مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qaraxani

‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نى زىغىرلاش... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 855 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:27:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلىمىزخرىسقادۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندەماقال-تەمسىللىرىمىزنىڭ چوڭقۇرمەنىلىرىنى چۈشنەلەيدىغانلارمۇئازلاپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 715
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4844
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:54:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست شۇنداق ،بەزىلەر‹‹يىتىمنىڭ كۆز يېشىدىن زېمىن تىترەر››دىسەم ،زېمىن كۆز ياشقا تىترىمەيدۇ،يەر تەۋرىسە تىترەيدۇ دىگەن تۇرسا....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18026
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1764 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 01:05:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاغ كۆركى-تاش،
ئەر كۆركى-ياش.
ئەمەس،

ئەر كۆركى -ساقال،
سۆز كۆركى-ماقال.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 715
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4844
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 01:39:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2012-12-27 01:05 AM
تاغ كۆركى-تاش،
ئەر كۆركى-ياش.
ئەمەس،

مەخەتجان :
ئەر كۆركى -ياش ئەمەس، ئەل كۆركى -ياش نىمىشقا ئەلنى ئەرگە تېگىشىۋالدىڭىز؟

سەھرانى سۆيىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 793
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10522
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 869 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 03:37:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز، مۇبارەك بولسۇن.
ئەمدى مەنمۇ ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي، (مەن بىر ئوقۇغۇچى، ئەگەر بالىلىق قىلسام، ئېغىر ئالمىغايسىز):
1. <<تاغ كۆركى -تاش،
ئەل كۆركى -ياش>> دېگەن ماقال-تەمسىلگە بولغان « تاغ بىلەن ئەل ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا باغلىنىش يوق بولۇش بىلەن بىرگە ،پىكىر ئاددى، كالتە ھالەتتە دىيىلگەندەك تۇيغۇدا بولدۇم»دېگەن چۈشەنچىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز ئىجاد قىلغان ماقال-تەمسىللەرگە قاراپ باقتىڭىزمۇ؟ مەسىلەن،<<تائام ماي بىلەن ئوخشار،
تام لاي بىلەن توختار>>دېگەن ماقال -تەمسىلدە قانچىلىك چوڭقۇر مەنا بار؟ بۇ ماقال-تەمسىلنىڭ ئارقىسىدا قانداق ۋەقە بار؟
«ئادىل قانۇن»دېگەن تورداشقا يازغان ئىنكاسىڭىزدا، بۇ ماقال-تەمسىلنى تولۇقلاپ« تاغ كۆركى_قۇرام تاش، ئەل كۆركى_ قىران  ياش» دەپسىز، خوش، بۇ «تولۇقلىما ماقال-تەمسىل»ىڭىز ماقالىڭىزدىكى <<تاغ كۆركى -تاش،
ئەل كۆركى -ياش>>دېگەن ماقال-تەمسىلگە بولغان رەددىيىڭىزگە ئۇيغۇنمۇ؟ مېنىڭچە، «تاغ كۆركى_تاش، ئەل كۆركى ياش» دېگەن ماقال-تەمسىل رايونىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان يەرلىرىگە تارالغان ياكى ئومۇملاشقان ۋارىيانتى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى، تاغنىڭ ئاساسلىق قىسمى تاش بىلەن توپا، بەزى تاغدا توپا جىق بولسا، بەزى تاغدا تاش جىق. مۇشۇنى چىقىش نۇقتىسى قىلساق، ئەلۋەتتە، تاش تاغنىڭ كۆركى بولالايدۇ. خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئومۇملاشتۇرۇشنى، يىغىنچاقلاشنى ئالاھىدىلىك قىلغان بولغاچقا، بۇ ماقال-تەمسىلدىكى «تاش بىلەن ياش» نى زىغىرلاپ كېتىشنى تازا توغرا تاپمىدىم. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز ماقال-تەمسىلدىكى «ياش»لارنىڭ ئىچىگە سىز دېگەن «لايغەزەل، يەنە قانداقتۇ، ياش»لارنى سىغدۇرۇپ قويمايدۇ.
2. <<تاغ زىننىتى -قورام تاش ،ئادەم زىننىتى ئۈستىۋاش>>دېگەن ماقال-تەمسىلنى بۇرۇن ئېلان قىلىنغان دەپسىز، قاچان، قايسى كىتابتا، كىم رەتلەپ ئېلان قىلغان؟ بۇنى نەقىل بەرمەپسىز، ئەگەر بەرگەن بولسىڭىز ئىدى، بىز بۇ ۋارىيانىت رايونىمىزنىڭ قايسى جايلىرىدا تارقالغانلىقىنى بىلىۋالغان بولاتتۇق، چۈنكى رەتلىگۈچى، ئەلۋەتتە، ئۆزى ياشاپ چوڭ بولغان يەردە تارقالغان ماقال-تەمسىللەرگە پۇختا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماقال-تەمسىللىدىمۇ ئوخشاشلا كەمتۈكلۈك ساقلانغان. بۇ كەمتۈكلۈكنى «ئادىل قانۇن»بىلەن دېيىشىپسىلەر، ئەمدى تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
3. <<جايى يوقنىڭ جېنى يوق >>دېگەن ماقال-تەمسىلنى بەك زىغىرلاپ كەتكەندەك قىلىسىز، چۈنكى «مۇئەللىم» ئېلېكتىرونلۇق لۇغىتىدە «جاي» دېگەن سۆزگە 11خىل ئىزاھات بەرگەن بولۇپ، شۇنىڭ8-ئىزاھاتىدا «ھايات كەچۈرۈش، يېتىپ-قوپۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يەر، ۋەتەن، ئۆي-ماكان» دەپ ئىزاھات بېرىپ ئاخىرىغا «جايى يوقنىڭ جېنى يوق» دېگەن ماقال تەمسىلنى بەرگەن. دېمەك، بۇ ماقال-تەمسىلدىكى «جاي » سۆزى «ئۆي-ماكان، ۋەتەن»نى كۆرسىتىدۇ . دەل مۇشۇنداق بولغاندا سىز تۈزىتىپ قويغان<<ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق ،
ئىككى كۆزىنىڭ خۇنى يوق>>دېگەن ماقال-تەمسىلگە ئوخشاش مەناغا ئىگە بولىدۇ. بۇمۇ دەل ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا تارقالغان ۋارىيانىت بولۇپ، بىرىنى توغرا، بىرىنى خاتا دېيىشكە بولمايدۇ.
4. ‹‹ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار ›› دېگەن ماقالغا سىز «ھەر ئىشتىن قول ئۈزمەكنىڭ مەلۇم پەيتى بار›› دېگەن «تولۇقلىما»نى قېتىپسىز. بىلمىدىم، بىزنىڭ ماقال-تەمسىللىرىمىز چوقۇم ئىككى مىسرا بولۇشى كېرەكمۇ؟ يۇقىرىقى ماقالغا سىزنىڭ «تولۇقلىما»ىڭىزنى قاتمىساق، مۇكەممەل مەنا بىلدۈرمەمدۇ؟ ئەگەر بىلدۈرسە، كېيىنكى «تولۇقلىما»نى قېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟
5. <<بايغا بولسا كۈندە بايرام كۈندە توي،  كەمبەغەلگە كۈندە ئەلەم ،كۈندە ئوي>>دېگەن ماقال-تەمسىلنى سىز <<غېنىلەرگە كۈندە مەشرەپ ،كۈندە توي،
<<غېرىپلەرگە كۈندە قايغۇ ،كۈندە ئوي>>غا ئۆزگەرتىپ « باي، كەمبەغەل» قاپىيە كەلمىگەن دەپ، «غېنىلەر، غېرىپلەر»گە ئۆزگەرتىپسىز، بۇنىڭغا ،قارىغاندا سىز «ئىش قوشقان»دەك قىلىسىز، يۇقىرىقى ماقال-تەمسىلنى رەتلىگۈچىلەر «بايرام، ئەلەم، توي، ئوي»دېگەن سۆزلەرنى قاپىيە كەلتۈرۈپتۇ. مېنىڭچە، بۇ ماقال-تەمسىلنىڭ بېشىدىكى سۆزنى قاپىيە كەلتۈرۈپ، ئاخىرىنى بۇزىۋەتكەندىن ياخشىراققۇ دەيمەن.
6. داۋاملاشتۇرۇشقا، ئىجاد قىلىشقا تېگىشلىك ماقال-تەمسىللەرنى داۋاملاشتۇرغان ماقال-تەمسىللىرىڭىزگە قاراپ باقايلى، ‹‹ئالدىغا بار،كەينىگە يوق،
ئاتلىققا بار پىيادىگە يوق›› دېگەن ماقال-تەمسىلگە «‹‹چاققانغا بار ،گالۋاڭغا يوق››دېگەننى «تولۇقلاپ» داۋاملاشتۇرۇپسىز، سىزنىڭچە، مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرساق قانداق بولار؟ بۇ «ئۈچ مىسرالىق» ماقال-تەمسىل بولامدۇ؟ بۇنىڭدا نە باغلىنىش، نە قاپىيە بار؟ يەنە ‹‹ئايغىر تارتسا،بايتال تارتماس››دېگەن ماقالنىڭ كەينىگە «ئىچ ئات تارتسا،يانداق تارتماپتۇ»دېگەننى قېتىپ قويۇپسىز، بۇ «تولۇقلىما» بىلەن ئەسلى مىسرانى قوشۇپ « ئايغىر تارتسا بايتال تارتماس، ئىچ ئات تارتسا، يانداق تارتماپتۇ» دېگەن ماقال- تەمسىلنى پەيدا قىلساق توغرا بولامدۇ؟ بۇ نۇقتىدا سىزدىمۇ دەل، سىز تولۇقلاۋاتقان، تۈزىتىۋاتقان ماقال-تەمسىللەرنى رەتلىگۈچىلەر ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى تەكرارلاپسىز.
‹‹قوغۇن ئىچىدىن سېسىيدۇ›› دېگەن ماقالنى ‹‹بېلىق بېشىدىن سېسىيدۇ››دەپ داۋاملاشتۇرۇپسىز، مېنىڭچە، بۇنداق داۋاملاشتۇرۇشتىمۇ مەسىلە بار، ئەگەر سىزدەك زىغىرلىساق، «قوغۇن بىلەن بىلىق»نى مۇناسىۋىتى بار دېسەكمۇ، «ئىچى بىلەن بېشى» نىڭ مۇناسىۋىتى يوق، ئەگەر بۇنى تولۇقلاش توغرا كەلسە، قوغۇن ئىچىدىن سېسىغان ئىكەن، ئاخىرىغا تېشىدىن سېسېيدىغان بىر نەرسىنى قوشۇپ داۋاملاشتۇرىشىمىز لازىم، چۈنكى بىزنىڭ ئەجدادلار «ئىچى»نىڭ گېپىنى قىلىۋېتىپ «بېشى»غا كەتمەيدۇ.
7.‹‹كېسەلنىڭ سانجىقى يامان،ئىتنىڭ قانجۇقى يامان››دېگەن ماقال-تەمسىلنى خاتاغا چىقىرىپ ‹‹كېسەلنىڭ يامىنى سانجىق، ئىتنىڭ يامىنى قانجىق ››نى توغرا دەۋېلىش ئەخمىقانىلىق بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ «توغرا»لاشتا ئالدىنقى ماقال-تەمسىلدىكى «سانجىق» دېگەن سۆز بىلەن« قانجۇق»دېگەن سۆزنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلغان «ئى» قوشۇمچىسىنى «يامان»دېگەن سۆزگە ئالماشتۇرۇشتىن باشقا ئۆزگىچىلىك يوق. مېنىڭچە بۇ ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىككى خىل ۋارىيانتتىكى ماقال-تەمسىلدىن ئىبارەت. مەن ئالدىنقى ماقال- تەمسىل بىرقەدەر مۇكەممەل دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئالدىنقى ماقال-تەمسىلنى «كېسەلنىڭ  سانجىقى يامان، ئىتنىڭ قانجۇقى»دەپ ماقال-تەمسىل ئىشلىتىش قائىدىسى بىلەن بىلەن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
8.<<دېھقانچىلىق-چىلىق-چىلىق،
بەزىدە قۇرغاقچىلىق>>دېگەن ماقالدىكى «قۇرغاقچىلىق»دېگەن سۆزنىڭ جايىغا چۈشمىگىنى راست. بۇ ماقالدىكى «چىلىق-چىلىق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «مەمۇرچىلىق، مولچىلىق » بولۇپ،  ئاخىرىغا «قۇرغاقچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس. شۇنداقلا  سىزدەك«دېھقانچىلىق-چىلىق-چىلىق ،بولمىسا غېرىپچىلىق » دەپ ئۆزگەرتىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. بۇنى ئەسلى «دېھقانچىلىق بەزىدە چىلىق-چىلىق، بەزىدە قۇرۇقچىلىق»دېيىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا مەزمۇن مۇكەممەل بولىدۇ. «مۇئەللىم»لۇغىتىدىمۇ مۇشۇنداق ئالغان. مەن مۇشۇنداق ئىشلىتىشنى قوللايمەن.
9.‹‹ساختىپەزدىن قوغۇن ئالساڭ،ئۇرۇقى ساق چىقماس››دىگەندىن كۆرە‹‹ساختىپەزدىن تۇخۇم ئالساڭ ئىچىدىن سېرىقى چىقماس››دېسەك دەپسىز، ساختىپەز توخۇمنىڭ سېرىقىنى قەيەرگە ئېلىپ كېتىدۇ ياكى تۇخۇم بۇزۇلۇپ قالسا، سېرىقى يوقاپ كېتەمدۇ؟ مېنىڭچە بۇنى «ساختىپەزدىن تۇخۇم ئالساڭ سېقى چىقماس» دېسەك بولامدىكىن؟
10. ‹‹قول بەرگەنگە يول بەر›› دىگەن ماقال قايسى مىللەتنىڭ ماقال-تەمسىلىگە ئوخشاپ قاپتۇ؟ بۇ ماقالنى ‹‹يول قويغانغا قول قوي ››دەپ ئۆزگەرتىپسىز، بۇ ئۆزگەرتىشنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ ئەسلىدىكى ماقال بىلەن«ئۆزگەرتىلمە ماقال»نىڭ نېمە پەرقى بار؟ ئەسلىدىكى ماقالدا قانداق كەمتۈكلۈك بار؟ كېينكى ماقالدا قانداق مۇكەممەللىك بار؟ چۈشەنچە بەرسىڭىز.
مەن بۇ ئىنكاسنى يېزىش ئارقىلىق سىزگە قارشى چىقماقچى ئەمەس، چۈنكى مېنىڭ سىز بىلەن ئۆچ-ئادىۋىتىممۇ يوق، تونۇش-بىلىشلىكىممۇ يوق. لېكىن سىز ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىنكاسلار ئارقىلىق ئىچىڭىزدىكى بىلىمنى  مۇنبەر ئەھلىگە كۆپلەپ تۆكتۈرمەكچى.
     

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80698
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3043
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-5-27
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 05:43:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kixan يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 02:25 PM
ۋاي مىسرانىمدىكىلەر ئىنكاسنىمۇ قوشاق بىلەن يېزىۋىتىد ...

ۋاي شۇنى دەڭە ،قۇشاقچى بوپ كىتىپتۇ  بۇلارمۇ...

سەھرانى سۆيىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 793
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10522
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 869 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 06:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹قارىغۇنىڭ چاپاق ئادىشى بار ››2-قىسىم 177-بەت بۇنى ‹‹قارىغۇنىڭ جىتتاق ئاشنىسى بار›› دەپ ئاپسىز، ئەگەر بۇنى يەنە زىغىرلىساق، سىزنىڭمۇ كەمتۈك بولىدۇ. ئەسلىسى:  «چاپاق خوتۇننىڭ جىرتاق ئېرى بار» . مېنىڭچە، ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىگە مۇئامىلە قىلغاندا ، خاتالىقى ئالاھىدە بىلىنىپ قالمىسىلا « توغرا-خاتالىق  پوزىتسىيەسىدە بولماي» مەنبەسىنى ئىزدەپ بېقىپ، مەلۇم رايۇندا شۇنداق ئىشلىتىش ئەھۋالى بولسا ۋارىيانت دېگەن پوزىتسىيىدە بولساق ياخشىمىكىن.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

سەھرانى سۆيىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 793
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10522
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 869 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 06:37:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايغا بولسا كۈندە بايرام كۈندە توي،1-قىسىم29-بەت
        كەمبەغەلگە كۈندە ئەلەم ،كۈندە ئوي>> دېگەن ماقال-تەمسىلنىڭ يەنە « بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، كەمبەغەلگە كۈندە قايغۇ، كۈندە ئوي» دېگەن ۋارىيانتىمۇ بار.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

سەھرانى سۆيىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 793
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10522
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 869 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 08:05:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئايغىر تارتسا،بايتال تارتماس››دېگەن ماقال-تەمسىلنىڭ ئەسلىسى «ئىچ ئات تارتسا، يانداق تارتماپتۇ، ئايغىر تارتسا، بايتال تارتماپتۇ» ئىكەن. «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» (مۇھەممەت رېھىم)

مۇنبەرداشلار، بۇ «تاش1» نېمىشقا جىق گەپ قىلىدىغاندۇ دېمەڭلار، بۇ ساھەگە مەنمۇ قىزىققانلىقىم ئۈچۈن ماتىرىيالدا كۆرگىنىمنى يېزىپ قويۇۋاتىمەن.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

سەھرانى سۆيىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 793
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10522
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 869 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 08:18:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4>.<<دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ ،
چۈشكە نىمە كىرمەيدۇ>> 1-قىسىم 39-بەت
بۇ ماقال -تەمسىل <<دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ،
ئىت نىمە يىمەيدۇ>>
دەپ  ئېلىنسا يۇقۇرقىدىن ياخشى ئۈنۈمى بولاتتى.  

بۇ ماقال-تەمسىل مۇھەممەت رېھىم ئەپەندى تۈزگەن «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» دېگەن كىتابتا «چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ» دەپ ئېلىنغان ئىكەن. قارىغاندا «قاراخان» ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىغىرلىشى ئارتۇقچىدەك، «قاراخان» ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ، ئىت نېمە يېمەيدۇ» دېگەن ماقال-تەمسىل ۋارىيانىت بولسا كېرەك. شۇڭا بۇيەردە توغرا- خاتالىق، مۇكەممەل-كەمتۈكلۈك مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش