مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

پايخان بولغان ئەقىدە ــــ پوۋىست   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1595
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8837 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:23:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ زورىخان بىلەن پەزىلەتخانلار يەنە نىمە ئويۇنلارنى ئوينايدىكىن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1595
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8837 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:24:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىچارە نائىلە گە بەك ئىچىم ئاغرىپ قالدى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:40:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايۋانلار....

تېرىشقىن ناز. ئۈمىدۋار بول!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4405
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 08:02:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        7-باپ


   پەزىلەتنىڭ تېلىفۇنىنى ئىلىپلا يولغا چىققان كېرىم ئوچۇق دەرۋازىنى ئىتتىرىپلا كىرىۋەردى. زورىخانلارنىڭ كېرىمنىڭ كىلىشىدىن خەۋىرى بولغاچقا، ئىشىكنى ئەتەي ئوچۇق قويۇپ قويغان ئىدى. ھويلىدىكى ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ مېھمانخانىدىن يۈگۈرۈپ چىققان زورىخان كېرىم بىلەن ئىشىكتىلا دوقۇرۇشۇپ قالدى. سالام-سەھەتلەردىن كىيىن ئاشخانىغا ماڭغان زورىخان كېرىمنىڭ قىممەت پۇللۇق كىيىملىرىگە، قاملاشقان بوي-بەستىگە زوقلانغىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن بىردەم ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ‹‹ئەسلى جۈرئەتكە يىپىشىۋالماي مۇشۇ كېرىمنى كەلتۈرگەن بولساقمۇ بولاتتىكەن. جۈرئەتقو كىرىمنىڭ ئالدىدا مال-دۇنيا جەھەتتە قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمەيتتى. مۇشۇ پەزىلەت دىگەن دىۋەڭ بىر ئوبدان ئائىلىنىمۇ بۇزغىلى سالدى......›› زورىخان شۇلارنى ئويلىغاچ تاتلىق تۈرۈم تىزىلغان پەتنۇسنى كۆتۈرۈپ پەرىشان ھالدا مېھمانخانىغا كىردى.   -چاقىرىپتىكەنسەنغۇ؟
   قىسقىلا سالامدىن كىيىن كېرىم ئاۋال ئېغىز ئاچتى.
   -ئاۋۇ كۈنى سىنى چاندۇرۇپ قويامدىكىن دەپ بەكلا ئەنسىرىگەنتىم. ياخشى ھەممە ئىشلار جايىدا پۈتتى.
   ئۇزۇن ئۆستۈرۈلگەن تىرناقلىرىغا قىپقىزىل لاك سۈرىۋالغان پەزىلەت تىرنىقىنى كوچىلاپ تۇرۇپ دىدى.
   -نەدە جايىدا پۈتىدۇ. سەنغو غىپپىدىلا تىكىۋىتىپ قۇتۇلدۇڭ. جۈرئەت دىگەن ھارىمىنىڭ قوللىرى بازغاندىن پۈتۈلگەندەك قاتتىق ئىكەن. شۇ كۈنى تاس قالدىم ھوشۇمدىن كەتكىلى. قارىسام ئۆيدىكىلەرمۇ مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق بىشىمنى بەكلا ئاغىرتىۋەتتى. مەن ۋاز كىچەيمىكى.....
   بەخىرامان ھالدا تىرنىقىنى كوچىلاپ ئولتۇرغان پەزىلەت ئىتتىكلا بىشىنى كۆتۈردى. ئۇنىڭچە بولغاندا كېرىم ھازىر يىنىۋالسا ھەرگىز بولمايتتى. پەزىلەت تۈزگەن پىلانلىرىنىڭ تېخى ئۈچتىن بىرى پۈتكەن تۇرسا. بۇ پىلانلار كېرىم بولمىسا ئاسانلىقچە ئەمەلگە ئاشمايدۇ. پەزىلەت يېڭىدىن تەرگۈزگەن قېشىنى ھىمىرىپ، ئەركىلەپ ناز بىلەن سۆز باشلىدى.
   -كېرىم ئاكا، سەن بۇنداق دىگىنىڭ بىلەن نائىلەنى ياخشى كۆرىسەنغۇ. ئۇ قاراپ تۇرۇپ خەقنىڭ خوتۇنى بولۇپ كەتسە سەن چىدامسەن. ئەخمەق....ياخشىراق ئويلىشىپ باق.
   پەزىلەت كىرىمگە تىكىلىپلا قالدى. كېرىمنىڭ سۆزلىرى ئۇنى ئالدىرىتىپ قويغانىدى.
   -سەن ئۇنداق دىگىنىڭ بىلەن ئانام-داداملاردىن بۇرنى-قۇلۇقۇمىچە تىل ئاڭلىۋالدىم. دۇنيادا قىزلار بىر نائىلەلا بولمىسا. بولدى مەن ئۇنىڭدىن كەچتىم.
   -ھەي ئەخمەق. ئاڭلىسام شۇ كۈنى جۈرئەتنىڭ بىر نەچچە تىپىكى بىلەن نائىلەنىڭ بويىدىن ئاجراپ كىتىپتۇ. مەن چوڭ دوختۇر بولمىساممۇ ئازراق بولسىمۇ دوختۇرلۇقتىن خەۋىرىم بار. تۇنجى قېتىملىق بالا چۈشۈپ كەتسە، بۇ ئادەت خاراكتىرلىك چۈشۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ. پەرزەنتلىك بولالمىغانسىرى جۈرئەت نائىلەدىن ئۆزى ئاسانلا ۋاز كەچمەمدۇ.
   -نېمە...نېمە دىدىڭ. نائىلەنىڭ بويىدىن ئاجراپ كىتىپتۇما؟ ئاپلا .........
   كېرىم يوق ساقىلىنى يۇڭداپ، پۇشۇلداپ ئولتۇرۇپ كەتتى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن زورىخانمۇ گەپكە ئۈن قوشتى.
   -كېرىم بالام. تۈنۈگۈن ئايىمخان ئاچام تېلىفۇن قىپتىكەن. بۈگۈن نائىلەنى دوختۇرخانىدىن ئىلىپ چىقىمىز. ئەتە يۇرتىغا بىرىپ كەلمەكچىكەن. بىچچارە نائىلەنىڭ ئەزەلدىن تېنى ئاجىز بولغاچ بۇ قېتىم سەل ئۇزاقراق يېتىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ دىدى. پەزىلەت دىگەندەك بالىلىق بولالمىغان ئەر، ئۇنداق خوتۇننى ساقلاپ نېمە قىلىدۇ.
   زورىخاننىڭ دىقماق گەۋدىسىنى ئېرغاڭلىتىپ كىلىپ يىنىدا ئولتۇرىشى بىلەن كېرىم ئازراق يىرگەندى. ئاتا-ئانىسىنىڭ تاپا-تەنىسى ئۇنى خېلىلا << ئادەم >> قىلىپ قويغانىدى.
   -جۈرئەتنىڭ دادىسى غۇلام ئاكام جۈرئەت كىچىك ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن. گەرچە جۈرئەت دادىسىز مۇھىتتا چوڭ بولغان بولسىمۇ، بەك غۇرۇرى كۈچلۈك يىگىت. ئەسلىدە مەن ئۇنىڭ رىسقىغا چاڭ سالماسلىقىم، ئېناق ئائىلىنى بۇزماسلىقىم كېرەك ئىدى. ئەمدى سىلەرمۇ ئويۇنۇڭلارنى يىغىشتۇرىۋىلىڭلار. بولمىسا مەن بۇ سىرنى، بىز بىرلىشىپ ئوينىغان ئويۇنلارنى تۇققانلار ئارىسىغا يېيىۋىتىمەن.
     كېرىم شۇنداق دەپلا پىشىنى قاققان پىتى چىقىپ كەتتى. گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق بۇ كېرىمنىڭ بۇنداق قۇرۇق پوپوزىلىرىنى كۆپ كۆرگەن پەزىلەت تامدەك تاتىرىپ تۇرۇپ قالغان زورىخاننى قولىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ سۆز باشلىدى.
   -نائىلەنىڭ يۇرتىغا بارىدىغان خەۋىرى راستمۇ ياكى سەن ئىچىڭدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىۋالدىڭمۇ؟
   -ئەلۋەتتە راست. ئايىمخان ئاچام يىغلاپ تۆكۈلۈپلا كەتتى. ئۇ نائىلەگە بەكلا ئامراق ئىكەن. پەزىلەت - دىدى زورىخان ئاۋازىنى ئامال بار سىلىق چىقىرىشقا تېرىشىپ - قاراپ تۇرۇپ بىر نارەسىدىنىڭ جىنىغا زامىن بولدۇق. بىر ئېناق ئائىلىنى بۇزۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز. سەن ئەتراپىڭغا قاراپ باقساڭ، سېنى قوغلىشىۋاتقان باشقا يىگىتلەرمۇ بارغۇ. ھىچ بولمىسا كېرىمنىڭ ئائىلە شارائىتىمۇ ياخشى. شۇنى ئويلىشىپ باق بولمىسا.....
   -ۋاي ئانا بولدى قىلە. ئۆز ۋاقتىدا ئۆزۈڭ مېنى مەجبۇرلاپ جۈرئەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە بۇيرىغان. مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاز ئەجىر قىلدىممۇ. ئەمدى بولغاندا نىيىتىڭدىن يان دىسەڭ قانداق بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ ئويۇننى ئۆزۈم يالغۇز داۋاملاشتۇرسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.
   -قانداق داۋاملاشتۇرىسەن؟
   جىددىيلەشكەن زورىخان پەزىلەتكە تېخىمۇ يىقىن سۈرۈلدى. ئانىسىنىڭ بۇ ھالىتى غىدىقىنى كەلتۈرگەن پەزىلەت پۇتلىرىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ :-
   -قارىسام جۈرئەت يېزىدا ئىشلەپ بەك ھېرىپ، ئاش-تاماقتىن قىينىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ. مەنمۇ خىزمىتىمنى يېزىغا يۆتكەي دەيمەن.
   -ساراڭ بوپسەن. ئىلىشىپ قاپسەن. نېمە بار ساڭا ئۇ توپىلىق سەھرادا. بۇ يەردىكى خىزمىتىڭمۇ ياخشىغۇ.....
   زورىخاننىڭ ئاچچىقتىن پۇلتىيىپ چىققان كۆزىگە قارىغان پەزىلەت ھىچ ئىش بولمىغاندەك بەخىرامان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە ئالغا بارغاچ دىدى.
   -نېمە بولاتتى. 4 يىل ئىلگىرى مېنى مۇھەببىتىمدىن مەجبۇرى ئايرىۋىتىپ جۈرئەتكە يىقىنلىشىشقا زورلىغان سەنغۇ. مېنىڭ ھىسياتىم بىلەن ھىسابلاشماي مېنى ئۆزۈڭنىڭ كېچىكىگە كىرگۈزگىنى يەنە سەنغۇ. جۈرئەت توي قىلىپ بولغاندىن كىيىنمۇ ئۇنىڭ ئېناق ئائىلىسىنى بۇزغىلى سالغان، مۇشۇ ئويۇنلارنى پىلانلىغان باش پىلانلىغۇچى سەنغۇ. ئەمدى بولغاندا ماڭا بۇنداق دىسەڭ قانداق بولىدۇ.
   زورىخاننىڭ گەپ قىلىشقا تەمشەلگەن ئىغىزى ئۈمچەيدى.  كېچە-كۈندۈز يېتىم قىزىنى دەپ سوققان يۈرىكى موجۇلدى، ئاغرىدى. پەزىلەت ئۇنىڭ بىر تاللا قىزى، يۈرەك پارىسى ئىدىغۇ. زورىخاننىڭ قىلغانلىرىمۇ پەزىلەت ئۈچۈنغۇ. پەقەت ئادەمنى خاتا تاللاپ قويغان يېرى بار شۇ. جۈرئەتنىڭ ئۆزىنىڭ پەرىزاتتەك گۈزەل قىزىنى تاللىماي، نەدىكى بىر ياقا يۇرتلۇقنى تاللىغىنىدىن جىلە بولۇپ، ئۆچ ئالماقچى بولغان يېرى بار شۇ .........
   -بولدى، مېنى كەچۈر قىزىم. لىكىن نېمە ئىش قىلماقچى بولساڭ، ئالدى بىلەن ماڭا مەسلىھەت سالغىن. مەن بەرىبىر سىنىڭ ئاناڭ!
   - .....................
   پەزىلەتنىڭ ئۆزىگە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ يەنە دىرىزە تەرەپكە قارىشى، ئۆزىنىڭ گىپىنى جاۋابسىز قالدۇرىشى ئېغىر كەلگەن زورىخان كۆزلىرىدىن سىرغىپ چىققان ياشلىرىنى داكا رومىلىنىڭ ئۇچى بىلەن بىسىپ سۈرتكىنىچە داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ ئىلىپ چىقىپ كەتتى. بۇنىڭدىن كىيىنكى قەدەمنى قانداق بىسىنى ئويلاپ دېرىزە ئالدىدا ئۇزاق تۇرغان پەزىلەت كۈننىڭ قانداقسىگە تىز كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالغانىدى.

كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تاشقا ئويۇڭ!

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6286
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 7485 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 08:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى زورىخان بىلەن كېرەمنى ئانا-بالا ئوخشايدۇ دىسەم ئۇنداق ئەمەسكەندە........... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahliya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 08:34 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79951
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 09:07:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامان

بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12201
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 754 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:29:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھاياتلىق ئاجايىپ قىسمەتلەر بىلەن بېزەلگەنكەن مۇشۇنداق .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 10:18:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۈگەپ كېتىپتۇ، بەك قىزىقىپ قالدىم.

زار ئەمەسلەرگە خار ئەمەسمەن ..

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17428
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7392
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 04:25:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزى ئىرىشەلمىگەن بەخىتكە باشقىلارنىمۇ ئىرىشتۈرمىگەن ، نىمىدىگەن كۆزى كىچىك ، ناچار ئادەملەردۇ بۇ ؟

نادانغا نادانلىقىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىش قاراڭغۇدا قاپاق تۈرگەن بىلەن باراۋەر .. ... ...

بېشىم ئاغرىپلا ت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42291
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4570
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 3333 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 04:54:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زورىخان دىگەن چۆچەكلەردىكى يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ ئۈزىكەنغۇ،قىزى تېخىمۇ رەزىلكەن....

‹جىنايةت› جةميةتلةشسة ‹جىنايةت› بولماي قالىدۇ..........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش