ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش لىفىتى قاتارلىق 10 چوڭ كەلگۈسى پەن تېخنىكا مەھسۇلاتى
كىنو ھەم تېلىۋىزورلاردا ھەمىشە ئۇچار ماشىنا شۇنداقلا ياردەمچى ماشىنا ئادەم قاتارلىقلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز،لېكىن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى <كەلگۈسى زامان> مەھسۇلاتلىرى بولغان بۇ خىل پەن تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى راستىنلا ئەمەلىيەتكە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر يەنىلا تەتقىق قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار ئاللىقاچان زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.ئەمەلىيەتتە،سىز ھازىر 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئىبارەت ئىنتايىن تۆۋەن باھا بىلەن ئۇچار ماشىنىنى سېتىۋالالايسىز.لېكىن ئۇچار ماشىنىنى سېتىۋىلىش خۇددى شەرق شامىلى Civic ماشىنىسى سېتىۋالغاندەكلا ئاددىي بولۇپ،ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كۈتۈپ تۇرۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
بىز ھەر كۈنى پەن تېخنىكا،ئالەم بوشلۇقى قېدىرىپ تەكشۈرۈشى،مېدىتسىنا دورىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ تۇرىمىز.يېقىندا،چەتئەلنىڭ داڭلىق پەن تېخنىكا ئاخبارات ۋاستىسى-Mashable ناھايىتى يېقىن كەلگۈسى ئىچىدە ئەمەلىيەتكە ئايلىنالايدىغان 10 چوڭ كەلگۈسى پەن تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ چىققان بولۇپ،نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.
1.كۆرۈنمەس ماشىنا
ئۆزىنىڭ يېڭى تىپتىكى باتارىيىلىك ھەم قۇيۇپ بېرىغان گازلىرى بولمىغان ماشىنىسىنى كەڭ ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن،مېرسىدىس شىركىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ بىر خىل <كۆرۈنمەس ماشىنا> سىنى كۆرگەزمە قىلغان بولۇپ،بۇ خىل ماشىنا كەلگۈسىدە مۇھىتقا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
2.ئالەم بوشلۇقى لىفىتى
ھازىر ياپونىيە ئالەم بوشلۇقى لىفىتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ،بۇ ئالەم بوشلۇق لىفىتى يەر يۈزىدىكى ئالەم بوشلۇق پونكىتىدىن چىقىپ،22 مىڭ ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتىكى يەر شارى ماس قەدەملىك ئوربىتىسىدىكى ئالەم بوشلۇق پونكىتىغىچە يېتىپ بارالايدىكەن.
بۇ لىفىت ساندۇقىغا 30 ئادەم پاتىدىغان بولۇپ،يەر يۈزىدىن باشلاپ ئالەم بوشلۇق پونكىتىغا بارالايدىغان بۇ لىفىتنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 125 ئىنگلىز مىلىغا يېتىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭ يەر يۈزىدىن ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن جەمئىي 8 كۈندەك ۋاقىت كېتىدىكەن.بۇ لىفىت ساندۇقى يەنە تۇرمۇش رايونى شۇنداقلا مەنزىرە تاماشا قىلىش رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدىكەن.
ياپونىيە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئاجايىپ تېخنىكا ئەسىرىنى 2050-يىلغىچە تاماملايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
3.ئادەمسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنا
ھازىرقى ماشىنىلارغا GPS لىك يول باشلاش سېستىمىسى،يولدىن چەتنەپ كەتسە مەلۇم قىلىش سېستىمسى شۇنداقلا ئاپتوماتىك ماشىنا توختىتىش ئىقتىدارى قاتارلىق تېخنىكىلار سەپلىنىلگەن بولغاچقا،شۇڭلاشقا ئادەمسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىمۇ پەقەتلا بىر ۋاقىت مەسلىسى بولۇپ قالغان خالاس.
نۆۋەتتە گوگۇل شىركىتى ئاللىقاچان ئادەمسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنا تېخنىكىسى جەھەتتە پاتنىت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ،ئۇلار ھازىر ئامېرىكىنىڭ نېۋادا شىتاتىدا ئادەمسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىسىغا قارىتا سىناق ئېلىپ بارماقتا.
4.ياردەمچى ماشىنا ئادەم
مەيلى ئىشىك ئېچىپ بېرىشتەك ئاددىي ئىشلار بولسۇن ۋە ياكى مېيىپ ئادەملارنى يېتىلەپ يول مېڭىشتىن ئىبارەت سەل مۇرەككەپرەك ئىشلار بولسۇن،ھازىرقى ماشىنا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى ماشىنا ئادەملەرگە قارىغاندا كۆپ ئىلغارلىشىپ كەتتى.
ئەمەلىيەتتە،ھازىر تەتقىق قىلىنىۋاتقان بىر خىل يېڭى تېخنىكا كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن ئادەم كۈندىلىك خىزمەتلەرنى تاماملايدىغان ياردەمچى ماشىنا ئادەمنىڭ بۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەرەز قىلىنماقتا.
5.ئۇچار ماشىنا
ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى پاراڭلىرى ئەزەلدىن ئۇچار ماشىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلگەن بولۇپ،ھازىر بۇ خىل ئۇچار ماشىنا ھەقىقەتەن مەيدانغا كەلدى.ئۇچار ماشىنا شىركىتى-Terrafugia ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇچار ماشىنا ئۇقۇمىنى ئۇتتۇرىغا قويغان بولۇپ،شۇنداقلا ئۇلار 2012-يىلى نىيۇيورك ماشىنا كۆرگەزمىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇچار ماشىنىسى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلغان.
6.سۈنئىي گۆش
'مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن،گوللاندىيە ئالىملىرى نۆۋەتتە تەجرىبىخانىدا يېتىشتۈرگىلى بولىدىغان سۈنئىي گۆشنى تەتقىق قىلماقتا.ئالىملار بۇ خىل سۈنئىي گۆشنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ %35 ئۇزۇقلۇق قىممىتى ھەم ئېنىرگىيىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ خىل سۈنئىي گۆش يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدىكى قۇرۇق ھۈجەيرىنى مۇسكۇل تۇقۇلمىلىرىغا ئايلاندۇرۇدىغان بولۇپ،ئاندىن ئۇنى كىچىك گۆش پارچىلىرىغا ئايلاندۇرىدىكەن.ھايۋاناتلارنى ئىللىق مۇئامىلە قىلىش تەشكىلاتى (PETA) بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا سۈنئىي توخۇ گۆشى ياساپ چىقىشنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان ئىكەن.
7.ئاي بازىسى
ئاي شارىدىكى ھاياتلىقلارنى تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن،ئالەم بوشلۇقى تەشكىلاتى نۆۋەتتە ئاي شارىدا مەڭگۈلۈك بىر بازا قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.بۇ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىدە ئاي شارىدا بىر تۇرالغۇ بازا قۇرۇپ چىقىشى ياكى ئاي شارىنىڭ ئوربىتىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئالەم بوشلۇق پونكىتى قۇرۇپ چىقالىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
8.تەپەككۇر ئوقۇغۇچ
ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە،IBM شىركىتى ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرى بىلەن پىكىلىشەلەيدىغان بىر خىل كومپىيوتېرنى ئېچىپ چىقىشنى ئويلىغانىدى.كىشىلەر نائۇشنىكنى تاقىسىلا،ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىن كەلگەن سېگناللارنى قۇبۇل قىلىپ،ئاندىن بۇ سېگناللارنى كومپىيوتېرغا ئەۋەتىپ بېرىپ،كومپىيوتېرغا بۇيرۇق بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،كومپىيوتېر سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىزدىن قۇبۇل قىلىنغان بۇ تەپەككۇر سېگناللىرىڭىزنى خاتىرىلەپ قۇيىدىغان بولۇپ،شۇ ئارقىلىق ماشىنىنىڭ پۈتۈنلەي سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز بويىچە خىزمەت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىكەن.
9.ئادەمسىز ئايروپىلاننى ئۇمۇملاشتۇرۇش
ئامېرىكا پېرىزدىنتى ئوباما ئاللىقاچان بىر قانۇن تۇرغۇزۇش تۈرىگە ئىمزا قويغان بولۇپ،بۇ قانۇندا ئامېرىكا فېدراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلىدە يىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئادەمسىز ھەيدىلىدىغان ئايروپىلاننى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان.
10.سىمسىز توك ئېقىمى
ھازىر ساچور تىقىپ توك قۇبۇل قىلىش ئاللىقاچان ئۆتكەن زامانغا ئايلانغان بولۇپ،نۆۋەتتە نۇرغۇن شىركەتلەر تەتقىق قىلغان سىمسىز توك قاچىلاش تېخنىكىسى ئاللىقاچان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولۇپ،باشقا خىل ئۈسكۈنىلەرنى ياساش سودىگەر زاۋۇتلىرى بۇ خىل تېخنىكىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈشى مۇمكىن.
http://www.nur.cn/news/2013/03/113381.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-27 04:40 PM