مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Azizan

«ئەدەبىي تەخەللۇسنىڭ نومۇس تۇيغۇسى»دىن نومۇس تۇيغۇسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2942
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Azizan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 06:15 PM
مەن قاراخان ئەپەندىنىڭ مۇشۇ نەپرەت ئوتتۇرىغا قويغان  ...

‹‹نەپرەت›› تېخى سىز دىگەندەك دوپپامنى ئالدىمغا قويۇپ ئويلاشقۇدەك پىكىرنىڭ قۇلۇپىنى ئاچمىدى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 09:36:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 11:48 PM
سىز دىگەن تەخەللۇس ساھىبلىرىنى چوقۇم قوللاش كېرەك ئە ...

مانا  مانا...ئۆزىڭىزنىڭ گېپىگە ئۆزىڭىز ئەمەل قىلمىدىڭىز، ئۆزىڭىزنى گېپىنى ئۆزىڭىز ئىنكار قىلدىڭىز....ئەمىسە نېمىشقا ئۆزىڭىزنى تەخەللۇسىنى ئاق خانى، كۆك خانى...قىزىل خانى....دەپ قويمىدىڭىز؟!  شۇنداق قويسىڭىز  «رەڭدارلىقى» نى ئاشۇرمامتىڭىز؟!!!  قاراخان، قاراخانى دېگەن تەخەللۇسلارنى ئىشلەتكەنلەر كۆپ ئىدىغۇ....؟!
تەخەللۇس دېگەننى ھەممە ئۆزى ياقتۇرغاننى،  ياخشى كۆرگەننى قويىدۇ....رەڭدارلىقىنى ئاشۇرىمەن دەپ تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن سۆزلەرنى تاپامتى ئەمىسە....(خۇددى بىرىگە ئېلخەت يوللىغاندا ئادرىسىنى خاتا يېزىپ قويسام، قايتۇرۇۋېتىپ، كەچۈرۈڭ سىز يازغان ئادرېس تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنىڭ ئادرىسى ئىكەن، يوللاپ بېرەلمەيمىز دېگىنىدەك)
خەقنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈشى،  نېمىنى خالىشى ئۆزىنىڭ ئىختىيارى، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشۈرسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2942
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:03:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن دەسلەپ ‹‹قاراخان››دەپ تىزىملاتقان،نەتىجىدە بۇ ئىسىم بار دەپ سىگنال كەلدى،شۇندىن كېيىن بۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزۈمنى باشقىلاردىن بۇرۇن ئىشلەتكەن دەپ قاراپ بۇ ئىسىمغا ‹‹ئى››قوشۇمچىسىنى قوشۇپ سۈپەتلىدىم.بىر تورداش بۇ مېنىڭ ئىسمىم دەپ زاكونلاشتى،ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىسىمنى ئىشلەتكەن ۋاقتى مەندىن ئىككى يىل كېيىن بولۇپ چىقتى،ئەندىكى گەپ بۇ ئىسىمنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يازمىللىرىنىڭ ‹‹رەڭدارلىغى››مەسىلىسى بولدى،كىم مۇشۇ ئىسىمدا ئۇتۇپ چىقالىسا جىڭ ‹‹قاراخان ››دىگەن شۇ ،ئۇنىڭغا يېتەلمىگىنى ئەلۋەتتە  جا‹‹قاراخان››،ئادەمنى ئىسمىغا قاراپ ئەمەس ئىشىغا قاراپ باھالايدىغان ئىشمۇ بار.مەن چوقۇم رەڭدار بولسۇن دەپ شۇئار توۋلىمىدىم پەقەت شۇنداق بولۇشنى تەشەببۇس قىلدىم،ئەگەر تاشقى پىلانېتتىكىلەرنىڭ زۇۋانىنى بىلىدىغانلار بولسا ئۇنى بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغاننىڭ زىيىنى يوق. ئىسىم ياكى تەخەللۇسنىڭ خالىغىنىنى تاللاشقا بولىدۇ ،ئۇ بىر ھوقۇق مەن بۇنى ماقالىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بىراق خالىغاننى تاللاپ خالىغاننى قىلىشقا بولامدۇ يوق ؟ مەسىلەن سىز تەخەللۇسنى ‹‹خەنجەر››‹‹ئۆتكۈر››قويىۋېلىپ ‹‹قەلەمتۇراچ››ياكى‹‹ گال››غا ئايلىنىپ قالسىڭىز قويغان نامىڭىزغا قانداق يۈز كېلەلەيسىز،ئەگەر تەخەللۇسنى ‹‹كەپسىز››‹‹خۇشخۇي››‹‹شوخ ئەركىن››قويۇۋېلىپ ‹‹يۇۋاش››‹‹توڭ قاپاق››‹‹مۆڭ ئەركىن››بولۇپ قالسا ،ئۆتكەنكى ئېتوتتىكى ئىسمىنى ‹‹ئىبادەت››قويۇپ بىر قېتىممۇ ناماز ئوقۇمىغان،ئىسمىنى ‹‹يولۋاس››قويۇۋېلىپ كېچىسى يالغۇز تالاغا چىقالمايدىغان ،ئىسمىنى ‹‹ئىمام››قويۇۋېلىپ مەسچىتنى تاپالمايدىغان شاڭخۇغا قالىدىغان ئىش بولمايدۇ،تەخەللۇسنى ئوخشۇتۇپ قويغانلار يەنە ئوخشۈتۈپ يازالىسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى،مەسىلەن ‹‹قەشقىرى››قويغانلار مەھمۇد قەشقىرىدەك يازالىسا،‹‹ئۇيغۇر››قويىۋالغانلار ئۇيغۇردەك ياشىيالىسا؟!

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355826
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3049 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 05:47:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 11:03 AM
مەن دەسلەپ ‹‹قاراخان››دەپ تىزىملاتقان،نەتىجىدە بۇ ئى ...

سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزنى كىم ئويلىمايدۇ ؟
لېكىن سىز دېگەندەك قەشقەرى دەپ تەخەللۇس قويغانلار ماھمۇد قەشقەرىدەك بىر نەرسە يازالىسا ئاندىن تەخەللۇسقا يۈز كېلەلەيدىغان ئىش بولسا ، ئەمىسە بۇ يۇرت بۇ ئەلدە تەخەللۇس قويالايدىغان كىم چىقىدۇ ؟
دېمەك ئۆزىڭىز ئەسلى يازمىدا دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇس ئەدەبىيات سەۋىيەسىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى بولغانىكەن ، ئۇيغۇرلاردا قانداقمۇ ئەدەبىيات سەۋىيەسى بولسۇن ؟ بۇ لوگىكىدىكى زىتلىقمۇ ياكى سىزنىڭ ئىددىيەۋىي ئۆزگىرىشىڭىزمۇ ؟

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 11:03 AM
مەن دەسلەپ ‹‹قاراخان››دەپ تىزىملاتقان،نەتىجىدە بۇ ئى ...

قانداق قويۇش مەسىلىسى ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ئۈچۈن قانچىلىك كۈرەش قىلغانلىقىدا، ھەممە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بولىدۇ، ئۆزىگە «ئۇيغۇر» دەپ تەخەللۇس قويغانلار ئېھتىمال بىررەر يېتىم-يوقسۇلغا ياردەم قىلالىسا، كۆپرەك ياخشى ئىش قىلسا،  (گەرچە داغدۇغىلىق ئىشلارنى قىلمىسىمۇ)، دىندىن ئازمىسا، يامان ئىش قىلمىسا« مەن ئۇيغۇردەك ياشىدىم» دېيىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇق ئۆلچىمى شۇنداق بولۇشى مۇمكىن....«قەشقەرى» دەپ تەخەللۇس قويغانلار ئېھتىمال خەلققە پايدىلىق 2-3 كىتاب نەشر قىلدۇرالىسا ئۆزىنى مەھمۇد قەشقىرىدەك ياشىدىم دەپ قارىشى مۇمكىن....
ئھېتىمال بەزىلەر ھېچ ئىش قىلالمىسىمۇ لېكىن ئۆز نىشانى ئۈچۈن كۈرەشكەن، تىرىشقان، قان-تەر سەرپ قىلغان بولۇشى مۇمكىن...
ئىشقىلىپ سىزنىڭ ئۆلچىمىڭىزدە ياشىمايدۇ...پەقەت ئۆز نىشانى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىكەن، قوللىشىمىز، مەدەت بېرىشىمىز كېرەك.
«سەن چوقۇم تەخەللۇسىڭىزغا خاس ئىش قىل، بولمىسا غىت قىس» دەيدىغان مۇستەبتلىك ھەرگىز ئاقمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2942
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 10:50:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Azizan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 05:47 PM
سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزنى كىم ئويلىمايدۇ ؟
لېكىن سىز دېگ ...

بۇ ئەل ،بۇ يۇرتتىكى قېرىنداشلىرىمىز مەھمۇد قەشقەرىدەك بىر نەرسە يازالمىسا ئۆزىنى مەھمۇد قەشقىرى دەپ ئاتىۋېلىپ يۈرسە بولىۋېرىدۇ دەپ قارىسىڭىز بۇ ئۆزىڭىزنىڭ كۆزقارىشى،بىراق قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز بولىشى كېرەك،ئۇ ئىسىمنى ئۆزىگە قويۇۋېلىش بىر خىل ئىپتىخار ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلسىمۇ،بىراق قۇرۇق نام ئاتاق بىھۇدە مەغرۇرلۇق بىزگە ھېچنىمە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ،‹‹قەشقىرى›› بولالمىغانلارھېچ بولمىسا‹‹يۈكنەكى›› ‹‹سايرامى››بولسىمۇ‹‹نىمشېھىت ›› ‹‹ئېركى››بولالىسىمۇ مەيلىتى،مەن ‹‹سىپارتاك››دەپ‹‹سادىر››مۇ بولالمىسىڭىز مەن‹‹چاپايۇپ››دەپ‹‹پاۋىل››مۇ بولالمىسىڭىز ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمىز ‹‹شام›› ياكى‹‹مەشئەل››نى كۆتۈرۈپ ‹‹يۇلتۇز››دىسىڭىز،ئۆزىڭىزنى ‹‹ئاي››غا ئوخشۇتۇپ  ‹‹قۇياش››مۇ بولدۇم دىسىڭىز ھەر نەرسىنىڭ ماھايەتلىك پەرقى بولامدۇ.تەخەللۇس ئەلۋەتتە بەلگىلىك ئىچكى ساپا،بەدئى دىت ،ئەدەبىيات سەۋىيىسى بويىچە تاللىنىدۇ،ئۇ لەقەم ئەمەس، بەلكى قەلەم ئىسمى .بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قەلەم تۇتالايدىغان ئادەملەر قويىدىغان ئىسىم ئىكەنلىكىدەك كېلىش مەنبەسى پۇراپ تۇرىدۇ.ئۇيغۇرلاردا ئەدەبىيات سەۋىيىسى يوق دىيىشكە قانداق ئاساسىڭىز بار،مەشرەپلەردە ،كېچىلىكلەردە چاۋاك چېلىپ ئولتۇرغان تاماشىبىنلار ئەدەبىيات سەنئەت جەھەتتە ئاز-تولا خەۋىرى بولمىسا ئۇ يەرگە يىغىلىۋېلىپ نىمە ئىش قىلىدۇ،بۇ يەردە لوگىكىدىكى زىتلىق مەسىلىسى مەۋجۈت ئەمەس،چۈنكى مەن،مېنىڭ نەيزەم ھەرقانداق قالقاننى تېشىۋېتەلەيدۇ،دەپ كەينىدىنلا  مېنىڭ قالقىنىمنى ھەرقانداق نەيزە تېشىۋىتەلمەيدۇ دىمىدىم،بۇ يەردە ئىدىيىۋى ئۆزگىرىشمۇ مەۋجۇت ئەمەس،چۈنكى مەن يۇك ئارتىشنى ئېغىر كۆرۈپ ‹‹تۆگەقۇش››،ئۇچۇشنى ئېغىر كۆرۈپ‹‹تۆگە››بولىۋېلىش خىيالىدا گەپ قىلمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2942
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 11:12:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Naprat2009 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 11:15 PM
قانداق قويۇش مەسىلىسى ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ئۈچۈن  ...

ھەر بىر كىشىنىڭ ياشاش لوگىكىسى ئوخشىمايدۇ،ياخشى ئىش قىلىپ ئەل ئارىسىدا‹‹غېنى لېي فىڭ››ئاتالغانلار بىلەن قەلەم تۇتۇپ ئەل ئارىسىدا ‹‹قەشقىرى ››بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئومۇمەن ئەلگە ئۆزىنى بېغىشلىغان ‹‹پىدائىلار ››بولسىمۇ ھەممىنى ‹‹قارىغاي››ياكى‹‹توغراق››دەپ تەرىپلەشكە بولمايدۇ ،ئەگەر ئۇنداق دىسەك ئۇلاردىكى خاسلىق،يىگانىلىق يوققا چىقىدۇ،‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانە ئەسىرى ،ئارىمىزدىن بىرى چىقىپ ئۆزىنى‹‹ خاس ھاجىپ››دەپ ئاتىۋېلىپ ‹‹تاققا-تۇققۇ››توپلامدىن بىر-ئىككىنى چىقىرىپلا مەن ‹‹يۈسۈپ-خاس ھاجىپ››تەك ياشىيالىدىم دىسە بىزمۇ ئۇنى راست ‹‹يۈسۈپكام››دەك ياشىدى دىسەك بىزنىڭ بۇ ھالىمىزغا باشقىلارمۇ تاڭ قالىدۇ،ھازىرغىچە كىم يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك شاھانە داستاننى يېزىپ چىقالىدى ،‹‹رابىئە -سەئىدىن››ياكى ‹‹قەشقەر كېچىسى››ياكى ‹‹يۇلتۇزلار يۇرتى››دىگەن داستاننى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ‹‹ئۆتكۈر ››ئەپەندى ‹‹ئارسلان››لارنى يۈسۈپتەك ياشىدى دىسەك بولامدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭدى ياكى روھىغا ۋارىسلىق قىلدى....‹‹قوڭنىڭ سۆلى بولسا ،چېكىگە گۈل قىسىش كېرەك››بولمىسا سىز دىگەندەك غىت قىسىش كېرەك...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 06:29:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم «Azizan» ئەپەندى
    مەن سىزنىڭ خېلىلا ئۇقۇمۇشلۇق كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى بەزى يازمىلىرىڭىز ئارقىلىق جەزىملەشتۈرگەن ئىدىم.  «ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ» دېگەن سۆزنى سىزگە قارىتىپ ئېيتىشتىن بەكلا خىجىل بولىۋاتىمەن... سەمىمىيەتنى ئالدىنقى شەرت قىلغىنىڭىزدا،  «qaraxani»نىڭ يازغان ماقالىسىنى مۇئەييەن تەپەككۇر چۇڭقۇرلىقى بىلەن يېزىلغان ياخشى ئەسەر -دەپ باھا بېرىشىڭىزگە ئىشەنچىم كامىل...   

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355826
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3049 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 07:23:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tarurum يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 06:29 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم «Azizan» ئەپەندى
    مەن سىزنىڭ خېلىل ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام . رەھمەت .
سىز ئىنكاسلاردىكى مەن ۋە قاراخان ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئورتاقلىقىغا دىققەت قىلسىڭىز ، مېنىڭچە ئۇ ماقالمۇ ئاغزىڭىزدىن چىقماي قېلىشى مۇمكىن . قانداق دېدىم ؟
مەن قاراخان ئەپەندىگە ئاچچىقلىمىدىم ، ھەم ئۇ ئەسەرنى ئىنكار قىلمىدىم . مەن بىر ئالدىراش ئادەم ، تورغا ئىنتايىن ئاز چىقىمەن ،  ئەكسىچە قاراخان ئەپەندىنىڭ شۇ ماقالىسىگە مۇشۇنچە كۈچەپ ئاغزىمدىن سېسىق گەپنى ياغدۇرۇپ كىنايە خاراكتېرىدە تەنقىد يازغىنىم ، شۇ ماقالىنىڭ مەن تەنقىدلىگەن جايلىرىدىن باشقا يېرىگە قايىل بولغانلىقىمنى ، شۇنداقلا شۇ ماقالە ماڭا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر قوزغىيالىغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس دەپ قارايمەن .
مېنىڭچە ، قاراخان ئەپەندى ھەرگىز بۇ يازمىنى دۈشمەنلىك ھالىتىدە ئوقۇمىدى ۋە ئۇنداق چۈشەنمىدى ، مانا بۇ ئەركەكلەرنىڭ ئارىسىدىكى نورمال ۋە ئەركىن-ئازادە سۆھبەت بولدى ، مەن قاراخان ئەپەندىنىڭ كېيىنكى ئىنكاسلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالدىم .

يېتەرسىزلىكىمنى تۈزىتىشكە تىرىشىمەن .

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 09:12:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     «Azizan » ئەپەندى! مەن «qaraxani»نىڭ ماقالىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم، ئۇ پەقەت سىزگىلا ئەمەس،  تور ۋە نەشىر تەخەللۇسىدىكى ھەممىمىزگە مۇئەييەن بۇرۇچ تۇيغۇسى تەۋسىيە قىلغاندەك قىلىدۇ...

    «مانا بۇ ئەركەكلەرنىڭ ئارىسىدىكى نورمال ۋە ئەركىن-ئازادە سۆھبەت بولدى» دېگەن ئاگاھلاندۇرىشىڭىزغا قارىغاندا، پېقىر بۇ مۇنازىرىگە مەزلۇم سۈپەت قىستۇرۇلۇپ قېلىش بەدىلىگە ئىككى ئېغىز لىللا سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېگە بولغان ئوخشايمەن...

   مەن ئىلگىرى «باغداش تورى»دا «qaraxani» ئەپەندى بىلەن «قاراخان» تەخەللۇسى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك مۇنازىرە قىلىشقان ئىدۇق:

    «qaraxan»نىڭ ئىنكاسى:
[ئۇنىڭ تارىخى مەنىسى ھەم مەدەنىيەت قاتلىمىماكان زامان بويىچە ئۆزگىرىپ ئىستىمالىمىزدا كەڭ قوللىنىپ كەلگەن.بۇ تۈركى ئاتالمىنىڭ مەنىسى‹‹قارا››دىگەن سۈپەت سۆزى بىلەن ‹‹خان››دىگەن خانلىق تۈزۈمدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئالى نامىنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ،ئۇ بىزگە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھەم 360يىللىق سەلتەنەتنىڭ  تارىخى يالدامىسى سۈپىتىدە نىشان بېرىپ كەلگەن . ]

  پېقىرنىڭ ئىنكاسى:
[«قاراخان»دىكى تارىخى ئاتالغۇ «قارا»نى سۈپەت سۆزىگە تۈگەللەپ قويىشىڭىز، مېنى تولىمۇ ئەجەپلەندۈردى... رەھمەتلىك ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى <سۇلتان ساتۇق ئابۇلكېرىم بۇغرا قاراخان>دىكى <ساتۇق>قا <ئۇلۇغ> يېشمىنى بېرىپ، ئۇنىمۇ سۈپەت سۆزىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. مانا ئەمدى سىزنىڭ چۈشەنچىڭىزنى قوشقاندا بىر پادىشاھنىڭ سەلتەنەتلىك ئىسمىدىن ئىككى سۈپەت سۆزىنى پىرىيۇملاپ ئولتۇرۇپتىمىز... بىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخى ئاتالغۇلىرىنى تولۇق ھەزىم قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئەشۇ ئاتالغۇ سەۋەپلىك ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تارىخ چۈشەنچىسىگە ئەبەدىيلىك مۇئەممالارنى قالدۇرۇپ قويىدىغان ئوخشايمىز...  ]

«qaraxan»نىڭ ئىنكاسى:
[بۇ تارىخى تۈركى  ئاتالغۇنى تىل ئەمەلىيىتمىزدە  رەڭنى بىلدۈرىدىغان سۆز دەپ دوگما ھالەتتە چۈشەنگىنىم ئەمەس،ئەمما باشقىلارنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن مېنىڭ چۈشەنچەمنى پىريۇملاپ ئۇنىڭدىن يەكپاي تەسىراتقا كېلىپ قېلىشىڭىزدا يەنىلا ئازراق ئېنىقلىما زۆرۈردەك تۇرىدۇ. بۇ يەردىكى ‹‹قارا›› كەڭ، قارام ،ئۇلۇغ مەنىسىدىكى قارانى چۈشەندۈرىدۇ.مەرھۇم تىلشۇناس ئىمىن تۇرسۇن ئاكىمىز (ئىمانى سالامەت بولغاي)‹‹ساتۇق ›› سۆزىنى سۈپەت دەپ چۈشەندۈرگەن بولسا ئۇنىڭدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوقكەن.مۇھەممەت رېھىم ئاكىمىز ئۇنى ئىسىم مەنىسىدە چۈشەندۈرۈپ ئۇنى ئاۋاز،ئاھاڭ،كۈي دىگەن مەنىدە شەرھىلىگەن .بۇغرا دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە ئەركەك تۆگە مەنىسىدە ، ‹‹ئابدۇل كەرىم››بولسا  سېخى ،كارامەتلىك ئاللانىڭ قۇلى ،بەندىسى دىگەن مەنىدە .‹‹ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى››غا قارالسۇن م.س.كاشىغەرى يازغان.شۇنداق بولغاندا  ‹‹سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكېرىم بۇغرا قاراخان ››دىگەن ئىسىمنىڭ مەنىسىدىن ‹‹ ئاللانىڭ ئەركەك تۆگىدەك كۈيى بار قارام سۇلتانى پادىشاھى ››دىگەن مەنا كېلىپ چىقىدۇ. ئۆزىڭىز ئاق شىكەر بىلەن قارا شىكەرنى قوشىۋېلىپ ئاچچىق -چۈچۈك بولماي قالدى دەپ قارىسىڭىز ھەم ئۇنى بىزگە ھەزىم قىلالمىدىڭلار دەپ قېيداپ ،ئۇنىڭ رېتسىپىنى كەلگۈسىدىكى بوغۇنلارغا مۇئەمما بولۇپ قالدى دىگەن بىھۇدە تەشۋىشكە ئەسىر بولسىڭىز بولمايدۇ....سىز ‹‹قارا ››دىگەن سۆزنى كونتېكىستتىكى ئەمەلى مەنىسى بويىچە ئىستىمال قىلىشقا چىقارغان پاسنى قوبۇل قىلالىسىڭىز سىزنىڭ ھەم ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تېپىشماق تېپىشى ھاجەتسىز بولىدۇ.مەسىلەن: ‹‹قارا ھىجران››،‹‹قارا ئوردا››‹‹قارا خان،›‹‹قارا خەلق›› ‹‹قار يەر››‹‹قارا يۈز››‹‹قارا كۈن››.‹قارا لۇشىئەن››‹‹قارا مىلتىق،› ۋاھاكازالار، بۇ يەردە ‹‹قارا ››سۆزىنىڭ  قانداق كەلگەنلىگىگە چۈشەنچە بېرىش مۇئەممامۇ تەمەننامۇ؟ ]  

پېقىرنىڭ ئىنكاسى:
[  ئالدى بىلەن سىزنىڭ تور نامىڭىزنى ۋە تەخەللۇسىڭىزنى «قاراخان» نامى بىلەن ئاتىغانلىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. شۇنداقلا بۇ تەخەللۇس بىلەن باشقىلارنى ئۇچراشتۇرۇپ ۋە باشقىلارنى خەۋەرلەردۈرۈپ، شۇ مۇناسىۋەتتە مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ چوڭقۇر تارىخى يىلتىزىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چۈشىنىۋېلىشىغا يېتەرلىك پۇرسەت ھازىرلاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.
    سىزنىڭ <<باشقىلارنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن مېنىڭ چۈشەنچەمنى پىريۇملاپ ئۇنىڭدىن يەكپاي تەسىراتقا كېلىپ قېلىشىڭىز... ‹‹قارا ››سۆزىنىڭ  قانداق كەلگەنلىگىگە چۈشەنچە بېرىش مۇئەممامۇ، تەمەننامۇ؟>> دېگەن سۆزىڭىزنىڭ قىسمەن ئاساسى بار. سەۋەبى، تەقۋالارنىڭ «سوراش نۇمۇس ئەمەس، سورىماسلىق نۇمۇس» ئەقلىيىسى بويىچە ئۆزەمنى بىلەرمەن چاغلاپ قالغان بولىشىم مۇمكىن. بۇ جەھەتتە سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزرە سورايمەن.
  نىمالا بولمىسۇن، مەندەك كېبىرلەنگەن ۋە سىزدەك تەخەللۇس تۈپەيلى بۇ نامغا نائىل بولىۋاتقان كىشىدىن، بۇ زور تارىخى ئاتالغۇنىڭ يېشىمى ھەققىدە قېرىنداشلار ئارا پىكىر بىردەكلىكىگە كېلىش تېخىمۇ ئەۋزەل ۋە تېخىمۇ موھىم.
   تارىخى ئاتالغۇ «قارا» مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز «تۈركى تىللار دىۋانى»دا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن»؛ ئابدۇشۇكۈرمۇھەممەتئىمىن «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىل ئۇقۇم دائىرىسى»؛ سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكېرىم بۇغرا قاراخاننىڭ «مەن ئالب ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ)نىڭ ئەۋلادىمەن...» دېگەن تارىخى ئىبارىلەر بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تارىختىكى «چىن» نامى بىلەن «قارا» نامى بىۋاستە باغلىنىشلىق.
    «چىن» بىلەن «قارا»نىڭ بىۋاستە باغلىنىشىنى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئېتنىك قامۇسى «ئوغۇزنامە» ئارقىلىق چۈشىنىش بىزگە ئالاھىدە قۇلايلىق بېغىشلايدۇ. «ئوغۇزنامە»دە «... ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك. ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، بوز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى، بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇيقۇدىن كېيىن ، ئۇ چۈشىگە كەچكەنلەرنى ئوغۇز خاقانغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:" ھەي خاقانىم، ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن؛  ھەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل-نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن؛ كۆك تەڭرى چۈشۈمدە بەردى ماڭا ئىشارەت، ئىشغال قىلغان يەرلىرىنى ئۇرۇغىغا بۆلۈپ بەرسۇن دەپ. "  ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدى ھەمدە:" ئېيتقىنىڭ كەلسۇن " دېدى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا، بالىلىرىنى چاقىرىپ كەلتۈرۈپ ئېيتتىكى:" ھەي ئوغۇللىرىم، ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ. ياشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئوۋغا چىقىشقا چامىم يەتمەيدۇ. كۈن، ئاي، يۇلتۇز، ئۈچىڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار. ئاسمان، تاغ، دېڭىز ئۈچىڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار." بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كەتتى. كۈن، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان، قۇشلارنى ئوۋلىدى، ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:" ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار."  يەنە شۇندىن كېيىن ، ئاسمان ، تاغ، دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىدى، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوي سۇنۇڭلار" .  شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ ك#رۇلتاي چاقىردى. نۆكەرلىرىنى، ئەل-جامائەتنى چاقىرتتى، ئۇلار كېلىپ بامەسلىھەت ئولتۇرۇشتى. ئوغۇز خاقان چوڭ چېدىردا ... ئوڭ تەرىپىگە، قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇنى ئاستى، ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئاستى، تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى. ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار ئولتۇردى، سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇردى. قىرىق كېچە-كۈندۈز توي بولدى. يىيىشتى ،ئىچىشتى، خۇرسەن بولۇشتى. شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئوغۇللىرىم، مەن كۆپ ياشىدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم. دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شاد ئەيلەتتىم، تەڭرى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن...» دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ.
     بۇ يەردىكى ئەڭ دېققەتكە سازاۋەر تارىخى ئۇچۇر «... ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، بوز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى، بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. » بايانى بىلەن «ئۇلۇغ تۈرك» دېگەن كىشىنىڭ پۈتكۈل تۈرك زىمىنىنى ئۈچكە بۆلۈپ باشقۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى مۇمكىنلەيدۇ؛ «...كۈن، ئاي، يۇلتۇز... بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:" ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار."...  ئاسمان ، تاغ، دېڭىز ... يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوي سۇنۇڭلار" .» دېمەككى ئوغۇزخان پۈتكۈل تۈرك زىمىنىنى ئۈچكە بۆلۈپ ئۇنى «كۈن»، «ئاي» ۋە «يۇلتۇز»غا بۆلۈپ بېرىپ، «يا ئوقنى توغرىلايدۇ» دېگەن ھېكمەت بىلەن «دېڭىز»، «تاغ» ۋە «دەريا»دىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلىنىڭ يۇقارقى ئۈچ ئوغلىغا شەكسىز بوي سۇنىشىنى تەكىتلەيدۇ.
   يۇقارقى تەسۋىر بويىچە، ئوغۇزخاننىڭ پۈتكۈل تۈرك زىمىنىنى ئۈچ ئوغۇلغا  بۆلۈپ بېرىپ «ئۈچ چىن» (ئۈچ قېرىنداش) دۆلىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئۈچ چىن» ۋە «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» بىلەن تامامەن زىپچىلاشقان.
   گەرچە، ئوغۇزخان دەۋرىدە «ئۈچ چىن» (ئۈچ قېرىنداش دۆلىتى) «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكىدەك «يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن » دەپ ئاتالمىغان بولسىمۇ، مۇقەررەر ھالدا «تاڭ غۇز» (توڭغۇس- كۈن چىقىش تەرەپتىكى ئوغۇزلار)، «ئارچىن» (ئوتتۇرا چىن) ۋە «ماچىن» (مۇرچىن- غەربى چىن) نامى بىلەن ئاتالغانلىقى ئېنىق.
   بىزنىڭ تەھلىلىمىز ئاستىدىكى «قارا» دەل ئەشۇ «ماچىن» (مۇرچىن- غەربى چىن)نىڭ ماھىيەتلىك ئۇقۇمى بولۇپ، «ماچىن»(مۇرچىن)گە «تۈركى تىللار دىۋانى»(1-قىسىم، 447-بەت)دە مۇنداق ۋاستىلىق ئۈچۈر قالدۇرۇلغان «مۇر ئۇچ- قارامۇچ»( يېمەك-ئىچمەككە تەم تەڭشەيدىغان قارامۇچ ئۆسۈملىكىنىڭ ياپراق ۋە غولى يېشىل ئۇچى قارا بولغاچقا <مۇرئۇچ- ئۇچى قارا> دېيىلگەن)... ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ئوت قالايدىغان ئوچاقنىڭ تۇتۇن چىقىدىغان تۆشىكىنى «مورا» دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردىكى «مورا»دىكى «مور» ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر. دېمەك، «ماچىن»(مۇرچىن)دىكى «ما»(مۇر) سىزنىڭ تەخەللۇسىڭىزدىكى «قارا»نى ئىپادە قىلىدۇ.
   ئومۇمەن، «ماچىن»(مۇرچىن) غەربى چىننى كۆرسەتكەن ئىكەن، ئەڭ قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز كۈن كىرىش تەرەپنى «قارا» رەڭ پەرقى بىلەن ئېلىپ، كېيىنچە «ماچىن» (مۇرچىن) تارىخى تىل ئىستىمالىمىزدىن قېلىپ «قاراچىن» ۋە «قاراچىن»نىڭ پادىشاسى «قاراخان» نامى بىلەن بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. شۇڭا بىز، «قاراخان» شاھلىرىنىڭ سەلتەنەتىنى نوقۇل «قاراخانىلار خاندانلىقى»نىڭ ئۈچ يېرىم ئەسىرلىك چەكلىك مۇددىتى بىلەنلا قاراپ قالماي، ئۇنى ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئىي تەراكىمە»دە قەيت قىلىنىغان «ئوغۇزخان پەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن...» دېگەن سۆزى ۋە سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكېرىم بۇغرا قاراخان «مەن ئالب ئەرتۇڭانىڭ ئەۋلادى» دېگەن سۆزى بىلەن باغلاپ، «ماچىن»(غەربى خان)نىڭ ئالاھىزەل 5400 يىللىق تارىخى بىلەن باغلاپ چۈشىنىش كېرەك...]

  «qaraxan»نىڭ ئاخىرقى ئىنكاسى:
[سىزنىڭ ئىشەنچىلىك تارىخى مەنبەلەردىن ئىستات كەلتۈرۈپ لۇغەت تەركىبىمىزدىكى <<قارا>>ئاتالمىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىڭىز مېنىڭ ئىلىم ئەھلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىدىغان رايىشلىقىمغا ئوڭ تاناسىپ بولغۇسى.سىزنىڭ پىكرىڭىزدىن مەن پەقەت 360يىللىق شانلىق سەلتەنەت دەۋرىنىڭ خاس ئەستىلىكى دەپ قارىغان <<قارا>> سۆزىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئالەمچە شۆھرەتكە مۇناسىپ تارىخنىڭ 5000نەچچە يىللىق(بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولسا كېرەك) ئوق يىلتىزىغا تۇتاش تەرىپىگە ئىرەن قىلمىغان چولتىلىقىمنى پەملىدىم.لېكىن بۇ سۆزنىڭ جەۋھىرىنى ھەم ئۇنىڭغا ساھىب بولغان ھەزرەتنىڭ نام شەرىپىنى شېپى كەلتۈرۈپ ئۇنى قەلەم ئىسمى، تور نامى قىلىپ ئىشلەتكەنلىگىمدىن سىزنىڭمۇ خۇرسەن بولغانلىقىڭىز مېنىڭ ئىشەنچىمگە قۇتۇپ يۇلتۇزىدەك بەلگە بولدى.مەن بايانلىرىڭىزدىكى ئۇلۇغ تۇركنىڭ چۈشىگە يەنە بىر قېتىم ئەسرا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن سىز قەيت قىلغان تالاي تارىخنىڭ گۈلخانلىرىغا يۈزۈمنى ياقتىم ،يۈزۈم يورۇق كۆرۈندى،باغرىمنى ياقتىم ،ھارارەت بىلىندى،ئۇنىڭ چوغ ياكى مەشەللىرىنى قولۇم كۆيسىمۇ قولۇمغا ئالدىم ،ھوزۇر ھېس قىلدىم.سىز بىزدە قەلب ئىككى بولسىمۇ ئارزۇ بىر ئىكەنلىگىدىن شۈبھەم قالمىدى ،گوياكى بىر مويسەفىد ئۇستازنىڭ تەلىمىدىن بەھىرلىنىش دەملىرىگە نائىل بولغان بىر تالىپنىڭ كۆڭلىدىكى ئىپتىخار ۋە ئەمىنلىكنى مەن كاپالەتكە ئىگە قىلالىدىم دەپ
مەغرۇرلىنىشقا ھەقلىقسىز،  ماڭا بۇ ئاتالغۇنىڭ جىنى<<قاراخانىلار خانلىقى ھەققىدە بايان؟>> ئاپتورى؟ دىگەن كىتاپ چىققاندا چاپلاشقان ،ئون يىل ئۆتكەندە بۇ مۇبارەك نامنى ماڭا بىر يازغۇچى دوستىمىز <<لەقەم >>قىلىپ سىڭدۈردى .مەن مۇشۇ خاسىيەتلىك نام ۋە ئۇنى ماڭا ھەدىيە قىلغان بۇرادەرنىڭ روھى قەرزدارلىقىنى ئادا ئېتىش تۈرتكىسى بىلەن ئەدەبىيات بازىرىنى <<كاسات>>قىلىشقا سوقۇنۇپ كىرىپ ئاز-تولا تۇخۇم كاكىلىغان بولساممۇ ئەمما بۇ تۈپەيلى بىرەر سورۇن ،ئەنجۇمەن ياكى مەرىكىدە <<قاقاقلاپ>> باش ئاغرىتىدىغان ئىشنى قىلمىدىم.
ئەندى سىزنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرىڭىز ئالدىدا مەن خېرىدارلىق قىلماقچى بولغان بۇ نامنىڭ ۋەزنىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىنى،ئۇنىڭغا جاۋاپكار بولۇشتىكى ھەركەت سالاھىيىتىم ۋە ھەركەت ئىقتىدارىمنىڭ چەكلىكلىگىنى ئەمما ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقۇمنىڭ يوق ئەمەسلىگىنى تونۇپ كۆزۇمنى يەنە بىر قېتىم ئاچقاندەك بولدۇم. بۇ يەردە ئۆزۇمنىڭ،فولكلور، تارىخ،ئىتنىڭ مەدەنىيەت ،بىئوگراپىيە ئىلمى،سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ساھەسىدە <<چالا موللا>> بولۇپ قېلىشىمنىڭ ئوبىكتىپ سوبىكتىپ سەۋەپلىرىنىڭ بارلىقىدىن ئۆزۈمگە تەسەللى تېپىپ ،باشقىلارغا بىلدۈرگە قىلىپ  قىستۇردۇم ۋاقىپلانغايسىلەر ...رەھمەت ئاللا سىزنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىلمىنى زىيادە قىلغاي؟ ۋەقۇر رەببى زىدنى ئىلما!   ]

    يۇقارقى مۇنازىرىمۇ دەل «تەخەللۇس» ئۈستىدە بولغان ئىدى...
   ئەگەر «باغداش تورى»دىكى «قاراخان» بىلەن «مىسرانىم تورى»دىكى «قارىخانى»نى بىر كىشى دەپ قارىساق (مېنىڭچە ئەلۋەتتە بىر كىشى بولىشى مۇمكىن)، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئىنكاسىدىكى قايىلچانلىقىغا قاراپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بىر سەمىمىيەتچىل كىشى ئىكەنلىگىگە شەكسىز ئىشەنگەن ئىدىم...  گەرچە مەن يۇقارقى مۇنازىرىدە تەنبىھ بەرگۈچى قاياپەتتە ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرغاندەك قىلساممۇ،  چىن سەمىمىيەت جەھەتتە ئۇنىڭغا قەرزداردەك بولۇپ قالغان ئىدىم...
     بىز تور يۈزىدە ھەرخىل قاراشلار سەۋەپلىك مۇنازىرلەشكۈچى ئىككى تەرەپ بولساقمۇ،ئېتنىك گەۋدە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەجدادىمىز بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىز!   شۇڭا مۇنازىرە تامانىدا سۆزدە ناھايىتى ئىھتىياتچان بولۇپ، ئىلمى يول تۇتقىنىمىز ئەۋزەل... گېزى كەلگەندە، ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىننىڭ مۇنۇ روبائىيسىنى مۇنازىرە يېتەكچىسى قىلساقمۇ بولىدۇ:

ئېغىز ھەركىمدە ھەر تۈرلۈك باھا ھەر دىتتا ھەرخىلدا،
جاھان ھادىسلىرى قاينام ئەمەس تەڭ شولى ھەردىلدا.
تەپەككۇر تەختىدە سۇلتان زەكىيلەر ئەقلى ھېكمەتكىم،
پەقەت تىلسىمنى يەشمەكلىك كارامەت زېھنى قابىلدا.  

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش