qaraxani يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 01:23 PM
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
مۇستاپانىڭ ‹‹بۆشۈكتىن تۆشۈككىچ ...
رەھمەت. ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ بالىلىقىمنى بىلىۋالدىم، بىراق، يەنە بالىلىق قىلغۇم كەلدى. بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلاي، تەربىيىلىرىڭىز بىلەن بالدۇرراق بالىلىقتىن قۇتۇلىۋالسام ئەجەپ ئەمەس.
1. «تاغ كۆركى_تاش، ئەل كۆركى _ياش» ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىڭىزنى ياخشى بىلىۋالدىم، يەنە كېلىپ، تاغدا تۇپا تەركىبلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت. ( مەن ئىنكاسىڭىزنىڭ بېشىنى ئوقۇپ، تاغ تەركىبىدە زادىمۇ توپا يوق ئوخشايدۇ دەپ چۈشىنىپ قالغىلى تاس قاپتىمەن).
2. «بەزى ئوقۇغۇچىلار غا سۇئالنىڭ جاۋابىنى ‹‹سىزىپ››كۆرسىتىپ قويمىسا ئۇنى بىلەلمەيدۇ، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىدا ‹‹تاج›› توختىمايدۇ،‹‹تاغ زىننىتى قورام تاش،ئادەم زىننىتى ئۈستى باش››دىگەن ماقال-تەمسىلنى1984-يىلى ئالىم قادىر،جاڭ چۈنشى،جاۋ شى جىيەنلەر تۈزگەن شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ماقال-تەمسىل››نىڭ 173-بەت،بەشىنچى قۇرىدا دىيىلگەن.....» بۇ گەپنى كىملەرگە قارىتىپ دېگىنىڭىزنى بىلمىدىم. بىراق، ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنى بوش كۆرمەڭ. مېنىڭ سىزگە ئۇنداق سۇئالنى قويۇشۇمدىكى سەۋەپ، سىزنىڭ بۇ ئەمگىكىڭىز ئىلمىي ئەمگەك بولغانلىقى ئۈچۈن «ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىكەنسىز، ئەسلى نەقىل مەنبەسىنى بەرگەن بولسىڭىز مەندەك بالىلىق قىلغانلارنى تېخىمۇ قايىل قىلالىغان بولاتتىڭىز، شۇنداقلا ئىلمىي ئەمگىكىڭىز تېخىمۇ ئىلمىي بولغان بولاتتى.
3.«جايى يوقنىڭ ئۆيى يوق» دېگەن ماقال ھەققىدە چۈشەنچىمىز بىردەكلىككە كەلمەيدىكەن، چۈنكى مەن بۇ ماقالنى سىز دېگەن مەسنەۋى شەكىلدىكى ماقالدىن قېلىشمايدۇ، مەنا كەمچىللىكى يوق دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇ ھەقتە بالىلىقىمنى ساقلاپ قالىمەن. چۈنكى ماقال-تەمسىللەرنىڭ كۆپى مەسنەۋىي شەكلىدە بولسىمۇ، چوقۇم شۇنداق بولىدۇ دەيدىغان ئۆلچەم يوق.
4.«ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار» دېگەن ماقالنى مەن مۇھەممەت رېھىم ئەپەندى تۈزگەن كىتابتا مۇشۇنداق يالغۇز بىر مىسرا ھالەتتە كۆردۈم ھەم خەلق ئارىسىدىمۇ مۇشۇنداق بىر مىسرا ھالەتتە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. «يۇقۇرقى ماقال تەمسىلنىڭ ‹‹ھەر ئىشتىن قول ئۈزمەكنىڭ مەلۇم پەيتى بار ››دىگەن قىسمى ئەگەر تولۇقلانغان بولسا پەقەت بەتنى ئىگەللەشكە زىيان بولسىمۇ باشقا جەھەتتە زىيىنى بولمىغاندىن سىرت، ئۇنىڭ بىرىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز يەنە بىر بۆلىكىنى ئەستە ساقلاپ قېلىشقا پايدىسى زور» بۇ پەقەت سىزنىڭ چۈشەنچىڭىز، شۇڭا ھۆرمەت قىلىمەن. لېكىن بۇ سىزنىڭ توغرا دېگىنىم ئەمەس. خەلق بىر مىسرالىقنى ئىشلىتەمدۇ، ياكى سىزنىڭ مەسنەۋىي شەكىلدە تولۇقلىغىنىڭىزنى ئىشلىتەمدۇ. بۇ ئىشلەتكۈچىگە باشلىق. مۇشۇ ھەقتە دېگەن قەلەملەر ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىز بىز مۇنازىرە قىلىۋاتقان نۇقتىغا يېقىن كەلمەيدۇ. چۈنكى، «ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار» دېگەن ماقال «رېڭى تۈگىمەيدىغان، چىقماس بولۇپ قالمايدىغان» قەلەم.
5. گەرچە «غېنى» دېگەن سۆزنىڭ باي دېگەن مەنىسى بولسىمۇ، لېكىن سىزگە ئوخشاش زىغىرلىساق، «غېنى» دېگەن سۆز «باي»دېگەن سۆزگە قارىغاندا كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. شۇنداقلا «غېرىب»دېگەن سۆزنىڭ بەش خىل مەنىسى بار سۆز بولۇپ، بۇ سۆز «باي، غېنى» دېگەن سۆزلەر بىلەن بىۋاستە قارمۇقارشى مەنىلىك سۆز بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىۋاستە قارمۇقارشى مەنىلىك سۆزلەرنى باشقا سۆزلەرگە ئالماشتۇرۇپ ياسالمىلىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھەممەت رېھىم تۈزگەن ماقال-تەمسىل كىتابتىمۇ « بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، كەمبەغەلگە كۈندە قايغۇ، كۈندە ئوي»دەپ ئالغان. دېمەك بۇ «باي-كەمبەغەل»دەپ ئىشلىتىش «غېنى_غېرىپ» دەپ ئىشلەتكەنگە قارىغاندا تارىخىي ۋە ئىلمىي ئاساسقا ئىگە.
6. سودىگەرلەرنىڭ ئاغزىدىكى بىرقىسىم قىزىقچىلىق قىلىپ دەپ قويغان گەپلىرىنى ماقال-تەمسىل قاتارىغا ئەكىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىزنىڭ يۇرتتىمۇ پىتىر مانتا، سامسا ساتىدىغانلار « ئەركەك پاقلاننىڭ، ئۆزەم باققاننىڭ، ھىلى بارمۇ دېسەڭ يوق دەيمەن»دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ساتىدۇ، دوغچى-لەڭپۇڭچىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تېلىقىپ قالىسىز. ھەم قىزىقىپ قېتىپ قالىسىز. شۇڭا ئىتتىكلىك قىلىشقا بولمايدۇ. سىز زىغىرلاۋاتقان ماقال «ئالدىغا بار، كەينىگە يوق،
ئاتلىققا بار پىيادىگە يوق›› بولۇپ، سىزنىڭ داۋاملاشتۇرغىنىڭىز ‹‹چاققانغا بار ،گالۋاڭغا يوق››دېگەن بىر مىسرا. سىزنىڭچە بۇ ئىلمىي مۇئامىلىمۇ؟ ئۆزىڭىز گېپىڭىزنىڭ باش-ئاخىرىنى باغلاشتۇرالماي، ماڭا «ئۈچ مىسرالىق ماقال-تەمسىل»لەردىن دەرس ئۆتمەڭ. يازمىڭىز ئىلمىي يازما بولغانلىقى ئۈچۈن ئىلىميلىك بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ يېزىشىڭىز لازىم ئىدى. بىراق، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تۇتۇپ ، قوپالمىغۇدەك تەنقىدلەپسىز-يۇ، ئۆزىڭىز شۇنداق خاتالىققا يول قويۇپسىز. مېنىڭ «بۇ ‹ئۈچ مىسرالىق› ماقال-تەمسىل بولامدۇ؟ بۇنىڭدا نە باغلىنىش، نە قاپىيە بار؟»دېگەن گېپىمدىن، ئۈچ مىسرالىق ماقال-تەمسىل يوق دېگەن مەنا چىقمايدۇ. ئەكسىچە سىزنىڭ يازغىنىڭىز ئۈچ مىسرالىق ماقال-تەمسىل بولمايدۇ دېگەن مەنا چىقىدۇ.
سىز مېنىڭ گېپىمنى بەك زىغىرلاپ « ‹ئۈچ مىسرالىق ›ماقال-تەمسىلمۇ بولامدۇ» دېگەن مەنادا چۈشىنىۋاپسىز. دېگەن يېرىڭىزدىن چىقالماپتىمەن ،كەچۈرۈڭ. قارىغاندا بۇ چۈشەنچە مېنىڭ بالىلىقىمنىڭ «پاتېنتى» ئەمەس، سىزنىڭ زىغىرلىشىڭىزنىڭ «پاتېنتى» بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. سىزگە يەنە ئۈچ مىسرالىق ماقال-تەمسىللەر لازىم بولسا مەنمۇ كىتابىمنى ئالدىمغا ئېچىپ قويۇپ تۇرۇپ، سىزگە يېتەرلىك دەرىجىدە تەمىنلەپ بىرەي.
ئەمدى«داۋاملاشتۇرغان ماقال-تەمسىللەر نى ئۆزىڭىز مۇھەممەت رېھىمنىڭ توپلىمىدىن كۆرۈپ قايىل بولغانلىقىڭىزنى كېيىنكى ئىنكاسىڭىزدا ئىقرار قىلىپسىز ،سىزدەك ‹ياخشى ئوغۇل بالىلار ئەنە ئاشۇنداق گېپىدە تۇرمايدۇ› » دېگەن گېپىڭىزگە جاۋاب يازاي.
ئۇ ئىنكاسلارنى مەن سىزگە قايىل بولۇپ يازمىدىم . سىزنىڭ داۋاملاشتۇرغان ماقال-تەمسىللىرىڭىزنىڭ ئىچىدىكى «ئالدىغا بار، كەينىگە يوق، ئاتلىققا بار، پىيادىگە يوق» دېگەننى داۋاملاشتۇرغىنىڭىزغا قاراپ باقايلى، «ئالدىغا بار، كەينىگە يوق، ئاتلىققا بار، پىيادىگە يوق،چاققانغا بار، گالۋاڭغا يوق.»مانا بۇ سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىز. ئەگەر ماقالىڭىزگە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتقان بولسىڭىز « ئالدىغا بار، كەينىگە يوق، چاققانغا بار، گالۋاڭغا يوق» دەپ يازغان بولاتتىڭىز. لېكىن سىزنىڭ ئەسلى يازمىڭىزدىن بۇ مەنا چىقمايدۇ. ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ ئوقۇپ بېقىڭ.
يەنە بىر ماقال ‹‹ئايغىر تارتسا،بايتال تارتماس›› بولۇپ، سىز بۇنى «ئايغىر تارتسا،بايتال تارتماس ، ئىچ ئات تارتسا، يانداق تارتماپتۇ» دەپ داۋاملاشتۇرۇپسىز. سىزنىڭچە، بۇ داۋاملاشتۇرۇش، مەن قايىل بولغۇدەك داۋاملاشتۇرۇشمۇ؟ ئىلمىي مۇئامىلىمۇ؟ ھېچ بولمىسا « ئايغىر تارتسا،بايتال تارتماس،ئىچ ئات تارتسا، يانداق تارتماس» دەپ يازغان بولسىڭىز، ئەسلىدىكى «ئىچ ئات تارتسا، يانداق تارتماپتۇ، ئايغىر تارتسا، بايتال تارتماپتۇ»دېگەن تەمسىلنىڭ تەتۇرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بالىقىمدىن قايىل بولۇپ قالغان بولاتتىم. خەير، بۇنىڭدىمۇ مەندەل بىر بالىنى قايىل قىلالمىدىڭىز. دېمەك ،« مەندەك ياخشى ئوغۇل گېپىدە تۇرمايدۇ» ئەمەس، مەردانىلىق بىلەن گېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بىلگەن دائىرىسىدە ، مۇنبەردىكى بىرقىسىم بىلەرمەنلەرگە «بالىلىق » قىلىپ قويىدۇ.
‹‹يىقىلساڭ زوردىن يىقىل ››2-قىسىم96-بەتتىكىنى ‹‹يىقىلساڭ تۆگىدىن يىقىل ››دەپ،‹‹قارىغۇنىڭ چاپاق ئادىشى بار ››2-قىسىم 177-بەت بۇنى ‹‹قارىغۇنىڭ جىتتاق ئاشنىسى بار››
مانا بۇلارمۇ سىزنىڭ داۋاملاشتۇرغان، ئىجاد قىلغان ماقال-تەمسىللىرىڭىز، مەن كېيىنكى ئىنكاسلىرىمدا يازغان ماقال-تەمسىللەرنى سىز تولۇق كۆرمىگەندەك قىلىسىز.
«يىقىلساڭ زوردىن يىقىل» مۇ ئەمەس، «يىقىلساڭ تۆگىدىن يىقىل» ئەمەس، توغرىسى « ئېسىلساڭ نارغا ئېسىل، يىقىلساڭ ناردىن يىقىل». «قارىغۇنىڭ چاپاق ئادىشى بار»مۇ ئەمەس، « قارىغۇنىڭ جىتتاق ئادىشى بار»مۇ ئەمەس. توغرىسى « چاپاق خوتۇننىڭ جىرتاق ئېرى بار، ياغاق ئاتنىڭ مايماق ئىگىرى بار». ئەسلىسى مۇشۇنداق تۇرسا مەن سىزنىڭ «بىر مىسرالىق» تەمسىللىرىڭىزگە قايىل بولامدىم؟ سىز ماقال-تەمسىللەرنىڭ مەسنەۋى شەكىلدە بولۇشىغا كۈچەيتىڭىز ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرتىلىدا «جىتتاق» دېگەن گەپ بولمىسا، مۇشۇنداق «يېڭى سۆز» پەيدا قىلغىنىڭىزغا قايىل بولامدىم؟ ئەگەر سىز ئەسلى كىتابتىكى مەنبە بويىچە يازالىغان بولسىڭىز قايىل بولاتتىم. يەنە دەپ قوياي، توغرا گەپنى قوبۇل قىلىش ئوغۇل بالا ئۈچۈن گېپىدە تۇرمىغانلىق ئەمەس، بەلكى، ئەركەكلىك! بۇ ئۆزىدىكى خاتالىقنى تونۇماي بىلەرمەنلىك قىلىشتىن كۆپ ياخشى.
7. « كېسەلنىڭ سانجىقى يامان، ئىتنىڭ قانجۇقى يامان» دېگەندە، سىزنىڭچە، « يامان» دېگەن سۆز قاپىيە بولۇپ كەپتۇ-دە؟ بۇنداق زىغىرلاپ كەتمەڭ. بۇنىڭدا «سانجىق» دېگەن سۆز بىلەن «قانجۇق» دېگەن سۆز قاپىيە بولۇپ كەلگەن. «يامان» دېگەن سۆز رادىف بولىدۇ. ئەمدى، سىزنىڭ يازغىنىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى. «كېسەلنىڭ يامىنى سانجىق، ئىتنىڭ يامىنى قانجىق». سىز بۇنداق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قاپىيە كەلتۈرۈشنىڭ ئەۋزەللىكىنى بەك تونۇپ كېتىپسىز. ئۇيغۇرتىلىدا «قانجىق» دەيدىغان سۆز يوق. بۇنىڭ توغرىسى « قانجۇق»(ئىتنىڭ چىشىسى)دېگەنلىك. سىزدەك ئۆزگەرتسە توغرا بولامدىكەن؟ مەن سىزنىڭ ئۇيغۇرتىلىغا مۇشۇنداق بۇزغۇنچىلىقلارنى ئەكەلگىنىڭىزگە قايىل بولامدىم؟ راسىت، «قاپىيەنى دوست تۇتمايدىكەنسىز، قولغا چۈشسە بوش تۇتمايدىكەنسىز». لېكىن، سۆزلەرنى بۇزۇپ «چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىش»قىمۇ بوش كەلمەيدىكەنسىز.
8. مېنىڭ «قۇرۇقچىلىق، ياكى قۇرغاقچىلىق»نى تەشەببۇس قىلىشىم بىلەن سىزنىڭ «غېرىپچىلىق»نى تەكىتلىشىڭىز قارشى ئەمەس، بۇ ھەقتە پىكرىمىزنى ساقلاپ قالساق بولىدۇ. بەلكىم بالىلىقىمدىن بولسا كېرەك. سەل جاھىللىق قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇ تالاش-تارتىش توغرا-خاتالىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بىر ماقال-تەمسىلنىڭ بىرنەچچە ۋارىيانىت مەسىلىسى بولۇپ، مۇھەممەت رېھىم ئەپەندى بۇ ھەقتە ۋارىيانتلارغىمۇ يول قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
9.قارىغاندا سىز«ساق» دېگەن سۆزنى « چېقىق، چېقىلىش» دېگەن سۆز بىلەن باغلىۋالغاندەك قىلىسىز. «ساق» دېگەن سۆزنىڭ ئالتە خىل مەنىسى بار بولۇپ، ئىككىنچى خىل مەنىسىدە « بۇزۇلمىغان» دېگەن مەنا چىقىدۇ. دېمەك « سېقى چىقماس» دېگەنلىك، « ھەممىسى بۇزۇق»دېگەنلىك بولىدۇ. تۇغۇم بۇزۇلغاندا سېرىقى بىلەن ئېقى ئارلىشىپ كېتىپ بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. دېمەك، سېرىقى يوقاپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئېقى بىلەن ئارلىشىپ كېتىدۇ. بۇ بۇزۇق تۇغۇمنىڭ سېرىقىنىڭ يوقاپ كىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. خەقنىڭ نېمە دەپ ئېلىشى ئۆزىنىڭ پىكرى، گەپ خەقنىڭ گېپىنىڭ جىڭ باسىدىغان-باسمايدىغانلىقىدا.
10.«قول بەرگەنگە يول بەر» دېگىنى سىزنىڭ يېشىپ بەرگىنىڭىز بويىچە « دوست بولغانغا يول بەر» دېگەنلىك بولىدىكەن. «يول قويغانغا قول قوي» دېگىنى « يول قويغانغا قايىل بول» دېگەن بولىدىكەن. سىزنىڭ ئەسلىدىكىنى كېيىنكىسىگە ئۆزگەرتىشىڭىزدە نېمە ئەۋزەللىك بار؟ ئەسلىدىكىدە نېمە كەمتۈكلۈك بار؟ ياكى ئەسلىدىكىدە ماقال-تەمسىل بولۇش شەرتىگە چۈشمەيدىغان نېمە نۇقسان بار؟ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىڭىزنى سورىغان ئىدىم . سىز ماڭا « قول بېرىش» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى جۈملىدىكى مەنىسىنى دەپ بېرىپسىز، جاپا تارتىپسىز. رەھمەت.
‹‹دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك››ئىزدەپ ئولتۇرمۇدۇم.. دەپسىز، بۇ سىزدەك ئىلمىي ئەمگەككە تۇتۇش قىلغان، ئىلمىي يازما يازىدىغانلارنىڭ دەيدىغان گېپى ئەمەس.
خەير، مەن مۇشۇنچىلىك دىيەلىدىم. يەنە گەپلەر بولسا كېيىنچە دېيىشەرمىز، كۆپرەك تەلىم بەرگەيسىز. بۇندىن كېيىنكى يازمىلىرىڭىزدا مەندەك « ئوقۇتقۇچى ئاستىغا سىزىپ بەرمىسە بىلمەيدىغان» ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن « نەقىل ئالغاندا ئاستىغا سىزىپ قويارسىز». بولمىسا ، مەندەك بالىلىق قىلىدىغانلار« ھازىرقى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار نېمىنىڭ مۇھىم، نېمىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى ، نەقىل ئالغان مەنبەلەرنى ئەسكەرتىشنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ» دەپ خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قالدىكەنمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tax1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 04:08 PM