qaraxani يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 04:42 PM
بىر ئىككى رومكا قېقىۋالغانمۇ دىگەن گەپنى چاخچاق يوسۇ ...
ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداق تەخەللۇس قويغانلارنى قوللىشىمىز، مەدەت بېرىشىمىز كېرەك، ئەزىزان، سايرامى، قەشقەرى....دېگەندەك تەخەللۇسلارنى قويۇشى شۇ كىشىنىڭ ئاز بولسىمۇ ئۆز تارىخىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئۆز ئەجدادلىرىغا، يۇرت-ماكانىغا مېھرى بارلىقىنى (ھېچ بولمىغاندا قىزىقىدىغانلىقىنى) بىلدۈرىدۇ...چوقۇم ھۆددىسىدىن چىقىسەن دېيىش ئەخمىقانىلەرچە تەلەپ....
ئىشەنمىسىڭىز مىكوخەنلەرنىڭ تەخەللۇسلىرىغا قاراپ بېقىڭ، (ئۇلار ئاساسلىقى خەنچە مۇنبەر ياكى ئېلخەت قاتارلىق تىزىملىتىپ كىرىدىغان تور بەتلەرگە كىرىدۇ، يەنە چ چ دېگەندەك)، مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ تەخەللۇسلىرى خەنزۇلارنىڭكىدىن پەرقى يوق، داڭلىق ئەجدادلىرىمىز، يۇرت قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تەخەللۇسلارنى قويمايدۇ، نېمە ئۈچۈن قويمايدۇ؟ بىلسە قويمامدۇ، مېھرى بولسا قويمامدۇ....
ئەگەر ھۆددىسىدىن چىقىشىڭ كېرەك دەپ تەلەپ قويۇۋالسىڭىز، مانا ئەمسە دەپ ھەممىسى خەنچە تەخەللۇس قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ساقىلىڭىزنى سىلاپ قالغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ...
يالقۇن روزىدەك پىكىر مۇستەبىتلىكىدە بولماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن...ئەۋلادلارنى شۇنداق تەخەللۇسلارغا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق مىللەت، تارىخ، دىن ھەققىدە ئىزدىنىشكە قىزىقتۇرىشىمىز كېرەك.