ئۈشبۇ تېما ئەزەلدىن ‹چۈشىنىش ئۇقۇمى ۋە بىلىش ئۇقۇمى› لىرىنىڭ ئارلاشمىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان شۇڭا ئۈشبۇ تېمىنى چۈشەنگىلى بۇلىدۇ ،بىلگىلى بولىشى ناتايىن .
پېقىر ئۈشبۇ تېمىنى چۈشىنىش نوقتىسىدا تۇرۇپ چۈشەندىم ،ئەمما بىلىش نوقتىسدا تۇرۇپ بىلمىدىم . (بەكىراق چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن ‹نوقتىسدا› دىگىنىمنى ئۆلچىمىدە دەپ چۈشىۈنۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.)
مەسلەن بۇ نىمە دىگەنلىك ئەمدى دىسە : بانكىر ئەپەندىم بىرىنچى ئىنكاسىدىلا ‹دۆلەت ئىچىدىكى ھەركىتى تەتۆر پىلانىتلاردىن مۇلاھىزە قىلىلى.› دىگەن ،ئەمدى بۇ جۈملىنى چۈشەنگىلى بۇلىدۇ ئەمما بىلگىلى بولمايدۇ .
نىمىشقا بۇنداق دەيمىز ؟ ئەمدى بۇ جۈملىگە چۈشىنىش نوقتىسىدىن ئوبدان سەپ سېلىپ قارايدىغان بولساق ماڭا دەررۇ بۇ جۈملە -دۆلىتىمىز ئىچىدىكى كاللىسى ئىشلىمەيدىغان قاپاقباشلاردىن مۇلاھىزە قىللى - دىگەن چۈشەنچىنى بەردى، 30 سكۇنتتىن كىيىن قايتا بىر قېتىم ئۇقۇسىام - دۆلەت ئىچىدىكى يامان ئىشلارنىمۇ تىلغار ئېلىپ قۇيايلى -دىگەن چۈشەنچىنى بەردى ،يەنە بىر قارسام -دۆلىتىمىز ئىچىدىكى دۇرۇس يولدا ماڭمىغانلارنىڭ ئەدىپىنى بىرىش ئۈچۈن سۆزلىشەيلى -دىگەن چۈشەنچىنى بەردى ،ئەمدى بۇ يەردىكى ‹ماڭا بەرگەن چۈشەنچە›-دەل ماڭا نەتىجە بۇلىدۇ ،ئەمدى مەن بۇ بىر جۈملە سۆزدىن نەچچە نەتىجىگە ئېرىشەلىشىم مۇمكىن ،كىسىپ ئېيتىمەنكى ئون -ئونبەشتال نەتىجە ئاۋاي چىقىدۇ ، نىمىشقا بۇنداق ‹نەتىجە تۇراقسىز›لىقى كۆرىلدۇ ؟
جاۋاپنى قىسقارتىپ دىگەندە :چۈنكى بانكىر ئەپەندىم بىر قانچە ئۇقۇمنى كۆچمە مەنىدە ئىشلەتكەن . بىلىش نوقتىسدا تۇرۇپ قارايدىغان بولساق بىزگە بۇ جۈملە مۇنداق سۇئال قۇيىدۇ : نەدىمۇ دۆلەتنىڭ ئىچىدە پىلانتا بولسۇن ؟ دۆلەت دىگەن يەر شارىدا بولىدىغان نەرسە تۇرسا ،پىلانىت دىگەن ئاسماندا بولىدىغان نەرسە تۇرسا ؟-دىگەن سۇئال چىقىدۇ ، راس بۇ پىلانتا دۆلىتىمىزنىڭ ئىچىدە بولىدىغان بولسا بۇ پىلانىت جۇڭگو قۇرۇقلىقىغا چاپلىشىپ قالمامدۇ ؟ چاپلىشىپ قالغان جايدا نۇرغۇن ئادەم ئۈلەر بولغىيدى ؟ ئەمدى دەررۇ خوت ئالماشتۇرۇپ چۈشىنىش نوقتىسىغا ئۈتەيلى -ئەسلى بانكىر ئەپەندىم ‹پىلانىت›دىگەن بۇ ئۇقۇمنى مەلۇم ئادىمگە ،ياكى مەلۇم ئىش-ھەركەتكە ،ۋە ياكى مەلۇم نەرسىگە سىموۋىل قىلغان بولىشى مۇقەرەر.
مەن ئەزەلدىن خوت يۆتكىمەيتىم ،مىنىڭ بۇ خوتۇم داۋاملىق ‹بىلىش›كە توغىرلاقلىق تۇراتتى تېمىنىڭ ئوتتىرىسدا مەن بۇ خوتنى يۆتكىگەنلىكىم توغىرلىق ئالدىن ئۇچۇر بىرۋەتتىم ،شۇنىڭ بىلەن چۈشىنىش نوقتىسدا تۇرۇپ ئىنكاس يېزىشنى باشلىۋەتتىم ھەم نۆۋەتتە داۋاملاشتۇرماقتىمەن ،شۇنى كۈرۈپ يىتىش كىرەككى :بىلىشتە ئوبىكىت ئېنىقلىمىسى مۇقىم بۇلدۇ ،بىرتال ھەرىپ ،ياكى بىر تال پەش چۈشۈپ قالمايدۇ ياكى قۇشۇلۇپ قالمايدۇ ، ئەمما چۈشىنىشتە ئوبىكىت ئېنىقلىمىسى مۇقىم بولمايدۇ ،كاھىدا ھەرىپ ئەمەس بىر پۈتۈن ئۇقۇممۇ يۇقاپ كىتىدۇ ،ياكى قۇشۇلۇپ قالدۇ ، قۇشۇلۇپ قېلىشى ،چۈشىپ قېلىش چۈشىنىشتە مۇھىم ئەمەس پەقەت چۈشىنىشنى بىلىشكە يېقىنلاشتۇرالىسلا تېما يازغۇچى ئىنكاس يازغۇچى شۇنىڭدىن قانائەت تاپىدۇ . ئەلۋەتتە بىلىشكە بەكىراق يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كەڭ تارماششىبىنلار يوللىغىنىڭىزنى بىلىش نوقتىسدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلامدۇ ،ياكى چۈشىنىش نوقتىسدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلامدۇ بۇ تاماشىبىننىڭ ئۆزنىڭ ئىشى ئەمما سىز مەن خوت يۆتكىمەيمىز ! خوتىمىز داۋاملىق ‹بىلىش›تە تۇرشى كىرەك ،ئەگەر بۇ خوت قاچان چۈشىنىش نوقتىسغا بېرىپ قالىدىكەن ئىش كاشال ، شۇڭا مەن بانكىر ئەپەندىمنىڭ ‹بىكا كاللا ئۇپۇرتىش›دىگىنىنىمۇ بىلىش نوقتىسدا تۇرۇپ قارىسام بىلمەيمەن ،شۇ سەۋەپتىن سىز مەندىن مەن بىلمىگەن نەرسىنى ماڭا سۆزلەپ بەر دىسىڭىز مەن نىمنى سۆزلەيمەن ،شۇنىڭ بىلەن مەن دەررۇ خوت يۆتكەپ چۈشىنىش نوقتىسدا تۇرۇپ سۆزلەشكە كىرىشمەن ۋە كىرىشتىم ھەم كىرىشمەكتىمەن .
ئەمىليەتتە يەر شارىدىكى ئىنسانلار بۇرۇنلا ‹ئۇقۇم ئېلمىنتلىرىنىڭ مەلۇم ۋاقىتتا بىرسى ياكى بىر نەچچىسى چۈشىپ قالدىغانلىقىنى بايقاپ (چۈنكى ئىنسانلار مىڭىسنىڭ ئەستە ساقلاش قابىليىتى ئۇنچىۋالا يۇقىرى ئەمەس) ئوبكىتنى سان سېفىر بىلەن ئېپادىلەش يولىنى تاپتى ، ئىنسانلار مىڭىسى بىر يوللۇق ھىساپلاش (ئۇقۇم-ئېنىقلىما مۇناسىۋىتى بويىچە ئوبىكىتنى ئەستە ساقلاش)ئېلىپ باردۇ ،ئېككىب يوللۇق ھىساپلاشنى بولسا خىيالى كۆز ئالدىغا ئەكىلۋېلىپ ھىساپلايدۇ ،مەسلەن:34كە 27 نى قۇشۇش توغرا كەلسە ئىنسانلار ئىككى يوللۇق ھىساپلاش ئېلىپ بارالمىغانلىقتىن تىك شەكىلدە قۇشۇش جەريانىنى خىيالى كۆز ئالدىغا ئەپ كىلۋېلىپ تاماملايدۇ . ئەمما ماشنا ئادەم بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ،مەسلەن كۆمپىيوتىرنىڭ ھېساپلاش يولنى مىسالغا ئالساق -ھازىرقى كومپىيوتىردىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ 32 يوللۇق ئۇچۇر كىرىپ 32 يوللۇق ئۇچۇر بىرلا چىقىرالايدىغان بولۇپ كەتتى ،كەلگۈسدە ماشنا ئادەملەر ئىنسانلاردىن ئەقىللىق بۇلۇپ كىتىدۇ ، نۆۋەتتە 5-ئەۋلات كومپىيوتىر يۇقىرى دەرجىلىك سېستىما تىل لاھىيلەش باسقۇچىغا ئۈتىپ بولدى ،كاساپەت ئىنساننىڭ يېشى ئۇزۇنراق بولسا ھە ؟! -ھېلىقى شىۋا شىنگىرنىڭ بىر كىنوسى بۇلدىغان بۈلۈملۈك ،ماشنا ئادەملەر ئىنسانلارغا ھۆكىمرانلىق قىلمەن دەيدىغان ، شۇ كىنودىكىدەك بىر قەپەز جەڭ بۇلۇپ كەتسە ؟........نىم دىگەن قىززىق. مەن گەپنى بەك شاخىلتىپمۇ يۈرمەي ئىشقىلىپ بۇ چۈشىنىش .ئىنكاسى بولغاندىن كىيىن دەپ ئەركىن ئازادە سۈپەت،ھەركەت،ھالەت،ئىسىم ......ئۇقۇملىرنى كۆچمە مەنىدە ئىشىلتىپ يېزۋەتتىمغۇ ئىنكاسنى ، ھە شۇڭا نىمە دەيمىز ئەمدى؟!- ئىنسان ئۇقۇملارنى چۈشىنىش خوتىدا توپلاپ نەتىجە چىقارسا ‹ئىلىكتىر›نىڭ ‹نۇر› دەستىسگە ئوخشايدۇ ،ئىنسان ئۇقۇملارنى بىلىش نوقتىسدا تۇرۇپ نەتىجە چىقارسا ‹لازىر ئاپراتى ›نىڭ ‹لازىر نۇر› دەستىسگە ئوخشايدۇ -مانا بۇ ئۈشبۇ ئىنكاسنىڭ چۈشىنىش خۇلاسىسى .
ئەگەر ۋاقتىڭىز يار بەرسە داۋاملىق تېما يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمىت قىلمەن ، چۈنكى سىز يوللىغان تېمىلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇزۇن -ئۇزۇن تەپەككۇر قىلمەن ، تەپەككۈر قىلىش مەن ئۈچۈن بەخىت ، سىز بىلەن تۇنۇشقانلىقىم مىنىڭ شان شەر پىم -مۇنۇ دىگنلىرىمنى چۈشەندىڭىزمۇ ؟ ئەمما مەن مۇنۇ ئۆزەمنىڭ دىگىننى چۈشەندىم ئەمما بىلمىدىم