مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

پايخان بولغان ئەقىدە ــــ پوۋىست   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1429
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 07:43:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا بۇ گۈزەل نائىلەنىڭ بەختىگە بىر قارا بۇلۇت سايا تاشلايدىغاندەك قىلدۇ ، داۋامىنى ساقلايمەن تىزرەك يوللاڭ جۇمۇ ...

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

تېرىشقىن ناز. ئۈمىدۋار بول!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4405
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 09:22:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               5-باپ
   زورىخاننىڭ بۈگۈنكى خۇشاللىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى. ئۇ مېھمانخانا ئۆي بىلەن ئاشخانا ئارىلىقىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ھىچ ھالى قالمىغان بولسىمۇ، مېھمانخانا ئۆيگە كىرگەندە سارغىيىپ كەتكەن چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجىيىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئەتە ئېمتىھان بىرىدىغان جۈرئەت ئەر-ئايالنى بۈگۈن مېھماندارچىلىققا چاقىرىۋالغان زورىخاننىڭ ھەممە ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك، ئويلىغىنىدەك بولىۋاتاتتى.
   -نائىلە قىزىم، داستىخىنىم غورىگىل بولۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ مەزەلەردىن تارتىنماي ئالغاچ ئولتۇرۇڭ. پەزىلەت دوستىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن. ئۇمۇ ھازىرلا قايتىپ كىلىدۇ.
   زورىخان پاكار بويىغا ماس كەلمىگەن ھالدا كۈپتەك سەمرىپ كەتكەن، ماڭسا ئىككى يىنىغا ئىرغاڭلاپ ماڭىدىغان بولغاچقا، بىر قارىغان كىشىگە ئۆردەكنىلا ئەسلىتەتتى. مەھەللىدە ئۇنىڭ بىلەن ئەپ ئۆتەلمەيدىغان ئاياللار ئۇنىڭغا ‹‹ ئۆردەك ›› دەپ لەقەم قويۇپ قويغانىدى.
   -ھامما، مەنمۇ چىقىپ قارىشىپ بىرەي بولمىسا.
   نائىلە تېلفۇن ئويناپ ئولتۇرغان جۈرئەتكە قارىغاچ شۇنداق دىدى. ئەتتىگەندىن بېرى زورىخاننىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايپىتەك بولىشى نائىلەنى خىجىل قىلىپ قويغانىدى.
   -ياقەي قىزىم، پەقەت مۇشۇ پەزىلەت قايتىپ كەلسىلا.......
   زورىخان ئەتەي بىر ئىشقا تىت-تىت بولغاندەك قىلىپ چىرايىنى پۈرۈشتۈردى.
   - قارىمامسىز قىزىم، دوستىنىڭ ئۆيى يىراق بولغاچقا پىيادە كىلىپ بولغۇچە خېلى ۋاقىت كىتىدىغان چىغى. نەچچە قېتىم توكسىكىلىت ئىلىپ بېرەي دىدىم بولمىسا. لىكىن ئۆزى بەك تارتىنچاق بولغاچقا ئۇنىماي تۇرىۋالدى.
   زورىخان جۈرئەتكە قارىدى. جۈرئەت زورىخاننىڭ گەپ-سۆزلىرى  بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك تېلىفۇنى بىلەن ئېيتىشىپ ئولتۇراتتى. زورىخاننىڭ بۇنىڭغا ئىچى پۇشتى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئىشلار بۇنداق بولىۋەرسە ئۆزىنىڭ نەچچە كېچە ئۇخلىماي تۈزگەن پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمايتتى. شۇڭلاشقا زورىخان گىلىنى قىرىپ ئاۋازىنى ئامال بار سىلىق چىقىرىشقا تېرىشىپ جۈرئەتكە قاراپ سۆز باشلىدى.
   -جۈرئەتجان بالام، سىز پەزىلەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىلىپ كىلەمسىز يا؟ نائىلەقىز بىزگە مېھمان. مېھماننى ئىشقا سالساق قانداق بولىدۇ. يا بۇ كاساپەتمۇ تېخى كىلىپ بولالمىدى.
   جۈرئەت بىر نائىلەگە بىر زورىخانغا قاراپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى. ئەمەلىيەتتىمۇ ‹‹ ياق ›› دىسە قاملاشمايتتى. جۈرئەت چىقىپ كەتكەندىن كىيىن زورىخان تاماق ئەكىرىشنى باھانە قىلىپ ئاشخانا ئۆيگە كىردى،دە- يانچۇقىدىن كىچىك قول تېلفۇنىنى ئىلىپ ئالدىراپ نۇمۇرلارنى بېسىشقا باشلىدى.
   -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
   -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كېرىم بالام قېنى دەرھال كىرە ئەمسە. ھەممە ئىشلار جايىدا پۈتتى.
   زورىخان گەپنى قىسقىلا قىلىپ تېلفۇننى قويغاندىن كىيىن، ئىككى پىيالىگە قېتىق بۆلۈپ پەتنۇسقا قويغاندىن كىيىن مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
   زورىخان بىلەن نائىلە ئۇياق-بۇياقنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ تۇرغان مۇشۇ پەيتتە جۈرئەت تۆت كوچا ئېغىزىدا تېلىفۇنىنى قۇلىقىغا تۇتقىنىچە قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۇرغان تېلىفۇنى ھىچ ئىلىنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن يان تەرەپتىكى كوچىدىن بىر قىزغا يۆلىنىپ ئاران مېڭىپ كىلىۋاتقان پەزىلەتنىڭ قارىسىنى كۆرگەن جۈرئەت يۈگۈرۈپ ئالدىغا باردى.
   -پەزىلەتكە نېمە بولدى؟
   -تاڭ مەنمۇ بىلمىدىم. بايا ئۆيگە كېتىمەن، ئاپا تېلىفۇن قىپتۇ دەپ ئۆيۈمدىن چىقىپ كىتىۋىتىپ ھويلىدىلا يىقىلىپ چۈشتى. ھوشىدىن كىتىپ قاپتىكەن. ئاران تەسلىكتە ھوشىغا كەلدى.
   -پەزىلەت، يۈرىڭە تاكسى توسۇپلا قايتايلى. زورىخاچام بەك ساقلاپ كەتتى.
   -مېنىڭ تاكسىغا چۈشكۈم يوق. تاكسىغا ئولتۇرسام كۆڭلۈم ئىلىشىدۇ. سىزنىڭ توكسىكىلىتىڭىز بارغۇ؟
   پەزىلەت ساغۇچ كۆزلىرىنى خۇمالاشتۇرۇپ جۈرئەتكە تىكىلىپ قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاللىقانداق ۋەھىمىلىك ئۇچقۇنلار چاچراپ تۇراتتى.
   -ئاداش، سەن كىرىپ كىتىۋەرگىن. جۈرئەت بولغاندىكىن ئەنسىرىمە. ئىش بولسا تېلفۇن قىلىمەن. خوش.....
   قىزلار خوشلىشىپ بولغاندىن كىيىن جۈرئەت توكسىكىلىتىنى توختىتىپ قويغان جايدىن ئىلىپ كەلدى. كەينىگە ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشقان پەزىلەتنىڭ ھېيىقماستىن ئۆزىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغىنىنى سەزگەن جۈرئەتنىڭ بەدىنى تىكەنلەشتى. يولدا كىتىۋىتىپ بىر نەچچە قېتىم ياندىن كىلىۋاتقان ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى. ئۇ ئاخىرى چىدىيالماي سۆز ئاچتى.
   -پەزىلەت، بۇنداق ئولتۇرسىڭىز بەك غىدىقىم كىلىپ كىتىدىكەن. قولىڭىزنى ئاجىرتىۋىتىڭ بولامدۇ؟
   -جۈرئەت، نېمىلەرنى دەۋاتىسىز. ھىلىمۇ بىشىم قىيىپ ئارانلا ئولتۇردۇم. سىز مېنى يىقىلىپ چۈشسۇن دىمەكچىمۇ.
   پەزىلەتنىڭ يالغاندىن قېيداپ تۇرىۋىلىشى بىلەن جۈرئەتمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ ئامالسىز يولنى داۋام قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
   جۈرئەتنىڭ يۈرىكى سىقىلىپ توكسىكىلىت ھەيدەپ كىلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە زورىخاننىڭ تۆمۈر دەرۋازىلىق ئىشىكى قاتتىق ئۇرۇلدى. نائىلە بىلەن پاراڭلىشىپ قېتىق ئىچىۋاتقان زورىخان ‹‹ جۈرئەتجان بالاملار قايتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ ›› دەپ سىرتقا چىقىپ كىتىپ ھايالىشمايلا كېرىمنى باشلاپ كىردى.
   -ۋاي، بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىققاندۇ. كېرىم بالامنىڭ بىزنىڭ ئاددى كەپىمىزگىمۇ ئايىغى يىتىدىكەن دىسە. بۈگۈن ھەجەپ خۇشال بولدۇم. كۆڭلۈم بۆلەكچە ئىچىلىپ كەتتى.........
   زورىخان ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي بىر ھازا ۋالاقلىغاندىن كىيىن ‹‹ پولۇغا ئىس ئۆتۈپ كەتمىسۇن يەنە ›› دەپ چىقىپ كەتتى. كېرىممۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تېرىشىپ دەرھال ئېغىز ئاچتى.
   -نائىلە، تىشلىق تۇردىڭىزمۇ. ئۆتكەن قېتىم بىزنىڭ ئۆيدە كۆرۈشكەندىن كىيىن سىزنى پەقەتلا ئۇچرىتالدىم. ئۆيۈڭلارغا بارسام ئايىمخان ئانام سىلەرنى سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا كەتتى دىدى.
   -ھەئە، ئارىلىقتا يۇرتقا بېرىپ ئاتا-ئانامنى كۆرۈپ كەلدىم.
   نائىلە قىسقىلا جاۋاپ بېرىپ يەرگە قاراپ سۈكۈتتە ئولتۇردى. نائىلەنىڭ سۇ ئىچسە كۆرۈنگىدەك بويۇن تېرىسىگە قاراپ تۈكۈرىكىنى غۇرتتىدە يۇتۇنغان كېرىم ئورنىدىن تۇرۇپ نائىلەنىڭ يىنىدىكى بوش ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردى. نائىلە غەلىتىلىك ھېس قىلىپ بىشىنى كۆتۈرۈپ گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىغا ئىشىكتىن كىرگەن زورىخان ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى.
   -ۋاييەي، ماۋۇ قوشماقلارنى كۆرۈڭ. ئادەمنىڭ بەك مەستلىكى كىلىدىكەن جۇمۇ ئىككىڭلارغا. خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك.....
   نائىلە نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇنىڭ قاشتىشىدەك سۈپسۈزۈك مەڭزى ئانار دانىسىدەك قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ نېرىراق سۈرۈلدى. زورىخان تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى.
   -ۋاي قىزىم، خېجىل بولماڭ. مەن كۆرمىگەن بولاي ئولتۇرىۋىرىڭلار. ئەسلى يۆتىلىۋىتىپ كىرسەم بوپتىكەن.
   ھويلىدىكى ئاياغ تېۋىشىنى ئاڭلىغان زورىخان ئاۋازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.
   -سىلەردەك قاملاشقان بىر جۈپلەر ھىچيەردە ئۇچرىمايدۇ بالام. سىلەرمۇ ئۆز بەختىڭلارنى تېپىشقا ھوقوقلۇق. چىڭ چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ كىتىپسىلەر. بەختىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن. نائىلە قىزىم، سىزمۇ بىزنىڭكىگە پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ. مانا مۇشۇنداق ئاشىقىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ ھال-مۇڭ بولالايسىز ئەمەسمۇ.
   سىرتتىن كىرگەن جۈرئەت دەماللىققا نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى. زورىخان ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە يەنە ئوتتۇرىغا چۈشتى.
   -ۋاي قاراڭ جۈرئەتجان بالام. سىز كىتىپلا كېرىم بالام كەپتىكەن. ئىككىيلەن ئىچىلىپ-يىيىلىپ مۇڭدىشىپلا كىتىپتۇ. شەپە چىقارماي كىرىپ قاپتىكەنمەن. قارا، نائىلە قىزنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى. ئۆزۈممۇ نۇمۇس قىلىپ قالدىم.
   نائىلەنىڭ ئانار دانىسىدەك قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىنى، كىيىكنىڭكىدەك چۆچۈپ تۇرغان قاپقارا قوي كۆزلىرىنى كۆرگەن جۈرئەتنىڭ قورسىقىغا جىن كىردى. ئۆتكەندە يولدا كېرىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا كېرىمنىڭ ‹‹ خوتۇنۇڭ نائىلە بىر يۇتۇم سۇ بىلەن ئىچىۋەتكۈدەكلا چىرايلىق جۇمۇ. مانا مۇشۇنداق خوتۇن ئىلىۋالغان ئەركەك ئۆمۈر بويى بەخت ئىچىدە ئۆتىدۇ ›› دەپ تىلىنى تامشىپ كەتكەن قىياپىتى كۆز ئالدىغا كىلىشى بىلەن ئاچچىقتىن ئۆتى يىرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى. رەشىك ئوتى ئۇنى قېيناپ مېڭىسىنى تورمۇزلاپلا قويغانىدى. ئۇ زورىخاننىڭ قانچە يالۋۇرۇپ تۇتۇشلىرىغا قارىماي، نائىلەنى تارتقۇشلىغان پىتى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
   -راستىنلا شۇنداق قىلدىڭىزما نائىلە؟ ئەجىبا سىز مىنى بەك ياخشى كۆرەتتىڭىزغۇ. ئەمدىلىكتە.........
   -نېمىلەرنى دەۋاتىسىز جۈرئەت. سىزنىڭچە مەن شۇنداق قىلارمەنمۇ. زورىخان ھەدەم نېمانداق قىلىدۇ دەيمەن.
   -ئۇنداقتا نېمىشقا بايا ئۇ سۆزلەۋاتقاندا قىزىرىپ كىتىسىز؟ بىشىڭىزنى يەردىن ئۈستۈن كۆتۈرەلمەي قالدىڭىزغۇ؟
   ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن جۈرئەت نائىلەنى ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپلا سوراقنى باشلىۋەتكەنىدى. ئۇ قانچە توغرا چۈشىنەي دەپ ئويلىغانسىرى كېرىمنىڭ ئاشۇ سۆزلىرى يادىغا كىلىۋىلىپ ئۇنى غالجىرلاشتۇرىۋەتكەنىدى. نائىلە بولغان ئىشلارنى تەپسىلى ئېيتىپ زورىخاننىڭ ئوينىغان ئويۇنلىرىنى يالىڭاچلاپ ئېچىپ بەرگەن بولسىمۇ، شۇ كۈندىن باشلاپ جۈرئەتنىڭ يۈرىكىدە غۇۋا بىر داغ ساقلىنىپ قالغانىدى.

كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تاشقا ئويۇڭ!

.ئانا دەپ100قىتىم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18234
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7052
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 3678 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 10:08:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا دىگەنمۇ       ..........ئەجەپ ئېپلاس خوتۇنكەنسەن روزىخان .

يامان كۆزدىن خالى دەپتىمەن ، غەپلەت ئۇيقۇ ئەجەپ يامانكەن. تۇمار پۈتۈپ قۇيسامچۇ ساڭا، كۆز تەككەنگە نىمە داۋاكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 10:32:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرغا تەشنامەن

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6286
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 7485 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 11:08:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي،كىيىن تاپالماي قالماي يەنە..................

تېرىشقىن ناز. ئۈمىدۋار بول!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4405
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                            6-باپ

   بۈگۈن بۇ ئۈچلا ئادىمى بار كىچىككىنە ئۆي ئالەمچە شاتلىققا چۆمگەنىدى. جۈرئەتنىڭ ئېمتىھاندىن ئۆتىشى بىلەن نائىلەنىڭ بويىدا قالغانلىقى بۇ ئائىلىگە زور خۇشاللىقلارنى ئىلىپ كەلگەنىدى. ئايىمخانمۇ بۇ خۇشاللىقتا ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي قىزىل رەڭلىك شارپا، ناۋاترەڭ كۈزلۈك پەلتو كىيىۋالغان بولۇپ، بۇ كىيىملەر بىلەن ئۇ ياشلىقىغا قايتىپ قالغاندەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى. لىكىن كىچىككىنە ئىش ‹‹جۈرئەتنىڭ خىزمىتىنىڭ يېزىدا بولۇپ قىلىشى ›› ئۇنى سەل بىئارام قىلىپ قويغان بولسىمۇ، ‹‹ كىيىنچە يول مېڭىپ يۆتكىۋالارمەن ›› دەپ ئۆز كۆڭلىنى توق تۇتۇشقا تېرىشىۋاتاتتى.
   ئەتتىگەنلىك ناشتىنىڭ قاچا-قۇچىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيلەرنى تازىلاپ بولغان نائىلە مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ قېيىنئانىسىنىڭ چىرايلىق ياسىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى. ‹‹ بۈگۈن بىر يەرگە بارىدىغانغا دىيىشىپ قويمىغانتۇققۇ، ئانام ئەتتىگەندىلا بىر يەرگە بارىدىغاندەك كىيىنىۋاپتۇ ›› نائىلە شۇنداق ئويلىغاچ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دىدى:-
   -ئانا، مۇبارەك بولسۇن. كىيىملىرى بەك چىرايلىق يارىشىپتۇ.
   -رەھمەت قىزىم. بۇگۈن بىز ئۈچۈن ئەڭ خۇشاللىنارلىق بىر كۈن. شۇڭا بۇ كۈننى ئەستە قالغۇدەك قىلىپ تەبرىكلەپ قويايلى. تىزراق كىيىنىپ چىقىڭ. جۈرئەت ھېلىلا قايتىپ كىرىمەن دەپ تېلفۇن قىپتۇ. بىز تەييار بولۇپ تۇرايلى.
   ئايىمخاننىڭ قورۇق باسقان يۈزلىرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئۇ بۇ ئىغىزى يۇمشاق، ئىشچان كىلىنىگە زوقلىنىپ قارىدى. ‹‹ خۇدايىم مۇشۇ پەرزەنتلىرىمنى ئىككىلى دۇنيادا ئەزىز قىلغايلا ›› دەپ دۇئا قىلدى ئىچىدە پىچىرلاپ .
   نائىلە كىيىملىرىنى كىيىپ مېھمانخانا ئۆيگە چىقىشى ئىشىك چىكىلدى.
   -جۈرئەت قايتىپ كەلگەن چىغى، مەن ئاچاي.
   نائىلە شۇنداق دەپلا بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئۇنىڭ داۋاملىق كۈلكە ئويناپ تۇرىدىغان گۈزەل چىھرى ئىشىكنى ئىچىشىغىلا ئاسماننى قارا بۇلۇپ قاپلىغاندەك بىراقلا تۇتۇلدى. ئىشىك ئالدىدا يوغان داستىخاننى كۆتۈرۈپ ھاسىراپ كەتكەن زورىخان زورىغا ھىجىيىپ قاراپ تۇراتتى. نائىلە ئامالسىز زورىخاننى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى.
   -كەلسىلە ھامما، قېنى ئىچكىرى ئۆيگە.
   نائىلە زورىخاننى مېھمانخانا ئۆيگە باشلاپ قويۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ پەتنۇسقا تاتلىق تۈرۈملەرنى راستلاپ ئىلىپ چىققان ۋاقتىدا زورىخان ئىلىپ كەلگەن داستىخنىنى ئىچىپ بىر-بىرلەپ ئايىمخاننىڭ ئالدىغا قويىۋاتاتتى.
   -ئايىم ئاچا، جۈرئەتجاننىڭ تويىدا پەزىلەت ئىشقا ئورۇنلىشالماي يۈرگەن چاغلار بولغاچقا سەل قولۇم قىسقا بولۇپ قالغانىدى. تۈنۈگۈن پەزىلەتتىن جۈرئەتجان بالامنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقى ھەمدە نائىلە قىزىمنىڭ بويىدا بارلىق خۇشخەۋىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتىم. كىچىدە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى. ئەتتىگەندىلا داستىخان تەييارلاپ يىنىڭلارغا كەلدىم. بۈگۈن سىلەرنى ‹‹سۇلتان رېستۇرانى›› دا مېھمان قىلىۋالاي دەپ ئۆزۈم چاقىرىپ كىلىشىم.
   زورىخاننىڭ شۇملۇق يىغىپ تۇرغان تەلەتىگە قارىغان نائىلە سەسكىنىپ كەتتى. كۆڭلى بىرەر شۇملۇقنى سەزگەندەك بىئارام بولۇپ كىتىۋاتاتتى. ‹‹ئۆتكەن قېتىم ئۇستلىق بىلەن ئويۇن ئوينىدىڭ. ئەمدى بۈگۈن يەنە نېمە شۇملۇقلارنى پىلانلىغانسەن›› نائىلەنىڭ پۈتۈن ئەزايى جاقىلداپ تىترەۋاتاتتى. ئۇ زورىخاندىن قورقۇپ قالغانىدى. ئۆتكەن قېتىم قاراپ تۇرۇپ يالغان-ياۋىداق گەپلىرىگە جۈرئەتنى ئىشەندۈرگەن بۇ خوتۇن نائىلەنىڭ كۆزىگە ئالۋاستى بولۇپ كۆرۈنىۋاتاتتى.
   -ئايىمخان ئاچا، جۈرۈڭ بىز ئالدىن بېرىپ ئورۇن ئالغاچ تۇرايلى. جۈرئەتجان بالام كەلسە نائىلەقىز ئىككىسى بىللە بارسۇن.
   زورىخان شۇنداق دەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئايىمخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى يۆلەشتۈردى. نائىلە ئالدىراپ قالغانىدى. ئۇ زورىخاننىڭ يەنە نېمە شۇملۇقلارنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، لىكىن قېيىنئانىسىدىن ئايرىلماي تۇرسىلا بىخەتەر بولالايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
   -ياق، ئانا مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە باراي. جۈرئەتكە تېلىفۇن قىلىۋەتسەك ئۇ شۇ يەرگىلا بارسا بولمىدىمۇ.
   -ۋاي قىزىم، جۈرئەتجان بالام كەلسە كىيىم ئالماشتۇرىدۇ. ئۇ يېزىغا چىقىپ كىرگۈچە توپا-چاڭغا مىلىنىپ كەتكەندۇ بەلكىم. يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ بارمىسا، ھېلىلا گۆردىن چىققان ئادەمدەك بولۇپ بارامدۇ ئۇ يەرگە.
  زورىخاننىڭ گەپلىرىدىن نائىلە تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى. قېيىنئانىسى بولسا ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ تۇرۇپ :-
   -شۇنداق قىلىڭ قىزىم. جۈرئەتجان بالام ئەتتىگەندە ماڭغاندا ئاچقۇچىنى ئۆيدە ئۇنتۇلۇپ قاپتىكەن. سىز ئۇنىڭغا ساقلاپ تۇرۇپ بىللە بېرىڭلار.
   ئايىمخان بىلەن زورىخان بىر-بىرىنى يۆلەشكىنىچە ئىشىكتىن چىقىپ كىتىشتى. ئۇلار ئائىللىكلەر قوروسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تاكسى توسۇپ ئوڭ تەرەپكە كىتىشى بىلەن سول تەرەپتىن توكسىكىلىتىنىڭ ئارقىسىغا پەزىلەتنى مىنگەشتۈرگەن جۈرئەت كىلىۋاتاتتى.
   نائىلە ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويۇپ مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ داستىخاننى يىغىشتۇرۇشقىمۇ رايى بارمايلا ئولتۇرۇپ قالدى.
    -پەزىلەت جۈرئەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى، مېنىڭ بويۇمدا قالغانلىقىنى قانداق بىلگەندۇ؟ بۇ خەۋەر ئەجەپ تىزلا زورىخاننىڭ قۇلىقىغا يىتىپ بوپتۇ...
   ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ ئولتۇرغان نائىلە ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ جىرىڭلىشىدىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئىزىغا چۈشكەنىدى. ‹‹جۈرئەت قايتىپ كەلسىلا ھىچ ئىش بولمايدۇ ›› دەپ كۆڭلىنى توق تۇتۇپ ئىشىكنى ئاچقان نائىلە قورقۇپ ۋارقىرىۋەتتى. ئىشىك ئالدىدا كىيىۋالغان دوپپا، كاستيوملىرى ۋە چىرايلىق ياسىتىلغان قاپقارا بۇرۇتى كىلىشكەن قەددى-قامىتىگە ماس كەلگەن كىرىم ھىجىيىپ تۇراتتى.
   -نىمە؟ ئۆيۈڭلارغا مېھمان كەلسە ئىشىكتىنمۇ كىرگۈزمەيدىغان قائىدەڭلار بارمۇ سىلەرنىڭ؟ ئۆيگە تەكلىپمۇ قىلمايسىزغۇ.....
   كېرىم نائىلەنىڭ جاۋابىنىمۇ كۈتمەستىن ئۇنىڭغا سۈركىلىپ دىگۈدەك ئۆيگە كىردى. ھەمدە بېرىپ داستىخاندىكى نازۇ-نېمەتلەرنى خالىغانچە يىيىشكە باشلىدى. نائىلە داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ ئۆمرىدە بۇنداق ‹‹يۈزى قېلىن ›› ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئىشىكتە ھەيرانلىقتىن چەكچىيىپ، كۆزلىرى جامدەك بولۇپ قالغان نائىلەنى كۆرگەن كېرىم ئورنىدىن تۇرۇپ كۈلۈمسىرىگەچ كىلىپ ئىشىكنى يىپىۋەتتى.
   -كىلىڭە جېنىم، بىردەم ئولتۇرىمىز. ھېلىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سىزنى سىغىنىپ ئۆلەي دىدىم.
   كېرىم نائىلەنىڭ قولىنى سورىگەندىلا نائىلە ئىسىگە كەلگەندەك بولۇپ ۋارقىرىدى.
   -يوقال ئىپلاس، ماڭا نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ مەن ساڭا نېمە يامانلىق قىلغان ؟
   -ئاچچىقلانماڭ. گۈزەلنىڭ ئۆزىمۇ گۈزەل، سۆزىمۇ گۈزەل دەپ، ئاچچىقلانسىڭىز تېخىمۇ ئوماق بولۇپ كىتىدىكەنسىز.
   كېرىم شۇنداق دىگەچ كىلىپ نائىلەنى قۇچاقلىۋالدى. نائىلە ۋارقىراپ، تىركىشىپ تۇرغان مۇشۇ پەيتتە ئىشىك ئىچىلىپ پەزىلەتنى يۆلىۋالغان جۈرئەت ئىشىكتە پەيدا بولدى.
   جۈرئەتنىڭ چوڭ كۆزلىرى تېخىمۇ يوغىناپ، بۇرۇن تۆشۈكلىرى كىڭەيدى. كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ كۆزلىرى قان قۇيغاندەك بولۇپ كەتكەنىدى. كېرىمنىڭ نائىلەنى قۇچاقلاپ تۇرغان قوللىرى ھاۋادا لەيلەپ قالدى. نائىلە يۇلقۇنۇپ كىلىپلا جۈرئەتكە چىڭ چاپلىشىۋالدى. ئۇ قورقۇپ كەتكىنىدىن لاغىلداپ تىترەيتتى. چىشلىرى كاسىلداپ ئىغىزى گەپكىمۇ كەلمەيۋاتاتتى.
   - ئۇ....ئۇ......ھاي....ۋان....
   جۈرئەتنىڭ مېڭىسىدا چاقماق چېقىلغاندەك بولۇپ كەتتى. ئۇ ئاق-قارىنى سۈرۈشتۈرمەيلا كىلىپ نائىلەنى بىر نەچچىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ قويغاندىن كىيىن كېرىم ئىككىسى بىر ھازا پومىداقلىشىپ كەتتى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن پەزىلەت غىپپىدە تىكىۋەتتى. ئۇ سىرتقا چىقىپلا تېلىفۇنىنى قولىغا ئالدى.
   -ۋەي ئانا، ئىشلار بىز ئورۇنلاشتۇرغاندەكلا پۈتتى. ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپلا پۇتۇمنى يالغاندىن قايرىۋالغان بولۇپ ئۇنىڭغا يۆلىنىۋالغانتىم. ئىشىكتىن كىرسەك كېرىم ئۆيدە بار ئىكەن.....
   - ھە، ئۇقتۇم.
   ھە راس، كېرىم ئىككىسى بەك تۇتىشىپ كەتتى. بىرەر ئىش چىقىپ قالمىسۇن يەنە. ئايىمخاچامنى بىر نەرسىلەرنى دەپ ئۆيىگە يولغا سىلىۋەت.
   پەزىلەت جەڭدە غەلبە قىلغان كوماندىردەك كۆكرىكىنى تىك تۇتقىنىچە قورودىن ناھايىتى تىزلىكتە چىقىپ كەتتى.
   ئايىمخان ئۆيگە كەلگەندە يەردە سۇنايلىنىپ ياتقان نائىلە ئاللىقاچان ھوشىدىن كەتكەن. ئۆيدە جۈرئەتنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئايىمخان دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىپ تېلفۇن ئۇرغاندىن كىيىن كىلىپ نائىلەنىڭ بىشىنى يۆلەشتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئازراق سۇ ئىچۈردى. نائىلەنىڭ ئاستا-ئاستا ھوشىغا كەلگىنىنى كۆرگەن ئايىمخان كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئازراق خاتىرجەم بولدى. بۇ ۋاقىتتا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ چىرقىراق ئاۋازى ئائىللىكلەر قوروسىنى بىر ئالغانىدى.

كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تاشقا ئويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88485
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 05:26:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگەپ كەتتىما ؟   شۇنداق قىزىقىپ ئۇقىۋاتسام

{

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1429
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 06:04:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خۇتۇن ۋاڭ كەمپىرنىڭ ئۈزىكەنغۇ نىمە دىگەن ئەسكى

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1595
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8837 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 06:41:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا       دىمەكتىن ئوزگە ئامال يوق

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6286
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 7485 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 10:30:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا قىزىقىپ قالدىم،تىزرەك يوللىسىڭىز بوپتىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش