مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

پايخان بولغان ئەقىدە ــــ پوۋىست   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12537
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8313
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 06:34:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي يولداشلار ما ئەسەر تولۇق يوللىنىپ بولغان دا  ئوقۇپ بوپ ئاندىن ئىنكاس ياز ساڭلار قاندا بولا .......

تېرىشقىن ناز. ئۈمىدۋار بول!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4405
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 07:35:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                  8-باپ

   بىر كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار دەپ، نائىلەنىڭ بويىدا قالغان خەۋىرى ھەممىنى خۇشال قىلغان مۇشۇ پەيتلەردە ئايىمخان قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالدى. دوختۇرلارنىڭ ‹‹ ئۆيگە ئىلىپ چىقىپ ياخشى كۈتىۋىلىڭلار ››  دىگەن سۆزىدىن كىيىن ئۇرۇق-تۇققانلار يېغا-زارە بىلەن ئايىمخاننى ئۆيگە ئىلىپ چىقتى. ئاپئاق ساقاللىرى گۆشلۈك يۈزىگە خويمۇ ياراشقان ئابدۇرىھىم ھاجىم ئۆيىگە كەتمەي سىڭلىسىنىڭ بىشىدا نەچچە كېچىنى كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزدى. دۇنيالىقتا بار بىر تاللا قېرىندىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا كىتىپ قالماسلىقىنى تىلەپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا دۇئا قىلاتتى. لىكىن ئايىمخاننىڭ ھالى كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ ئاخىرى تاماقتىنمۇ قالدى. نائىلە ئىتىپ ئەكەلگەن سۇيۇقئاشنىڭ سۈپسۈزۈك سۈيىمۇ ئۇنىڭ گىلىدىن ناھايىتى تەستە ئۆتىۋاتاتتى.    -نائىلە قىزىممغا گىپىم بار.
   دىدى ئايىمخان بىر كۈنى ئەتتىگەندە بامدات نامىزىدىن كىرگەن ئابدۇرىھىم ھاجىغا قاراپ ناھايىتى تەسلىكتە. ئابدۇرىھىم ھاجى سىڭلىسىغا قاراپ كۆڭلى يېرىم بولۇپ چىقىپ كەتتى. ھايال بولمايلا كىرگەن نائىلە قېيىنئانىسىنىڭ يىنىغا كىلىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. ئورۇقلاپ قورايدەكلا بولۇپ قالغان ئايىمخاننىڭ ياغاق سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىققان بولۇپ، يۈزى قوشۇقتەكلا بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى 9 ياشلىق قىزچاقلارنى ئەسلىتەتتى. چۈنكى ئايىمخاننىڭ سۆڭەكلىرى چۈرۈپ كىچىكلەپ قالغانىدى.
   -قىزىم،-دىدى ئايىمخان ناھايىتى پەس، زەئىپ ئاۋازدا،-ئۆز ۋاقتىدا ئاتا-ئانىڭىز سىزنى ماڭا ئامانەت تاپشۇرغان. لىكىن مەن سىزگە ھەمراھ بولالماي كىتىپ قالىدىغان بولدۇم. سىز مېنىڭ ۋە جۈرئەتجاننىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن دەپ، ئۆز ئىستىقبالىڭىزدىن ۋاز كەچتىڭىز. ئېمتىھان بىرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىدىغان ياخشى پۇرسەتتىن بىزنى دەپ ۋاز كەچتىڭىز. مېنىڭ خىزمىتىمنى ياخشى قىلدىڭىز. مەن سىزدىن بىر ئۆمۈر رازى. ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى كىچىككىنە تەلىپىم بار. شۇنىڭغا ماقۇل بولالامسىزكىن يوق بىلمىدىم.......
   ئايىمخاننىڭ چىكىلىرىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى مەرۋايىتتەك يالتىرايتتى. ھاسىراپ قېينىلىپ كەتكەن ئايىمخانغا قارىغان نائىلەنىڭ بۇرۇن كۆمۈرچەكلىرى تارتىشىپ، كۆزلىرى قىزاردى. لىكىن ئامال بار ئۆزىنى روھلۇق تۇتۇشقا تېرىشىپ قېيىنئانىسىغا ئېڭىشتى.
   -رەھمەت ئانا، مەنمۇ سىلىدىن بەك رازى. ئۆز ئانام بولسىمۇ ماڭا شۈنچىلىك مۇئامىلە قىلار ئىدى. سىلىنى ئۆز ئانامدەكلا ياخشى كۆرىمەن. نېمە گەپلىرى بولسا دەۋەرسىلە، قۇلىقىم سىلىدە....
   -جۈرئەتجان دادىسىدىن كىچىكلا يېتىم قىلىپ، يېتىملىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان. قېنى قىززىق، ئاچچىقى يامانراق بولغان بىلەن كۆڭلىدە يامانلىقى يوق. ئۇنىڭ ساددىلىقى بىشىغا ئاپەت بولامدىكىن دەپ يۈرىكىم سۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئانىڭىز سىزنى ماڭا ئامانەت قىلغان. ئەمدى مەن جۈرئەتجان ئوغلۇمنى سىزگە ئامانەت قىلاي. بولامدۇ؟
   -خاتىرجەم بولسىلا ئانا، مەن چوقۇم سىلىنىڭ دىگەنلىرىدەك ئىش قىلىمەن.
   ئايىمخاننىڭ تامدەك تاتارغان چىرايىدا سۇس تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىغا يېتىپ غەلبە قازانغان ئادەمدەك خۇشال، شادىمان كۆرىنەتتى. نائىلەدىن ئابدۇرىھىم ھاجىنى چاقىرىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەن ئايىمخان نائىلە چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ ئوچۇق دېرىزىدىن يېراقلارغا كۆز تىكتى.
   -نائىلەنىڭ قورسىقىدىكى نەۋرەم چۈشۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ مانا ھازىر نەۋرىلىك بولار بولغىيتىم. ھەي، ۋاقىت نېمىدىگەن تىز ئۆتكەن ھە! ھاي-ھۇي دەپ بولغۇچە بىر يىل ئۆتۈپ بوپتۇ.....
   دىگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن ئايىمخان ئىشىكنىڭ ئىچىلىشى بىلەن دىققىتىنى ئىشىك تەرەپكە بۇرىدى. مىڭ يېرىدىن يىغا تۆكۈلۈپ تۇرغان ئابدۇرىھىم ھاجىم سىڭلىسىنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردى. سىڭلىسىنىڭ كىچىكلەپ كەتكەن جۇغىغا قاراپ كۆڭلى بۇزۇلغان ھاجىم يانغا قارىۋالدى.    -ئا...كا...مە...ن..بو.لالمى..دىم...با...لىلا..ر..سى.ز..گە...گە....قال...د.......
   ئايىمخاننىڭ مىيىتى يەرلىككە قويۇلۇپ يەتتە نەزىرىسى بېرىلىدىغان كۈنى تۇققانلار ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
   -نەزىر بەرمەيدىكەن دەيدۇ.
   -بۇ قانداق بولغىنى؟ ئاتا-بوۋىمىزدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان قائىدە-يوسۇن تۇرسا ئۇ.
   -شۇنى دەڭە. چىقىمدىن قورقۇپ شۇنداق قىلغاندۇ تايىنلىق.
   -ھاي-ھاي، ئۇنداقمۇ دىيىشمەيلى. ھاجىم ئاتام شەھەر بويىچە تۆتنىڭ ئالدى سانىلىدىغان ئادەم. بۇنچىلىك چىقىم ئۇنىڭ ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس. بەلكىم بۇنىڭمۇ بىرەر سەۋەبى باردۇ. بۇنداق قارىسىغىلا پەتىۋا چىقارمايلى قېرىنداشلار.....
   تۇققانلار ئارىسىدىكى سەپكۈن يۈزلۈك، مەڭىزلىرى توغاچتەك قىپقىزىل بىر چوكاننىڭ گەپكە ئارىلىشىشى بىلەن ھەممەيلەن سۈكۈتتە تۇرغان بولسىمۇ، لىكىن بايا گەپ باشلىغان، تويغا كەلگىنىنى ياكى نەزىرگە كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قېنىق گىرىم قىلغان سەتەڭ چوكان سەندىن مەن قالارمەنمۇ دىگەندەك يەنە سۆز باشلىدى.
   -ئاۋۇ كىلىنىنى ئايىمخاچامنىڭ جىنازىسىنى ئېلىپ ماڭغاندا ئايلىنىپ يېقىلىپ قاپتۇ دەيدۇ. بۇ راستمىدۇ؟
   -نەچچە قېتىم رەھمەتلىك ئايىمخاچام بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ كېلىنىنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ بەرگەن. قىزىمنىڭ يوقلىقىنى چىلىندۇرمايدۇ دىگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. بەلكىم راستتۇ.
   -قېيىنئانا-كېلىننىڭ مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن ياخشى بولمايتتى. لېكىن بۇ ئۆيدىكىلەر باشقىچە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن دىسە....
   نەزىر بەرسە قارىشىپ بېرىمىز دەپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇققانلار ئۇياق-بۇياقتىن پاراڭ سېلىپ تۇرغان مۇشۇ پەيتتە ئابدۇرىھىم ھاجىم جۈرئەت بىلەن نائىلەنى بەزلەپ بولالماي، ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپ بولالماي جېنى ئازلا قالغانىدى. كىچىكىدىن يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغان جۈرئەت  پىشىپ يېتىلگەن ئەر ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتقان ھالدا ھازا ئېچىپ يىغلايتتى. نائىلەمۇ بىر بۇلۇڭغا تۈگۈلىۋالغان بولۇپ تاماق يىمىگىنىگە نەچچە كۈن بولغاچقا بېشى قىيىپ ئەلەڭلەپلا تۇراتتى. ئابدۇرىھىم ھاجىم قانچە قىلغان بولسىمۇ ئىككىسىگە گەپ يىگۈزەلمەي ئاۋارە ئىدى. بىر ۋاقىتلاردا ئىشىكنى چەكمەيلا كىرگەن كېرىم نائىلەنىڭ سۇلغۇن چىرايىنى كۆرۈپ يۈرىكى ئېچىشتى. ئىچى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بېئارام بولدى. لىكىن شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋىلىشقا تېرىشىپ ئۆيگە كىرىشتىكى مەقسىتىنى دادىسىغا ئېيىتتى:-
   -دادا، تۇققانلار نەزىر بەرمىسەك بولمايتتى دىيىشىۋاتىدۇ. ئۆزىڭىز چىقىپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويسىڭىز بولامدىكىن.
   ئابدۇرىھىم ھاجىغا ئەگىشىپ ئىشىكتىن چىقىۋاتقان كېرىم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نائىلەگە قىيالماسلىق نەزەرى بىلەن قارىغاندىن كىيىن چىقىپ كەتتى.
   ھاجىم ھەممەيلەنگە نەزىر بېرىشنىڭ ئىسلامدا چەكلەنگەن بىدئەت ئىش ئىكەنلىكىنى، بىدئەتنى تېرىلدۈرۈپ سۈننەتنى چەكلەشنىڭ قاتتىق گۇناھ بولىدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا رەھمەتلىك سىڭلىسى ئۈچۈن نەزىر بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كىيىن مېھمانخانىدا لىققىدە ئولتۇرۇشقان مېھمانلار غۇدۇرلىغان پېتى تار ئىشىكتىن قىستالغانچە چىقىپ كىتىشتى. مېھمانلارنى خوش دەپ قايتىپ كىرگەن ئابدۇرىھىم ھاجىم جۈرئەت بىلەن نائىلەگە ئىچى ئاغرىپ مۇنداق دىدى:
   -بالىلىرىم، بىزنىڭ ئۆيگە كىتەيلى. مەن سىلەرگە ھەم ئاتا ھەم ئانا بولىمەن.
   -بولدى ھاجىم دادا. ئانام بۇ ئۆيدىن كەتتى، ئەمدى بىزمۇ كىتىپ قالساق قاملاشمايدۇ. لىكىن سىزنى يوقلاپ بېرىپ تۇرىمىز.
   جۈرئەتنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان ئابدۇرىھىم ھاجىمنىڭ يەنە كۆڭلى بۇزۇلدى. بالىلارغا ئىچى ئاغرىدى. لىكىن ئۇلار كېتىشكە قوشۇلمىغاچقا، كەچ بولغاندا ئۇمۇ ئامالسىزلىقتىن ئۆيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. ھەممەيلەن كىتىپ، ئۆيدە تەنھا قالغان جۈرئەت نائىلەنى قۇچاقلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئانىسىدىن ئايرىلىش ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر كەلگەنىدى.

كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تاشقا ئويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3319
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 08:02:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87717
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 09:11:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاخىرى قاچان چىقا ئەمدى

مايمۇن بولسىمۇ سۆيگۇ نىڭ چىرايلىق
سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە، سىنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 771
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 06:33:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق تەبىيلا ئىچىگە كىرىپ كەتتىمغۇ بۇ پوۋىستنىڭ.............

ئىسلام قىزى ` !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27525
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5744
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 01:09:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈتۈش بىلەن ئۆتىدۇ كۈنلەر بوپ كەتتىغۇ ئەمدى ؟ ھارماي ساقلايلى ...........

قەلىبلەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 11:35:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى نائىلە بىچارىگە باشپاناھ بولىدىغان ھىچكىم قالماپتۇ-دە؟

تېرىشقىن ناز. ئۈمىدۋار بول!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4405
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 08:57:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                 9-باپ

   كىچىككىنە ئۆيدە يالغۇز قالغان نائىلە يالغۇز تاماق يېيىشكە رايى بارماي كۈندىن-كۈندىن ئورۇقلاشقا باشلىدى. قورسىقىدىكى كىچىككىنە جان ئىگىسىنى دىمىگەندە ئۇنىڭ كۈندە بىرەر ۋاق تاماقمۇ يىگۈسى كەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ زېرىكەتتى. ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچە ھامىلدار ئاياللار ئولتۇرىۋالسا، يېتىپ ئۇخلىۋالسا بولمايمىش. تۇغۇتى تەسلىشىپ قالارمىش. ھامىلدار ئاياللار كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بەرسە ياخشىمىش.... جۈرئەتنىڭ مەكتىپىدىكىلەر ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەر چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنلىك دەرىسىنى باشقا كۈنلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، چارشەنبە كۈنى كەچتە ئۆيىگە قايتالايدىغان ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەنلىك دەرسكە ئۈلگۈرۈپ مەكتەپكە چىققان جۈرئەت چارشەنبە كۈنىنىڭ تېزراق يېتىپ كىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. چارشەنبە كۈنى چۈشتە چۈشلۈك تاماققىمۇ قارىماستىن ئاچ قورساق ھالدا ئۆيىگە ماڭاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ خۇشاللىقى چىكىگە يېتەتتى. نائىلەمۇ جۈرئەتنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىغا ئۈلگۈرتۈپ تاماق تەييار قىلاتتى. جۈرئەت كەلگەندىن كىيىن ئىككىسى بىللە ئولتۇرۇپ چۈشلۈك تاماق يەپ بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەتتى. تاللا بازىرىدىن نەرسە-كېرەك سىتىۋالاتتى. نائىلەنىڭ كۆڭلى نېمىنى خالىسا، جۈرئەت شۇنى ئىلىپ بېرىپ ئۇنى خۇشال قىلاتتى. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى تاغىسىنىڭ، ھاممىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەچ كىرگۈچە ھال-مۇڭ بولۇشۇپ قايتىشاتتى. نائىلەمۇ جۈرئەتنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئائىللىكلەر قورۇسى يېنىدىكى كىچىك دۇكان ئاچىدىغان قىز رەئىسە بىلەن ئاچا-سىڭىللاردەك بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كىيىن نائىلەنىڭ كۈنلىرى زېرىكىش ئىچىدە ئۆتمەيدىغان، ناۋادا زېرىكىپ قالغۇدەك بولسا رەئىسەنىڭ يېنىغا كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ چىقىدىغان بولۇپ قالدى. جۈرئەتنىڭ ھەرقېتىم نائىلەنىڭ چىھرىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرگەندە يۈرىكى ئالەمچە شادلىققا چۆمۈلەتتى. قەلبى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلاتتى. ئەر-ئايال ئىككىسى بىللە ماڭغاندا ھەممىنىڭ كۆزى ئۇلارغا چۈشەتتى. دوستلىرى ئۇلارغا چىن قەلبىدىن بەخت تىلىسە، دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن سۆز-چۆچەك قىلىشىپ، ئېغىزلىرىنى تاتلىق قىلىشاتتى. ئۇلارغا ھەسەت قىلىپ، ئاچچىق يۇتىۋالاتتى. قېيىنئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن كېرىم بۇ ئۆيگە قەدەم بىسىپ باقمىغاچقا نائىلەمۇ ئۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بولۇپ قالغانىدى.
   -نائىلە،-دىدى جۈرئەت ئىچكىركى ياتاق ئۆيگە كىيىم ئالماشتۇرغىلى كىرىپ كەتكەن ئايالىغا قاراپ،-قورسىقىڭىزدىكى ئوغلىمىز ئارمان قانچە ئايلىق بولدى؟ بۈگۈن ئۇنىڭغا ئاتاپ كىيىم-كىچەكمۇ سېتىۋالايلى.
   -ئەمدىلا 5 ئايلىق بولدى. تېخى تۇغۇلمىغان بالىنىڭ قىز-ئوغۇللىقىنى سىز قانداق بىلىسىز؟ قاچاندىن بېرى ئويلاپ تېپىۋالدىڭىز ئۇ ئىسىمنى؟
   نائىلە مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ ئاغزىنى قولى بىلەن توسۇپ پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ سۈزۈك قاشتىشىدەك تۇخۇمسىمان يۈزلىرى ئۆينىڭ ھارارىتىدە قىزىرىپ تېخىمۇ ئوماقلىشىپ كەتكەنىدى.
   -ئەلۋەتتە ئوغلۇم بولىدۇ دە، لىكىن قىزىم بولۇپ قالسىمۇ مەيلى. ئەمما ئوغلۇم بولسا بېشىم ئاسمانغا تاقاشقاندەك خۇشال بولاتتىم مەن. ھەراس، بۇياققا كېلىپ ئولتۇرىڭە. بالامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقاي.....
   نائىلە ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈندى. ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ 2-3 ئايغىچە نېرۋىسىدىن ئاداشقاندەك بولۇپ قالغان جۈرئەت يېقىنقى بىر ئايدىن بېرى باشقىچە بولۇپ قالغانىدى. نائىلەگە كۈندە نەچچە ۋاخ تېلفۇن قىلىپ تاماق يىگەن-يىمىگەنلىكىنى سوراشلىرى، ئۆزىنىڭ يېراقتا بولۇپ قالغاچقا ئاخشاملىرى قورقۇپ قالغانمىدۇ دەپ ئەنسىرەشلىرى، سىرتقا چىققاندا ئاۋايلاپ مېڭىشنى تاپىلاپ يۆلىۋىلىشلىرى..... نائىلەنىڭ ئاياللىق قەلبىنى تىترىتىپ، ئۇنى ئېرىگە تېخىمۇ مەھكەم باغلىۋەتكەنىدى. نائىلە ئوماققىنە بىر كۈلۈمسىرىگەندىن كىيىن ئاستا كىلىپ جۈرئەتنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. جۈرئەت قۇلىقىنى نائىلەنىڭ قورسىقىغا يېقىن تۇتۇپ ئۇزاق تۇردى. نائىلەنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلە سىرتقا چىقىشقا ئىنتىلىۋاتقاندەك نائىلەنىڭ قورسىقىغا كۈچەپ تىپىشقا باشلىدى.
   -مانا،مانا، بالام مېنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى كەلگەنلىكىمنى بىلدى. مېدىرلاپ ماڭا خەۋەر بېرىۋاتىدۇ. ئاھ خۇدا، مەن بالىلىق بولىدىغان بولدۇم. بالام مېنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى كەلگەنلىكىمنى بىلدى. ئۇ نېمىدىگەن ئەقىللىق.....
   جۈرئەت ئاۋازىنى بولۇشىغا قويىۋىتىپ خۇشال بولۇپ ۋارقىرىدى. نائىلەنى كۆتۈرۈپ نەچچىنى پىرقىرىتىۋەتتى. كىچىك بالىدەك سەكرەپ تاقلىدى. تاللا بازىرىغا بارغاندا نائىلەنىڭ << بالا تۇغۇلىشىغا يېقىنراق ئالايلى >> دىگىنىگە كۆنمەستىن ئىككى-ئۈچ قۇر كېيىم، ئىككى جۈپ ئاياغ، بۆشۈك، ئويۇنچۇق.......دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋالدى. ئۆيگە قايتىپ كىلىپ رەھمەتلىك ئايىمخان تۇرغان ئۆينى قايتىدىن تۈزەشتۈرۈپ، سېتىۋالغان نەرسىلەرنى جايى-جايىدا قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغاندىن كىيىنلا ئاندىن ئۇھ دىدى.
   جۈرئەت مەكتەپتىن ھەپتىلىك رۇخسەت سورىغاندىن كىيىن ئۇلار نائىلەنىڭ يۇرتىدا بىر ھەپتە تۇردى. نائىلەنىڭ ئانىسى ھازىر جۈرئەتنى ۋاي دەپ بېشىدا كۆتۈرگىدەك قىلاتتى. ھۆرمىتىنى قىلىپ ئىككى قات كۆرپە ئۈستىدىن چۈشۈرمەي ھەپتىگىچە ناھايىتى قىزغىن كۈتىۋالاتتى. جۈرئەتمۇ قېيىنئاتىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كەتسە، نائىلە كىرىپ تاماققا چاقىرغاندىلا ئاندىن قورساقلىرىنىڭ ئېچىپ كوكىراپ كەتكەنلىكىنى شۇ ۋاقىتتىلا ھىس قىلاتتى.
   بىر ھەپتە ئانىسى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن قانغۇچە كۆرۈشىۋالغان نائىلە يەكشەنبە كۈنى ئەتتىگەندىلا قايتىش تەييارلىقىنى قىلىپ يولغا چىقتى. بىر كۈنلۈك سەپەر ھاردۇقى چىقمىغان جۈرئەت دۈشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردىلا نائىلە ھەم ئۇنىڭ قورسىقىدىكى تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بالىسىغا قېيمىغان ھالدا مەكتەپكە چىقىپ كەتتى.

كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تاشقا ئويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15192
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 1711 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 07:40:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر قارا سايە يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، يەنە ئاخىرىنى كۈتىمىز، ئەلكىندىمۇ كۈتىۋاتىمەن ناز پەرى سىزنى..........


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88390
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2012-12-10
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 11:31:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي بۈگۈنمۇ يوققۇ بۇ تېمىنىڭ ئاخىرى، بولسا تىزراق بىر يوللىڭە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش