پۈتۈنلەي ماس كەلگۈدەك ئىككىنچى بىرى يوقتۇر.،قەيسەر مەردلىك، شىرىن سۇخەن ناتىقلىق،يېتۈك دانالق ۋە ئەجدادى ئۇلۇغلۇقتا ھىچبىر زات ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەس.بۇ قەدەر ئۈستۈن  ئەقىل-ئىدراك ۋە قۇياش كەبى مېھىر-شەپقەت ئۇنىغا پەقەت تەڭرىدىنلا ئىنئام قىلىنغاندۇر.خۇدايىم ئۇنى مەڭگۈ ئەزىز قىلغاي،دانا باشپاناھىمىز يامانلارنىڭ كۆزىدىن دائىم يىراق تۇرغاي! بىز ئۇنىڭدىن دائىم ئاۋاتلىق،توقلۇق-پاراۋانلىق،كامال ۋە شادلىق تاپقايمىز.بىز ئۇنىڭ شاھ بولۇشىغا يەنە كاجلىق قىلمايلى.ئەقىل كۆزىمىز ھەقىقەتەن خىرە ئىكەن.بىز شاھ بولۇشقا ھەقىقى لايىق ئۇلۇغ زاتنى بۇرۇنلا تونۇيالماپتىمىز.مۇنداق خۇشچىراي ۋە شەمشاد  كەبى قەددى-قامەت زادى كىمدە بار؟! شۇنى تونۇشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ شەھرىيار جاھاندا تەڭداشسىزدۇر.بىزنەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇنى رەت قىلىپ تەڭرى ئېرادىسىگە قارشى چىقىپتىمىز.تەڭرى پۈتكۈل ئېران ئەھلى بىرلىشىپ قارشى چىقساقمۇ بىزدىن قورقۇپ قالامتى؟!ئۇنىڭ ئالدىدا بىز ھەممىمىز گوياكى بىر سىقىم تۇپراقتىنلا ئېبارەت.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-27 08:04:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار بەھرامغا دېيىشتىلەركى:
-ئايا ئۇلۇغ شەھرىيار،بۇ دەرگاھ ۋە شاھلىق شان شەرىپى پەقەت بىر سىزگىلا ماس كېلىدۇ.بىز سىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭىز ۋە بىلىم-ئىستىداتىڭىزدىن بىخەۋەر ئىكەنمىز.شۇ سەۋەپتىن بىز خۇسرەۋنى شاھ قىلىپ تىكلىگەن ئىدۇق.ئۇنى ئىلاھتەك ئۇلۇغ بىلىپ، بېشىمىز يەرگە يەتكىچە تازىم قىلىپ نىجات كۈتۈپتۇق.بىز ئۇنىڭغا سادىق بولۇش ئۈچۈن قەسەم ئىچكەن ئىدۇق.شۇ قەسەم تۈپەيلى بىز ئۇنىڭغا قارام بولدۇق.ئەمدى شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى،ئەگەر خۇسرەۋ ئېراندا داۋاملىق سەلتەنەت تەختىدە تۇرۇۋەرسە  پۈتكۈل مەملىكەت خەتەرگە يولۇقىدىكەن.شۇ تاپتا خەلقىمىزنىڭ يېرىمى ‹‹بەھرام›› دەپ دىلىنى شاد قىلسا، قالغان يېرىمى يەنىلا خۇسرەۋدىن نىجاتلىق كۈتمەكتە.سىزنىڭ دېگەن پەيمانىڭىز ياخشى يول ئىكەن.دېگەن ەېپىڭىزدە تۇرۇپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز گېپىڭىز مۆھۈردەك ئۆتۈملۈك بولۇپ پەرمانىڭىز جاھاننى تۇتۇپ تۇرالايدۇ.سىز شاھلىق تەختىگە چىقىشتا شىرلار بىلەن جەڭ قىلماقنى باھانە قىلىپ تاللاپسىز.بىزمۇ بۇ قارارىڭىزنى قوللايمىز.شاھلىق تەختى تەڭرى ئېرادىسى،ئاۋامنىڭ رايى بويىچە كىم غالىب بولسا شۇنىڭغا نېسىپ بولغاي!
بەھرام بۇ تەكلىپكە رازى بولدى.رازى بولمايمۇ مۈمكىن ئەمەس ئېدى،چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئۆزى تاپقان چارە ئېدى.شاھلىق رەسمىدىمۇ بۇرۇندىن تارتىپ شۇنداقراق ئۇدۇملارمۇ بار ئېدى.تەختكە چىقماقچى بولغان يېڭى شەھرىيار دانالارنىڭ داناسىنڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلاردىن باشقا يەنە نامدار ئۈچ دانانىمۇ يېنىغا ئېلىپ مۇراسىم ئۆتكۈزەتتى.مۇراسىمدا  بۇ دانالار شاھنى مۇقەددەس  تەختكە ئولتۇرغۇزاتتى.بېشىغا ئالتۇن تاج تاقايتتى.ئالتۇن تاج،شانلىق تاج ۋە كۈندەك يالتىراق گۆھەر تاجدىن،نۇقەددەس ھوقۇقنىڭ سىمۋولى بولغان شاھانە كۇلاھتىن نۇرلار چاقنايتتى.شۇنىڭ بىلەن تەختكە چىققۇچىنىڭ چېھرى بەخت تۇيغۇسى بىلەن گۈلدەك ئېچىلاتتى.بۇ مۇراسىمدا شاھقا يېقىنلىرى مال-مۈلۈك ھەدىيە قىلسا شاھ مەردلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن بارلىق ھەدىيەلەرنى خەللققە چاچما قىلىپ بېشىدىن چېچىۋېتەتتى.تاج-تەخت دانالارنىڭ قولىدىن شاھلارغا ئۆتەتتى.
بەھرام تەلەي سىناش ئۈچۈن  ھەمراھلىرى بىلەن دەشت تەرەپكە چىقتى.بەھرامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىككى قانخور شىر تۇتۇپ كېلىنگەن بولۇپ باغلانغان زەنجىرى دانالارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلدى.دانالار ئەقىلپەم ئىشلىتىپ شىرلارنى تەختكە يېقىنلاشتۇردى ۋە تەختنىڭ ئىككى يېنىغا پەم بىلەن باغلاپ قويۇشتى.خىرىس قىلىپ تۇرغان ئىككى ۋەھشى شىردىن قورقۇپ  تۇرغان ھىچقانداق ئادىمىزات پەرزەنتىنىڭ  تەختكە يېقىنلاپ بېرىشقا ھەددى ئەمەس ئېدى.دانالار ئەقىلى ئىشلتىپ بۇ ئىشنى بىىەتەر ئورۇندىغان بولسىمۇ يەنىلا قورقۇنچتىن يۈزلىرى بەئەينى خەسىدەك ئاقىرىپ كەتكەن ئېدى.
تەييارلىقلار پۈتتى.تاج بىلەن تەخت شىرلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان ئېدى.خەتەر ئىچىدىكى بۇ بىر جۈپ بۇيۇمدىن ئىقبال نۇرى پارلاپ تۇراتتى. تاماششا كۆرۈش ئۈچۈنبۇ يەرگە يىغىلغان تۈمەنلىگەن ئالامان بۇ ئەجەپلىنەرلىك مەيدانغا زور قىزىقىش ئىچىدە باقاتتى.‹‹شاھلىق تالاشقۇچى مەردلەر نىچۈك يول تۇتاركىن؟!›› دەپ كۈتۈپ تۇرۇشاتتى.



قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 12:41:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇسرەۋ بىلەن بەھرام مەيدانغا كىرىپ شىرلار تەرەپكە قاراپ مېڭىشتى.خۇسرەۋ شىرلار ئارىسىدا تۇرغان زەر تاجنى كۆرۈپ بەدىنىگە تىترەك ئولاشتى.ئۇنى ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئېلاجىنى تاپالمىدى.شۇڭا داناغا يۈزلىنىپ مۇنداق دېدى:
-مەن بولسام كۈچ-مادارىمدىن قالغان قېرى كىشىمەن. بۇ ۋەھشى مەخلۇقلارنىڭ ئارىسىدىن تاجنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغۇدەكمەن.مېنى كەچۈرۈڭلار.قارىغاندا مۇشۇ شەرتنى قويغان باتۇرنىڭ ئۇنى ئېلىشقا ئۆز ئامالى بولۇشى مۈمكىن.مانا بۇ بەھرام مەندىن ياش،شىرلار ئارىسىدىن تاجنى ئۇ ئالالىشى مۈمكىن.شۇڭا بۇ ئىشقا ئۇ مەرد ئۆزى قەدەم قويۇپ تاجنى ئۆزى ئالسۇن.قارىسام ئۇنىڭ سىيماسىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرۇپتۇ.
بەھرام مەردانىلىق بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ دېدى:
-ئەي خۇسرەۋ،ئېيتقان سۆزۈڭ بەرھەق.‹‹يولۋاس ئىزىدىن، يىگىت سۆزىدىن قايتماس››دېگەن گەپ بار.گېپىم گەپ،ۋەدەم ۋەدە.مەن ساڭا تاجنى ئالدى بىلەن ئېلىشقا  پۇرسەت بەرگەن ئېدىم.پۇرسەتتىن ئۆزۈڭ ۋاز كەچتىڭ. ئەمدى سەن مېنىڭ شىرلار ئارىسىدىن تاجنى قانداق ئالغىنىمنى،تەختنى قانداق ئىگەللىگىنىمنى كۆر!


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 12:42:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەھرام سۆزىنى تۈگىتىپ گۈرزىسىنى قولىغا ئالدى.ئەتراپتىكى تاماشىچى خالايىقنى ھەيران قالدۇرۇپ شىرلار تامان قەدەم قويدى.بىر ئەقىلدان دانا ئۇنىڭ شىرلار تەرىپىدىن زەخىمدار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى نەسىھەت بىلەن توسىماقچى بولدى:
-ئايا زېھىندار دانا پادىشاھ،ھەممىمىز بىلىمىز.ئەقىل ئىگىسى بولغان تەدبىرلىك ئىنسان ھەرقانداق ئىشنى ئويلۇنۇپ قىلىدۇ.زىيان تارتىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ.سىزنى شىر جېڭىگە كىم مەجبۇر قىلدى؟ئەجەبا جاننى يىرتقۇچلارغا سەپ بەرمەي،ئەزىز تەنگە زەخم يەتكۈزمەي تۇرۇپ شاھلىققا ئېرىشكىلى بولمامدىكەن؟! نېمىدەپ جېنىڭىزغا جاپا سالىسىز،نىمە سەۋەپتىن ھاياتىڭىزنى دوغا تىكمەكچى بولىسىز؟ بىز ھېچقايسىمىز سىزنى بۇنداق خەتەرلىك ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىمىدۇق.شۇڭا بولدى قىلىڭ. ئەمدى ئۇنداق خەتىرى كۆپ ئىشنى قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
دانا ۋەكىل شۇنداق دەپ تۇرسىمۇ لېكىن جاسارەتلىك بەھرام يەنىلا جاھىللىق قىلىپ ئۆز كۆزقارىشىدا چىڭ تۇرۇۋالدى.بەلكىم ئۇ بۇنچىۋالا كۆپ ئادەم بار يەردە ئۆزى دېگەن گەپتىن ئۆزى يېنىۋېلىپ يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورىققاندۇ ياكى ھەقىقەتەنمۇ شىرلارنى بويسۇندۇرالىغۇدەك كۈچ ۋە جاسارىتى باردۇ.شۇ سەۋەپتىن ئۇ داناغا نېمە دېدى دېمەمسىلەر:
-ئەي دانا،ئەنسىرىمىگىن.شۇنى بىلگىنكى،بۇ قارارنى ھېچكىم ئەمەس مانا مەن ئۆزۈم چىقارغان.شۇڭا بۇ ئىشتا ھېچكىم ئەيىپلىك ئەمەس.مەن مەجبۇرلىنىپ ئەمەس بەلكى ئۆزۈم خالاپ ۋە شۇنداق قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ تۇرۇپ بۇ ئىشقا قەدەم قويۇۋاتىمەن.مەن بۇ مەيداندا ۋەھشى شىرلار بىلەن جەزمەن جەڭ قىلىمەن!مەردانە ئۆلچەمگە چوقۇم ھەممە قايىل بولغۇدەك ئەمەل قىلىمەن.
ئامالسىز قالغان دانا ئۇتۇق تىلەپ يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى:
-ئەي باتۇر ئەزىمەت،تەڭرى سىزگە پاناھ بولسۇن.بۇ ئىش تۈپەيلى قانچىلىك گۇناھىڭىز بولسىمۇ يۇيۇلۇپ كەتسۇن!

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 12:42:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ بەھرام دانانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاچ شىرلار تەرەپكە قەدەم قويدى.ئۇ بۇ باتۇرلارچە جاسارىتى ئارقىلىق ھەقىقەتەنمۇ گۇناھلىرىدىن پاك-پاكىز پاكلىنىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدى.
بەھرام شىرلارغا يېقىنلاشتى.شىرلار زەنجىرلىرىنى زەرپ بىلەن تارتىپ ئۇنى ھازىرلا ئۈزىۋېتىدىغاندەك،زەنجىردىن بوشۇنىۋالسا قىياندەك شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇپ ئالدىغا ئۇچرىغان ھەرقانداق مەخلۇق ياكى ئادىمىزاتنى ھايالسىز خاراپ قىلىۋەتكۈدەك ئەلپازدا خىرىس قىلاتتى.ھەقىقەتەن بەكرەك غەزەپلەنگەن بىر شىر زەنجرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ئۆزىگە قارشى تۇرغىلى كەلگەن بەھرامغا تاشلاندى.شۇنداق قىلىپ بەھرام بىلەن شىرنىڭ ئېلىشىشى باشلاندى.  
بەھرام ئۆزىگە ئۇدۇل ئېتىلىپ كەلگەن شىردىن چەبدەسلىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇردى.شىرنىڭ بىرىنچى ھۇقۇمى بىكار كەتتى.ئۇ ئارقىسىغا يېنىپ غەزەپ بىلەن ھۆركىرەپ بەھرامغا ئىككىنچى قېتىم ئېتىلدى.بەھرام قىلچە تەمتىرىمەستىن گۈرزىسىنى بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ چاقماق تېزلىكىدە شىرنىڭ بېشىغا ئۇردى.شىرنىڭ بېشىدا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك بولۇپ مېڭىسىنىڭ قېتىقى چاچرىدى.كۆزلىرىدىن يورۇقلۇق پىنھان بولدى.بەھرام ئىككىنچى شىرنىڭمۇ يېنىغا بېرىپ ئۇنى بىردەمدە ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قانلار ئېتىلىپ چىقىپ تىپىرلاپ جان بەردى.باشقىلار قورقۇپ يېقىن كېلەلمىگەن،قىلىشقا  جۈرئەت قىلالمىغان بۇ دەھشەتلىك جەڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن گويا بىر ئاددىي ئويۇندەكلا تۇيۇلغان ئېدى.شۇنداق قىلىپ بەھرام مەردلىك بىلەن شاھلىق تاجىنى بېشىغا كىيدى. تەختنى ئىگەللىدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 12:43:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇسرەۋ  چىن دىلىدىن قايىل بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ تازىم قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:
-ئەي مەرد يىگىت،قۇدرەتلىك پادىشاھ ئەزىم.ئولتۇرغان بۇ تەختىڭىز پايىدار بولسۇن.قاھاندىكى بارلىق مەردلەر خىزمەتكارىڭىز بولسۇن.مەن شۇنداق ئۆتۈنىمەنكى،سىز بىزنىڭ شاھىمىز بولۇڭ.بارچىمىز سىزگە قۇل بولايلى.ھەركۈنلىك ئىبادەتتە، دۇئالىرىمىزدا تەڭرىدىن بەخت-ئامىتىڭىزنى تىلەيلى.تەڭرى بېشىڭىزغا پاناھ بولسۇن.سىزگە ھەمىشە  توغرا يول كۆرسۈتۈپ گۇمراھلارنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن ئامان قىلسۇن.
شۇنداق قىلىپ خۇسرەۋ ۋە باشقا ئۇلۇغلار يېڭى شاھقا نۇسرەت ۋە زەپەر تىلەپ بېشىدىن زەر ۋە گۆھەرلەرنى چېچىشتى.
بەھرام شاھلىق تەختىگە رەسمى ئولتۇرغان مۇراسىم كۈنى بارلىق يۇرتلارنى شادلىق دولقۇنى چۇلغىدى.
قىش كېلىپ بۇلۇتلار ئاينى يوشۇردى.ئاسماندىن قار ئۇچقۇنلىرى تىنىمسىز تۆكۈلۈشكە باشلىدى.ھەممە يەر قار بىلەن كۆمۈلۈپ كەتكەن بولغاچقا نە دەريا،نە دەشت،نە باغلار كۆزگە كۆرۈنمەيتتى.ئاسماندا لەپىلدەپ  ئۇچۇپ يۈرىدىغان زاغلارمۇ قاياققىدۇر غايىپ بولغان ئېدى. قېلىن قار يەرگە كۈمۈش تاغ كەبى توپلاندى.مۇشۇنداق چاغدا ئۆيۈمدە نە ئوتۇن،نە نان،نە ئارپا يوق.كۈنلىرىمنىڭ قانداق ئۆتۈشىنىمۇ بىلمەيمەن.شۇڭا بۇ كۈنلەر مەن ئۈچۈن قاراڭغۇ زۇلمەتكە ئوخشايدۇ.بارچە كارى-بارىم ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى.مۇشۇنداق كۈنلەردە كۆڭلۈمنى چۈشۈنىدىغان بىرەر دوست تېپىلارمۇ؟ بەھرامنىڭ بۇرۇنقى كەچۈرمىشلىرى مەشەدە ئاخىرلاشتى.ئەمدى ئۇنىڭ شاھ بولغاندىن كېيىكى ھاياتى توغرىسدا باشقا بىر داستان ئىنشا قىلاي.ئۇ داستاندىن قالتىسراق داستاننى جاھان تېخى كۆرۈپ باقمىغان.


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مىنى دوزاخ ئوتلى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12364
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8139
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 10:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئوقۇپ بولغىچە كۆزلىرىم ئاغرىپ كەتتى ،تىما ئىگىسى ھەقىقەتەن قالتىسكەنسىز

مىنى دوزاخ ئوتلىرىغا تاشلىساڭمۇ مەيلى ئەمما يۈرىكىمنى قالدۇرۇپ قوي چۈنكى ئۇ يەردە سەن بار ئەمەسمۇ؟

مىنى دوزاخ ئوتلى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12364
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8139
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 10:47:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى باش سۆرىتىڭىزگە مەن ياقتۇرىدىغان ئارتىسنىڭ رەسىمىنى چىقىرۋاپسىزا  ھەجەپ

مىنى دوزاخ ئوتلىرىغا تاشلىساڭمۇ مەيلى ئەمما يۈرىكىمنى قالدۇرۇپ قوي چۈنكى ئۇ يەردە سەن بار ئەمەسمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش