qaraxani يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:05 PM
1.سىزنىڭ ‹‹زەربە››دىگىنىڭىز ئەمەلىيەتتە دوست ئاغرىتى ...
مەن سىزنىڭ دېمەكچى بولغان سۆزلىرىڭىزنى ئىنكاسلىرىڭىزدىن بىلىپ يېتىۋاتقاندەك قىلىمەن . سىز دېمەكچىكى ، قالايمىقان تەخەللۇسنى قويۇۋەرمەيلى ، توپنى توپچى تەپسۇن ، ئۇسسۇلنى ئۇسسۇلچى ئوينىسۇن دېگەندەك مەنىدە ، يەنە قورساقتىكى ئۇماچقا ، ئىقتىدارغا لايىق تەخەللۇسلارنى قوللىنايلى دېمەكچى .
بۇ جەھەتتە بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇش خاتا ئەمەس ، لېكىن ئوبزور ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلىش ئوقۇرمەندە ياخشى تەسىر پەيدا قىلمايدۇ . مەسىلەن شەخسەن مەن ئوبزورنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە يەنە بېشىغا قايتۇرۇپ سىزنىڭ ئۆز تەخەللۇسىڭىزغا كۆز يۈگۈرتتۈم .
ماڭا كەلسەك ، ئەزىزان دېگەننى مېنىڭ تور نامىم دەپسىز ، بۇ ئەزىزان دېگەن مېنىڭ تور نامىم ئەمەس ، ئۇيغۇرچە مۇنبەر پەيدا بولۇشتىن خېلى يىللار بۇرۇن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قەلەم نامىم . بىز بەك يېتۈك ، تونۇلغان يازغۇچى ئەمەس ، بىراق ياخشى ئوقۇرمەن بولالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم كامىل .
خاتۇنسىز ئەر كىيىمى يىرتىق تامىقى تۇزلۇق ،
تەنقىدسىز ئەسەر شەكلى پۇچۇق مەنىسى قۇرۇق .
دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگە .