مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

پايخان بولغان ئەقىدە ــــ پوۋىست   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 01:49:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا ئاخىرىمۇ بار ئوخشايدۇ؟؟؟
ئاۋۇ ئىتنىڭ بالىسىنىڭ يەنە قانداق ئىشلىرى باركەن كۆرۈپ باقاي!

تېرىشقىن ناز. ئۈمىدۋار بول!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4405
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 03:11:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-باپ
   توي بولغىلى ھەپتىدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئاسىيخاننىڭ ھىچ ھاردۇقى چىقاي دىمىگەنىدى. كەنجى قىزىنىڭ ئىچ ئاغرىقىمۇ ياكى توي ھاردۇقىمۇ ئەيتاۋۇر، ئىككى كۈندىن بېرى ئۇنىڭ ھەممە يېرى ئۇرۇپ-چېقىۋەتكەندەك سىرقىراپ ئاغرىپلا تۇراتتى. كۆڭلى تاماقمۇ تارتمايۋاتاتتى. ساۋۇت ئاخۇن ئايالىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرالمايلا قالدى.‹‹ ئىچ ئاغرىقى تارتىپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ ! ›› ساۋۇت ئاخۇن ئاخىرى بولالماي بۈگۈن ئەتتىگەندىلا ئېغىز ئاچتى.
   -ئانىسى، توي بولغىلىمۇ ھەپتىدىن ئېشىپ قالدى. قارىسام مىجەزىڭلا يوقتەك تۇرىدۇ. بۈگۈن دوختۇرخانىغا بېرىپ باقامدۇق يە!
   -ئۇف......-ئاسىيخان چوڭقۇر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كىيىن، يۈرىكىگە قولىنى قويۇپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى، - كىچىكىدىن تارتىپ بالىلارنىڭ كەنجىسى دەپ، نېمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرىپ يامان كۆندۈرۈپ قويۇپتىمىز. توي دىگەن ئۆمۈر سودىسى تۇرسا، مۇشۇ ئىشتىمۇ بىزنى ئۆزىنىڭ كېچىكىگە كىرگۈزدى بۇ كاساپەت. بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بالىلارغا يامان بولسۇن دەيتتۇقمۇ!....
   ئاسىيخان قېقىلىپ يۆتىلىپ، بىر ھازا گەپ قىلالماي قالدى. ئۇنىڭ يىللار يالدامىسىنى قالدۇرۇپ كەتكەن يول-يول قورۇق بېسىپ كەتكەن يۈزى پوكاندەك قىزىرىپ كەتكەنىدى. ساۋۇت ئاخۇن دەرھال كىلىپ، ئايالىنىڭ دۈمبىسىگە يەڭگىل مۇشلىدى.
   - بولدى كۆڭلۈڭلىنى يېرىم قىلماڭلا ئانىسى. بولار ئىش بولدى. ئەمدى قىزىمىزنىڭ بەختىنى تىلىمەكتىن باشقا ئامال يوق.
   -ھىچ بولمىسا ئۇياقتىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، بۇياقتىن توي قىلمىسا بولاتتى. شۇنچە نەسىھەت قىلدىم ئۇ بەڭۋاشقا. خۇددى بىزنىڭ بۇ يۇرتلاردا ئەر زاتى قۇرۇپ كەتكەندەك ئاشۇ ياقا يۇرتلۇق تۈكۋاشقا چىڭ چاپلىشىۋالدى. قىز بالا دىگەن ئادەمنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈشكىلا چوڭ بولىدىكەن. تېخى ماۋۇ مەھەللە-كويلاردىكىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى سېسىق گەپلەرچۇ....
   ئاسىيخاننىڭ سۆزلىرى راست ئېدى. ئۇلارنىڭ كەنجى قىزى نائىلەنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىشىگىلا، قوشنا ۋىلايەتتىن ئۇلار تونىمايدىغان 4-5 ئايال ‹‹ نائىلەنى سوراپ ›› كەلدى. ‹‹ قىزىمىز قايتىپ كەلسە، ياخشى يەردە خىزمەتكە ئورۇنلاشسا، چىققان لايىقلارنى چىكىپ-تاللاپ تۇرۇپ تويىنى قىلىپ بەرسەم، تۇرمۇشى بەختلىك ئۆتسە.....›› دىگەندەك بىر تالاي قۇرۇق خىياللارنى قىلىپ، ئېغىزىنى تاتلىق ئىتىپ ئولتۇرغان ئاسىمخان ئۈچۈن بۇ ئىش بەك ئېغىر كەلگەنىدى. تېخى ئۇ ئاياللارنىڭ ‹‹ قىزلىرى نائىلە خېنىم بىزنىڭ جۈرئەتجان بىلەن مەكتەپتە نەچچە يىل ئارىلىشپ ئۆتۈپتۇ ›› دەپ ھېجىيىشىپ، بىر-بىرىگە مەنىلىك قاراشلىرى ئاسىيخاننىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. ئاسىيخان جاھىللىقىغا ئېلىپ‹‹ قىزىمنى ياقا يۇرتلۇققا بەرمەيمەن ›› دەپ قانچە تېركەشكەن بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ سالا-سۈلھىسى، نائىلەنىڭ تاماق يىمەي باتناپ تۇرىۋىلىشلىرى بىلەن ئامالسىز بۇ تويغا قوشۇلدى. لىكىن توينىڭ ئالدى كەينىدىكى پاراڭلار ئاسىيخاننىڭ ‹‹ ھاردۇقى چىقماسلىقى ›› غا سەۋەب بولغانىدى.
   -يۇقارقى مەھەللىدىكى ساۋۇت ئاخۇننىڭ كەنجى قىزى نائىلەخان ئۇياقتىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپلا بۇياقتىن توي قىلغۇدەك!
   -تويلىشىدىغان يىگىتىمۇ ياقا يۇرتلۇقمىش !
   -ئاتام كۆرمىگەن، ئانام كۆرمىگەن ياقا يۇرتلۇق  بىلەن قانداقمۇ تېپىشىپ قالغاندۇ ؟
   -ۋاي شۇ ئوقۇۋىتىپ تونۇشۇپ قاپتۇ.
   -نېمانداق بالدۇرلا توي قىلىدىغاندۇ؟ بىر نەچچە يىل تەخر قىلىپ، خىزمىتى مۇقىملاشقاندىن كىيىن ئاندىن توي قىلسىمۇ كىچىكمەيتتى ئۇ قىز!
   -نىمىلەرنى دەيدىغانسىز. مەكتەپتىكى ۋاقىتتىلا ئامانەتنى بېرىپ قويغان تۇرسا، مۇشۇنداق ئالدىرىمىسا بولامدۇ؟
   - ........................
   مەھەللىدە كۈندىن-كۈنگە ئاۋۇپ قالغان بۇ ئۆسەك سۆزلەر ئاسىيخاننىڭ ئىچ-باغرىنى ئۆرتەپ، يۈرىكىنى خۇن قىلىۋەتتى. ‹‹ بۇنداق گەپ-سۆزلەرنىڭ چىقىشىنى نېمىشقا بالدۇرراق بىلمىگەن بولغىيتىم؟ بولمىسا نائىلە دىگەن قانجۇقنى ئامبار ئۆيگە سولاپ قويۇپ، كەلگەن ئەلچىلەرنى تىللاپ رەسۋا قىلىپ قايتۇرىۋەتكەن بولسام، ئىككىنچى ئۆيۈمگە دەسسىمەسكەن. مانا ئەمدى بۇ ئەلەم-خورلۇقلارغا قانداق چىدىغۇلۇق؟ مەھەللىدە بىشىمىزنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ يۈرەرمىز؟ ›› ئاسىيخان ئويلىغانسىرى ئىچى ئاچچىق بولۇپ، ئۆزىنى قويارغا جاي تاپالمايۋاتاتتى. ساۋۇت ئاخۇننىڭ پەس ئاۋازدا ئېيىتقان سۆزلىرى ئاسىيخاننى خىيالدىن ئويغاتتى.
   - قوپۇڭلا ئانىسى، مەھەللە دوقمۇشىدىكى ئابلا قوزىنىڭ ئاشخانىسىدىن سۇيۇق-سەلەڭ قىلىپ بىر سۇيۇقئاش ئەتكۈزۈپ بېرەي. شۇنى ئىچىپ بىقىڭلا...
   ئاسىيخان ئارتۇقچە تارتىشمىدى. 30 نەچچە يىللىق بۇ قەدىناسىنىڭ كۆڭلىنى دىمىگەندىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ ئاچچىق-چۈچۈك بىر نەرسە تارتىپ قالغانىدى. ئۇ ئاشخانىغا چىقىپ-كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ‹‹ نائىلە قانداقراق تۇرغاندۇ ؟ ياقا يۇرتتا يالغۇزچىلىق تارتىپ قالغانمىدۇ؟ ›› دىگەننىلا خىيال قىلىپ چىقتى. ئۇلار تاماق يەپ سىرتقا چىققاندا مەھەللىدىكى مەسچىتتىن ئاۋازى ياڭراق مەزىننىڭ شام نامىزىغا توۋلىغان ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تاشقا ئويۇڭ!

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16631
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 10:37:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى چىققاندا بىراقلا ئۇقۇيچۇ

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 10:52:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي تېخى ئاخىرىنى يازماپسىزغۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67669
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 607 سائەت
تىزىم: 2011-11-30
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 12:00:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايۋاندىنمۇ بەتتەر نىمە ئىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 12:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە يوققۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 01:48:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 01:57:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ داۋامىغا ئىنتىزارمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83389
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3291
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 03:50:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرسىنى تىز راق يوللارسىز

تېرىشقىن ناز. ئۈمىدۋار بول!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4405
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 04:22:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                    2-باپ



   ئۆزى ئىشچان، ئايىغى يىنىك، گەپ-سۆزلىرى مۇلايىم، ئەدەب-ئەخلاقلىق ھەم چىرايلىق نائىلەنى قېيىنئانىسى ئايىمخان ئاسانلا ياقتۇرۇپ قالدى. مەيلى مەھەللىدە بولسۇن، مەيلى ئۇرۇق-تۇققانلار يىغىلغان سورۇنلاردا  بولسۇن كىلىنىنى ھەر جەھەتتىن ماختاپ ماختىنىۋالاتتى. بۇنداق ۋاقىتتا ئايىمخاننىڭ قورۇق بىسىپ پۈرۈلۈپ كەتكەن يۈزى خۇشاللىقتىن تېخىمۇ پۈرۈلۈپ قېرى مەزىننىڭ مەيسىسىدەك قورۇلۇپ كىتەتتى. نائىلەنى كۆرگەن قوشنىلارمۇ بىرەر ئېغىزدىن تەرىپىنى قىلىشاتتى.
   - ئايىمخاچا، قېرىغاندا باشلىرىغا بەخت قۇشى قونۇپتۇ. دەسلەپتە ‹‹ ياقا يۇرتتىن قىز ئەكىلىدىكەن ›› دەپ ئاڭلاپ سەل ھەيران قالغانتىم. ‹‹ بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ تىرناقتا توختىغۇدەك، سۇ ئىچسە كۆرۈنگىدەك چىرايلىق قىزلار تۇرسا نېمانداق قىلىدىغاندۇ›› دەپ ئويلىغانتىم. لىكىن نائىلەقىزنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ ئويۇمنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
   - ۋاي ئۇنى بىر دىمىڭە سىڭلىم. قايسى كۈنى كەچتە ئىشتىن كىلىپ كىر يۇيىۋاتاتتىم. قېرىشقاندەك كىر چايقايدىغان داس يېرىلىپ كەتتى. ئۇنچە كەچتە دۇكانلارنىمۇ تاقاپ بولىدىكەن. كىرنى شۇ پىتى قويۇپ قوياي دىسەم تېخى. شۇنىڭ بىلەن ئايىمخاچامنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، ۋاي ئانام.....تومۇچۇقتەكلا بىر قىز ئىشىكنى ئىچىۋاتمامدۇ. ئېغىزىم كاككۇك بالىسىنىڭكىدەك ئىچىلىپلا قالدى. ئۆيگە قانچە تەكلىپ قىلغانتى، ئىشىم ئالدىراشلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىمىدىم. قارىسام ئۆي ئىچى شۇنداق رەتلىك، ئۇ قىزمۇ قاراپ ئولتۇرغىدەك چىرايلىق ئىكەن.
   - تېخى ‹‹ ئانا، يىتىۋالسىلا پۇت-قوللىرىنى تۇتۇپ قوياي ›› ‹‹ ئانا بىرەر يەرلىرى ئاغرىمدۇ؟ ›› ‹‹ ئانا، قانداق تاماققا كۆڭۈللىرى تارتىدۇ؟ ›› دەپ قەدەمدە بىر سوراپ تۇرىدۇ. قولىمۇ شۇنداق چاققان. قېرىغاندا يالغۇزلىقىمنى چاندۇرمايۋاتىدۇ. جۈرئەتجاندىن ئاڭلاپ مەنمۇ دەسلەپتە تازا رازى بولمىغان. لىكىن ھازىرقى زاماندا بالىلارنىڭ مەيلىگە باقماي بولمايدىكەن. تويدىن كىيىن ئوغلۇمنىڭ نائىلەقىزنى تاللاپ خاتا قىلمىغانلىقىنى بىلدىم. مانا ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ خاتىرجەم كۆز يۇمىدىغان بولدۇم.
   ئايىمخان مەھەللىدىكىلەر بىلەن مەرىكىگە بېرىپ كەلگەن بىر كۈنى كەچتە نائىلەنى چاقىرىپ ئالدىدا ئولتۇرغۇزدى. خۇشاللىقتىن ئۇنىڭ قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن گۈنسىز كۆزلىرى چاقناپ كەتكەنىدى.
   - قىزىم، ئەتە ئاكامنىڭ ئۆيىدىكىلەر چاقىرىۋاپتۇ. چىرايلىق كىيىنىپ بىرىڭ بولامدۇ.
   - ماقۇل ئانا.
   نائىلە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى. تويدىن كىيىن ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ قېتىمدىن، چاقىرىۋالغانلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كۈن ئۆتىۋاتاتتى. بۇنداق ۋاقىتتا جۈرئەت نائىلەنى قولتۇقلىۋالاتتى. نائىلە خىجىل بولۇپ گەپ قىلغۇدەك بولسا ‹‹ نېمە بوپتۇ؟ بىز دىگەن توي قىلىپ بولغان ›› دەپ خىيالىدا يوق كىتىۋىرەتتى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا جۈرئەت نائىلە بىلەن توي قىلىۋالغىنىدىن ئالەمچە خۇشاللىق ھىس قىلاتتى. ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك سىزەتتى. نائىلەمۇ بۇ خىل خۇشاللىقتىن تەڭ بەھىرلىنىۋاتاتتى.
   - جۈرئەتجان بالام كەلسە سىز خەۋەر قىلىپ قويۇڭ قىزىم. ئۇمۇ ئەتە بىر كۈن ۋاقتىنى چىقارسۇن. ئېمتىھان بىر يەرگە قېچىپ كەتمەيدۇ. ئاكام جۈرئەتجانغا بەك ئامراق.
   ئايىمخان بالدۇرراق ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. نائىلە جۈرئەتنىڭ قايتىپ كىلىشىنى ساقلىغاچ، تۇرۇپلا ئانىسىغا تېلىفۇن قىلىشنى ئويلاپ قالدى. تۈنۈگۈن تېلفۇن قىلغان ۋاقىتتا دادىسى ئانىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتقاچقا ئانىسى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنىدى. نائىلە مېھمانخانا ئۆيدىكى سىملىق تېلفۇننى قولىغا ئىلىپ نۇمۇرلارنى باستى.
   - ۋەي...
   تېلىفۇندىن ئاسىيخاننىڭ ھاسىرىغان ئاۋازى ئېنىق ئاڭلاندى. نائىلەنىڭ يۈرىكى بىر ئېغىپ توختىدى.
   - ۋەي ئانا، تىشلىق تۇردىڭىزمۇ؟ مەن نائىلە...
   - تىشلىقمۇ؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ قېىيىنئانىڭىز بىلەن كۈيئوغۇل بالا تېشلىقمۇ؟
   - ياخشى ئانا، ئۆزىڭىزچۇ؟ ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟
   - ياقەي، مەن ياخشى...
   بىر-بىرىگە قېيدىشىپ قالغان ئادەمدەك ئۇزاق ۋاقىتلىق سۈكۈتتىن كىيىن ئۇلار تېلفۇننى قويۇشتى. نائىلەنى ئانىسىغا گەپ قىلماي تۇرىۋالدى دىگەندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ ئانىسىنى سىغىنىپ ياش تۆككەنلىكىنى ئانىسىغا بىلدۈرگىسى كەلمىدى دىگەن تۈزۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسىنىڭ ‹‹كۈيئوغۇل بالا ›› دىگەن گىپىگە سەل خاپا بولغانىدى. ‹‹ بەرىبىر توي قىلىپ بولدۇققۇ، ئىسمىنى ئاتىسا ياكى كۈيئوغلۇم دەپ قويسا نېمە بولىدۇ؟ مۇشۇ ئانامنىمۇزە، نېمىلەرنى ئويلايدىكىنتاڭ ! ››
   ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى نائىلەنى خىيالدىن ئويغىنىشقا مەجبۇر قىلدى. جۈرئەت قايتىپ كەلگەنىدى. ئۇ نائىلەنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىگە قاراپ بىر نەرسىدىن ئەنسىرىگەندەك قىلىپ سورىدى.
   - نېمە بولدى؟ ئانام بىلەن ....
   جۈرئەت گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتالمىغانىدى. ئۇ تويدىن ئىلگىرى ئانىسىنى بەك تەستە قايىل قىلغاچقا، نائىلە بىلەن ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئەنسىرەپ كۆڭلى ئۇيۇپلا تۇراتتى.
   -ئانام ئاغرىپ قالغان ئوخشايدۇ. بايا تېلفۇن قىلسام ھاسىراپلا تۇرىدۇ. ھېلىمۇ توي بولغىلى ئىككى ئايدىن ئىشىپ كەتتى. ئاتا-ئانامنى بەك كۆرگۈم كىلىۋاتىدۇ. جۈرئەت، بىزنىڭ يۇرتقا بېرىپ كىلەيلىچۇ؟
   ياتاق ئۆيگە كىرىپلا نائىلە ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى. ئانىسىنىڭ توي كۈنىدىكى ئۆمسۆرۈن چىرايى، دادىسىنىڭ قېيمىغاندەك ھالدا قاراپ تۇرىشى، قىزغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلغاندا ئاقىرىشقا باشلىغان ساقاللىرى تىترەپ، گۈنسىز كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چىققانلىقى.....ئۇنىڭ كۆڭۈل ئىكرانىدا ھەر ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
   - بولىدۇ. ئەتە تاغاملارنىڭكىگە بېرىپ كىلىۋىتەيلى. يەنە ئىككى كۈن توختىساق شەنبە بولىدىكەن. ئۇنىڭغىچە مەنمۇ ئېمتىھان تەييارلىقىمنى پۇختا قىلىۋالاي. ئاندىن بىللە بېرىپ بىرەر ھەپتە تۇرۇپ كىلەيلى بولامدۇ؟
   نائىلەنىڭ چىرايى باھار ئاپتىپىدەك ۋاللىدە ئىچىلدى. بىر نەرسە تېپىۋالغان كىچىك بالىدەك خۇشال بولۇپ ئۆي ئىچىدە پىرقىرىۋەتتى.
   - سىز بەكلا ياخشى جۇمۇ. سىز ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسەم مەن رازى.
   جۈرئەت ھاياجانلاندى. ئايالىنىڭ جان ئالغۇچى مېھىرلىك كۆزلىرى بىلەن بىقىپ تۇرۇپ پىچىرلاشلىرى ئۇنىڭ يۈرەكلىرىنى ئوينىتىۋەتكەنىدى. ئۇ ئۆزىنى پەقەتلا تۇتالمىدى. كۈچلۈك سىغىنىش ئىلكىدە نائىلەنى باغرىغا باسقان جۈرئەت ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىۋاتاتتى.   - ھە راست، تاغامنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلدىڭىز؟
   - كېرەم ئاكام تېلفۇن قىپتىكەن. ئەتە چوقۇم كەل دەيدۇ.
   - ھە، بالدۇرراق ئۇخلايلى. ئەتە ئەتتىگەندە تۇرمىساق بولمايدۇ.
   - بولىدۇ. مەنمۇ ئەتتىگەندىن بېرى ئۆگىنىش قىلىپ ھېرىپ كەتتىم. بالدۇرراق ئارام ئالايلى خوتۇن.
   جۈرئەتنىڭ ‹‹ خوتۇن ›› دىگەن سۆزنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ سوزۇپ ئېيتىشى نائىلەگە يىقىملىق ئاڭلانغان بولسىمۇ، ئۇ جىنەستىدەك لەۋلىرىنى ئۈمچەيتىپ يالغاندىن باتنىۋالدى.
   -بىز تېخى ياش تۇرساق، ھېلىتىن ئادەمنى قېرىتىپ خوتۇن دەيدىكەنسىز.
   -خاپا بولماڭلا خوتۇن......ئاپلا،-جۈرئەت ھەييارلىق بىلەن ئېغىزىغا يەڭگىل بىرنى ئۇردى،- مېنىڭ مۇشۇ ئېغىزىمنىزە، يەنە دەپ سالدىم....
   نائىلە پۇسۇققىدە بىرنى كۈلىۋەتتى. جۈرئەتمۇ نائىلەنىڭ كۈلكىسىگە جۆر بولدى. ئۇلار مەكتەپتىكى ۋاقتىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلىرىنى قىلىشىپ كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئۇخلاپ قىلىشتى.

كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تاشقا ئويۇڭ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش