مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

پايخان بولغان ئەقىدە ــــ پوۋىست   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6503
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36992
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2765 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 01:39:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى يەنە يوققۇ؟....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82134
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-6-26
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:41:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزرەك يوللىسىڭز بوپتىكەن، كۈرۈپ بولۇپ ئاندىن ئىنكاس يازاي.

تېرىشقىن ناز. ئۈمىدۋار بول!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4405
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 08:38:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               4-باپ
   سەپەر ھاردۇقى يەتكەن نائىلە بىلەن جۈرئەتكە ئىچكىرىكى ئۆيگە ئورۇن سىلىپ بېرىلدى. گەرچە نائىلە ئورۇنغا كىرىپ يىتىپ قالغان بولسىمۇ، كۆزلىرىدىن ئۇيقۇ قاچقانىدى. پۇت-قوللىرى ئۇرۇپ-چېقىۋەتكەندەك سىرقىراپ ئاغرىپ تۇرسىمۇ، بايا ئانىسىنىڭ قىلغان قىلىقى ئۇنىڭ ئىچ-باغرىنى ئۆرتەپ ئازابلاۋاتقاچقا، كۆزلىرىدىن ئۇيقۇ قاچقانىدى. ‹‹ كۈيئوغلى تۇنجى قېتىم كەلگەندە، ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنداق قوپاللىق قىلماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ؟ بۇ ئانامنىڭ نېمە قىلغىنىدۇ. كونىلارنىڭ كۈيئوغلۇڭنىڭ ھۆرمىتى ـ قىزىڭنىڭ ھۆرمىتى دىگىنىنى بولسىمۇ ئويلىسا بولمامدۇ. ئەمدى جۈرئەتنىڭ يۈزىگە قانداق قارىغۇلۇق.....›› نائىلەنىڭ خىيال قۇشلىرى بايا ئۇلار ئۆيگە كىرىپ ئانىسى بىلەن سالاملاشقان مەنزىرە تامان ئۇچۇشقا باشلىدى.
   قولىدىكى ئېغىر سوۋغات بويۇملارنى كۆتۈرۈپ ئىشىكتىن كىرگۈچە قىزىرىپ، پوكاندەك ئىسىلىپ كەتكەن جۈرئەتنى كۆرگەن قېيىنئانىسى ئاسىيخان ئاۋال ئېغىز ئاچتى.
   - تىشلىق كەلدىڭىزمۇ كۈيئوغۇل، ئانىڭىز ياخشىدۇ؟
   - ھەئە، ھەممەيلەن تىشلىق-ئامان ياخشى تۇردى. دادام بىلەن سىلىنىڭ ئەھۋاللىرىمۇ ياخشىدۇ ئانا؟
   قېيىنئانىسىنىڭ ‹‹ كۈيئوغۇل ›› دىگەن سۆزىگە سەل ئاغرىنغان جۈرئەتنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە تەبەسسۇمى لاپپىدە قىلىپ ئۆچتى. لىكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئامال بار ئۆزىنى بەردەم تۇتۇشقا تېرىشتى.
   - ھەئە، بىزمۇ ياخشى تۇردۇق. نائىلەخاننىڭ تويى بىزگە بەك كۆپ شاپائەت ياغدۇرۇپ بەرگەن. قوشنىلارنىڭ سېسىق گەپلىرى بىلەن بەك ئامان-ئىسەن تۇردۇق.
   ئاسيخان نائىلەگە سوغۇقلا بىر قاراپ قويۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ساۋۇت ئاخۇن كۈيئوغلى بىلەن قىزىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ داستىخان سالدى. ئاسىيخان ئالدىن تەييارلاپ تىزىپ قويغان پەتنۇستىكى قۇرۇق مېۋىلەرنى بىر-بىرلەپ داستىخانغا ئېلىپ چىقتى. ئۇلار ئۇياق-بۇياقتىن پاراڭ قىلىشىپ باققان بولسىمۇ، بايا ئاسىيخاننىڭ سۆزلىرى ھەممىسىنى كەكرى يۇتىۋالغاندەك بىئارام قىلىۋەتكەن بولغاچقا پاراڭ قولاشمىدى.
   خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن ئۈستىگە بىر كاللەك گۆش قوندۇرۇپ، بىر لىگەن پولۇ ئىلىپ چىققان ئاسىيخان لىگەننى داستىخانغا ‹‹جاققىدە›› قويۇپ گەپ-سۆزسىزلا چىقىپ كەتتى.
   - ئېلىڭلا بالىلىرىم، ئاناڭلىنىڭ بۈگۈن سەل مىجەزى يوق ئوخشايدۇ.
   دىدى ساۋۇت ئاخۇن جۈرئەتنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي قولىنى چايقاتقاچ.
   - ھىچقىسى يوق، بىردەم ئارام ئالسا ئوڭشىلىپ قالا.
   جۈرئەت قېيىنئاتىسىغا ماسلىشىپ گەپ قىلىپ قويغان بولسىمۇ، كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولغانىدى. نەچچە كۈندىن بېرىقى غايىبانە خۇشاللىقلىرى ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولغان بولۇپ، خاپىچىلىقتا قاپىقى ساڭگىلاپ كەتكەن ئىدى. نائىلەنىڭمۇ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپلا قالدى. ئالسىلا-باقسىلا، ھە قېنى دىيىشىپ شۇنچە تەكەللۇپ قىلىشقان بولسىمۇ، بىرەر ئىككى كاپامدىن يىيىلگەن پولۇ سوۋۇپ تەمىدىن كەتكەنىدى.
   ئىچكىرىدىكى مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ گەپ قىلمايلا يىتىپ قالغان جۈرئەتكە قاراپ نائىلە تەڭقىسلىقتا قالدى. ئۇياققا قارىسا ئانىسى، بۇياققا قارىسا چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ توي قىلغان ئېرى....ئۇ ئاخىرى ئانىسى بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشىپ بېقىش ئۈچۈن تىۋىش چىقارماي ھويلىغا چىقتى.
   كېچە قارا قازاننى كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاپقارا بولۇپ، ھويلىدا ھىچنەرسىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى. كىچىكىدىن مۇشۇ ئۆيدە ئويناپ چوڭ بولغان نائىلە ئۈچۈن بۇنداق سىياھتەك قاپقارا كېچىلەر قورقۇنچلۇق تۇيۇلمايتتى. چۈنكى ئۇ كۆنۈپ كەتكەنىدى. نائىلە ھويلىغا چىقىپ بىردەم سەگىدىۋالغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى يىتىپ قوپىدىغان تاشقارقى قازناق ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتى.
   -كىمۇ؟
   ئۇيقۇسى سەگەك ئاسىيخان تېخىچە ئۇخلىيالمىغان بولۇپ، ئىشىكنىڭ چىكىلىشى ئۇنىڭ خىياللىرىنى بۇزىۋەتكەنىدى.
   - مەن ئانا....
   -نائىلە....
   ئاسىيخان بۈگۈن كۈيئوغلىغا قاتتىق تەگكىنى ئۈچۈن بىئارام بولىۋاتاتتى. نىمىلا دىگەن بىلەن نائىلەنىڭ ئېرى ئەمەسمۇ. كۈيئوغلۇمنى ئويلىمىساممۇ قىزىمنى ئويلىمىسام بولمايتتىغۇ. نېمىشقىمۇ ئۇنداق قىلغاندىمەن....لىكىن نائىلەمۇ مېنى مەھەللىدە بىر مۇنچە سۆز-چۆچەككە قويغان تۇرسا.....
   - ھە، مانا.
   ئاسىيخان يالاڭ چاپىنىنى يىپىنچاقلاپ ساپما كەشىنى شالاقشىتىپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. چىراق يورۇقىدا نائىلەنىڭ مىسكىن چىرايىنى كۆرگەن ئاسىيخاننىڭ يۈرىكى ئېچىشتى، پۇچۇلاندى، ئازابلاندى. بالىلىرىنىڭ غەمكىن چىرايىنى كۆرسە ھەرقانداق ئاتا-ئانا چىداپ تۇرالمايدۇ ئەلۋەتتە!
   - ئانا، سىز بىلەن ئازراق پاراڭلاشسام بوپتىكەن.
   نائىلە قورۇنۇپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ سۆزىنى ئاران تۈگەتتى. ئاسىيخان گەرچە نائىلەنىڭ ئۆز ئانىسى بولسىمۇ، نائىلەمۇ ئانىسىنى ئېغىر غەمدە قويۇپ قويغىنىنى ئەمدىلىكتە ھىس قىلغانىدى.
   - نېمە گىپىڭىز بار ئىدى؟
   ئاسىيخان ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى كەڭ كارىۋاتقا كىلىپ ئولتۇرۇپ نائىلەگە قارىدى.
   -ئانا، نېمىلا بولمىسۇن بۈگۈن جۈرئەتكە ئۇنداق مۇئامىلە قىلماسلىقىڭىز كىرەك ئىدى.
   ئاسىيخان جاۋاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا ئېغىر ئۇھسىندى. ئۇنىڭ مۇڭ باسقان چىرايى غەمكىن بولۇپ قالغانىدى.
   -دىمىسىمۇ مەن سىلەرنى ئېغىر دەردتە قالدۇرۇپ يېراققا توي قىلىپ كەتتىم. لىكىن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەم ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسەم ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ. ئادەم ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخت بولامدۇ؟  سىز كىچىك ۋاقتىمىزدىن تارتىپ بىزنىڭ بەختىمىزنىلا تىلەيتتىڭىزغۇ. ئەمدى بولغاندا كۈيئوغلىڭىزغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلىپ قويسىڭىز بۇمۇ مېنىڭ ھۆرمىتىمغۇ ئانا. مەنمۇ سىلەرنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن. لىكىن سىلەرنى ياخشى كۆرسەممۇ، بىر ئۆمۈر توي قىلماي ئۆتەلمەيمەندە. ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن بىر كىشى بىلەن توي قىلىش ئادەمگە ئەڭ ئېغىر ئازاب ئىلىپ كىلىدۇ. ئانا مېنى چۈشىنىڭ بولامدۇ. ھىچ بولمىسا مېنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ جۈرئەتكە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىپ قويۇڭ. ئۇمۇ خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىۋاتىدۇ....
   نائىلە سۆزلىگەنچە ئىسەدەپ كەتتى. ئىچ-ئىچىدىن ئىتىلىپ چىققان ھەسرەتلىك پىغان كۆز يىشىغا قوشۇلۇپ يەرگە تامچىلاۋاتاتتى. ئاسىيخاننىڭمۇ كۆز ياشلىرى مەڭزىدىن دومىلاشقا باشلىدى. لىكىن كېچە قاپقاراڭغۇ بولغاچقا، نائىلە ئانىسىنىڭ كۆز يىشىنى كۆرەلمىدى.
   ئاسىيخان گەرچە چىش يىرىپ بىر نەرسە دىمىگەن بولسىمۇ، نائىلەنىڭ سۆزلىرىنى توغرا تاپقانىدى. ئۇلار بىر-بىرىنى قولتۇقلىشىپ ئۆيگە كىرىپ كىتىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە جۈرئەت تېخىچە ئۇخلىماي ياتقانىدى.
   -ئانىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ كىردىڭىزما؟
   ئىچكىرىكى مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىشىكىنى پەم بىلەن ئىچىپ كىرىپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا كارىۋاتقا يېقىنلاشقان نائىلە قورقۇپ كەتتى. ئۇ جۈرئەتنى ئۇخلاپ قالدى دەپ ئويلىغانىدى.
   -ھەئە، بولدى ئۇخلاڭ. ئەتە ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.
   نائىلە شۇنداق دىگەن بىلەن ئۇمۇ كىچىچە جۈرئەت ۋە ئاسىيخانلارغا ئوخشاش كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزۇپ چىقتى.
   ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ھەپتە تۇرغان نائىلە ئوبدانلا سەمرىپ قالغانىدى. ئۇنىڭغا يۇرتىنىڭ ھاۋاسى خىل كەلدىمۇ، ياكى ئانىسىنىڭ كىيىنكى كۈنلەردە قىلغان ياخشى مۇئامىلىسى كۆڭلىنى خۇش قىلىپ تۇرغاچقا شۇنداقمۇ ئەيتاۋۇر ئۇ ئولتۇرۇپ-قوپۇشتا ئوبدانلا ھاسىرايدىغان بولۇپ قالغانىدى.
   دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەندە ئاسىيخاننىڭ تەييارلاپ بەرگەن يوللۇقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئىشىكتىن چىققان جۈرئەت بىلەن نائىلە ئايرىلىشقا قىيمىغاندەك بولۇپ قالغانىدى.
   -خوش بالىلىرىم، ئايىمخانغا بىزدىن سالام ئېيتىپ قويۇڭلار.
   ئاسىيخان شۇنداق دەپلا ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى كۆزىگە باستى. ئامال بار يىغىسىنى بالىلىرىغا كۆرسەتمەسلىككە تېرىشقانىدى.
   -جۈرئەتجان بالام، ئانىڭىزغا بىزدىن سالام ئېيتىپ قويۇڭ. يولدا ئېھتىيات قىلىڭلار.
   -خوش دادا، ئانا سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى ئاسراڭلار.
   جۈرئەتنىڭ كۆزلىرىمۇ ئىختىيارسىز نەملەندى. ئۇ خوشلىشىنىڭ بۇنچىلىك ھاياجانلىق، ئازابلىق بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھىس قىلغانىدى. ‹‹ مەن ئوقۇشقا ماڭغاندا كىچىك بولغاچ سەزمەپتىكەنمەن. ئانام بىلەن داداممۇ قانچە ئازابلانغان بولغىيتى ›› دىگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى ئۇ.
   -دادا، ئانا، سىلەرگە كۈندە بىر تېلفۇن ئۇرۇپ تۇرىمەن. سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى ئاسراڭلار..........
   تاكسىغا نەرسە-كېرەكلەرنى سالغان نائىلە بىلەن جۈرئەت خوشلىشىقا قىيالماي ئۇزاق تۇرغان بولسىمۇ، شوپۇرنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن ئامالسىز ماشىنىغا چىقىشتى. يېراقلاپ كىتىۋاتقان ماشىنىغا قاراپ قول پۇلاڭلىتىپ تۇرغان قەدىناس ئەر-ئاياللار ئۇزاققىچە ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالماي كۆز يىشى قىلىشتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazpari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 08:55 PM  


كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تاشقا ئويۇڭ!

.ئانا دەپ100قىتىم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18234
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7052
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 3678 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:57:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى   ساقلاۋاتىمەن .

يامان كۆزدىن خالى دەپتىمەن ، غەپلەت ئۇيقۇ ئەجەپ يامانكەن. تۇمار پۈتۈپ قۇيسامچۇ ساڭا، كۆز تەككەنگە نىمە داۋاكەن.

ئىسلام قىزى ` !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27525
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5744
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 02:00:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يەنىا ساقاي . چاتاق كىرەمدىن باشلىنامدۇ قانداق ؟

قەلىبلەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87374
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 247
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 08:42:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
heeeeeeee

    

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 10:16:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۈگەپ كەتتى، ۋايجان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1595
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8837 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 01:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تىزراق يوللاسىز............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81658
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 01:21:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ تەلمۈرتتىڭىز ھىكايىڭىزنىڭ ئاخىرىغا~~~~~

ھەممە ئشلار كۈتكىنىڭدەك چىقىۋەرمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87562
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 07:27:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تىزراق يوللاسىز............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش