بۈگۈن تاساددىپىي پۇرسەتتە ، جەۋھەر يازما قاتارىنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئالغان قاراخان نامىدا يېزىلغان "ئەدەبىي تەخەللۇسنىڭ نومۇس تۇيغۇسى" دېگەن تىمىدىكى بىر پارچە ئەسەرنى ئوقۇپ قالدىم .
ئوقۇدۇم .
ئوقۇغاندىن كېيىن ، بۇ يازما مېنى شۇنداق چوڭقۇر نومۇس ھاڭلىرىغا تاشلىدىكى ، ئاھ ، مەن ئۆزۈمگە ، ئۆزۈمدەك مۇشۇنداق ھاڭگىرت پېيىدىنمۇ يەڭگىل بىر كىشىگە ، " نومۇس قىلماستىن " ، " تەپ تارتماستىن " ، يۈز دېگەننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ ، " ئەزىزان " دېگەن نامنى تەخەللۇس قىلىۋاپتىمەن . مەن بۇنىڭدىن ھازىر تولىمۇ ئېغىر ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمان ئىچىدە ئازابلىنىپ تۇرۇپ بۇ تەكشۈرۈشنامىنى يازماقتىمەن .
شۇنداق .
بۇ ئەزىزان دېگەن نام سۆز غولىدىن مەلۇم ئېرۇركى ، ئەزىز ماكاندا ياشىغان ياكى تۇغۇلغان بىراۋ ( ان قوشۇمچىسىدىن ئەرلىكى مەلۇم )غا قارىتا ئېيتىلىدىغان سۆز ، بۇنىڭدىن مەنا ئەزىز بولغۇچى ، ئەزىزلەنگۈچى دەپ چۈشەنسەك توغرا . لېكىن بۇ سۆز ئۇزۇن يىللار تارىخ مابەينىدە ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەزىزانە دېگەن سۈپىتىگە مائىللىشىپ ، قەشقەرلىك دېگەن ئالاھىدە مەنىنىمۇ ئۆزىگە ھازىرلىغان .
بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، مەن شۈبھىسىزكى ماھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇستازىنىڭ ، " تەزكىرەئىي ئەزىزان " ۋە ئۇستاز ئەزىزاننىڭ ، ئۇستاز موللا مۇھەممەد قەشقەرىنىڭ ... شۇنىڭدىن سىرت يەنە بىز بىلىپ بولالمىغان لېكىن نۇرغۇن ئېسىل ئۆتكەن ، ئۆچمەس ئىزلارنى قويۇپ كەتكەن ئەجدادلارنىڭ يۈزىگە كاكۇل لاي سۇۋىغىلى تۇرۇپتىمەن . مېنىڭ بۇ سۆزنى ئۆزۈمگە قەلەم نامى قىلىپ تاللىشىم تاساددىپىي پۇرسەتتىكى ئېلھامدىن كەلگەن ئىدىكى ، ئۇلارغا ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا ، ھەتتاكى دۇنيا مەدەنىيىتىگە بۇنداق خىيانەت قىلىپ قويۇشۇمنى ئويلاپ يەتمىگەن ئىكەنمەن . نومۇس !
ئەمدى مۇشۇ يازمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك .
1. تىلداش قاراخاننىڭ كەلتۈرگەن ھەدىسىدىن مەلۇم بولۇپ ، " قىيامەت كۈنى سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتاڭلارنىڭ ئىسىمى بىلەن چاقىرىلىسىلەر " دېگەن ئىبارىدىن شۇنچە خۇش بولدۇمكى ، زىممەمدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك بولدۇم ، چۈنكى مۇشۇ ئەزىزان دېگەن ئېغىر نامنىڭ قىيامەتتە چاقىرىققا تاقاشمايدىغانلىقى ، ئىزانى شۇ يەردىمۇ ئىشتماي ، پەقەت مۇشۇ مىسرانىم مۇنبىرىدە ئىشتىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ خۇش بولدۇم . بولمىسا بۇ نومۇس تېخىمۇ يوغىناپ كېتەتتى ئىكەن .
2. مېنىڭ يەنە ئەنسىرىگىنىم قاراخان ئەپەندى دېگەن " سايمانغا ساپ بولمايدىغان " نەدىكى ئەرزىمەس ، دەپدەپىسىز ، داۋراڭسىز ، سۆلەتسىز تەخەللۇسنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن يازارلارنىڭ ئەھۋالى بولدى . قانداقراق تەخەللۇسنىڭ سايمانغا ساپ بولالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق تەخەللۇس جەمئىيىتىدىن بىرەر ئۇقتۇرۇش ئۆلچەم بارمۇ يوق ، ياكى ساپلاپ كۆرۈپ باقىدىغان بىرەر سايمان بارمۇ يوق ، بۇنىسىدىن خەۋەرسىز قاپتۇق . لېكىن ، ئەسەردە بىر قىسىم تىلغا ئېلىنغان " شەۋقىي " ، " چوغلۇق " ، " تۇغلۇق " ، " كۆلتەكىن " ، " ئەركى " ۋە ياكى " شەيدائىي " ، " نەۋائىي " ، " لۇتفى " ، " يۈكنەكى " دېگەندەك پاساھەتلىك ، قەھرلىك ، ئېسىل دۇردانىلەردىن تەركىب تاپقان ئەدەبىي تەخەللۇسلارغا سېلىشتۇرغاندا ، " تەكلىماكانىي " دېگەنگە ئوخشاش ساپسېرىق قۇم دۆۋىسىنى كۆرسىتىدىغان ، " دىھقان " قاتارلىق تۆۋەن قاتلام خەلق ئاممىسىنى كۆرسىتىدىغان بۇنداق تەخەللۇسلار سايمانغا قانداق ساپ بولالىغاي ... بۇلار بۇ ماقالىنى كۆرگەن چېغىدا " ئەدەبىي تەخەللۇسنىڭ نومۇس تۇيغۇسى " غا مەندىنمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ كېتەرمۇ ...
3. " ئەدەبىي ئەسەرنىڭ نومۇس تۇيغۇسى " دا دېيىلگەن " ئەپسۇسكى ئەدەبى تەخەللۇسنىڭ ئوخشىتىلىىشى ،تەقلىد قىلىنىشى ،دورىلىشى ،كۆچۇرىلىشى،تەكرارلىنشى ،ئۆزگەرتىلىىشى ،ياسىلىىشى قانۇن -نىزاملارنىڭ ياكى تەخەللۇس ئىگىسنىڭ قارشىلىق ،نارازىلىق ،ئەيىپلەش،چەكلەش،توسالغۇلىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە خالىلىققا ئىگە بولسىمۇ ، شائىر-يازعۇچىلارنىڭ ،مەتبۇئات-نەشرىيات،گىزىت-ژورنال سەھىپىلىرىدە ھەتتا بىر قىسىم تور ئەدەبىياتىدا قوللىنىۋاتقان تەخەللۇسلىرىمىزنىڭ قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن ،قىسمەن ياكى پۇتۇنلەي ئوخشاپ قىلىشلىرى ،كۆچۇرىلىشى ،ياكى تۇزۇت -تەكەللۇپسىزلا تارتىۋىلىنىشى كەسپى ،ئىدىيىۋى ئەخلاقىمىزنىڭ نەپرەت نەزىرىدىن مۇتلەق خالىلىققا ئىگە بولالىشى ناتايىن. شۇڭا كېسىپ ئېيتىمەنكى ، تەقلىدچىدە ھەقىقەتەن ئەركىنلىك ،خاتىرجەملىك ئەمىنلىك روھى ھالىتى كەمچىل بولىدۇ ‹‹خۇددى ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك -پوك ››-دىگەندەك ،باشقىلارنىڭ ئەدەبى تەحەللۇسىنى تەپ تارماستىن دوراپ ئىشلىتىش،ئەينەن كۆچۇرۇۋىلىش ، تەكرارلاش ھادىسسى ماھايەت جەھەتتە ئېغىر سەلبى ھادىسە بولۇپ ئۇ نېگىزىدىن ئالغاندا:
بىرىنچىدىن-شۇ تەحەللۇسنىڭ ئىناۋەت كۇرسىنى يەرگە ئۇرعانلىق.
ئىككىنچىدىن-شۇ تەحەللۇسنى ئاۋۋال ئىشلەتكۇچىنىڭ قەلبىگەھۇجۇم قىلعانلىق.
ئۇچىنچىدىن-ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى، سىياسى ،كەسپى ساپاسىنىڭ چولتىلىغىنى،مەنىۋى نامراتلىغىنى،بەدئى دىتسىزلىغىنى،بىپەرۋالىغىنى ئاشكارىلىغانلىق.
تۆتىنچىدىن -ئۇيغۇر تىلى يەنى ‹‹ئانا تىلى››مىزنىڭ شانۇ شەۋكىتىنى،ئۇنىڭ لۇغەت بايلىقىنى ،مۆلچەرگە يەتمىسىمۇ مۇمكىنچىلىككە يىتىدىغان ئىچكى قۇۋۋىتىنى دەڭسەپ،سىلىشتۇرۇپ ،قىدىرىپ تەكشۇرۇپ كۆرمىگەنلىك. ھەتتا ئۇنى ئىستىخيىلىك ھالدا چۆكتۇرۇشكە ئىختىيارى ئىشتىراك قىلغانلىق.ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى تەشۋىش ئىزتىراپقا،،باشقىلارنى ئورۇنسىز ئىختىلاپقا سالغانلىق بولىدۇ ئەلۋەتتە. "
دېگەن ھېكمەتلىك بۆلەكلىرىنى ئاساس قىلغاندا ، مەنغۇ نومۇسنى باياتىنلا خېلىخوپ ئىشتىۋاپتىمەن ، شۇنىسى قەشقەرى ۋە ئەزىزان دېگەن نامنى تەخەللۇس قىلغان باشقا ئۇستازلار ، ئۇيغۇر پەن-مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس بابلارنى يېزىپ قالدۇرغان شۇ ئەجدادلار مۇشۇ تۆت خىل نومۇسنىڭ كاتېگورىيىسىگىمۇ كىرىپ كېتىپ قاپتۇ . قەشقەرىلەر ماھمۇد قەشقەرىنىڭ ، ئەزىزانلار پەلسەپە تارىخىدىكى ئابىدە ئۇستاز ئەزىزاننىڭ ، سايرامىلار موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئىززىتىنى سېتىپ يەپ بولۇشتىن سىرت يەنە كەسپىي ساپاسىنىڭ نەقەدەر چولتىلىقىنىمۇ ئىپادىلەپ قويۇپتۇ .
شۇنىڭ ئورنىغا ئۇلار ئۆزى ئايرىم تەخەللۇس قىلسا بولمامدۇ ؟ نېمىشقا خەقنىڭكىنى دورىۋالىدۇ ؟
4. قاراخان ئەپەندىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇر تىلى تۈرك تىللارنىڭ تاكامۇللىشىشىغا نۇرغۇن ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتەلەپتۇ . مەنغۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قاچانلاردىن بېرى ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتىلىپ باشقا تۈركىي تىللارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى بولغان قىرغىز تىلىغا ، رىشاد نۇرى گۈنتەكىنگە ئوخشاش يېرىك دۇنياۋىي ئەدىبلەر كۆرۈلگەن تۈرك تىلىغا قانداق بىر تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تازا ئېنىق بىلمەيمەن . يەنە قاراخان ئەپەندى دېگەن " سەردار ئەدەبىي تىل " نىڭ قايسى بىر گۇرۇپپا تىللارغا سەردار بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن . ئەلۋەتتە ، بۇ مېنىڭ بىلىمسىز چولتىلىقىم . مېنىڭچە ، مۇشۇنداق نوچى ، پاساھەتلىك ، ئېسىل تىل-يېزىقىمىز بولغانىكەن ، بۇنىڭدا سۆزلۈك ئامبىرىمىز چوقۇم ناھايىتى زور ، شۇڭا تەخەللۇسنى قايتىلاپ دوراپ ئىشلىتىشتىن ، ۋە شۇ ئارقىلىق تۈگىمەس پۈتمەس تەخەللۇس نومۇسىغا قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، بىز شۇ سۆزلۈك ئامبىرىمىزدىكى سۆزلەرنى ساناپ چىقايلى . ساپ ئۇيغۇر سۆزلۈكى بولغان سۆزدىن مىڭنى تېپىپ چىقىپ ، بۇ مىڭنىڭ يۈز دانىسىنى مۇشۇ قاراخان ئەپەندى مەخسۇس زاپاس ئېلىپ قالسۇن ، قالغىنىنى باشقا ئۇيغۇرلار تەخەللۇسقا ئىشلەتسۇن . تەخەللۇس يەتمىگەنلەر تەخەللۇس قويماي يېزىۋەرسىمۇ بولىدۇ ، ھامان بىز ئاسماننى يېرىۋەتكۈدەك بىر نەرسە يازالمىغاندىكىن . ھەتتا بەزىلەرنىڭ ھاياتىدا يازغان ئەڭ پاساھەتلىك جۈملىسى پەقەت ئۆزىنىڭ تەخەللۇسى خالاس .
ئاخىرىدا ، نومۇس قىلايلى ، ئېغىر نومۇس قىلايلى . بىز ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دەپ تۇرۇپ يەنە ئۇيغۇر ئەجدادلارنىڭ نام-بەلگىلىرىنى يەرلىكتىن كولاپ چىقارغاندەك ئوغرىلاپ ئىشلەتكەنلىكىمىزدىن نومۇس قىلايلى . سايمانغا ساپ بولغۇدەك تەخەللۇس قويايلىيۇ ، يەنە شۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامدىمەن يوق ئويلىشىپ قويايلى . تارىختا كۆرۈلگەن " نەفىسە " ، " شەھىدى " ، " ئەزىزى " دېگەندەك تەخەللۇسلارنىڭ سايمانغا ساپ بولغان بولمىغانلىقىنى ، شۇلار ھۆددىسىدىن چىقالىغان چىقالمىغانلىقىنى ، ھازىرچە سايمان زاۋۇتىدىن خەۋەر بولمىغاندىكىن ، شۇ قاراخان ئەپەندى بىر نەرسە دەپ بەرسۇن .
---ئەزىزان---
2013-يىلى 15-يانۋار
( قەشقەر )
( ئاپلا ، يەنە ئەزىزان دەپ يېزىۋاپتىمەنغۇ نومۇس قىلماي . بوپتۇ ، يېڭىسى تەقسىم بولغۇچە مۇشۇ تۇرۇپ تۇرسۇن )