مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qaraxani

‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››نى زىغىرلاش... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 641 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 02:43:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nuriman30 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 11:42 AM
زىغىرچىمۇ زىغىرچى،
نامى ئۇنىڭ قۇسۇرچى.
تەمسىلنىغۇ كۇل ...

مۆمىن دىگەن مۆمىننىڭ بىلىپ قويغىن ئەينىگى،
سەندەك سوكال دۈتتارلار ئەمەس مىلتىق پاينىگى،
‹‹نۇر ئىمان ›› دەپ ئۆزۈڭنى  ئاللاغا قۇل بولدۇڭمۇ،
يارىماستىن ساڭا تېخى قېرىنداشنىڭ ئەمگىگى،

سەللە يۆگەپ ئىمان ساتقان  مەيدانى يوق زەيپانە،
گېپىڭ بولسا قىلغىنا بىر ئوچۇق يورۇق مەردانە،
دائىم بۇلۇڭ -پۇچقاقلاردا چىكەتكىدەك چىرىلداپ،
توقۇپ يۈرمە يانپىشىڭغا بىرنى ئۇرۇپ ئەپسانە.

زىغىرچى ۋە قۇسۇرچى دىسەڭ ساڭا ياراشماس،
سەندىن ھېچكىم ئىككى دۈنيا زەئىپ ئىمان تالاشماس،
سەن ئاللانىڭ قۇلى بولساڭ پىتنە قىلىپ يۈرەمتىڭ،
تاجۇ-تەختىڭ ،ئىمانىڭغا بۇ گەپلىرىڭ قولاشماس.

دىمەك‹‹ دىن››نى نىقاپ قىلغان ئەسلى ئىمان ئوغرىسى،
سەن مۇناپىق تور،مەسچىتتە گەپ تىڭشايسەن توغرىسى.
‹‹تاش››،‹‹تاياق››نىڭ ئارىسىدا ساڭا ئارىچا تاياق بار،
نەدىن چىقار  ساڭا ئوخشاش مەلئۇنلارنىڭ ‹‹دورغىسى››.
..................
يېڭى يىلدا ھەممە تورنىڭ ئامان بولسۇن‹‹ ئوردىسى››،ھالال بولسۇن يىگەن ئىچكەن تاپقان ھەر بىر ئولجىسى.
زۇخۇي ،پىتنە ئۆسەكچىگە لەنەت ياغسۇن ئېلىمدىن،
ھەسەتخورنىڭ قايناپ تۇرسۇن كېچە-كۈندۈز ئوغىسى.

.............
،





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-1 02:52 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88541
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-12-14
ئاخىرقى: 2013-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 02:51:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹قۇم يىغىلىپ تاش بولماس،قۇل يىغىلىپ باش بولماس ››ياخشى،چوڭ چوڭ ياخشى.تېخىمۇئىزدىنىڭ.
‹‹ھۆرمەتتىن ئىگىلگەن باشقا ئالقىش ياغىدۇ،خوشامەتتىن  ئگىلگەن باشقا قارغىش ياغىدۇ››

ئاللاھنىڭ قۇلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30346
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4471
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 06:44:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 02:43 PM
مۆمىن دىگەن مۆمىننىڭ بىلىپ قويغىن ئەينىگى،
سەندەك سوك ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇچۇر يازسام قايتۇرمىدىڭىز توردا باركەنسىز ....
ئىنكاس يازىدىغان قېرىنداشلار مەن بەكلام چوڭ خاتالىق ئۆتكەزدىم مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلار ،، تېمىنى تولۇق ئوقۇماي ئىنكاس يازغانلىقىمغا تويدۇم ! تېما ئىگىسىنى..رىغبەتلەندۈرمەن دەپ ئويلاپتىمەن ئۆزەمچە؟ تېما ئىگىسىنىڭ  زەردىسىنى قاينىتىپ قويدۇم بۇندىن كېيىن تېمىنى تولۇق ئوقۇيالمىسام ئىنكاس يازمايلام قوياي ماڭا نىمە ھال توۋا؟..ئىنكاسقا دىققەت قىلمىغانلارنى ئاگاھلاندۇراتتىم بولمىسا.. مەن خاتالاشتىم بۈگۈن كەچۈرۈڭ qaraxani راسلام كەچۈرۈڭ!

بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە بىلمىگەننى بىلدىم ،كۆرمىگەننى كۆردۈم،ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دىمە،ئىنسان قىيامەت كۈنى قۇلاق ،كۆز، دىل يەنى سەزگۈر ئەزالېرىنىڭ قىلمىشلېرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سۇئال-سوراققا قالىدۇ(36)سۈرە بەنى ئىسرائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 641 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 07:52:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nuriman30 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 06:44 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇچۇر يازسام قايتۇرمىدىڭىز توردا  ...

ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار نۇرئىمان قېرىندىشىمىزنىڭ گېپىگە قارىغاندا ئارىدا ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ، شۇڭا ساغلام تور مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېزىلغان ئىنكاستىكى ‹‹قوشاق ››ئۆچۈرىۋېتىلسە دىگەن تەكلىپىمنى ئويلۇشۇپ كۆرسەڭلار؟

سەھرانى سۆيىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10520
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 867 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 09:31:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 12:44 PM
ئېلىشمىغۇنچە تېپىشماس،يىراق يولمۇ يېقىندىن باشلىنىد ...

50%دىن ئارتۇق مەقسەتكە يەتمىگىنىڭىزنى مەن بىرمۇ بىر ئىسپات بىلەن كۆرسىتىشكە تىرىشىمەن. خۇددى مېنىڭ سىزنى مەقسەتكە يېتەلمىدى دېگىنىمدەكلا، سىزنىڭمۇ «قامۇس»نى زىغىرلاپ «چالىلىق»لارنى تۈزۈتۈشكە ئورۇنىشىڭىز شەخسىي كۆزقاراش. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، سىز «چالا»دەپ تۈزەتكەن ماقال-تەمسىللارنىڭ سىزنىڭ كۆزىڭىزگە سىغمىغان ياكى كۆڭلىڭىزگە ياقمىغانلا يېرى بار.
1. «جايى يوقنىڭ جېنى يوق» دېگەن ماقالنى زورلاپ « ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق، ئىككى كۆزىنىڭ خۇنى يوق» قىلىۋېلىش ئارتۇقچە. چۈنكى بۇ ماقالدا مەزمۇن تولۇق، مۇكەممەل بايان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 301-بېتىدە «جايى يوقنىڭ جېنى يوق» دېگەن ماقال بېرىلگەن بولسا ،684-بېتىدە « ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق» دېگەن ماقال بېرىلگەن . «ئەسلى تولۇق نۇسخىسى» دەپ تۈزەتكەن ئىكەنسىز قايسى ئىشەنچىلىك كىتابتا «تولۇق نۇسخىسى» ئىكەنلىكى قەيىت قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويمىسىڭىز، ماقال-تەمسىللەرنىڭ ۋارىيانتىنىڭ بىرىنى ياقتۇرۇپ، بىرىنى ياقتۇرماي(ياكى كۆرەلمەي) «سۆزنى ئۇزارتىپ، ئوقۇرمەنلەرگە بىئاراملىقنى سىز پەيدا قىلغان بولىسىز».
يەنە «بىر قاغىنىڭ كېلىشى بىلەن قىش بولماس » دېگەننى «بىر قاغا كەلمەك بىلەن ،قىش بولماس،
بىر بۇلبۇل كەلمەك بىلەن باھار بولماس » ياكى« بىر قاغا كەلمەك بىلەن قىش بولماس، بىر گۈل ئېچىلماق بىلەن باھار بولماس»دەپ ئۆزگەرتىۋېلىشمۇ ئارتۇقچە. چۈنكى ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 195-بېتىدە «بىر قارلىغاچ كەلمەك بىلەن باھار بولماس» دەپ يالغۇز بېرىلگەن بولسا، يەنە مۇھەممەد رېھىم تۈزگەن «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى »دېگەن كىتابنىڭ 89-بېتىدە ««بىر قارلىغاچ كەلمەك بىلەن باھار بولماس» دەپ يالغۇز بېرىلگەن . يەنە ئالىم ھىمىت، ئايگۇل تۇرسۇنلار بىرلىشىپ تۈزگەن 2005-يىلى نەشىر قىلىنغان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 74-بېتىدە «بىر قارلىغاچ كەلمەك بىلەن باھار بولماس» دەپ بېرىلگەن بولسا، 75-بېتىدە« بىر گۈل ئېچىلغان بىلەن باھار بولماس» دەپ بېرىلگەن. يەنە ما جۈنمىن، لياۋ زېيۈ بىرلىشىپ تۈزگەن 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 62-بېتىدە « بىر گۈل ئېچىلماق بىلەن باھار بولماس» دەپ بېرىلگەن. دېمەك ،بۇلاردىن شۇنى بىلىپ يېتىشكە بولىدۇكى، «بىر قاغا كەلمەك بىلەن قىش بولماس» دېگەن بىلەن «بىر گۈل ئېچىلغان بىلەن باھار بولماس» ياكى « بىر قارلىغاچ كەلمەك بىلەن باھار بولماس» دېگىنى مەزمۇنى ئوخشاش بىر قانچەماقال-تەمسىلدىن ئىبارەت. شۇڭا ئايرىم دېسىمۇ مۇكەممەل مەزمۇننى بىلدۈرىدىغان ماقال-تەمسىللەرنى بىرلەشتۈرۈپ سۆزنى ئۇزارتىشنىڭ  ھاجىتى بولمىسا كېرەك.
يەنە « ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار» دېگەن ماقالنى «تەڭ يېرىمى چۈشۈپ  قالغان» دەپ ، «ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار، ھەر ئىشتىن قول ئۈزمەكنىڭ مەلۇم پەيتى بار» دەپ ئۇزارتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇ ماقال ئالىم ھىمىت، ئايگۇل تۇرسۇنلار بىرلىشىپ تۈزگەن 2005-يىلى نەشىر قىلىنغان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 261-بېتىدە يالغۇز «ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار»دەپ بېرىلگەن . مۇھەممەد رېھىم ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ كىتابىدا  شۇنداق ئىشلەتكەن. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندىمۇ ئۆز كىتابىنىڭ 623-بېتىدە شۇنداق بىر مىسرا ھالەتتە ئىشلەتكەن. يەنە ما جۈنمىن، لياۋ زېيۈ بىرلىشىپ تۈزگەن 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» ناملىق كىتابنىڭ 225-بېتىدە شۇ بىر مىسرا ھالەتتە ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، «ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار» دېگەن ماقال مۇكەممەل ، ئىخچام ماقال بولۇپ، ئۇنىڭغا « ھەر ئىشتىن قول ئۈزمەكنىڭ مەلۇم پەيتى بار» دېگەننى قېتىپ ئۇزارتىشقا بولمايدۇ. مېنىڭچە بۇنداق بىر مىسرا ھالەتتە «قامۇس»قا كىرگۈزۈلۈشى ئابدۇراخمان ئەبەي بىلەن ئەخمەت ئىمىننىڭ «چالىلىق»ى بولماستىن، ماقال-تەمسىلنى ئۇزارتىشنى «قاراخان»نىڭ ئىجادىيىتى دېگەن ياخشى.
2. «بايغا بولسا كۈندە بايرام، كۈندە توي،كەمبەغەلگە كۈندە ئەلەم، كۈندە ئوي» دېگەن ماقالنى «قامۇس»تىكى «چالىلىق»قا باغلاپ « غېنىلەرگە كۈندە مەشرەپ ،كۈندە توي،
غېرىپلەرگە كۈندە قايغۇ ،كۈندە ئوي» دەپ ئۆزگەرتىپ قويغاندىن، بۇ ماقال-تەمسىلنىڭ مۇنداقمۇ ۋارىيانتى بار دەپ ئەسكەرتىپ قويغان ياخشى ئىدى. چۈنكى، ئالىم ھىمىت، ئايگۇل تۇرسۇنلار بىرلىشىپ تۈزگەن 2005-يىلى نەشىر قىلىنغان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 74-بېتىدە«  بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، كەمبەغەلگە كۈندە قايغۇ، كۈندە ئوي» دەپ بېرىلگەن بولسا، ما جۈنمىن، لياۋ زېيۈ بىرلىشىپ تۈزگەن 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» ناملىق كىتابنىڭ46-بېتىدە «  بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، كەمبەغەلگە كۈندە قايغۇ، كۈندە ئوي»دەپ ئالغان. يەنە ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندىمۇ ئۆز كىتابىنىڭ 148-بېتىدە « بايغا بولسا كۈندە بايرام، كۈندە توي، كەمبەغەلگە كۈندە ئەلەم، كۈندە ئوي» دەپ ئالغان. دېمەك. ئابدۇراخمان ئەبەي ئەپەندى بىلەن ئەخمەت ئىمىن ئەپەندى ئاساسەن ئومۇملاشقان ۋارىيانتىنى «قامۇس»قا كىرگۈزگەن. شۇڭا، مەن بۇنى «چالىلىق» دەپ قارىمايمەن، بەلكى، تارىخىي ، ئىلمىي ئاساسقا يېقىنلاشقانلىق دەپ قارايمەن. بەلكىم، سىز ئوتتۇرىغا چىقارغان ۋارىيانت « باينى غېنى، كەمبەغەلنى غېرىب دەيدىغان» رايۇنلاردا تارقالغان ۋارىيانت بولسا كېرەك.

3.<<دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ،چۈشكە نىمە كىرمەيدۇ>>  دېگەن ماقال-تەمسىلنىمۇ <<دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ،2 ئىت نىمە يىمەيدۇ>>   دەپ قارىشىڭىزغا  قوشۇلالمايمەن. چۈنكى،
بۇ ماقال-تەمسىل مۇھەممەت رېھىم ئەپەندى تۈزگەن «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» دېگەن كىتابتا «چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ» دەپ ئېلىنغان. يەنە  ما جۈنمىن، لياۋ زېيۈ بىرلىشىپ تۈزگەن 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» ناملىق كىتابنىڭ 102-بېتىدە « چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ» دەپ ئېلىنغان. يەنە ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندى ئۆز كىتابىنىڭ 314-بېتىدە  « چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ» دەپ ئالغان. 350-بېتىدە « دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ، چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ »دەپ ئالغان. دېمەك، بۇ ماقال-تەمسىلمۇ «قامۇس» قا توغرا كىرگۈزۈلگەن. لېكىن ،سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ياقمىغانلا يېرى بار.

4.<<ئۆلۈك يولۋاستىن تىرىك چاشقان يامان >> دېگەن تەمسىلنى « يولۋاسنى تېلېۋۇزۇر بىلەن باغچىدىن باشقا يەردە كۆرمەيمىز، مۈشۈكنى كۈندە كۈندە كۆرۈپ تۇرىمىز» دەپلا
     <<ئۆلۈك ئاسلان (مۈشۈك)دىن تىرىك چاشقان يامان >> دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندىمۇ كىتابىنىڭ 677-بېتىدە « ئۆلۈك يولۋاستىن تىرىك چاشقان كۈچلۈك» دەپ ئالغان. مەنمۇ مۇشۇنداق ئېلىشنى توغرا دەپ قارايمەن. چۈنكى ، مۇشۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرتىلىنىڭ مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلى ۋايىغا يەتكەن بولىدۇ. ئۆلۈك ئاسلاندىن تىرىك چاشقاننىڭ يامانلىقى ئەقەللىي ساۋات بولۇپ، <<ئۆلۈك ئاسلان (مۈشۈك)دىن تىرىك چاشقان يامان >> دېگەن تەمسىل تۈز بايان جۈملە بولۇپ قالغان.

5.<<سارنىڭ مەقسىدى چۆجە يىمەكتە ئەمەس،چۇكۇلداتماقتا>>دېگەن تەمسىل سىز دېگەندەك « تىل ئاۋارىچىلىقى»غا قالغان تەمسىل بولماستىن، بىر ۋارىيانت ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئالىم ھىمىت، ئايگۇل تۇرسۇنلار بىرلىشىپ تۈزگەن 2005-يىلى نەشىر قىلىنغان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 156-بېتىدە «سارمۇ چۆجىنىڭ چوكۇلدىغىنىغا خۇش» دەپ ئېلىنغان بولسا، يەنە مۇشۇ بەتتە« سارنىڭ مەقسىتى چۆجىنى ئېلىشتا ئەمەس، چوكۇلدىتىشتا» دەپ ئېلىنغان. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندىنىڭ كىتابىنىڭ 368-بېتىدە « سار چۆجىنىڭ چوكۇلدىغىنىغا خۇش» دەپ ئېلىنغان بولسا، يەنە مۇشۇ بەتتە « سارنىڭ مەقسىتى يېمەكتە ئەمەس، موكۇلداتماقتا» دەپ ئېلىنغان. بۇلاردىن شۇنى كۆرۈپ يېتىشكە بولىدۇكى، ئابدۇراخمان ئەبەي ئەپەندى بىلەن ئەخمەت ئىمىن ئەپەندى ماقال-تەمسىللىرىمىزنى « تىل ئاۋارىچىلىقى»غا قويمىغان. بەلكى، ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋارىيانتىلىرىنى «قامۇس»قا كىرگۈزگەن.
<<سارنىڭ مەقسىدى چۆجە يىمەكتە ئەمەس،چۇكۇلداتماقتا>>دېگەن تەمسىل ئۇيغۇر خەلق تەمسىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن تەركىب تاپقان «قامۇس»قا كىرىش ھوقۇقى بار. شۇڭا سىزنىڭ <<سارنىڭ مەقسىدى چۆجە يىمەكتە ئەمەس،چۇكۇلداتماقتا>>نى «تىل ئاۋارىچىلىقى»غا قالغان دەپ كېيىنكىسىنى «قامۇس»قا كىرگۈزمىگەنلىكىنى ئىككى ئاپتورغا دۆڭگەپ تەنقىد قىلىشىڭىز ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.
6.‹‹سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس›› دېگەن ماقالنىمۇ «تىل ئاۋارىچىلىقى»غا قالغان دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى بۇمۇ ئوخشاش بولمىغان رايۇنلارغا تارقالغان ۋارىيانت بولۇپ، باشقا كىتابلاردىمۇ مۇشۇ شەكىلدە بېرىلگەن. مەسىلەن، سىز پايدىلانغان ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ كىتابىنىڭ 399-بېتىدە ‹‹سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس›› دەپ بېرىلگەن بولسا 222-بېتىدە« پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس» دەپ بېرىلگەن. يەنە  ئالىم ھىمىت، ئايگۇل تۇرسۇنلار بىرلىشىپ تۈزگەن 2005-يىلى نەشىر قىلىنغان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 168-بېتىدىمۇ «سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس» دەپ ئېلىنغان.ما جۈنمىن، لياۋ زېيۈ بىرلىشىپ تۈزگەن 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» ناملىق كىتابنىڭ 139-بېتىدە «سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس» دەپ ئېلىنغان. مانا بۇلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، بۇ ئىككى ماقالمۇ بىربىرىنىڭ ۋارىيانتى بولۇپ، خالىغان بىرىنىڭ «قامۇس»قا كىرىش ھوقۇقى بار. بۇ يەردىكى مەسىلە سىزنىڭ بىرىنى ياقتۇرۇپ ، يەنە بىرىنى ياقتۇرمىغانلىقىڭىزدىنلا كېلىپ چىققان.
7.‹‹ ياغاچنى تاشقا تاڭغىلى بولماس››دېگەن ماقال-تەمسىلنىڭمۇ ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ كىتابىدا مۇشۇنداق ئېلىنغانلىقىنى ئالدىنقى ئىنكاسىمدا بايان قىلغان ئىدىم. شۇڭا بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمەن.
8. <<دۆلەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا،سۈمرۇغ كېلەر  ئېگىلىپ قېشىغا>>دېگەن ماقال-تەمسىلنى  <<ئامەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا، سۇمرۇغ كېلەر كۈندە ئۇنىڭ قېشىغا>> دەپ ئۆزگەرتىشىڭىزگە باشقىچە پىكرىم بولمىسىمۇ ، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ كىتابىنىڭ 349-بېتىدىكى «دۆلەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا، سۇمرۇغ كېلەر كۈندە قېشىغا» دېگەن ماقال-تەمسىل بىلەن «قامۇس»تىكىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
9. «ئەتمەك تەس، بۇزماق ئاسان»دېگەن ماقال «شېئىرى ھالىتىدىن مەھرۇم قالمىغان».  ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندىنىڭ كىتابىنىڭ 86-بېتىگە «ئەتمەك تەس، بۇزماق ئاسان»دەپ بېرىلگەن. سىزنىڭ نەزەرىڭىزدىكى مۇكەممەل كىتابلارنىڭ بىرى بولغان بۇ كىتابتا شۇ خىل ھالەتتە بېرىلىشى، مۇشۇنداق ماقالنىڭمۇ بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كۆرگەن بىر قانچە ماقال-تەمسىل كىتابتا «بۇزماق ئاسان،تۈزمەك تەس،كۈلمەك ئاسان،ئۆلمەك تەس» دېگەن شەكىل ئۇچرىمىدى. بەلكىم، بۇمۇ بىر ۋارىيانت بولسا كېرەك. شۇڭا ، «ئەتمەك تەس، بۇزماق ئاسان»نى «قامۇس»تىكى «چالىلىق»دېگەندىن، «ئابدۇراخمان ئەبەي بىلەن ئەخمەت ئىمىن كۆڭلۈمدىكىنى تاپالمىدى » دېگەن تۈزۈك.
10. «تاش كىچىك بولسىمۇ، مىڭ ياڭاقنى چاقار»دېگەن ماقالنى تۈزەتكىنىڭىزگە باشقا پىكرىم يوق. بىراق، مۇھەممەت رېھىم ئەپەندى بىلەن ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندىنىڭ «بىر تاغار ياڭاقنى ياڭاقچىلىك تاش چاقار » دەپ ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن.
11. ‹‹ھەسەل ئالغان قاچىنىڭ يۇقى بار››دېگەن ماقالنى تولۇقلاش -تولۇقلىماسلىق «قامۇس»قا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندىنىڭ كىتابىنىڭ 604-بېتىدە « ھەسەل ئالغان قاچىدا يۇقى قالار» دەپ بېرىلگەن. دېمەك ، بۇ ئىككىسى ۋە سىز  داۋاملاشتۇرغان شەكلى ۋارىيانت. شۇڭا ھەرقايسىسىنىڭ خالىغان بىرىنىڭ «قامۇس»قا كىرگۈزۈلىشى «چالىلىق»نى پەيدا قىلمايدۇ.
12. ‹‹ئالدىغا بار،كەينىگە يوق، ئاتلىققا بار پىيادىگە يوق›› ،‹‹ئايغىر تارتسا،بايتال تارتماس›› دېگەن ماقال-تەمسىللەر ۋە سىزنىڭ تۈزەتمىلىرىڭىز ھەققىدە ئالدىنقى ئىنكاسلىرىمدا پىكىر بايان قىلىپ بولغان. شۇڭا بۇيەردە توختالمايمەن.
13. ‹‹كېسەلنىڭ سانجىقى يامان،ئىتنىڭ قانجۇقى يامان››،
<<دېھقانچىلىق-چىلىق-چىلىق،بەزىدە قۇرغاقچىلىق>> دېگەن ماقال-تەمسىللەر ھەققىدە ئالدىنقى ئىنكاسىمدا مەيدانىمنى بىلدۈرۈپ بولغان. بولۇپمۇ، «كېسەلنىڭ سانجىقى يامان، ئىتنىڭ قانجۇقى يامان» دېگەن ماقال-تەمسىلنى«خوش ياقمىغان ياكى ئېرەن قىلمىغان، بىپەرۋا ھالەتتە يېزىلىپ قالغان ماقال-تەمسىللەر» قاتارىغا چىقىرىپ قويۇشىڭىز ئاقىللىق بولمىسا كېرەك. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندىمۇ كىتابىنىڭ 514-بېتىدە «كېسەلنىڭ سانجىقى يامان، ئىتنىڭ قانجۇقى يامان»دەپ ئالغان. بۇنىڭ ماقال-تەمسىل ئىشلىتىش قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ، «قامۇس»قا كىرگۈزۈلۈشىنىڭ «چالىلىق» ئەمەسلىكىنى ئالدىنقى ئىنكاسىمدا بەكرەك تەكىتلىگەن ئىدىم.
14..‹‹قول بەرگەنگە يول بەر›› دىگەننى ‹‹يول قويغانغا قول قوي ››دىسىمۇ‹‹يىقىلساڭ زوردىن يىقىل ››2-قىسىم96-بەتتىكىنى ‹‹يىقىلساڭ تۆگىدىن يىقىل ››دەپ،‹‹قارىغۇنىڭ چاپاق ئادىشى بار ››2-قىسىم 177-بەت بۇنى ‹‹قارىغۇنىڭ جىتتاق ئاشنىسى بار››دېگەنلەر ھەققىدىمۇ يېتەرلىك توختالغان ئىدىم. بولۇپمۇ «قول بەرگەنگە يول بەر»نى ئۆزىڭىز ياراتمىغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا «چالىلىق»قا چىقارغىنىڭىزنى ئالدىنقى ئىنكاسىڭىزدا ئېتىراپ قىلىپسىز. «قارىغۇنىڭ چاپاق ئادىشى بار» دېگەننى «قارىغۇنىڭ جىرتاق ئاشنىسى بار»غا ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ئاساسى يوق. مەن يەنە ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق، «قامۇس»قا كىرگۈزۈلگەن شەكىلنىڭ بىر ۋارىيانت ئىكەنلىكىنى، «چالا»ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتىم. مەسىلەن، ئالىم ھىمىت، ئايگۇل ئەمەتلەر تۈزگەن كىتابنىڭ 126-بىتىدە «چاپاق خوتۇننىڭ جىرتاق ئىرى بار» دەپ ئېلىنغان بولسا، يەنە مۇشۇ بەتتە« قارىغۇنىڭ چاپاق ئادىشى بار» دەپ ئېلىنغان. يەنە ماجۈنمىن ، لياۋ زېيۈ لەر تۈزگەن كىتابنىڭ 99-بېتىدە « چاپاق خوتۇننىڭ جىرتاق ئىرى بار، ياغاچ ئاتنىڭ مايماق ئىگىرى بار» دەپ ئېلىنغان بولسا، يەنە مۇشۇ بەتتە« چاپاقنىڭ قارىغۇ ئادىشى بار» دەپ ئېلىنغان. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندىنىڭ كىتابىنىڭ 424-بېتىدە « قارىغۇنىڭ چاپاق ئادىشى بار» دەپ بېرىلگەن. 306-بېتىدە «چاپاق خوتۇننىڭ جىرتاق ئىرى بار، ياغاق ئاتنىڭ مايماق ئىگىرى بار»دەپ ئېلىنغان. مانا بۇلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئىككىسى ئىككى خىل ۋارىيانت بولۇپ، «قامۇس»قا بىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈپ، بىرىنىڭ كىرگۈزۈلمەسلىكى «چالىلىق» ئەمەس.

«قاراخان»ئەپەندى، ئەمدى مەن دەيدىغانلىرىمنى دەپ بولدۇم. مېنى ئەمدى كۆرەلمەس دەمسىز ياكى باشقىچە بىرنېمە دەمسىز ۋەياكى « چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىشقا ئورۇنۇش»دەمسىز، ئىختىيارىڭىز. باشقا مۇنبەرداشلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا بىر نەچچە قېتىم مۇراجىئەت قىپسىز، ئەمدى مېنىڭ قانداق ئىكەنلىكىمگىمۇ مۇنبەرداشلار بىر نېمە دېسۇن.

ئاخىرىدا يەنە بىر مەسىلىنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن. بۇ «قامۇس» 2006-يىلى 2-ئايدا 1-قېتىم نەشىر قىلىنغان بولۇپ، 2010-يىلى8-ئايدا 5-قېتىم بېسىلغان. مەن 5-قېتىم بېسىلغىنىنىڭ 2-قىسمىنى كۆرۈپ چىقتىم. 1-قىسمىنى كۆرەي دەپ، مەكتىپىمىزنىڭ كۇتۇپخانىسىنى ۋە ئۇرۇمچىنىڭ «يەنئەن يولى»غا جايلاشقان «شىنخۇا كىتابخانىسى»نى، «غالىبىيەن كىتابخانىسى»نى ئىزدىگەن بولساممۇ تاپالمىدىم. (بەلكىم بىخەستەلىك قىلىپ كۆرمەي قالغاندىمەن). مەن 2-قىسىم كىتابنىڭ ئارقىسىدا «پايدىلانغان مەنبەلەر»نىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ سەل بىئارام بولدۇم. ئەگەر 1-قىسىمنىڭ ئالدىدا كىرىش سۆز بولۇپ، شۇ كىرىش سۆزدە « بۇ كىتابنى تۈزۈش جەريانىدا پايدىلانغان كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرىغا رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەندەك مەزمۇندا چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا، بۇ بىئاراملىقىم يوقىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق چۈشەنچە بولمىسا، بۇ «قامۇس»نىڭ ئەڭ چوڭ «چالىلىقى» مەنبەنى ئەسكەرتمىگەنلىك بولىدۇ.

ئەمدى ، ئويلىنىڭ ، %50دىن ئارتۇق نەتىجە قازىنىپسىزمۇ؟ مېنىڭ بۇنداق سۇئاللارنى سورىشىم ياكى سىزدەك زىغىرلاپ كېتىشىم سىزنىڭ قارىشىڭىزدا كۆرەلمەسلىك بولسىمۇ مەيلى، باشقا نەرسە بولسىمۇ مەيلى.

خۇداغا ئامانەت، ماۋسۇملۇق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش سەۋەبى بىلەن بۇندىن كېيىن مۇنبەرگە كۆپ چىقالماسلىقىم مۇمكىن، شۇڭا « ئالمىزار تورى»غا بولغان تەكلىپىڭىزنى ھازىرچە قوبۇل قىلالمايمەن ھەم مەن ئۇ مۇنبەرگە ئەزا ئەمەس. ئەگەر يەنە مۇنازىرە قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، 3-ئايدا يۇرتتىن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە مۇنازىرىلىشەرمىز. مېنىڭ يېزامدا تور يوق. شۇڭا ئۆيدە تورغا چىقالمايمەن.  سىزنىڭ مېنى كىچىك كۆرمەي، نادان كۆرمەي مۇنازىرىلىشىپ ، مېنىڭ كىتاب كۆرۈشۈمگە، ئىزدىنىشىمگە تۈرتكە بولغانلىقىڭىزغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 641 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 10:38:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققىتىڭىزنى چاچماي ئىمتىھاننى ياخشى بېرىڭ.
.......
دىمىگەننى دىگىلى،يىمىگەننى يىگىلى بولىدۇ،بۇ كوچا ئۇزۇن كوچا بىز ئەندىلا بىر قەدەم ئالدۇق.ئاللاغا ئامانەت سىزگە نۇسرەت تىلەيمەن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-1 10:40 PM  


سەھرانى سۆيىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10520
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 867 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 12:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 10:38 PM
دىققىتىڭىزنى چاچماي ئىمتىھاننى ياخشى بېرىڭ.
.......
دىمىگ ...

سىزنى خەت يېزىپ قالغان بولسا دەپ مۇنبەرگە چىقىپ باققان ئىدىم.

«دېمىگەننى دېگىلى، يېمىگەننى يېگىلى بولسا» يەنە « ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرگىلى، ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرگىلى»مۇ بولمايدۇ.

سىزنىڭ ماڭا تىلىگەن تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت. ئاللاھ خالىسا ، ئىمتىھاننى ياخشى بېرىشكە تىرىشىمەن.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 641 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 01:11:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tax1 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 12:52 PM
سىزنى خەت يېزىپ قالغان بولسا دەپ مۇنبەرگە چىقىپ باققا ...

تىرىشىڭ....

كۆزى توقنىڭ ئۆزى توق،
ئۆزى يوقنىڭ سۆزى دوق.

سەھرانى سۆيىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10520
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 867 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 10:48:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 01:11 PM
تىرىشىڭ....

كۆزى توقنىڭ ئۆزى توق،

خاتىرجەم بولۇڭ!جېنىم تېنىمدىلا بولسا  تىرىشىمەن.

سىزمۇ تىرىشىڭ!
«چالا تېۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر» دېگەن گەپ بار. «چالا پىكىرچىلەر»مۇ  ياخشى مۇنازىرىلەرنى «ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ».

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 641 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 12:32:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چالا تىۋىپقا ئۇچرىغان كۆز قارىغۇسىغا داۋا بار ،ئۇستا تىۋىپقا ئۇچرىغان كۆڭۈل قارىغۇسىغا داۋا يوق،ئەقىللىق ئاتالماس كۆپ سۆزلىگەن ،ئەقىللىقتۇر سۆزنى كېلىشتۈرۈپ سۆزلىگەن،قۇرۇق ئاتقان مەرگەن ئەمەس يىقىتقان مەرگەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش