مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور ھەققىدە قىسسە(شاھنامە 11-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 07:15:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەھرام گور پادىشاھلىقى
بەھرام گور تەختكە ئولتۇرغان زاماندا ئاسمان ئۇنىڭ بېشىغا بەخت نۇرلىرىنى قىممەتلىك چاچقۇ قىلىپ ئايىماي چاچتى.بەھرام بەختنىڭ  شۇنداقلا رىزىق ۋە تاج-تەختنىڭمۇ بىردىنبىر خۇداۋەندىسى، ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم ئالەم ئىشلىرىدىن ئەڭ ئاگاھ بولۇپ تۇرغۇچى پاك،قۇدرەتلىك  پەرۋەردىگاردىن رازى بولۇپ مىڭلاپ  تەھسىنلەر ئوقۇپ ئىرانلىقلارغا دېدى:
  -بۇ بەخت ۋە بۈيۈك تاج-تەخت ماڭا ئىگەم تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىندى.شۇڭا مەڭگۈ راۋاج تاپقاي.تەشۋىشىممۇ ئۇنىڭدىن،ئۈمىدىممۇ ئۇنىڭدىندۇر.تەڭرى شاراپىتى بىلەن ئىگە بولغان بۇ بۈيۈك مەرتىۋىلەرگە شۈكرى قىلماقلىق مېنىڭ مۇقەددەس ئىشىمدۇر. سىلەرمۇ تەڭرىگە ساداقەتمەن بولۇڭلار.شۇنى بىلىڭلاركى،ساداقەتمەن كىشىلەر سائادەتمەن بولۇر.
   ئىرانلىقلار جاۋابەن مۇنداق دېدى:
  -ئەي ئۇلۇغ شاھىم،سۆزلىرىڭىزنى ھەردائىم  دىلىمىزدا ساقلايمىز.ھەرقانداق خىزمىتىڭىز بولسا ئۇنى بەجا كەلتۈرمەككە ھەرقانچان بېلىمىز باغلاقلىق.تاجۇ-تەخت ئۆمۈربويى ئىلكىڭىزدە بولسۇن.بەخت-ئامەت يارىڭىز بولۇپ ھەمىشە يېنىڭىزدىن كەتمىسۇن.
   ئىرانلىقلار تەھسىن ئاپىرىنلار ئېيتىشىپ،ئېھتىراملار بىلدۈرۈشۈپ بەھرامنى مۇبارەكلەشتى.باشلىرىدىن زەر،گۆھەر ۋە دۇر جاۋاھىرلارنى يامغۇر كەبى چاچقۇ قىلىپ چېچىشتى.شاھ بەھرام سۆز ئېلىپ تەشەككۈرلىرىنى ئىزھار قىلدى:
   -ئايا،ئەزىزلەر، ياخشى-يامان بارلىق ئىشلاردىن خەۋەردارسىلەر.بارچە خالايىق بىر ئىگەمنىڭ بەندىلىرىدىندۇرمىز.ئۇ ئىەىمىز شۇ قەدەر ئۇلۇغكى، سەجدىگە لايىقتۇر.مەن ئىگەمنىڭ ئېرادىسى بىلەن سىلەرگە شاھ بولدۇم،شۇڭا  سىلەرگە قىلچە يامانلىقنى راۋا كۆرمەسمەن.مۈشكۈللۈككە دۇچار بولمىغايسىزلەر. كىمىكى مۈشكۈللۈككە يولۇقسا مېنى يېقىن دوستى كۆرۈپ مۈشكىلىنى مەلۇم قىلسۇن. مەن چامامنىڭ يېتىشىچە ئۇنى ئاسانلاشتۇرۇشقا تىرىشىمەن.
ئەل ئۇنىڭغا تەكرار-تەكرار ئاپىرىنلار ئېيتىشتى.شۇنداقلا ئىززەت-ئىكراملار كۆرسەتتى.بۇ يەردە سۆھبەت -ئەنجۈمەن راسا قىزىدى.ئۇلار تەبرىكلەش مۇراسىمىنى راسا قىزىتىپ شاد كۈلۈشۈپ تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر تۈنەشتى.كېيىن ئەل-ئارام ئالماققا تارقاپ كېتىشتى.كۈن چىققىپ يېڭى بىر كۈن باشلانغاندا بەھرام شاھلىق سارىيىغا كىرىپ تەختتە ئولتۇردى ئاندىن ئۇلۇغلارنى توپلاپ ئۇلارغا پەند قىلىشقا باشلىدى:
-ئەي ئەزىزلەر،تەلەيلىك مۆتىبەرلەر.بىز بىزنى بۇ بۈيۈك مەرتىبىلەرگە ئىگە قىلغان تەڭرىگە كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ بەخت تىلەيلى.تەڭرى ئۆزىنى سېغىنىپ ياد ئەتكۈچىلەرگە تولىمۇ مېھرىباندۇر.شۇ سەۋەپتىن غۇربەت كۆرمەي باياشادچىلىقتا ئۆتەيلى.تەخت-ئايۋاننى ئىسىل زىننەتلەپ سەلتەنىتىمىزنى نامايەن قىلايلى.مەرد پالۋانلارنى چىنلىققا چاقىرىپ ئەلنى پاراۋان ئېتەيلى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 01:31:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ بەھرام ئۈچۈنچى كۈنى شاھلىق تەختتە شادىمان ئولتۇرۇپ  خالايىققا نەسىھەت قىلدى:
-ھەرۋاقىت تەڭرى نامىنى تىلغا ئېلىپ ئۇنى ياد ئېتپ تۇرۇڭلار.پەقەت ئۇنىڭغىلا سەجدە قىلىڭلار.شۇندىلا ھەقىقەت نۇرىدىن كۆڭۈلگە رۇشەنلىك چۈشكەي.ھاياتلىق بار يەردە ماماتلىق بار.تەڭرى ئاخىرەتتە بۇ دۇنيادىكى قىلمىشىڭلاردىن ھېساپ ئالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاپ ،يامان ئىش قىلغانلارنى جازالايدۇ. ئاخىرەتلىك ماكاندا بېھىش بار،دوزاخمۇ ھەم بار.ئۇلار ياخشى-يامان كىشىلەرنىڭ ئۇ دۇنيادىكى تېگىشلىك نىسىۋىسىدۇر.كىمىكى بۇ ھەق سۆزنى تەن ئالمايدىكەن ناكەس ھېساپلىنىدۇ.بۇنداق كىشى دانالىق ۋە دىندىن تولىمۇ يىراقتىدۇر.
ئۇ يەنە مۇنداق نەسىھەت دۇردانىلىرىنى تىل غەزىنىسىدىن قىممەتلىك چاچقۇ قىلدى:
مەن بايلىقنى غۇرۇر دەپ بىلمەيمەن.خەلقىمنىڭ شادلىقى مەن ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق.بەش كۈنلۈك بۇ دۇنيادا مال-دۇنياغا ھېرىسلىق قىلىش ئارتۇقچە ئىش.بايلىقنى ئاشۇرغانلىق قايغۇنى ئاشۇرغانلىققا باراۋەر.شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى،بۇ دۇنيا پانىيدۇر،ئۇ دۇنيا بولسا باقىي.شۇڭا ئۆتكۈنچى پانىي دۇنيا راھەت-پارغەتلىرىنى دەپ مەڭگۈلۈك باقىي دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن قۇرۇق قالماڭلار!يەنە بىر نەسىھىتىم شۇكى، كىمىكى ئۆزىنى ئاقىل ھېساپلىسا تەمەدىن يىراق تۇرسۇن.چۈنكى تەمە دېگەن تۈگىمەس غەم كانى!
بەشىنچى كۈنى دېدى:
-پۇقرالىرىمدىن كىمىكى دەردكە مۇپتىلا بولسا  ئۇنىڭ دەردىگە مەلھەم بولماق مېنىڭ پەرزىمدۇر.ياردەمگە مۇھتاج بارلىق كىشىلەرگە ئۈزۈلدۈرمەي ياردەم  بېرىشكە  ئەھدە قىلىمەن.ئەل ئارىسىغا ياخشىلىق ئۇرۇقىنى تىكىش مەن ئۈچۈن ئالىي بەخت.
ئالتىنچى كۈنى مۇنداق دېدى:
-مېھنەتكەش ئەل-ئاۋامنىڭ بارچىسى مېنىڭ يېقىن قېرىنداشلىرىمدۇر.ئەگەر ئۇلارغا كىمىكى ئازار بېرىپ زۇلۇم سالسا مەن ئۇنى كۈلپەتكە دۇچار قىلىمەن.بىمەنە بايلىقنىڭ ۋەسۋەسىسى يامان شۇڭا بايلىق توپلاشقا ھېرىس بولمايمەن.لەشكەرلەرنى چىڭ مەشىققە سېلىپ ئاۋامنىڭ ئامانلىقنى قوغدايمەن،لېكىن بىھۇدە ئۇرۇش ئېچىپ ئورۇنسىز جەڭلەردە قۇربانلىق قىلمايمەن.
يەتتىنچى كۈنى يېقىنلىرىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئايا،دانالار،جاھانكەشتى ھۇشيارلار،ئەقلى تازا دانالار،نەسىھىتىمگە قۇلاق سېلىڭلار.ھىچقاچان خەسىس بولماڭلار.كىمىكى خەسىسلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا خەسسلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن.ھەرۋاقىت ياخشىلار بىلەن يولداش بولۇڭلار.ياخشىلار بىلەن بىرگە ياشاش بەكمۇ ساۋاپلىقتۇر.كىمىكى بىزگە قولداش بولمىسا،تەپرىق ئىزدەپ مەردۇملۇق كۆرسەتسە قىلغان شۇملىقىدىن شۇملۇق يېنىپ ئۆز قەستىگە ئۆزى دۇچار بولغاي.كىمىكى ئەمرىمگە ئىتائەت قىلسا قايغۇدىن قۇتۇلۇپ سائادەتكە ئۇلاشقاي.
شاھ سەككىزىنچى كۈنى مۇنداق ئەمىر قىلدى:
-خۇشخەت يازىدىغان مىرزىلار تەييار بولسۇن، ھەر بىر دىيارنىڭ شاھىغا قارىتىپ نامە يېزىپ چىقىشسۇن.نامىدا ئۇلارغا قارىتىلغان پەرمانىم رۇشەن، جانلىق تىل بىلەن بايان قىلىنسۇن.
مىرزىلار تەييار بولغاندىن كېيىن شاھ پەرمانىنى ئاشكارىلىدى:
-قېنى ياز،‹‹بەھرام ئىراننىڭ شاھلىق تەختىگە مەرھەمەت قىلدى.راستچىللىق، سېخىيلىك ،مەردلىكنى ھاياتىدىنمۇ ئەزىز بىلدى.چۈنكى ئەگرىلىك،بېخىللىق،ئۇنىڭغا ئەزەلدىن يات ئىللەتتۇر.شاھىمىزنىڭ ئۆزى شەۋكەتلىك،قولى مېھىر-شەپقەتلىك.شۇڭا ئۇنىڭ تۇتقان يولى ياخشىلىق يولىدۇر›› دەپ ياز. تەختىم مېھىر –ئادالىتىمنىڭ سىيماسىدۇر .شۇڭا يەنە يازغىنكى،كىمىكى ئۇنىڭغا باش ئەگسە بەختىيار بولۇر.ئەكسىچە، كىمىكى ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرسە گۇناھكار بولۇر.تەختكە قانداق چىققىنىمنى بىلمەك بولسا جاۋابىم شۇكى،ئاتامنىڭ قولىدىن چىقتىم.ئادىل توھمارىسنىڭ يولىدىن چىقتىم. ھەركىمگە راستچىللىقنى تەشەببۇس قىلىمەن.ئەگەر ئۇ شاھ مەندىن ئەندىشىسىز بولسىمۇپات –پۇرسەتتە  ئەھۋالىمدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.ئەجداتلار تەڭرى يولىنى تۇتۇپ توغرا يولدا يۈرگەندۇر.شۇڭا ئېھتىيات ساقلاپ باشقىلارنىمۇ شۇ يولغا باشلايمەن. زەردوشت دىنىغا ھامىي بولغايمەن.چۈنكى بەخت ئاپتىپى شۇ يولدىدۇر.مەن ئەجداتلىرىمنىڭ تۇتقان يولىغا سادىق بولىمەن.شۇڭا بۇ دىننى مۇقەددەس ئورۇندا تۇتىمەن.بۇ ماڭا ۋەلىي ئىبراھىمدىن قالغان دەرس.ھەر كىم ئۆز ئۆيىدە مىسالى پادىشاھتۇر.ھەركىم ئۆز مۈلكى ۋە دىنىغا ئۆزى پاناھ بولغاي.بارلىق پۇقرالارنىڭ پەرزەنت ۋە ئاياللىرى ماڭا قارامدۇر.پەرسا ۋە زېرەك ئەرلەر ساھىپكەرەم(سېخىيلار)دۇر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-8 09:51 AM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 09:50:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ شاھ بولۇشتىن مەقسىدىم بايلىققا ئېرىشىش،مال-دۇنيا توپلاش ئۈچۈن ئەمەس.دەرۋىشلەرنىڭ پۇل-مېلى بولمىغاچقا ئېغىر يوقسۇزلۇق دەردىنى تارتىدۇ.ئەگەر خۇدا بىزگە ھاياتلىق بەرسە،ئىنسان چەرخى -پەلەكنىڭ پېشكەللىرىدىن ئېھتىيات قىلسا،ئابرۇي ۋە ئېتىبار،بايلىق ۋە مالغا ئېرىشىپ بۇ مەكتۇپنىڭ مېغىزىدىن كامال تاپقاي.بىزدىن بارلىق شاھلارغا سالاملار بولسۇن! سورۇنىمىزدىكى بارلىق مېھرى ئۇلۇغلارغا شىرىن كالاملار بولسۇن!
شاھ بەھرام ئەلچىلەرگە ئەنە شۇنداق سۆزلەرنى دەپ ھېساپسىز رەھمەتلەرنى ئىزھار قىلدى.كېيىن نامىلەرگە مۆھۈرىنى باستى.ئەلچىلەر نامىلەرنى قوللىرىغا ئېلىشىپ سارايدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزلىرى تەيىنلەنگەن مەملىكەتلەرگە قاراپ يولغا چىقتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 01:41:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىسى تاڭ ئېتىپ قارا تۇننىڭ يۈزى ئاقاردى.قىزىل قۇياش پارلاق تاغلار كەينىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئاپپاق كۈچلۈك نۇرلىرى بىلەن  جاھاننى يورۇتتى.بۇرۇن بەھرامنىڭ شاھ بولۇشىغا قارشى تۇرغان بىر گۇرۇھ كىشىلەر مەنزەرنىڭ ھوزۇرىغا كېلىشتى. ئۇلار كۆڭلىگە غەم چۈشكەنلەر ئېدى.شۇڭا مەنزەرگە دېيىشتى:
-مەرد شاھىمىزدىن ئۆتۈنۈپ سورىغايسىز، ئۇ بىزنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن كەچمىش ۋە  گۇناھلىرىمىزدىن ئۆتسۇن.بۇنىڭدا بىزنىڭ قەستەنلىكىمىز يوق.ھەممىسىگە يەزدىگىردنىڭ بۇرۇن بىزگە قىلغان زۇلۇملىرى سەۋەپ بولغان.ئۇنى ئويلاپ قىزىققانلىق قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەسەپلىرىمىز بۇزۇلغان ئىكەن.ئۇنىڭ سۆز ئىغۋاسى بىزنى بۇ يولغا ،ئىشلەتكەن ئازارى بۇ ئويغا سالدى. يەزدىگىردتىن بىسلا ئەمەس سىزمۇ كۆپ جاپا كۆردىڭىز.شۇ سەۋەپتىن بىزمۇ بەھرامغا ۋاپا قىلمىغان ئىدۇق.
مەنزەر ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ شاھ قەسىرى تامان يول ئالدى.قىش كۈنىدىكى ئاتەش كەبى يېقىملىق سۆزلەرنى قىلىپ شاھتىن ئۆتۈنسە ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ قېلىشى مۈمكىن ئېدى.چۈنكى قەلبى تازا، ئادىل پادىشاھ ئەپۇچان، كەڭ قۇرساق بولاتتى.
شاھ بەھرام شاھانە ئايۋاننى بېزەشكە،دانالار ۋە ئۇلۇغلارنى ئۇنىڭغا توپلاشقا بۇيرۇق بەردى.پەرمان ئورۇنلاندى.نامدارلار تۆرگە چىقىپ ئولتۇرۇشتى.ھەربىر ئادەمگە ئاتايىن سالاھىيىتىگە ماس  جاي كۆرسۈتۈپ بېرىلدى.بۇ بەزمىگە خاس داستىخان ياسالغان ئېدى.داستىخاندىكى مول نازۇ-نېمەتلەر،مەي-شاراپلار ۋە ناخشا-سازلار سورۇنغا جان كىرگۈزۈۋەتتى.
ئىككىنچى كۈنىمۇ يەنە بىر بۆلۈك خەلق بۇ ئايۋاندا مەي- شاراپ ئىچىپ،ساز ئاڭلاپ راسا يايرىدى.مۇشۇ خىلدىكى زىياپەت ئۈچ كۈن داۋاملاشتى.بۇنىڭ بىلەن غەم-قايغۇ شاھ قەسىرىدىن يىراقلاشتى.


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 05:13:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنزەر ئاتا-بالىنىڭ قىلغان ياخشلىقلىرى شاھنىڭ قەلبىگە مەھكەم ئورناپ كەتكەن ئېدى.شۇڭا ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن: -مەنمېنى شۇ كۈنگە ئۇلاشتۇرغان ئىككى مەرد-مەنزەر بىلەن نۇئىمانغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.ئۇلار لۇتفىمدىن شانغا كۆمۈلۈپ كەتسۇن!-دېدى.
سەردارلار ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ رەھمەت ئوقۇشتى.بەخت-دۆلەت ئۇلاردىن ئايرىلماس بولدى.شۇدەم غەزىنە ئىشىكى كەڭرى ئېچىلدى.تارتۇق قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلانغان دىنار،ياقۇت،گۆھەر ۋە رەڭگا-رەڭ بېزەكلىك كىمخاپلارمۇ تەييار بولدى.ئۇلاردىن باشقا نەچچە جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىسىل تۇلپارلارمۇ تەييارلاندى.بۇلارنى ئەسلى پېلاندىكىدىنمۇ زىيادە قىلىپ مەنزەر بىلەن نۇئىمانغا تارتۇق قىلىشتى.شۇ كەمگىچە ھېچكىم بۇ يەڭلىغ مول سوغا-سالامنى كۆرۈپ باقمىغان ئېدى.شاھ بەھرام ساخاۋەت بابىدا تەڭداشسىز مەرت ئەزىمەت ئېدى.ئۇ مەنزەر ئاتا بالىغىلا بېرىپ قالماي باشقا مېھمانلارغىمۇ سانسىز ھەدىيەلەر تەقدىم قىلدى.بارلىق شاھلارنى ئەزىزلەپ لايىقىدا شاھانە سوۋغا كەلتۈردى.ئۇلاردىن باشقا بىر قۇر مەردلەر كىيىمى ۋە كەم تېپىلىدىغان بىر تۇلپار كەلتۈردى.ئۇلارنى بۇرۇنقى شاھ خۇسرەۋگە ئىززەت ئىكراملار بىلەن تەقدىم قىلدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 09:36:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇسرەۋنى دەرگاھىدىن كەتكۈزىۋەتمەستىن بەخت دەرگاھىغا مەھرەم بېگى قىلىپ ئېلپ قالدى.بەھرامنىڭ بىر سۆزلۈك،دادىسىدەكلا شەپقەتسىز بىر ئىنىسى بار ئېدى.ئۇ باتۇرلۇقتا نامدار يىگىت ئېدى.دۆلەتنىڭ تىنىچلىقى، قېرىنداشلىق مېھىرنىڭ مۇھىملىقنى كۆزلەپ ئۇنى ھۆرمەتلەپ  لەشكەر باشلىقى قىلىپ تەيىنلەپ قوشۇنلىرىنى تاپشۇردى.كېيىن ئۇ لەشكەرلەرنى ئوڭ ۋە سول تەرەپلەرگە باشلاپ نۇرغۇن غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ  كۆپلىگەن يۇرتلارنى بەھرامنىڭ ئىلكىگە ئالدى. ئەل سۆيەر شاھ بەھرام پەرمان جاكالاپ غەزىنىنى ئاچتى.تارتۇق قىلىنىدىغان دىنارلارنى لەشكەرلەرنىڭ بېشىدىن ئايىماي چېچىپ ئۇلارنى  خۇشال قىلدى.گۇشەسىپ مىرزا بولدى.دائىم شاھ بەھرامنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى.زېرەك جەۋانۇيمۇ غەزىنىچىلىككە تەيىنلىنىپ ئاچقۇچ تۇتقۇزۇلغان ئېدى.شۇڭا ئۇمۇ دائىم شاھ يېنىدا سايىسىدەك تۇرار ئېدى.
شاھ بەھرام ئەقىللىق،تەدبىرلىك يىراقنى كۆرەر ئادەم ئېدى.ئۇ ئەلنىڭ ئاۋاتلاشمىقى،روناق تاپمىقىنى كۆزلەپ خەلقنىڭ پادىشاھلىققا تاپشۇرىدىغان بېجىدىن ۋازكەچتى.مىرزىلار شاھ دىۋانىغا كىرىپ شۇ زاماننىڭ ۋەلىيسى،خەزىنە ساھىبى ۋە ئۇستازى كەيۋاننىڭ ئالدىغا بېرىشتى ۋە ئۇنىڭدىن دىرھەم تەلەپ قىلىشتى.
ئىران خەلقى پۈتۈنلەي باجتىن كەچۈرۈم قىلىنىدى.شۇ سەۋەپ غەم تۈگەپ ھەممە پۇقرا باراۋەر يوسۇندا ئىناقلىققا ئېرىشتى. كەيۋان بىلەن توقسەن ئۈچ قېتىم ھېساپ-كىتاپ قىلىنىپ يۈزمىڭلاپ دىرھەملەر جەم قىلىندى.ئۇلارنى يوقسۇل، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر پۇقرالارغا تارقىتىپ بەردى.پۈتكۈل ئېراننى پۇقرالارنىڭ شادلىق ساداسى قاپلاپ كەتتى.ئەل-ئاۋام ئۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدار بولۇپ ھەشقاللا ئاپىرىنلار ئوقۇشتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 09:37:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورۇز بايرىمى كەلدى. ئەل-ئاۋام بايرام ئۆتكۈزۈلىدىغان دەرگاھتا قاراپ سەلدەك ئاقتى.ئاتەشگاھتىكى ئوتقا مۇشىك-ئەنبەرلەر سېلىنىپ ئەتراپنى خۇشبۇي ھىدقا تولدۇردى.ناھايىتى كۆپ يەرگە داشقازانلار ئېسىلىپ ئۇلارغا يەتتە خىل دانلىق زىرائەت،يەتتە خىل كۆكتات،يەتتە خىل ھايۋاننىڭ گۆشلىرى سېلىنىپ نورۇز ئاشلىرى ئېتىلدى.تەملىك، قۇۋۋەتلىك نورۇز ئېشى جامائەتكە تارقىتىپ بېرىلدى. تەرەپ-تەرپلەردە نورۇزلۇق پائالىيەتلەر قىزىپ كەتتى.ئاۋام شۇنداق كاتتا،شۇنداق توقچىلىق ئىچىدە  بايرام ئۆتكۈزەلىگىنى ئۈچۈن شاھ بەھرامغا رەھمەت-ئاپىرىنلار ئوقۇدى.جاكاچىلار تەرەپ-تەرەپلەرگە ماڭدۇرۇلدى.ئۇلار تاكى پۈتكۈل ئالەم خەلقى شاھ بەھرامنىڭ پەزلى-ئادالىتىدىن خەۋەردار بولغانغا قەدەر جاكا جاكالشتى.يەزدىگىرد ۋاقتىدا ئۇنىڭ زۇلمىدىن قورقۇپ تەرەپ-تەرەپلەرگە قېچىپ كەتكەن ئالامان توپ-توپ بولۇپ يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىشىپ خاتىرجەم ھالدا تىرىكچىلىكىنى داۋام ئەتتۈرۈشتى.
يېڭى، شۆھرەتلىك پەرمانلار ئوقۇلدى. ئۇلۇغلارغا ساراي باشپاناھ بولدى.ھەر بىرىگە خىل-خىلىدا مال-مۈلۈكلەر تارتۇق قىلىپ بېرىلىپ شاد كۆڭۈل قىلىندى.ئاقىللار،دانىشمەنلەر،دانا ھېكىملەرنىڭ ھەرقاندىقى شاھ بەھرامنىڭ دانالارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش ھەققىدىكى پەرمانىدىن خەۋەر تاپتى.ئادالىتى،ئۆزلىرىگە ياغدۇرغان مېھىر-شەپقىتىدىن چەكسىز مىننەتدار بولۇشتى.شۇڭا شاد-خورام ھالدا شاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ كېلىپ خىزمىتىدە بولۇشتى.ھەركىم تېگىشلىك بولغان ئورۇنغا قويۇلۇپ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. شۇڭا كۆڭۈللەر ئازادىلەشتى.چېھىرلەرنى گۈلگۈن تەبەسسۈملەر قاپلىدى.كىمىكى ئەرىز-تەلەپ ئىشى بىلەن كېلىپ قالسا، دانالار ئۇلارنىڭ دەردۇ-ھالىنى ئاڭلاپ تەلەپلىرىنى ئورۇنلاپ بەردى.
كېيىن يەنە يۇرت –يۇرتلارغا جاكاچى ئەۋەتىلدى.جاكاچىدىن جاكاچى ئاڭلاپ ھىچيەرنى ئالا-قويماي شاھ پەرمانىنى يەتكۈزۈشتى:
-ئايا، شاھ بەندىسى بولغان ئەزىزلەر! شاھ بەھرام دەۋرىدە ھىچقاچان  گۇناھ ۋە غەم دەردىنى كۆرمىدىڭىزلەر.شۇڭا داۋاملىق تەڭرىگە ئاپىرىن ئېيتىڭلار.شۇنى بىلىڭلاركى، بۇ زىمىن ئۇنىڭ شەپقىتىدىن ئازاد بولغان.ئۇ يەنە بۇ دۇنيادىكى يەككە-يېگانە باشپاناھىمىزدۇر.ئۇھەر بىر قىلمىشمىزدىن كېچە-كۈندۈز خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ.كىمىكى پەرمانىمىزنى قوبۇل كۆرۈپ بىز تۇتقان ئەھدۇ-پەيمانغا ئەمەل قىلسا بىزمۇ ئۇنىڭغا ياخشلىق قىلغايمىز.دەردلىرىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن قوغلاپ چىقىرىپ  بەختىيار قىلغايمىز.كىمىكى بۇ ئەدلىنى ئىنكار قىلسا بىزنڭ جازايىمىزغا گىرىپتار بولغاي.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 06:30:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر تەقدىر بىزگە قۇدرەت يار قىلسا تەھقىقكى ئالەمنى قۇچارمىز.ياخشىلىقنى ئەلدە زىيادە ئېتىمىز.بۇنىڭ بىلەن كۆڭۈللەرنى يەنە ئاۋات ئېتىمىز.
ئىران دىيارى بۇسۆزلەردىن قوۋناپ ئەلنىڭ ئىختىيارى ئادالەتنى خالىدى.بەھرامنىڭ شاھلىقى كۆپلىگەن شۆھرەتلەرگە ئىگە بولدى.شادلىقلار كۆپىيىپ غەملەر يوقالدى.شاھنىڭ قىلىدىغان ئىشى شىكار قىلىش،چەۋگەن ئويناش،بەزمە تۈزۈش ۋە بەيگىدە ئات چاپتۇرۇش  بولدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5759
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 11:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاخىرنى ئۇقۇشقا بەكمۇ ئالدىراۋاتىمەن ....

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-11 12:49:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى شاھ بەھرام بىرنەچچە ياش پالۋان ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە شىكارغا چىقتى. ئۇلار كىيىك ئوۋلاش قەستىدە تاغ-داۋانلاردىن ئاشاتتى.تۇيۇقسىز ئۇلار ھاسا تۇتقان بىر چال بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.چال بەھرامنىڭ ئادەملىرى بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن:
-يەزدان(زەردۇشت دىنىنىڭ ياخشىلىق تەڭرىسى)شۇناس شاھىم قۇلاق سالغايلا،شەھىرىمىزدە ئىككى ئىنسان ياشايدۇ.ئۇلارنىڭ بىرى باي،يەنە بىرسى گاداي.باينىڭ ئىسمى بىرىھام بولۇپ ئۇنىڭ ئالتۇن،كۈمۈش،گۆھەر، جاۋاھىرلىرىنىڭ ھېسابىنى بىلمەك تەس.لېكىن ئۇ ئۇچىغا چىققان ھىيلىگەر،بەدھۈنەر  جوھۇتتۇر.نامراتنىڭ ئىسمى لەنبەك.گەرچە ئۇ ئاددىي بىر سۇ توشۇغۇچى بولسىمۇ لېكىن تولىمۇ ئالىيجاناپ ،ساخاۋەتچى ئىنساندۇر –دېدى.
چالنىڭ سۆزلىرى شاھنىڭ دىققىتىنى تارتتى.شۇڭا ئۇ ئادەملىرىدىن سورىدى:
-بۇ بوۋاينىڭ سۆزىدە بايان قىلىنغانلار زادى كىم؟ ئۇنىڭ سۆزىگە ئاگاھ بولۇڭلار!
بوۋاي شاھقا جاۋاپ بېرىپ دېدى:
-ئەي گۆھەردەك ئەزىز پادىشاھ،سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭ.سۇچى لەنبەك تولىمۇ ھاجەتپەرۋەردۇر.قولى ئوچۇق،شېرىن سۆز مەرد ئادەمدۇر.ئۇ ھەر كۈنى چۈشكىچە يېرىم كۈن سۇچىلىق قىلىپ پۇل تاپسا، چۈشتىن كېيىن ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قىينىلىپ تاپقان پۇللىرى بىلەن  مېھمان كۈتىدۇ. شۇ كۈنى ئۇ نىمىلا تاپسا نامراتلارغا ھەممىسىنىئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.ئۇ ئەزەلدىن شۇنداق قولى ئوچۇقلۇق قىلىپ كەلگەن بولغاچقا يېنىدا ساقلىنىپ قالغان بىر تىيىنمۇ پۇلى يوق.بىراھام بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە تولىمۇ ئوسال بىر ناكەستۇر.ئۇ بېخىللىق بىلەن نام چىقارغان.دىرھەملىرى،گەنجۇ دىنارلىرى،يۇمشاق پاياندازلىرى،مال-رۇزىغارلىرى بەك كۆپ بولسىمۇ بىر كىشىگە بىر تىيىن بەرمەيدۇ.تاس قالىدۇ ئۆزىنىڭ يېگەن –ئىچكىنىگىمۇ چىدىماسلىق قىلىپ كانىيىنى بوغۇپ قويغىلى!  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-11 12:50 AM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش