مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

پايخان بولغان ئەقىدە ــــ پوۋىست   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88485
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 04:57:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى  قاچان  يوللايسىز

{

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88485
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 05:07:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن

{

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1223
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36345
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8013 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 06:17:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil100 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-12 06:35 PM
مارشال بۇرادەر مىسرانىمنىڭ تىما ناىدرلەش چەكلىمىسى شۇ ...

بۇ تېمىنىڭ نەرى سىزگە ياقمىدى؟
مۇنبەر دېگەن دېمكۇراتىيەنى تەلەپ قىلدىغان جامائەت سورۇنى.ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆز پىكرىنى قىلىش ھوقۇقى بار،بەلكىم،تېمىنىڭ سىزگە ياقمىغان يەرلىرى بولغان  بولۇشى مۇمكىن.
شۇ نۇقتا ئېسىڭىزدە بولسۇن،بۇ مەتبۇئات ئورنى ئەمەس،ئورتاق مۇنازىرە ئارقىلىق تېمىنى ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ ئۆزگەرتىدىغان،ھەرخىل پىكىر چەشمىلىرى ئارقىلىق ئاپتۇرنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ئۈچۈن ئىلھام مەدەت بولدىغان بىر ئۆگىنىش سورۇنى.
تېمىنىڭ سىزگە ياقمىغان ياكى بولمىغان يەرلىرىنى ئەمەلىي ئىسپات بىلەن كەلتۈرۈڭ.مىسرانىمنىڭ تېما نادىرلاش سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتكىنى يوق.بىز ھەممە ئەسەرگە ئوخشاش كۆزدە قارايمىز.بۇ تېمىنى ئوقۇدۇم،ئاپتۇرنىڭ پىرۇزا ئەدەبىياتىدىكى يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ياخشى ئىكەن.بۇ تېمىنىڭ نادىرلىنىشى مەزكۇر قەلەمكەشكە ئىلھام-مەدەت بولغۇسى.
ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

تېرىشقىن ناز. ئۈمىدۋار بول!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4405
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 08:08:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                 3-باپ


   ئازادە ھەم چىرايلىق بىزەلگەن ئابدۇرىھىم ھاجىمنىڭ قوروسى مېھمانلار بىلەن لىققىدە تولغانىدى. ئاستىغا تۈركىيەنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يۇڭ گىلىمى سىلىنغان، چەتئەلنىڭ قىممەت باھالىق ساپالىرى، ئەينەك شىرەلەر بىلەن بېزەلگەن مېھمانخانا ئۆي مېھمانلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى بىلەن قىززىپ كەتكەنىدى. ئابدۇرىھىم ھاجىم ئايدا بىر قېتىم ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى يىغىپ ئولتۇرۇش قىلاتتى. ‹‹ مۇشۇنداق يىغىلىپ تۇرمىساق، بىر-بىرىمىز بىلەن ياتلىشىپ كىتىدىكەنمىز ›› دىگەنىدى ئۇ. ئۇرۇق-تۇققانلارمۇ مۇشۇ ئۆيگە كەلسىلا خۇددى ئۆز ئۆيىدىكىدەك تارتىنماي، بەخىرامان ئولتۇرىشاتتى. بىر-بىرى بىلەن قىزغىن ھەمسۆھبەتتە بولاتتى. بالىلارمۇ ھويلىدا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈشۈپ ئويناپ، قەپەستەك كىچىك بىنا ئۆينىڭ ئازابىدىن قۇتۇلاتتى. تۇققانلار ئىچىدىكى ئوغۇل ئۆيلەيدىغان، قىز چىقىرىدىغان ئىشلار مۇشۇنداق يىغىلىشتا مەسلىھەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىناتتى. ئابدۇرىھىم ھاجىم ياشقا ھەم ھۆرمەتكە چوڭ بولغاچقا، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ‹‹ رىھىم ئاتام ›› دەپ ئادەتلەنگەنىدى. بۈگۈنكى بۇ يىغىلىش نائىلەنىڭ شەرىپىگە بولىۋاتىدۇ دىسە ئازلىق قىلمايتتى. بىر نەچچە قېتىم سىڭلىسى ئايىمخاندىن نائىلەنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئاڭلىغان ئابدۇرىھىم ھاجىم ئاتايىن بۈگۈنكى ئولتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.
   - ھە قېنى مىھمانلار، بەھۇزۇر ئالغاچ ئولتۇرۇڭلار. ھە قېنى نائىلە قىزىم، سىزمۇ مەزەلەرگە بىقىڭ.
   ئابدۇرىھىم ھاجىمنىڭ خوتۇنى شەرىپەم خېنىم مېھمانلارنى داستىخانغا تەكلىپ قىلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئابدۇرىھىم ھاجىم ئىشىك تۈۋىدىكى يۇمشاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مېھمانلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سىلىۋاتاتتى. ھەممىسى ئۆز ئالدىغا پاراڭ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن كۆزلىرى نائىلەدە ئىدى. ئۇنىڭ بۈگۈن كىيىۋالغان ئوتقاشتەك قىزىل يوپكا-چاپىنى نازۇك بەستىگە خويمۇ ياراشقانىدى. قاپقارا ئەگىم قاشلىرى ئاستىدىكى قوي كۆزلىرى، ئېقىپ چۈشكەندەك بۇرنى، گىلاستەك لەۋلىرى، سۈپسۈزۈك تۇخۇمسىمان يۈزلىرى بىرلا قارىغان كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى.
   - ئايىم ئاچا، كىلىنىڭىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن جۇمۇ !
   - كۆز تەگمىسۇن. نائىلەقىز سىزنىڭ بىشىڭىزغا قونغان بەخت قۇشى ئىكەن. ئۆتكەندە مەھەللەڭلاردىكى زۇبەرەم بىلەن پاراڭلىشىپ قالغانتۇق. نائىلەقىزنى بەك ماختاپ بەرگەن. قارىسام شۇ ماختاشلارغا لايىق قىز ئىكەن بۇ!
   - ۋاي شۇنى دىمەمسىلە. جۈرئەتجاننىڭمۇ كۆزى بار ئىكەن جۇمۇ. مۇشۇنداق توموچۇقتەك قىزنى كەلتۈرەلىگەندىكىن....
   مېھمانلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كىتىشكەن بولسىمۇ، ئايىمخانغا بىر نەۋرە تۇققان كىلىدىغان زورىخان غىجىنىپ كەتتى. چاندۇرماي بويۇن تولغىدى. نائىلەنىڭ چىرايلىقلىقى كۆرۈنۈپلا تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچى تارلىقى كۆزىنى پەردىلەپ قويغانىدى. ئەسلىدە زورىخاننىڭ ‹‹ جۈرئەتجان ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلسە قىزىم پەزىلەت بىلەن توي قىلسا، ئايىمخان ئۆلگەندىن كىيىن پۈتۈن مال-مۈلۈك قىزىمغا قالسا، بىر ئۆمۈر جاپا تارتماي يىتىپ يىسە...›› دەيدىغان غايىۋى ئارزۇلىرى بار ئىدى. مانا ئەمدى جۈرئەت نائىلە بىلەن توي قىلىپ  بولغان تۇرسا، زورىخاننىڭ ئۇ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان تۇرسا، زورىخان ئىچى تارلىق قىلماي تۇرالايتتىمۇ!
   مېھمانلارنىڭ ماختاۋىرىشىدىن ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزىرىپ كەتكەن نائىلە ئۆي ئىگىسىگە تاماققا قارىشىپ بىرىش ئۈچۈن ھويلىغا چىقتى.
   مىللى بىناكارلىق بىلەن ياۋرۇپا ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلۈپ نەقىشلەنگەن بۇ ئۆي خۇددى چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەن پادىشاھلارنىڭ ئوردىسىغىلا ئوخشايتتى. ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىشچانلىقىنى بىلىندۈرۈپ تۇرىدىغان ھويلىدىكى چاسا شەكىللىك خىشلار باھارنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىدا يالىلداپ تۇراتتى. نائىلەنىڭ ھويلىغا چىقىپلا كۆڭلى ئىچىلىپ قالدى. گەرچە ئۆي ئىچىدە ھەممەيلەن ئۆزىنى ماختاۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ ئورنىغا چىقىرىپ قويغان كىچىك بالىدەك خىجىل بولۇپ ئولتۇرالمايلا قالغانىدى.
   - نائىلە...
   نائىلە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى. بىشىغا بادام دوپپا، ئۇچىسىغا ئاق كۆينەك كىيىپ، ساقال-بۇرۇتىنى پاكىزە قىرغان، ياراشتۇرۇپ قويىۋالغان قاپقارا بۇرۇتى يىگىتلىك سالاپىتىنى ئالاھىدە نامايەن قىلىپ تۇرغان بىر يىگىت ئۇنىڭغا قاراپ كىلىۋاتاتتى. نائىلە ھەرقانچە قاراپمۇ بۇ يىگىتنى تونىيالمىدى. ‹‹ تونىيالمىغىنىم ھەقتە، چۈنكى مەن بۇ يەرگە تېخى يىڭى تۇرسام...بۇلارنىڭ بىرەر تۇققىنىدۇر بەلكىم. لىكىن نېمىشقا مىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ يۈرىيدىغاندۇ؟ ›› يىگىت نائىلەنىڭ ئالدىغا كىلىپ بولغۇچە بولغان قىسقىغىنە ئارىلىقتا نائىلە بىر تالاي ئىشلارنى ئويلاپ بولغانىدى.
   - تىشلىقمۇ. ھەجەپ تونۇمايدىغان ئادەمدەك قاراپ كەتتىڭىزغۇ. مەن كېرەم. ئۈرۈمچىدە جۈرئەت بىلەن بىز ئىككى قېتىم بىللە تاماق يىگەنغۇ!
   ئۆزلىرىدىن 3 قارار بۇرۇن ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەتكەن كېرەمنى نائىلە ئاران تەسلىكتە ئەسكە ئالدى. چۈنكى 3 يىل بۇرۇنقى ئىككى قېتىملىق  ئۇچرىشىش ئۇنىڭ خاتىرىسىدىن پاك-پاكىزە يۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ‹‹ئاخشام جۈرئەت، كېرەم ئاكام تېلفۇن قىپتىكەن دىسىمۇ بىلمەپتىمەن دىسە ›› نائىلە شۇنداق ئويلىغاچ ئۆزرە ئېيتتى.
   - كەچۈرۈڭ. ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەن بولغاچقا سىزنى ئىسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن.
   - ھىچقىسى يوق. ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كەپسىز. بۇنىڭدىن كىيىن كۆرۈشىدىغان پۇرسىتىمىز كۆپ تېخى.
   - بولىدۇ ئەمسە، مەن ھاممامغا ياردەملىشەي دەپ چىققان. كۆرۈشەمىز.
   نائىلە يەڭگىل قەدەملەر بىلەن كىتىپ قالدى. كېرىم بولسا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاچ قالغان بۆرىدەك چەكچىيىپ قاراپلا قالغانىدى.
   بىر كۈنلۈك مېھماندارچىلىق تۈگەپ ئۇلار ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەن بولۇپ، يول چىراقلىرى يىنىپ بولغانىدى. ئانىسىنى يۆلەشتۈرۈپ ئىشىكتىن كىرگەن جۈرئەت مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ساپادا ئولتۇرغاچ ئېغىز ئاچتى.
   - ئانا، قېيىنئاتا-قېيىنئانىلىرىم بىلەن تويدا بىر كۆرۈشكەنچە كۆرۈشۈپمۇ باقمىدىم. ھېلىمۇ ئىككى ئايدىن ئېشىپ قالدى. بىز شۇ تەرەپلەرگە بىر بېرىپ كەلسەك بولامدىكىن .
   - قاچانراق ماڭايلى دەۋاتىسىلە بالام.
   ئايىمخاننىڭ، كۈندىلا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلىۋاتقان كىلىنىدىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ نائىلە ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ كەلمىسە بولمايدۇ دە.
   - ئىككى ئۈچ كۈن ياخشىراق تەييارلىق قىلىپ بېرىپ كىلىڭلا. يول ئارىلىقىمۇ خېلى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى قېتىم بارماقچى بولىۋاتىسىلە ئەمەسمۇ.
   - ھەئە ئانا، دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەن يولغا چىقساق قانداق بولا؟
   جۈرئەت گەرچە ئالدىنقى كۈنىلا نائىلەگە ۋەدە بېرىپ بولغان بولسىمۇ، ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراۋاتقان قىياپەتتە سۆزلەۋاتاتتى.
   - ماقۇل بالام. ئۇنداق بولسا مەن ئەتە نائىلە قىزىم بىلەن بازارغا چىقىپ ئۇنىڭغا بىر قۇر كىيىم-كىچەك قىلىپ بىرەي. قۇدىلارمۇ خاتىرجەم بولۇپ قالسۇن.   -بولدى ئانا، نېمانداق كايىپ كىتىلا. تېخى تويلۇق ئالغان كىيىملەرنىڭ ھەممىسىنى كىيىپمۇ بولالمىدىم.
   نائىلە خۇشال بولۇپ ۋارقىرىۋىتىشكە ئازلا قالغان بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋالغانىدى.
   -شۇنداق بولسىمۇ قىزىم، ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ بۇ يەردە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىڭىزنى ئۇقۇپ قالسۇن. يېراق يەرگە قىزىنى يولغا سىلىپ قويغان ئاتا-ئانىنىڭ كىچە-كۈندۈز ئويلايدىغىنى ‹‹ قىزىم قانداقراق تۇرغاندۇ ›› دىيىش بولىدۇ. گەرچە مەن يېراق يەرگە قىز ياتلىق قىلىپ باقمىغان بولساممۇ، مەنمۇ بىر ئانا. قۇدىلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىمەن. سىز مەن دىگەندەك قىلسىڭىزلا بولىدۇ قىزىم.
   مەسلىھەت پۈتتى. قېيىنئانىسى ھەم يولدىشىدىن خۇشال بولغان نائىلەنىڭ قاپقارا قوي كۆزلىرى ياشلاندى. بۇ ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان يۈرىكىنىڭ خۇشاللىق يىشى ئىدى. بۇ قېيىنانىسى ھەم يولدىشىدىن مەمنۇن بولغان رازىمەنلىك يىشى ئىدى. بۇ ئۆزىنىڭ بەختىدىن پەخىرلىنىۋاتقان ئىپتىخارلىق، مەمنۇنىيەتلىك كۆز يىشى ئىدى.

كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تاشقا ئويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86721
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2013-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 08:54:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنا بىز ~

بۈگۈن قۇرۇپ قالغان گۈلنىڭ بەرگىگە ئەتىكى يېڭى ھاياتنىڭ ئۇرقى يوشۇرۇنغان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9121
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2675 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 10:40:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل تېما بوپتۇ،بىراق داۋامىنى قاچانراق كۆرۈشكە نېسىپ قىلار؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53959
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3077
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 02:08:45 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل ئەسەر بوپتۇ، ئاخىرىغا تەشنامىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83809
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3112
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-8-12
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 02:51:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ ئەسىرىڭىز .........رەھمەت سىزگە!ئاخىرىنى قاچانمۇ يازارسىز؟...

مەغلۇبىيەت-مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئانىسى!

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2381
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 83241
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9414 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 12:07:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئو ما تېمىنى مۇشۇ يەردە كۆرۈپ خۇشال بولدۇم! شۈكراندىن ئوتلۇق سالام!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazpari + 10 رەھمەت.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ، ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش! پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن، خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2381
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 83241
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9414 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 12:14:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن ئاخرىنى يازماپسىز. ئوقۇپ بولغان يەردە تۇرۇپسىز. ئاستا-ئاستا توختۇلۇپ، مۇكەممەل يېزىڭ. سەبىرنىڭ تېگى ئالتۇن. تولۇق، مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرشىڭىزغا تىلەكداشمەن!

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ، ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش! پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن، خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش