qaraxani يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 08:20 PM
يەنە قىلغان بالىلىقىڭىز مېنىڭمۇ بالىلىقىمنى ئېسىمگە ...
مەن بىلەن پىكىرلىشىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. «بالدۇرراق بالىلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان ئادەم ماڭا ئوخشاش بالدۇرراق تۇغۇلسىڭىزلا بولاتتى،مېنىڭ تەربىيەمسىزمۇ سىز بالىلىققا خاتىمە بېرەلەيسىز.» تۇغۇلىمەن دەپلا تۇغۇلىۋالغىلى بولمايدۇ. ئىلمىي پىكىرلەرگە ئامال بار چاقچاق ئارىلاشتۇرمىغان ياخشى. ئانام بىلەن دادام ئانىڭىز بىلەن دادىڭىزغا قارىغاندا كېيىنرەك توي قىلغانلىقى ئۈچۈن مەن سىزدىن كېيىنرەك تۇغۇلۇپ قالغاندىمەن. سىزنىڭ تەربىيىڭىزسىز بالىلىقتىن قۇتۇلاليدىغانلىقىم راست، بىراق، سىزگە ئوخشاش ئۇستازدىن بىرى كۆپەيسە، مېنىڭ بالىلىقتىن قۇتۇلمىقىم تېخىمۇ تېز بولىدۇ.
1-،2-، 3-تۈردىكى ئىنكاسلىرىڭىزغا پىكرىم يوق. 4-تۈردىكى ئىنكاسىڭىزغا پىكرىم بار. «ئىلغىدا گۆش بولسا بىر كۈنى مېھمانغا ئەسقاتىدۇ» دەپ زۆرۈر بولمىغان ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ، ئەسلىدىكى ماقال كېيىنكى تولۇقلىما قېتىلمىسىمۇ، مۇكەممەل مەزمۇننى بىلدۈرەلەيدۇ. ماقاللىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بۇ ھەقتە پىكرىمىزنى ساقلاپ قالساق بولىدۇ. مەنمۇ پىكرىمنى سىزگە تاڭمايمەن. ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنىڭ روياپقا چىقىشى كىشىلەردىكى باراۋەرلىك ئېڭىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ مىسالى.
5-تۈرلۈك ئىنكاسىڭىزغا:
بۇ ئىككى قىسىم كىتابنىڭ باشقا كىتابلارغا يېتىدىغان-يەتمەيدىغانلىقى بىلەن مېنىڭ بەزى ماقال-تەمسىللەردە ياسالمىلىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن پىكرىمنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. مېنىڭ بۇ پىكرىم « بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، كەمبەغەلگە كۈندە ئەلەم، كۈندە ئوي» دېگەن ماقال بىلەن « غېنىلەرگە كۈندە مەشرەپ، كۈندە توي، غېرىبلەرگە كۈندە قايغۇ كۈندە ئوي» دېگەن ماقال بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئۇ كىتابتىكى نۇقسان بىلەن ئۆزىڭىزدىكى نۇقساننى يېپىشقا ئۇرۇنماڭ. ئۇ كىتابتىكى نۇقساننىڭ تەنقىدى ئايرىم بولسۇن.
6-تۈردىكى ئىنكاسىڭىزغا:
سودىگەرلەر ھەققىدە يەنە مېنىڭ پىكرىمنى زىغىرلاپ كەتكەندەك قىلىسىز. چۈنكى مەن دېگەن پىكىرگە سىز بىرقىسىم پىكىرلەرنى زورلاپ تېڭىۋاپسىز. مەن سودىگەرلەرنىڭ ئاغزىدىكى گەپلەر ماقال- تەمسىل سەۋىيىسىگە يەتمەيدۇ دېمىدىم. بەلكى، سودىگەرلەرنىڭ ئاغزىدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ماقال-تەمسىل قاتارىغا تىزىۋالماسلىق كېرەك دېدىم. مېنىڭ بۇ پىكرىم بىلەن سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان لەڭپۇڭچىلارنىڭ دوكىنىنى كۆپەيتىشى مۇناسىۋەتسىز. شۇنداقلا يەنە مېنىڭ باشقىلارنىڭ گېپىگە قاراپ گېپىنىڭ ئوڭ-تەتۈرىنى ئايرىيدىغان مىجەزىممۇ يوق. بۇنىڭدىن يىراقمەن. خاتىرجەم بولۇڭ.
«ئۈچ مىسرالىق» ماقال-تەمسىل ھەققىدە يەنە «‹‹ئۈچ مىسرالىق ››ماقال-تەمسىل بولامدۇ دىگەن سۇئالىڭىز بويىچە مەن مىسال كەلتۈرۈپ قويۇپتىمەن،بۇ ئىككىمىزنىڭ تەڭلا بالىلىق قىلغان تەنتەكلىكىمىز بولسا كېرەك» دېگەن ئىنكاسنى يېزىپسىز. مەن يەنە تەكرارلايمەن. مەن سىزگە «ئۈچ مىسرالىق» ماقال-تەمسىل بولامدۇ دېمىدىم، بەلكىم، سىزنىڭ داۋاملاشتۇرغان ماقال-تەمسىلىڭىزنى «ئۈچ مىسرالىق »ماقال-تەمسىل بولامدۇ دېدىم.
‹‹كېسەلنىڭ سانجىقى يامان،ئىتنىڭ قانجۇقى يامان›› دېگەن ماقال «يامان» دېگەن سۆز رادىف بولغانلىقى ئۈچۈنلا ، سىز دېگەن قاپىيە شەكلىگە چۈشمەمدىكەن، ‹‹كېسەلنىڭ يامىنى سانجىق، ئىتنىڭ يامىنى قانجىق ›› دېسەك سىز دېگەن قاپىيىگە چۈشەمدىكەن؟ ياخشى ئويلىنىپ بېقىڭ. مەن ۋارىيانىت مەسىلىسىنى سىز نەقىل ئالغان ئىنكاسىمدا ئەمەس، باشتىن- ئاخىر ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمەن. لېكىن سىز، «مۇنداق دېگەندىن مۇنداق دېگەن ياخشى» دەپ ئۆزگەرتىۋاتىسىز. بۇ بەلكىم بەكرەك زىغىرلاپ كەتكەندىن بولسا كېرەك.
باشقىلارنىڭ گېپىنىڭ جىڭ بېسىشى توغرىسىدا يازغان ئىنكاسىڭىز ، مېنىڭچە، سىزنىڭ بۇ تېمىنى يازغاندىكى پوزىتسىيىڭىز بىلەن زىت كەلسە كېرەك. چۈنكى كىتابقا بېسىلغاننىڭ ھەممىسى جىڭ باسقان گەپ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولسا سىزمۇ بۇ ماقالىنى يېزىپ، ماقال-تەمسىللەرنى زىغىرلاپ يۈرمىگەن بولاتتىڭىز. شۇڭا 1984-يىلى ئۇ كىتابقا شۇنداق دەپ يېزىلىپ قالغانلىقى «جىڭ باسقانلىق» ئەمەس.
«قول قويغانغا يول بەر» دېگەن ماقال ھەققىدىكى پىكرىڭىزدە سىز مېنىڭدىنمۇ بەكرەك بالىلىق قىلغان بولامسىز قانداق؟ ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە بولۇپ، ئۇ يازما مەنبەلەرگە ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئارقىلىق تارقىلىپ، ھەرقايسى ئەلدە ھەرخىل ۋارىيانىتلارغا ئېگە بولۇپ ، كەڭ تارقالغان. ئۇنى سىز كۆڭلۈمگە ياقمىدى دەپ ئۆزگەرتسىڭىز، مەنمۇ ئۆزگەرتسەم ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ ئىجاد قىلدىم، داۋاملاشتۇردۇم دەپ بىرقىسىم گەپلەرنى ماقال-تەمسىللەر قاتارىغا كىرگۈزۈشكە كۈچىسەك ئاخىرى قانداق بولار؟ (بۇ سىزگىلا دېگەن گەپ ئەمەس) مېنىڭچە ياخشى بولماس. شۇڭا خەلق قانداق ئىشلىتىۋاتقان بولسا شۇنى يازمىغا ئېلىشىمىز (ھېچ بولمىسا شۇنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك)
بۇ ئىنكاسنى يالغۇز سىزلا كۆرمىگەندىكىن، باشقىلارغىمۇ پايدىسى بولار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئاخىرىدا يەنە بىر گەپنى قوشۇمچە قىلغۇم كەلدى. مۇنبەرگە « مەن ئىجاد قىلغان ماقال-تەمسىللەر» دېگەندەك داغدۇغا بىلەن بىر نەسىلەرنى يوللىمىساق. چۈنكى بىز ئۆزىمىز ماقال-تەمسىل دېۋالغانغا ماقال-تەمسىل بولۇپ قالمايدۇ. بىز «ماقال-تەمسىللەر ئىزىدىن» ياكى «تەپەككۇر مېۋىلىرى» دېگەندەك تېمىلار بىلەن يوللىساق، يازغانلىرىمىز خەلققە يارىسا، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ماقال-تەمسىل قىلىپ ئىشلەتسە ئەجەپ ئەمەس. ئەگەر بىز ماقال-تەمسىل دەپ يېزىۋىرىدىغان ئىش بولسا، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ «تەپەككۇر مېۋىلىرى» سەھىپىسى ماقال-تەمسىلگە تولۇپ كەتمەمدۇ؟
ئىشەنمىسەڭلار مەن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 6-سانىدىكى بىر قىسىم ئاپتورلارنىڭ تەپەككۇرلىرىنى قالدۇراي( بۇ ژۇرنالدىكى يازمىلارنى رۇخسەتسىز تورغا چىقىرىشقا بولمايتتى، بەك زۆرۈر بولۇپ قالغاچقا يېزىپ قوياي، ئاپتورلار ۋە تەھرىرات ئەپۇ قىلغاي)
1.«خالاپ بەرسەڭ بەرىكەت ياغار، مىننەت قىلساڭ ئاپەت ياغار» _ بۇھەجەر ھەسەن.
2.«دۈشمەن ئالدىدا دەرت ئېيتما، دوستۇڭ ئالدىدا ھال تارتما» _ گۈلمىرە دامۇللا.
3. «تەدبىر بىلەن قىلىنغان ئىش ياخشى ئىش، قەھر بىلەن قىلىنغان ئىش كالتە ئىش» _ ئابدۇقەييۇم ماڭسۇر.
4. « قەيەردە يەكلەنسە ئەدلى-ئادالەت، شۇ جايغا يولىماس ئەقلىي كامالەت»_ ئابلىز ئوبۇلخەيرى.
5. «يەكۈنسىز قېپقالسا تەجرىبە-ساۋاق، بولغۇسى نېسىۋەڭ ئاھانەت، تاياق.» _ئابلىز ئوبۇلخەيرى.
6. «شەكىلۋاز دەستىدىن تۆلەنگەن بەدەل، غاپىلغا بال-ھەسەل، ئاقىلغا ئەجەل»_ئابلىز ئوبۇلخەيرى.
7. «مەكتەپتە ئوقۇمىغان ئەرنىڭ نېنى، ھەيدەپ تېرىمىغان يەرنىڭ دېنى كەم بولىدۇ»_تۇردى ئالاۋۇش.
8.«تىكەندىن قورققانلارنىڭ قولىدا گۈل بولماس، جاپادىن قورققانلارنىڭ قولىدا پۇل بولماس» _تۇردى ئالاۋۇش.
مانا مۇشۇنداق ماقال-تەمسىللەر ئىزىدىن ماڭغانلارنىڭ تەپەككۇرىنى قولۇمدىكى ژۇرناللاردىن كۆپلەپ يازالايمەن. لېكىن بۇلار كەلگۈسىدە ئەسلى ئاپتورى ئۇنتۇلۇپ «خەلق ماقال -تەمسىللىرى» بولالامدۇ ياقمۇ، بۇ مۇشۇ گەپلەرنىڭ قانچىلىك دەۋر سۈرەلەيدىغانلىقىغا باغلىق.