مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qaraxani

‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نى زىغىرلاش... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1932
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 287 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 02:34:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋىيە ئۆستى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87681
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 02:43:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازېرمۇ ماقال-تەمسىللەر ئىجاد قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ئاتا -بوۋلىرىمىزدىن قالغا ماقال قەمسىللەر بىلەنلا تويۇنۇپ قالدۇقمۇ؟    ياردەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3798
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 03:04:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wisall يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 06:43 PM
ھازېرمۇ ماقال-تەمسىللەر ئىجاد قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ئاتا ...

قىززىق ........تۇراقلىق بىرىكمىلەرنى ئىجاد قىلىش دىگەن بىردەملىك نەرسە، ئۇنى شىئېىردىن ئازراقلا خەۋرى بار ئادەم ئىجاد قىلالايدۇ.لىكىن ماقال-تەمسىل دىگەن گەپ پۇتكۈل خەلىق ئىچىدە ئومۇمىي يۈزلۈك ئۆزلەشكەن،چوڭقۇر تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە،موھىمى مۇقۇم ئىتنىك مەنبەگە ئىگە بولغان تۇراقلىق بىرىكمە.ماقال تەمسىل دىگەننىڭ كەينىدە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ۋەقەلىك بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە ماقال-تەمسىل شۇ ۋەقەنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى،جەۋھىرى دىگەنلىك.مەسىلەن :
خانغا يارىغان ئىشىم تازغا يارىماپتۇ.
ئىزلەپ باقساق بۇ ماقالنىڭ كەينىدە بىر ۋەقەلىك بار.(ئىزدىنىپ باقسىڭز بولىدۇ)
بىز ماقال تەمسىلنى ئىجاد قىلىمىز دەپ مەخسۇس ئىجاد قىلمايمىز بەلكى ئۆزلىگىدىن ئىجاد بولىدۇ.

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87681
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 03:20:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kukhelal يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 03:04 PM
قىززىق ........تۇراقلىق بىرىكمىلەرنى ئىجاد قىلىش دىگەن ب ...

ھىم،رەھمەت بىلىۋالدىم.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5799
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 03:27:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشنى كاداڭدىن سورا،
ئاشنى باداڭدىن(سورا).

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79252
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4532
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 03:29:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kixan يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 02:25 PM
ۋاي مىسرانىمدىكىلەر ئىنكاسنىمۇ قوشاق بىلەن يېزىۋىتىد ...

سەۋىيە ئۆسۈپ كەتتى دەيمەن

ئۇيغۇرغا بىلىمدىن باشقا يول يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4332
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 03:30:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<تاغ كۆركى -تاش،
ئەل كۆركى -ياش>>-     
   بۇ يەردىكى تاغ بىلەن ئەل ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا باغلىنىش يوق بولۇش بىلەن بىرگە ،پىكىر ئاددى، كالتە ھالەتتە دىيىلگەندەك تۇيغۇدا بولدۇم.

ماقالنىڭ مەنىسى :تاغنىڭ ئاساسلىق قىسمى تاش بولغىنىدەك ، بىر مىللەتنىڭ ئاساسلىق ئاۋانگىرات ئەزالىرى ياشلار بولىدۇ  .
خاتا  تەھلىل قىلغان ئوخشايسىز ، لېكىن  باشقا  يەرلىرى بەك ياخشى ۋە ئورۇنلۇق بوپتۇ ..    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   othor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-26 03:42 PM  


ئازاپ نېمە ؟ دەرت نېمە ؟  مىنىڭچە ھەممىسى ئۆزىنى ئالداش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 715
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4844
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 03:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
othor يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 03:30 PM
-     
   بۇ يەردىكى تاغ بىلەن ئەل ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا باغ ...


مۇشۇ ماقال-تەمسىلنى مىسال كەلتۈرۈشتە ئىككىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلسا سىز دىگەندەك يېڭىلىشىمەن ئايرىپ چۈشەندۈرگەندە مەن دىگەندەك بولىدىكەن ، يەنە بىر تەرەپتىن  تاغدىكى تاشلارنىڭ ھەممىسى تاغ كۆركى بولمايدۇ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى قورام تاش ،ئۇيۇل تاش دىگەندەك بەلگىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە جىنىسلار  تاغ كۆركى بولىدۇ. قېنى مەن يەنە ئىزدىنىپ كۆرەي...رەھمەت چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-26 03:52 PM  


ھەمىسى ھەممىمىز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8890
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1287 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 05:27:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئۇزاق تارىخ تەرەققىيات جەريانىدا ئۈزلۈكسىز موللىشىپ تەرەققىي قىلىپ كەلگەن، ماقال-تەمسىللەر ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە بولغاچقا ئۇ ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ، تەدىرىجىي ئۆزگىرىپ مېڭىشىنى پۈتكۈل جاھاندىكى ئالىملار ئېتراپ قىلىشىدۇ، ئۇنى رەتلىگۈچى ماقال-تەمسىللەرنىڭ بارلىق ۋاريانتلىرىنىڭ تولۇق بولۇشىغا كۈچ چىقىرىپ، ماقال تەمسىللەرنىڭ يەشمىسىدە ئېھتىياتسىزلىق قىلغانلىقىدىن ياكى ئوقۇرمەننىڭ ماقال-تەمسىلنى ئەسلىدىنلا خاتا چۈشەنگەنلىكىن بۇ ماقالە يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن، ھەر يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك، جۇغراپىيەلىك شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى، بەزى ماقال-تەمسىللەرنىڭ ئوخشىمىغان مەنادا تونۇلۇشى تەبىئىي ئەھۋال.
تېما ئاپتۇرىنىڭ يۈرەكلىك ھالدا ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىغا ئاپىرىن، گەرچە تېمىدىكى بىر قىسىم كۆز-قاراشلارنى ئانچە قوللاپ كەتمىسەممۇ، ئەسەرلەرگە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ باھا بېرىلگەن ئوبزورلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەدەبىياتچىلىقىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشىدە ئۆمۈد زور....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 715
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4844
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:16:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىنكاس ‹‹ئەلكۈيى تورى››دىكى توردىشىمىز ‹‹ئادىل قانۇن››نىڭ پايدىلىق تەكلىپ پىكىرى ئىكەن مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا يازغان ئىنكاسىمنى بۇ يەردە تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن يۆتكەپ قويدۇم....توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن؟......................................................................................


               ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
        ناھايىتى ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز، غەيرىتىڭىزگە بارىكاللا، ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت. ھارمىغايسىز!
        مەن ھازىرچە توۋەندىكى نوقتىلاردا پىكرىمنى ئوتتۇرغا قۇياي:
        1. سىز پۇچەك دەپ قارىغان ماقال ۋە مۇلاھىزىنىڭ بىرىنچىسى «
1) <<تاغ كۆركى -تاش،
  ئەل كۆركى -ياش>>-           1-قىسىم ، 12-بەتكە قارالسۇن.

      بۇ يەردىكى تاغ بىلەن ئەل ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا باغلىنىش يوق بولۇش بىلەن بىرگە ،پىكىر ئاددى، كالتە ھالەتتە دىيىلگەندەك تۇيغۇدا بولدۇم،مېنىڭچە  تاغ بىلەن ئەر (يەككە شەخس) ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك باغلىنىش بار ،مەسىلەن <<ئۆزۈڭنى تاغ چاغلىساڭ ،ئۆزگىنى شىر چاغلا >>دىگەندەك. شۇڭا بۇ ماقال-تەمسىل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان <<تاغ زىننىتى -قورام تاش ،ئادەم زىننىتى ئۈستىۋاش>> دىگەن ۋارىئيانتنى ساقلاپ قالسا ئۈنۈمى  پەرقلىق  بولاتتى.» گە كەلسەك، مەن « بۇ يەردىكى تاغ بىلەن ئەل ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا باغلىنىش»نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى  ھەققىدە  بىر نەرسە دىيەلمەيمەن. بىراق   «تاغ كۆركى -تاش،  ئەل كۆركى –ياش» دىگەن ماقالىدىكى « ياش »نى بىر ئەلدىكى «ياشلار » دەپ چۇشەنگەندە ماقال-تەمسىل ماڭا پۇچەك بىلىنمىدى. سىز تىلغا ئالغان « ئۆزۈڭنى تاغ چاغلىساڭ ،ئۆزگىنى شىر چاغلا » نىڭ ئومۇملاشقان شەكلى بولسا « ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ ،ئۆزگىنى شىر چاغلا »دۇر.  سىز تەشەببۇس قىلغان بۇرۇن  ئېلان قىلىنغان «تاغ زىننىتى -قورام تاش،ئادەم زىننىتى ئۈستىۋاش» دىگەن ماقال-تەمسىلدە  تاغ بىلەن ئادەم،قورام تاش بىلەن ئۈستىۋاش ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟! ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ماقال-تەمسىلدە ئادەمنىڭ  تاشقى گۈزەللىكى تەكىتلىنىپ، ئىچكى گۈزەللىك، ئىلىم ھىكمەت، ماھارەتكە سەل قارالغان. شۇڭا مەن بۇ ماقال-تەمسىلنىڭ قامۇسقا كىرگۈزۇلمىگەنلىكىنى مۇۋاپىق كۆردۇم. ئادەمنىڭ  تاشقى گۈزەللىكى بىلەن ئۇستى باشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەكىس ئەتتۇردىغان ماقال–تەمسىل بولسا «ئادەم سەت ئەمەس، كىيىم سەت»تۇر.
        2. سىز پۇچەك دەپ قارىغان ماقال ۋە مۇلاھىزىنىڭ ئىككىنچىسى «
2).<<جايى يوقنىڭ جېنى يوق >>  1-قىسىم 13-بەت
   بۇ ماقالنىڭ تەڭ بۆلۈگى چۈشۈپ قالغان،سۆزمۇ ئۇزىراپ كەتكەن  ،بۇخىلدىكى ماقال-تەمسىللەرنى بىر يەرگە جەملەش،پارلاشتۇرۇش،بىر گەۋدە قىلىشقا مۈمكىن بولسىمۇ ،ئۇنىڭغىمۇ سەل قارالغان بولغاچقا كىتاپخان سەل بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ،ئۇنىڭ ئەسلىدىكى تولۇق نۇسخىسى مۇنداق:
<<ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق ،
ئىككى كۆزىنىڭ خۇنى يوق>>....» گە كەلسەك،
« جايى يوقنىڭ جېنى يوق » ئىخچام، مەنا تۇلۇق، ھەم خۇددى  «ج» ھەرىپى بىلەن باشلانغان سۆز ئۇيۇنىدەك ئەستە قالدۇرۇشقا ئاسان ئىكەن! سىز تەشەببۇس قىلغان «ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق ، »تىكى « ئىككى كۆزىنىڭ خۇنى يوق »نى قانداق چۇشىنىش لازىم؟!
        3.سىز ئۆزىڭىز ئىجات قىلغان ماقال-تەمسىللەرگە تەكلىپ:
«خۇيى يامان ئۆت بولۇر،
خۇلقى يامان كۆت بولۇر». قاراڭ بۇ «ماقال-تەمسىل»گە، ئىككىنچى قۇردا ئادەم تىللايدىغان سۆز بار ئىكەن، بۇ ماقال-تەمسىلنىڭ ئامىمباپلىق ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنمۇ؟!

«بار بولسا قامدايسەن،
يوق بولسا چامدايسەن». بۇ «ماقال-تەمسىل»دە قانداق چوقۇر پىكىر بار؟ مەن بىلەلمىدىم!
«مەلئۈنلار مەڭزىدە ئەڭلىك،
قۇللارغا بولماسكەن تەڭلىك». بۇ «ماقال-تەمسىل»دە ئىشلىتىلگەن «قۇل» سۆزى ماقال-تەمسىل ئىجات قىلىنغان دەۋىرگە ئۇيغۇن بولماي قالدىمۇ نىمە؟!
        ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي. ھېرىپ قالمىغايسىز! سىزنىڭ مىجەزدە تېخىمۇ تەمكىن، پىكىردە تېخىمۇ  ئەتىراپلىىق ۋە چوڭقۇر بولىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن! ھەر قانداق بىر ساھەدە مەخسۇس تەتقىق قىلغۇچىلارغا مۇھتاج!
        ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، مەندەك كەسىپ ئىگىسى بولمىغان كىشىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنىڭ ناباپ قىسىملىرى بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىغىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن!


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-26 21:03):
«قانداق چوقۇر پىكىر بار؟» ئەمەس «قانداق چوڭقۇر پىكىر بار؟ »

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-26 21:06):
«ھەر قانداق بىر ساھەدە » ئەمەس «ھەر قانداق بىر ساھە »


               
باھا سۆزئىنكاس پاش قىلىش
qaraxaniy

يېڭى يۇلتۇز
UID49098يازما43تېما10نادىر0جۇغلانما43تىزىملاتقان2012-11-7ئاخىرقى قېتىم2012-12-26توردا53 سائەت
يىكەنداز
يوللىغان ۋاقتى 10 مىنۇت ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
               
        
adilkanun يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 21:00
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
        ناھايىتى ياخشى ئىشقا تۇت ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
سىزدەك كەسپ ئەھلى بولمىغان كىشىنىڭ پەدە چاقماي قىلغان ئىنكاسىدىن مەندەك ئۆزىنى كەسپ ئەھلى قاتارىدا سانايدىغان ئىزدەنگۈچىنىڭ جەھلى قاتمايدۇ،پىكىرىڭىزنىڭ ئورامىدىن ئۆزۈممۇ ئەسەرنى باشلاشتا قىينالغان نازۇك ھالقىغا دىققەت قىلغان سىنچىلىقىڭىزغا قايىل بولدۇم.شۇنداقتىمۇ  قايىللىقىمنىڭ چېكىنى ئىچىمگە تىنىۋېتىشكە بولمىغاچقا سىز بىلەن ‹‹ئاشكارىلىق پىرىنسىپى››بويىچە يېشىم تاپماقچى:
1- ماقال- تەمسىلدىكى ‹‹تاغ كۆركى -تاش››دىگەن بۆلەك ‹‹پۇچەك›› بۆلەك،چۈنكى ‹‹تاغدا تاش يوق دىگەنگە ئىشەنمە››دىگەن تەمسىل بويىچە قارىساق تاغدا پۈتۈنلەي تاش بار،ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھەممىسى تاغ كۆركى بولمايدۇ،پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى ‹‹ئۇيۇل››تاش ياكى ‹‹قورام›› تاش ئۇنىڭغا زىننەت بېغىشلاپ تۇرىدۇ....تاغ بىلەن ئەلنىڭ باغلىنىشىغا كەلسەك ئەل ‹‹سەل››گە ياكى ‹‹دېڭىز››غا سىمۋول قىلىنسا ئۇنىڭ ھادىس ماھايەت ئورتاقلىقى بولىدۇ ،تاغنى يونۇسا ،چاپسا جىم تۇرىدۇ،سەلنى سەل چاغلىسا ياكى دېڭىزنى بوش چاغلىسا ئۇنىڭ دولقۇنى ئۆركەش ياسايدۇ ،بۇ ئەلگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بىز ئەرنى ياكى باتۇرنى تاغقا ئوخشاتساق ئۇنى چاپسا،ئۇنى كۇكۇم تالقان قىلىۋەتسە تىز پۈكمەيدۇ، مانا بۇ ئىچكى باغلىنىش ، بىز ئادەتتە ‹‹بوغدا ئەل››‹‹مۇزتاغ ئەل›› دىمەيمىز بەلكى ‹‹بوغدا ئاتا››‹‹مۇزتاغ ئاتا›› دەيمىزغۇ؟  ئوغۇل تۇغۇلسا ‹‹ئالتۇن باش تاغ يۈرەك›› بولسۇن دەيمىزغۇ ؟....شۇڭا يۇقۇرقى ماقال تەمسىلنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى چۈشۈپ قالغان بولغاچقا يۇقۇرقىدەك زىددىيەتلىك مەسىلە تۇغۇلغان ئۇنى ھېچ بولمىغاندا ‹‹تاغ كۆركى -قورام تاش،ئەل كۆركى قىران ياش ›› دەپ ئالسا بولاتتى،بىر مىللەتتىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى ‹‹ئەل كۆركى ››بولالمايدۇ ،چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدە يارمسىز،بېلى بوش، ھەتتا بېشىغا  ئايدىن بىر تۇخۇمنى تاشلىۋەتسە چېقىلمايدىغان ياشلارمۇ بار،ئۇلارمۇ ئەل كۆركىمۇ؟ ئەل كۆركى دىگەن قىران مەزمۇت،جەڭگىۋار،ئاۋانگىرات،ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ،پىداكارلاردۇر..... ئادەم زىننىتىگە كەلسەك بىزدە ‹‹ئادەمدە خىسلەت ئوندۇر ،بىرى ئۆزىدە توققۇزى توندۇر ››دىگەن ماقال بار، يەنە ‹‹ئاتا كەمچىلىكى يوق ،لاتا كەمچىلىكى بار››دىگەندەك گەپلەرمۇ بار،ئەينى ۋاقىتتا نەسىردىن ئەپەندى باينىڭ ئوردىسىغا ئەبگا كىيىملەر بىلەن كىرەلمەي،يېڭى تون ،يېڭى ئۇستىۋاش بىلەن كىرىپ كېتىدۇ،شۇڭا بۇ تەمسىلنىڭ ئادەمگە قاراپ ئەمەس كىيىمىگە قاراپ چاي قۇيىدىغانلارنى  قامچىلاش رولىمۇ بار.
2-‹‹جايى يوقنىڭ جېنى يوق››قا كەلسەك ،قاراشقا راستىنلا‹‹ج››بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنىدەك چىققان ،ئەمما ئاڭلاشقا ‹‹ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق ››دىگەن سەل ھېس تۇيغۇ تۈسىگە ئىگە،نىمە ئۇچۈن ؟ چۈنكى ‹‹جاي›› ‹‹ئۆي›› ئەمەس بەلكى تۇرالغۇ،‹‹؟‹‹ئۆي›› بولسا قونالغۇ.قايسىنىڭ مېھرى ئىسسىق،قۇشلارغا نىسبەتەن دەرەخنىڭ پۇتىقى تۇرالغۇ ‹‹جاي››  كى ،‹‹قونالغۇ›› ‹‹ئۇۋا ››ئەمەس.شۇڭا جايلىقى بارنىڭ ئەمەس يازدا سالقىن،قىشتا ئىسسىق ئۆيى بارنىڭ جېنى بار،بۇنى ئۆيى بارلارغا نىسبەتەن ئۆيى يوقلار بەكرەك ھېس قىلالايدۇ....ئەندى ‹‹ئىككى كۆزىنىڭ خۇنى يوق›› دىگەن بۆلەك پەقەت يۇقۇرقى بۆلەك بىلەن ‹‹قوشگىزەك ››بولۇشقا مەنە ،قىممەت جەھەتتىن تولۇق ماس كېلىدۇ،بىرلا گەپ ‹‹جېنى››يوق ئادەمنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئىككى كۆزىدە خۇن ،نۇر قالمايدۇ ،ئادەتتە قورساق ئېچىپ كەتسىمۇ ئىككى كۆزنىڭ خۇنى قالمايدۇ ،بۇنى شۇڭلاشقا قامۇسقا كىرگۈزۈش كېرەك ئىدى،‹‹قامۇس››دىگەن نىمە ؟ قامۇس دىگەن مۇكەممەل لۇغەت دىگەن گەپ(ئەرەپچە) يۇقۇرقى ئىككى قىسىم كىتاپ مەزكۇر ‹‹قامۇس››قا كىرگۈزۈلۈشكە پۈتۈنلەي مۇناسىپ ئەمەس ،ئۇنىڭ سەۋىيىسى مۇھەممەت رېھىم ئاكا ۋە ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نىڭ سەۋىيىسىگىمۇ يېتەلمەيدۇ....
3-مەن ئىجات قىلغان ماقال -تەمسىلنى يۇقۇرقى ماقال تەمسىللەرگە ئۈلگە قىلىش ياكى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس ئىزدىنىش ئاساسىدا يوللاپ قويدۇم ،ئۇنىڭدىكى ‹‹ئۆت››‹‹كۆت ››دىگەن سۆزلەر قاپىيە ئېھتىياجى بويىچە تېخى يېقىندا يېزىلغان بىر ئىنكاس جەريانىدا كاللامغا كېلىپ قالغان ،ئۇنىڭ ئېتىكا(ئەخلاق)سېتكىسىغا چۈشمەيدىغانلىغى مېنىڭ ئېسىلىپ قالغانلىقىم.ئەمما كۆپچىلىككە يارىغىنى ئۆتسۇن،ئۆتمىگىنى ماڭا قالسۇن،‹‹قۇل››سۆزىنىڭ ماكان زامان ئىستىمالىغا كەلسەك ئۇ ئارخائىزىم يەنى كونىرىغان لېكسىكا تەركىۋىدىكى سۆز بولسىمۇ ،ھازىرقى ئىستىمالىمىزدا بۇ سۆز بولمىغان بىلەن بەزىلەردە بۇ سۆزنىڭ ئاسارىتى يوق ئەمەس،ئۇلارنى باشقىلارغا بېقىنغۇچى،يانچى،غالچى،پۈكۈلگۈچى ،ئېزىلگۈچى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئانچە چوڭ ئىدىيىۋى،بەدى قىممىتى يوق شۇڭا ئۇنى ئىشلىتىشتە ماقالنىڭ ئالدىنقى بۆلىكى بىلەن بولغان كونتېكىستتىكى تىل مۇھىتىغا باغلاپ  ھەيدەپ كەتسەك بولارمىكىن دەيمەن...ھەرقانداق ساھە سىز دىگەندەك مەخسۇس تەتقىقاتچىلارغا مەنسۇپ بىراق ئۇنى مۇتلەقلەشتۈرىۋېلىشقا بولمايدۇ،مەسىلەن شائىر ،تەنقىتچى،يازغۇچى قاسىم سىدىق ئاكىمىز،ھازىر پىزىماتىك بولۇپ كەتتى،ئاتاقلىق ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تۆلەندىن ئەزىم زۇليارى ھازىر شائىر،يازغۇچىلىق سېپىگە كىرىپ  ئىككى توپلام چىقاردى.مانا بۈگۈن مەخسۇس كەسپ ئەھلى بولمىغان سىز باشقا كەسپ ئەھلىلىرى زۇۋان سۈرۈشتىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئادىلغا مايىل پىكرىڭىزنى دادىلغا مايىل روھ بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ مەن ئۈچۈن يېشىل چىراق يېقىپ بەردىڭىز ،پىكىرىڭىزدىن شۇنداق كەمتەرلىك،سەمىمىلىك،ھەققانىلىق تۇيغۇسى يامراپ تۇرىدۇ.شۇڭا مەخسۇس ئادەملەر ئوتتۇرىغا ساقال تاراپ چىققۇچە مەخسۇس بولمىغان سىز بىزدەكلەر بىر ئىككى ئېغىزدىن بىلگىنىمىزنى بىلجىرلاپ تۇرساق،كۆپنى بىلگەن ئەمەس كېرەكلىكنى بىلگەن ‹‹دانا››غا ئايلىنىشىمىزدىن ئۇمۇد زور،رەھمەت قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى مېنىڭ ئەرزىمەس تېمامغا بەدەل قىلغان مۇرۇۋەتلىك پەزىلىتىڭىزگە، بۇ مەن تورغا چىققان بىر يىلدىن بۇيان ئاڭلىغان ئەڭ ئىلمى ،ئەڭ سەمىمى  دوستانە تەكلىپ بولدى.


               
ئىنكاس تولۇقلاش
تىزىملىككە قايتىش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-27 12:19 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش