qaraxani يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 11:12 AM
ھەر بىر كىشىنىڭ ياشاش لوگىكىسى ئوخشىمايدۇ،ياخشى ئىش ...
گەپ ئېغىزىڭىدىن چىقىپ بولدى، ھەر قانچە سۆزلىگەن بىلەن قايىل بولمايدىغانلىقىڭىز ئېنىق، ئەمما سىزنىڭ قارىشىڭىز جىڭ باسمايدۇ، ھەممە كىم ئۆز خالىغان، ياقتۇرغان ئىسىمنى قويىدۇ، سىز ھەر قانچە كۆپۈپ سۆزلىگەن بىلەنمۇ «ئۆزگەرتىپ» بولالمايسىز...
ئەمما، يەنە بىر رېئاللىققا ئىدىيىۋى تەييارلىقىڭىز بولىشى كېرەك، كېيىنكى ئەۋلادلاردا موشۇنداق پاساھەتلىك تەخەللۇسلارنى قويىدىغانلار چىقامدۇ چىقمامدۇ بىر نېمە دېمەك تەس، يا چەتئەلچە قويىدۇ، يا خەنچە قويىدۇ.
قوش تىللىقتا ئوقىغانلار «三ئۈچۈن»، «三سىز» دېگەندەك ئەبجەش تەخەللۇسلارنى (يا تور ناملىرىنى) قويىدۇ ھەم قويۇۋاتماقتا...مىنكوخەنلەر چەتئەل بۇزۇقلىرىنىڭ يا خەن بۇزۇقلىرىنىڭ ئىسىملىرى، مودا بولغان ئىسىملارنى قويىدۇ ھەم قويۇۋاتماقتا....شۇ چاغدا ھازىرقى مۇستەبىتلىكىڭىزدىن پۇشايمان قىلىسىز...سىز يېڭى بىر ئەۋلادلارنى يېتەكلىمەكتە يوق چەكلەۋاتىسىز...تەلەپ زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتتى، دۇنيادا تۇغۇلغان ئادەملا ئالىم، پەن-تەتقىقاتچى بولۇپ كېتەلمەيدۇ، غايىسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا بولدى...
تەنقىدلەشكە توغرا كەلسە «يازغۇچىلار مۇنبىرى» غا كىرىپ شۇلارنى تەنقىدلەش كېرەك، بىر توپ خيالپەرەسلەر، ھېچ بىر ئىشىنىڭ تايىنى يوق، گېپى يوغان تېخى...