مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور ھەققىدە قىسسە(شاھنامە 11-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-11 01:19:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ بۇگەپنى ئاڭلاپ بىراھامنىڭ قىلىقلىرىغا نەپرەتلەندى.شۇڭا دەرھال بۇيرۇق چۈشۈردى:
-دەرھال شەھەرگە قايتىپ كوچا-كۆچىلارغا جارچى ماڭدۇرۇڭلار.خەۋەر يېيىلىپ بارلىق پۇقرا جارچىنىڭ جاكاسىدىن خەۋەردار بولسۇن.كىمىكى سۇچى لەنبەكتىن سۇ ئېلىپ ئىچسە ئۇ سۇنى مەكرۇ دەپ بىلسۇن.
بۇ چاغدا كۈن پاتارغا ئاز قالغان ئېدى.شاھ قايتماق بولۇپ  تۇلپارىنىڭ بېشىنى شەھەر تەرەپكە بۇرىدى.شاھ شەھەرگە كىرىپلا ئوردىسىغا قايتماي  ئۇدۇل لەنبەكنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.ئۇنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ كېلىش مەقسىدىنى ئېيتتى:
-مەن ئىران سىپاھلىرىدىن بىرى بولىمەن.ئۆيگە قايتارىمدا يولدىن ئېزىپ قېلىپ سەرگەردان بولۇپ ئۆيۈڭگە كىردىم.سەندىن شۇنى ئۆتىنىمەنكى،كۈلبەڭدىن بىر كىشىلىك ئورۇن بېرىپ مېنى بىر كېچە قوندۇرۇپ قالغان بولساڭ!
بۇ شىرىن ئاۋاز مېھماندوست لەنبەكنى تولىمۇ خۇشال قىلدى.ئۇ ئىشىكىنى چوڭ ئېچىپ تەبەسسۈم بىلەن مېھماننى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى:
-ئىي ياخشى ئادەم،تېزدىن ئۆيگە كىرگىن.سەن بۈگۈن ماڭا تەڭرى يەتكۈزگەن ئەزىز مېھماندۇرسەن.مۇبارەك قەدىمىڭدىن  سۆيۈندۈم.سەن ھېلىغۇ بىر ئادەمكەنسەن.يېنىڭدا سېنىڭدەك ھاقەتمەن مېھماندىن ئونى بولغان بولسا مېنىڭ بۇ بېشىم خۇشاللىقتىن كۆككە يەتكەن بولار ئېدى.
بەھرام تېخى ئۈزەڭگىدىن پۇتىنى ئالماي تۇرۇلا لەنبەك مېھماننىڭ قولىدىن ئاتنى ئالماق بولۇپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىغا قول سوزدى.‹‹مېھمان››ئاتتىن چۈشتى.لەنبەك ئۇنىڭ ئېتىنى قولىدىن ئېلىپ يايلىغا قول سوزدى.ئاتنڭ يايلىنى بىر پەس سىلاپ مېھرىبانلىق قىلغاندىن كېيىن تەستە ئۇنىڭ بوينىغا ئارغامچا باغلاپ بەند قىلدى.بەھرام مېھمانخانىغا كىرىپ ئولتۇردى.ساھىپخان يۈگۈرۈپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىپ مېھمانغا  كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەق قىلدى.ئاندىن قازانغا تۇتۇش قىلىپ خىلمۇ-خىل تائاملارنى تەييارلاپ مېھماننىڭ ئالدىغا قويدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ھەمىسى ھەممىمىز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8883
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1285 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-11 09:09:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە ئۈچۈچۈنكىن، ھازىر بۇنداق داستانلارغا قىزىقىدىغان، ئوقۇيدىغانلار بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ...

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 09:59:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ بەھرامنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ دېدى:
-ئەي بەدۆلەت يىگىت،شاھماتنى قويغىن! مەرھەمەت قىلىپ تائاملارغا ئېغىز تەككىن!
مېھمان ساھىپخاننىڭ قىزغىن كۈتۈشى ۋە زورلىشى بىلەن تاماققا تۇتۇش قىلىپ ئىشتىھا بىلەن غىزا يېيىشكە باشلىدى.لەنبەك يەنە مەي تولغان قەدەھلەرنىمۇ تەييارلاپ شاھ  بەھرامغا بىر-بىرلەپ تۇتتى. شاھ بۇ زىياپەتتىن ھەيران بولدى.ساھىپخان تولىمۇ ساخاۋەتلىك،مېھماندوست ۋە شېرىن سۆز ئادەم  ئېدى.شاھ بەھرام تۈن بويى يەپ ئىچىپ بەھۇزۇر ئارام ئالدى.
سەھەردە ساھىپخان ئۇنى ئويغاتتى ۋە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلدى:
-ئەي ھۆرمەتلىك مېھمان،مېنى كەچۈر! ئاخشام  تېگىشلىك ھۆرمىتىڭنى قىلالمىدىم.سەندىن ئىلتىجايىم شۇكى، بۈگۈنمۇ ماڭا يەنە بىر كۈن ئەزىز مېھمان بولغىن.ئەگەر مەن يالغۇز بولغاچ زېرىكىدىكەنمەن دېسەڭ ھەمداستىخان بولۇشقا بىرەر ياران چاقىرىۋالغىن.داستىخاندا نىمىنى كۆڭلۈڭ تارتسا شۇنى دېگىن، مەن ھەممىنى تەق قىلاي!قايسى ئىش سېنى خۇش قىلالىسا، مەن شۇنى ئورۇنلاي!
شاھ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى:
-ئەي ساھىپخان،مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردۈڭ.قىزغىنلىقىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن بوپتۇ، بۈگۈنمۇ ھوزۇرۇڭدا قالسام قالاي.
سۇچى مېھماننى كۈتۈشكە يېتەرلىك  پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەتىگەندىن تارتىپ تاكى كەچكىچە جاپالىق ئىشلەپ نەچچە چاناچ سۇ تارتىپتۇ.لېكىن بىرمۇ خېرىدار ئۇچرىماپتۇ.بۇ ھالدىن يۈرىكى مىڭ پارە بولۇپ بېشى قېتىپتۇ.نائىلاج مېھماننى دەپ ئۆي بېساتلىرىنى ساتماق بولۇپتۇ. ئۆيىگە خېرىدار تېپىپ پۇلنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئالغۇچىدىن مۆھلەت سوراپ،ئۆي ساتقان پۇللىرىغا گۆش،سۈزمە قاتارلىق مېھمانغا كېتەرلىك نەرسىلەرنى تەييارلاپ ئۆيىگە چېپىپتۇ.ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئوچاققا ئوت يېقىپ قازان ئېسىپتۇ.مېھماننىڭ ھالىنى سوراپتۇ.گۆش پىشقاندىن كېيىن گۆش يەپ،مەي ئىچىشىپ زىياپەت قىلىشىپتۇ.بۇ كېچە سۆھبەت بەكمۇ قىزىپتۇ.بەھرامنىڭ قولىدىن قەدەھ چۈشمەپتۇ.لەنبەك بەھرامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ساقىيلىق قىپتۇ.ئۇلار يەپ -ئىچىشىپ قانغاندىن كېيىن بەھرام يەنە راھەت  ئۇخلاپ ئارام ئاپتۇ.
تاڭ ئاتقاندا لەنبەك يەنە مېھماننىڭ ئالدىغا كەپتۇ:
-ئەي قەدىرلىك مېھمان،ھەمىشە خۇشال –خورام بولغايسەن.قىلچە غەم-غۇسسە كۆرمىگەيسەن.سەندىن ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈم شۇكى، بۈگۈنمۇ ئۆيۈمدە تۇرۇپ قېلىپ داۋاملىق ھەمدىمىم بولغايسەن.ئۆزۈڭنى بەرىكەت ھامىيسى دەپ بىلىپ غېرىپخانامنى داۋاملىق ئاۋات قىلغايسەن!
-مەيلى،-دېدى بەھرام جاۋاپ بېرىپ،-ئۈچۈنچى كۈنۈممۇ سەن بىلەن شادلىقتا بىرگە ئۆتسۇن.
خۇشاللىقتىن سۇچىنىڭ بېشى ئاسمانغا يەتكەندەك بولدى.شۇڭا تەھسىن-ئاپىرىنلار ئوقۇدى:
-ئەي مېھمان،كۆڭلۈمنى يەردە قويماي داۋاملىق مېھمىنىم بولۇشقا رازى بولۇپ، مېنى ئاجايىپ خۇش قىلىۋەتتىڭ.يۈرىكىڭ شادلىقتا جۇش ئۇرسۇن.دائىما بەختىيار بولغايسەن!
لەنبەك سۇچىلىق بىلەن پۇل تېپىپ مېھمانغا كېتەرلىك نەرسىلەرنى تەييارلاپ كىرىش ئۈچۈن يەنە چىلەكنى كۆتۈرۈپ بازارغا ماڭدى.لېكىن ئۇ ئۈچۈنچى كۈنىمۇ بىر چېلەك سۇ ساتالمىدى.بېشى راسا قاتتى.نائىلاج ئۆزىنىڭ بىردىنبىر پۇل تېپىش دەسمايىسى بولغان جاندىن ئەزىز چېلىكىنى بىر بايغا گۆرۈگە قويدى. ئۇ پۇلغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ دەل ۋاقتىدا يەنە ئۆيىگە ياندى.ئۇ تېزلىكتە ئۆيىگە كېلىپ بەھرامغا دېدى:
-ئەي مېھمان ماڭا ياردەملىشىپ گۆش پىشۇرۇشۇپ بەرگەن بولساڭ!
بەھرام ماقۇل بولۇپ ئورنىدىن تۇردى.گۆشنى لەنبەكنىڭ قولىدىن ئالدى. قازان ۋە سۇ تەييار بولغاندىن كېيىن گۆشنى قازانغا سالدى.گۆش پىشقاندىن كېيىن ئۇلار يەنە خۇشال خورام  ھالدا بىرگە ئولتۇرۇشتى.زىياپەتتە گۆش يەپ، مەي ئىچىپ ئولتۇرۇپ ھايات پەيزىنى سۈرۈشتى. زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بەھرام يېتىپ ئارام ئالدى.لەنبەك ئۇنىڭ بېشى تەرەپكە  شام يېقىپ قويدى.
ئۈچۈنچى تۈن ئۆتۈپ تاڭ ئاتقاندا شاھ بەھرام ئۇيقۇدىن ئويغاندى.لەنبەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ خىجىللىق ئىچىدە شۇنداق دېدى:
-ئەي نامدار سۆزۈمنى ئاڭلىغىن! ئۆيۈم تار بولغاچقا تاڭنى تەستە ئاتقۇزدۇڭ.شارائىتىم شۇ بولغاچقا سېنى راھەتكە مۇيەسسەر قىلالمىدىم.شۇنداقتىمۇ سەندىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ئەگەر تەلىپىمنى ماقۇل كۆرسەڭ، ئىران شاھىدىن قورقمىساڭ ، ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلىپ ئۆيۈمدە يەنە ئىككى ھەپتە تۇرۇپ بەرگىن.مەن سېنىڭ بىلەن داۋاملىق ئۈلپەت بولۇپ، ھەر كۈنى مېھمان كۈتۈشتەك ئۇلۇغ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋالاي!
شاھ بەھرام ئۇنىڭغا ئاپىرىنلار ئېيتىپ ماختىدى.ياخشى تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئەي سۇچى،سەن بىر ئاددىي سۇچى ئەمەس، بەلكى كۆتكى نۇرلۇق ماھ ئىكەنسەن.ماڭا قىلغان ياخشى خىزمەتلىرىڭ ئۈچۈن ئەبەدى شاد –خورام ياشىغايسەن.مەن بۇ كۆلبىدە ئۈچ كۈن مېھمان بولۇش جەريانىدا شاد-خورام ياشىدىم.مەن بۇندىن كېيىنكى سورۇنلاردا سېنىڭ نامىڭنى بەئەينى دۇنيا شاھلىرىنىڭ ئۇلۇغ نامىنى تىلغا ئالغاندەك يۇقۇرى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ، دائىم تەرىپىڭنى قىلىپ تۇرىمەن.نام-شەرىپىڭنى ماختاشلار نۇرىغا چۆمدۈرۈپ سېنى باشقىلارغا مەڭگۈلۈك  ئۈلگە قىلىمەن.شۇنىسى ئېنىقكى، مۇنداق مېھماندارچىلىق غايەت زور بەخت-سائادەتتۇر.سەن بۇ ياخشى ئادىتىڭنى تاشلىمىغىن.شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى،بۇ ياخشى ئادىتىڭ سېنى چوقۇم شاھلىق تەختىگە مۇيەسسەر قىلغۇسى.
بەھرام لەنبەك بىلەن خوشلىشىپ شىكار مەيدانىغا كەتتى.كۈندۈزى ھەمراھلىرى بىلەن ئوۋچىلىق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزدى. كەچ بولغاندا بوۋاي ‹‹پىخسىقلىقتا تەڭداشسىز ››دەپ  سۈپەتلىگەن بىراھام جوھۇتنى سىناپ كۆرمەك بولۇپ شەھەرگە قاراپ يول ئالدى.


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 10:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەھرام كەچكە يېقىن لەشكەرلىرىدىن ئايرىلىپ بىراھامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ئات چاپتۇرۇپ ماڭدى.ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن ئىشىكنى چەكتى.قونۇش ئۈچۈن باھانە ئىزدەپ ئىشىك ئاچقىلى چىققان بىراھامغا يالغان ئېيتتى:
-بىز بىرقانچەيلەن شاھ بىلەن بىرگە تاغ،دالا ۋە قىرلارغا شىكارغا چىققان ئىدۇق.كەچ كىرگەندە يولدىن ئادىشىپ قالدىم.ھەمراھلىرىمنى ئىزدەپ تاپارغا ئىمكانىيەت تاپالمىغىنىم ئۈچۈن سىزدىن قونالغۇ سوراپ كىرىشىم.ئەگەر مھماندوست ئادەم بولسىڭىز مېنى ئۆيىڭىزدە بىر كېچە قوندۇرۇپ قېلىپ باش پاناھ بولسىڭىز!سىزگە قىلچىلىك ئېغىرچىلىقىمنى سالمايمەن.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 11:45:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن خەسىس بىراھام مېھماننى قوبۇل قىلمىدى:
-نەدىمۇ ناتونۇش كىشىنى ئۆيىگە كىرگۈزۈپ قوندۇرۇپ قالىدىغان ئىش بار ئىكەن.ئەي مېھمان رەنجىمىگىن.مەن ئۆزۈمگە بىكاردىنلا رەنج-مۇشەققەت تېپىۋېلىشنى خالىمايمەن.
بەھراممۇ بوش كەلمىدى.ئۇ بىر ئامماللار بىلەن ئۆيگە كىرىپ بىراھامنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆز تەلىپىدە داۋاملىق چىڭ تۇردى:
-ئەي ياخشى نىيەتلىك كىشى،مېنىڭمۇ سىلىنى بۇ كېچىدە  ئاۋارە قىلىش ئويۇم يوق ئېدى.لېكىن ئەتراپتا قونالغۇ بولغۇدەك باشقا جاي بولمىغاچقا ئىلاجىسىز  بۇ يەرگە كېلىشىم.تەلىپىم يۇقۇرى ئەمەس، پەقەت ماڭا بىر كېچە قونۇۋالغۇدەك ئۆي بەرسىلىلا بولدى.ئۇندىن باشقا نان-چاي  دېگەندەك باشقا نەرسىلەر كېرەك ئەمەس.
-ھەي، نېمانداق جاھىل مېھمان سەن؟ مەن بايا ئېيتتىمغۇ،ئۆيىمىز بەكلا كىچىك ۋە تار.ئۆزىمىزدىن باشقا بىرمۇ ئادەمنى سىغدۇرالمايمىز.بىلەمسەن،مەن بىچارە جوھۇتنىڭ ھالىم  شۇنچىلىك خاراپ،ئۆيۈم شۇ دەرىجىدە تاركى، ھەتتا كېچىسى ئۆزۈم ياتقۇدەك يەرمۇ تاپالماي ئۆرە تۇرۇپ چىقىمەن.
-ئەي خوجايىن،بولدى خىجىل بولمىسىلا! ئۆيىلىرىدىن مەن قونغۇدەك ئورۇن چىقمىسا مەيلى.ماڭا سارايلىرىنىڭ تۆرى كېرەك ئەمەس. پەقەت دەرۋازىلىرى ئالدىدا بىر كېچە قونۇۋالساملا بولدى.بۇ تەلىپىمگىغۇ رازى بولالا!؟
-ئەي پەھلىۋان مەرد يىگىت.سەن تەلىپىڭدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋېلىپ كۆڭلۈمنى دەردۇ غەملەرگە تولدۇردۇڭ.تونۇمايدىغان بىر كىشى ئۆيۈمدە بىر كېچە قونسا بېشىمغا چىداپ بولغۇسىز غەم چۈشىدۇ.مەيلى بوپتۇ، كىرسەڭ كىر.بۇ كېچە ئالەم ساڭا شۇ قەدەر تارلىق قىلغان بولسا مەن ساڭا بىر كىشىلىك ئورۇن بېرەي. لېكىن سېنى  شەرت بىلەن ئۆيگە كىرگۈزىمەن.بىرىنچى شەرت شۇكى:مەندىن ھىچەرسە سورىمىغىن. مەندە ساڭا بەرگۈدەك ھىچنەرسە يوق.شۇ دەرىجىدە نامراتمەنكى،تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتپ قالسام ئۆيۈمدىن ھەتتا كېپەنلىكمۇ تېپىلمايدۇ.ئىككىنچى شەرت: ئېتىڭ ھويلامغا  تېزەكلىمىسۇن.ئەگەر ئېتىڭ تېزەكلەپ قالسا دەرھال ئۇنى تازىلاپ تېزەكنى سىرتقا تاشلىغىن.ئات دېگەن كەپسىز ھايۋان،ئۇ تېپىپ ھويلا تامنىڭ خىشىغا قىلدەك دەز سالسا مېنىڭدىن قۇتۇلالمايسەن.مەن سەندىن  زىياننى ھەسسىلەپ تۆلىتىۋالىمەن.شۇ شەرتلەرگە كۆنسەڭ كىر،بولمىسا يولۇڭغا ماڭ!
-شەرتلىرىڭىزگە رازىمەن خوجايىن،-دېدى بەھرام دەرھال جاۋاپ بېرىپ،-مەن بىر كېچە ئامان ئىسەن قونۇۋالساملا بولدى.ئەگەر  قونۇش جەريانىدا سىزگە مەن تەرەپتىن قىلچىلىك زىيان يېتىپ قالسا ، ئۇنى ھەسسىلەپ تۆلەپ بېرىشكە بېشىم بىلەن كاپالەتلىك قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-17 11:47 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 10:34:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەھرام ئېتىدىن چۈشۈپ جۇھۇتنىڭ ھويلىىغا كىردى.ئۇ كۆرسۈتۈپ بەرگەن ئورۇنغا ئېتىنى باغلىغاندىن كېيىن ئاتنىڭ توقۇمىنى كۆرپە،ئىگىرىنى ياستۇق قىلىپ ئارام ئالماق بولۇپ توقۇم ئۈستىگە يانپاشلىدى.بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ بېشى تەرىپىگە قويۇپ قويدى. جۇھۇت دەرۋازىسىنى تاقىغاندىن كېيىن ئۆيىگە كىرىپ ئۆزى ۋە ئائىلىىىىىدىكىلەر ئۈچۈنلا تاماق قىلىشقا تۇتۇندى.
ئۇ خەسىس بولۇپلا قالماي بەكمۇ ناچار ئادەم ئىكەن.شۇڭا مېھمانغا تاماق بەرمەكتە يوق بەلكى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بولغۇدەك سۆزلەرنى قىلدى:
-ئەي قوناق،مەن ساڭا بىر ھىكمەتلىك بىيىت بار ئېيتىپ بېرەي، شۇنى ئاڭلاشنى خالامسەن؟
-قېنى ئېيتسىلا خوجايىن.
-خالىغاننى يېگەي كىمدە بار بولسا،
غەمدىن ھالى كېتەر كىمدە يوق بولسا.
-بۇ ھىكمەتنى مەنمۇ ئاڭلىغان،بۇ بەكلا كونىراپ كەتكەن گەپ.ئۆتمۈش نەقىللىرىدىن مەن بىلىدىغان نەقىللەر بەكمۇ كۆپ ئېدى.مانا بۈگۈن دەل شۇلارنىڭ ئۆزىنى كۆرۈۋاتىمەن.سىلى قىلمىشلىرى ئارقىلىق شۇ نەقىللەرنىڭ بەكمۇ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدىلا!
جۇھۇت كۈلۈپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋەردى.باشتا ئېيتقىنىدەك مېھمانغا بىر بوردا نان،ھەتتا بىر يۇتۇم سۇمۇ بەرمىدى.مېھماننىڭ كۆزىچە ھوزۇرلىنىپ غىزالنغاندىن كېيىن بادە ئىچتى.ئۇنىڭ تەسىرىدىن كەيىپ بولۇپ شادلىق پەيزىنى سۈردى.بۇ شادلىقنىڭ ئاخىرقى شادلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىدى.ئۇ كۆرەڭلەپ تۇرۇپ مېھمانغا دېدى:
-ئەي رەنىج تارتقان مەرد،مەن ساڭا بىر داستان ئېيتپ بېرەي قۇلاق سال:
دىلى رۇشەن ئىرۇر كىمنىڭ يولى بار،
ئۇنىڭغا قالقاندۇر دىرھەم ۋە دىنار.
كىمنىڭ پۇلى يوقتۇر قاغجىراپ لېۋى،
ياشايدۇ بەئەينى سەن غېرىپ كەبى.
-بۇنداق گەپلەرگە بۇرۇن ئانچە ئىشەنمەس ئېدىم.بۈگۈن سىلى بىلەن ئۇچرۇشۇپ راستلىقىنى بىلدىم.كۆرگەنلىرىم-ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دىلىمغا پۈكۈۋالدىم.سىلى تولىمۇ باي كىشى ئىكەنلا،گەرچە بايلىقلىرىنى پەقەت ئۆزلىرى ئۈچۈنلا سەرپ قىلسىلىمۇ لېكىن ئۇنىڭدىن قانداق بەھىرلىنىشنى بىلىدىكەنلا.مەن مۇنداق بىر بىيىتنى ئاڭلىغان:
ئەگەرجامدىن تاپساڭ لەززەت ۋە ئارام،
بەختىڭنى بەخش ئېتەر ساز بىلەن مەي جام.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 12:07:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىسى سەھەردە قۇياش تاغ كەينىدىن نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ چىققىنىدا بەھرام گورمۇ ئۇيقىدىن باش كۆتۈردى. ئۇ ئېتىغا ئىگەر توقۇملىرىنى بېكىتىپ ئۆزى ئاچ،ئېتىمۇ ئاچ ھالدا قايتماققا تەمشەلدى.شۇ چاغدا بىراھام ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.ئۇ غەزەپلىك ۋارقىراپ بەھرامنىڭ ئالدىنى توستى:
-توختا ئەي ئاتلىق يولۇچى،سەن ئاخشام دېيىشكەن ئەھدىگە ۋاپا قىلمىدىڭ.سەن ئاخشام ھويلامغا كىرىشتىن بۇرۇن ئېتىڭنىڭ تېزەكلىرىنى ئۇدۇللۇق سىرتقا چىقىرىپ تاشلاشقا، ھويلامنىڭ پاكىزلىقنى ساقلاشقا ئاند ئچكەن ئېدىڭ.شۇڭا كېتىشتىن بۇرۇن ۋەدەڭنى ئورۇندىغىن.ئاتنىڭ تېزەكلىرىنىۋە باشقا ئەخلەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ كۆزۈمدىن يوقات.ئادىل بولمىغان،ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان مېھماننىڭ دەستىدىن مىڭ داد!
ۋەدىغۇ شۇنداق،لېكىن نەدىمۇ پادىشاھنىڭ ئات تېزىكىنى تازىلاپ تازىلىق قىلغىنى بار؟! ئۇ ۋەدىسىنى بىراھامنىڭ خىزمەتكارىغا ھەق بېرىپ شۇنىڭ قولى بىلەن ئورۇنلىماق بولۇپ دېدى:
-ئەي ساھىپخان،مەن ئىسىل نەسەپ ئادەممەن،مۇنداق مەينەت ئىشنى قىلىپ يۈرسەم بولمايدۇ.تېزدىن خىزمەتكارىڭنى چاقىر.ئەخلەتلەرنى شۇ سۈپۈرىۋەتسۇن.مەن ئۇنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى بېرەي.
لېكىن بىراھام كاجلىق قىلىپ تۇرۇۋالدى:
-مېنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ بېرىدىغان  خىزمەتكارىم يوق.ئاخشام ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ۋەدە قىلغان ئىكەنسەن، دېمەك لەۋزىڭنى ھارام قىلماسلىقىڭ.ئۆز  ئىشىڭنى ئۆزۈڭ قىلىشىڭ كېرەك.بولمىسا سېنى ‹‹ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان زالىم›› دەپ بەدنام چاپلايمەن.
شاھ بەھرام بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تەڭقىسلىقتا ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى.كاللىسىغا بىرپىكىر كېلىپ ئاتتىن چۈشتى. ئاتنىڭ تېزەكلىرىنى ئۆزى  سۈپۈرگە بىلەن پاك-پاكىز سېرىپ-سۈپۈرۈپ تازىلىدى.ئاندىن كېيىن قوينىدىن غايەت قىممەت باھالىق  بىر ياغلىقنى چىقاردى. تېزەك ۋە ئەخلەتلەرنى ئۇنىڭغا ئېلىپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ خەندەككە تاشلىۋەتتى.ئاچكۆز بىراھام ئادەم تونىمىغىنى بىلەن مال-دۇنيانى بەكمۇ تونۇيتتى.شۇڭا رومالنى ئېلىۋالماق بولۇپ رومالنىڭ كەينىدىنلا ئۆزىنى خەندەككە ئاتتى.بەھرام بۇ ھالغا ھەيران بولۇپ قاراپ قالدى ۋە ئېچىنىش ئىلكىدە ئۇنىڭغا دېدى:
-ئەي پەرسا،سەن تولىمۇ مېھماندوست،سېخىي، مەرد كىشى ئىكەنسەن.مال تونۇيدىكەنسەن.مەن شاھنىڭ يېقىن كىشىلىرىدىن بىرى بولىمەن.شاھ سېنىڭ ماڭا قىلغان ئادىمىگەرچىلىكىڭنى ئاڭلىسا ساڭا كۆپ تەشەككۈر بىلدۈرۈپلا قالماي نۇرغۇن مال-دۇنيا ئىنئام قىلىدۇ.بۇ تۈپەيلى بايلىققا ئېرىشىپلا قالماي ئۇلۇغلار قاتارىغا ئۆتۈپ نام شۆھرەت تاپارسەن.شۇڭا ئەتە ئوردىغا بېرىپ شاھنى ئىزدىگىن!


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 01:14:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ بەھرام بىراھامنىڭ ئۆيىدىن قايتتى. كېچىدىن تۈزۈك ئارام ئالالمىغان بولغاچقىمىكىن تۈن بويى قەسىردە ئارام ئالدى.ئۇ خىيال سۈرۈپ يېتىپ بىردە كۈلەتتى،بىردە غەزەپلىنەتتى.لېكىن ھىچكىشىگە سىر ئېيتمايتتى.
ئەتىسى سەھەردە ئۇ  شاھلىق تاجىنى كىيىپ سارايغا قوبۇلغا چىقتى.بارلىق ۋەزىرلەر، ئەمىرلەر ۋە لەشكىرى سىپاھلار توپلىنىپ پەرمان كۈتۈپ تۇرۇشتى.شاھ پەرمان چۈشۈرۈپ ئالدى بىلەن لەنبەك سۇچىنى چاقىرتتى.لەنبەك ئانچە ھايال بولمايلا شاھ ھوزۇرىغا ھازىر بولۇپ ھۆرمەت ۋىسالىغا نائىل بولدى.ئارقىدىنلا بىراھاممۇ كەلتۈرۈلدى.لېكىن ئۇ تەكەببۇر قىياەتتە قىلچە غەم-ئەندىشىسز تۇراتتى.ئۇلار شاھ ھوزۇرىغا كىرگەندىن كېيىن تىز پۈكۈپ پەرمان كۈتۈپ تۇرۇشتى.شاھنىڭ بەكمۇ ئادىل بىر ۋەزىرى بار ئېدى.شاھ ئۇنىڭغا پەرمان چۈشۈردى:
-ئەي ۋەزىر،سەن دەرھال بىر ئاتنى مىنگىن دە دەرھال بىراھامنىڭ ئۆيىگە بارغىن.ئۆيىدە بار بولغان مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەرگە ھازىر قىلغىن.مەن ساڭا ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.
ۋەزىر جۇھۇتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆردىكى،ئۇنىڭ ئۆيىدە ئالتۈن-كۈمۈش،تىللا-دىرھەم،كىمخاپ دېگەندەك ئىسىل مال-دۇنيالار بەكمۇ كۆپ ئېدى.ئۇلاردىن باشقا ماتا-گەزماللارنىڭمۇ سان ئېدىتى يوق ئدى.بۇ ئۆينى ئۆي دېگەندىن كۆرە ‹‹غەزىنە››،‹‹مال-مۈلۈككە تولغان كارۋان ساراي›› دېگەن تۈزۈك ئېدى.بۇ جاي مال-دۇنيا قويماققا تولىمۇ ئەپلىك بولۇپ نەچچە يۈز كوزا خۇمرىلار ياقۇت، زەر،دۇر ۋە گەۋھەرلەر بىلەن لىپمۇ-لىق تولغان ئېدى.دانا ۋەزىر بۇ مال-دۇنيالارنىڭ ھېسابىنى بىلەلمەي قالدى.ئۇ مال-دۇنياللارنى تولۇقى بىلەن يۆتكەش ئۈچۈن جەھرەم دەشتىدىن مىڭ تۆگە بىلەن نەچچە يۈز خىزمەتكار ئېلىپ ‹‹بايلىق كانى››نى تۆگىلەرگە يۈكلىدى.ئاندىن كاتتا كارۋاننى يېتەكلەپ ئوردىغا قاراپ ماڭدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 01:14:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار ئوردىغا يېتىپ كەلگەندە كولدۇرما سادالىرىدىن ئوردا ئاۋاتلىشىپ كەتتى.پادىشاھ ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ بارگاھىغا ھازىر بولدى.بۇنچىۋالا مال-دۇنيا پۈتكۈل ئوردا ئەھلىنى ھەيرانلىققا سالدى.بۇ جوھۇت شۇنچىۋالا مال-دۇنيانى توپلىغانيۇ لېكىن ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى بۇ دۇنيالىرىدىن بەھرىمەن قىلماي تۆمۈر خۇراز بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئېدى.شاھ پەرمان چۈشۈرۈپ كارۋاندىن يۈز تۆگىلىك مالنى ئاجرىتىپ ئۇنى لەنبەككە ئىنئام قىلدى.لەنبەك تولىمۇ خۇرسەن بولۇپ شادىمانلىق ئىلكىدە ئۆيىگە قايتتى. ئاندىن شاھ بىراھامنى يېنىغا چاقىرتتى.ئۇ ئالدىغا كېلىپ تىزلانغاندىن كېيىن كايىپ كەتتى:
-ئەي پەس،پىخسىق،كۆڭلى قارا ئەبلەخ! سەن ماڭا پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېشىنى ئېيتپ بەر! يەنە قانچىلىك مال-دۇنياغا  ئېھتىياجىڭ  بارلىقىنى،نىمە سەۋەپتىن مال-دۇنياغا شۇنچە ھېرىسلىقىڭنى ماڭا ئايان قىل.مەن نۇرغۇنلىغان ھىكايەتلەرنى،قەدىمى داستان ۋە رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغان ئېدىم.ئۇلاردا:
خالىغاننى غاجار كىم ناچار بولسا،
غەمدىن سارغايغۇسى كىم ناچار بولسا.
-دېگەن مىسرالار بار.مانا ئەمدى قولۇڭدىكى مال-دۇنيالىرىڭ تامام بولدى.ئەمدى سەن سۇچى لەنبەكنىڭ كۈنىگە قالىسەن.
كېيىن شاھ جوھۇت بىراھامنىڭ ئۆيىدە ھېلىقى ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ ئۇنىڭ ئېسىگە  سالدى.كېيىن ئۇنىڭغا تۆت دىرھەم بېرىپ دېدى:
-مە ،بۇ پۇلنى ئال، يېنىڭغا سەپ قوي.بۇندىن كېيىن بۇنى دەسمى قىلىپ كۈنۈڭنى ئال.سەن بۇنىڭدىن ئارتۇق پۇلغا لايىق ئەمەسسەن.قانداق خەشلەش،نىمە بىلەن جان ساقلاش ئۆز ئىختىيارىڭدا بولسۇن. ئەسلى مەن سېنى ئوساللىقىڭ بەدىلى ئۈچۈن جاللاتقا تاپشۇرماقچى ئېدىم.خەير، سەن قىلغاننى مەن قىلماي! بايلىقىڭنى خالايىققا،نامراتلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىمەن.ئەلدىن ئايىغان نەرسەڭنى يەنە ئەل ئېلىپ پايدىسىنى كۆرسۇن!

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 01:27:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ توققۇز يۈز تۆگىدىكى مال دۇنيالارنى يوقسۇل يىتىملەر،ئاجىز بىچارىلەرگە تەقسىملەپ بەردى.نامراتلار تارتۇق قىلىنغان مال دۇنيالارنى يۈكلەپ كەتتى.بىراھامغا نالە-پەريادلىرى يۈك بولۇپ قالدى.لېكىن قانچە يىغلىسىمۇ پايدا بەرمىدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش