توقماق يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 05:47 PM
تېمىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى،ئالاقىدار خەۋەرنىڭ ئېلان قىلى ...
توقماقكا:
سىلىنىڭ ئاسمان جىسىملىرى ۋە ئالەمنىڭ سىرلىرى ھەققىدىكى بىلىملەرگە قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى بۇرۇنلا بىلگەن ھەم تىمىڭىزنى ھەم تىئورمىلىرىڭىزنى ئوقوغان.
ئەمدىكى مەسىلە: سىزنىڭ بۇ تىمىلىرىڭىزنى كۆزگە ئىلماسلىق ياكى باشقىلارنڭ چۈشەنمەسلىك مەسىلىسىنى سىز تىلغا ئىلىپ نىمە قىلىسىز؟ باشقىلار چۈشەندىمۇ ياكى چۈشەنمىدىمۇ؟ ئوقوغان كىشى ئۆزى بىلىدۇ.
سىزنىڭ خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە سەۋىيڭىز يۇقىرى بولسا، ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىڭىز ھەزىم قىلالىغۇدەك ياكى نەزەرىينى ئوقوپ قوبول قىلىپ، نەزەرىينى ئەمەلىيەتكە ئىشلىتەلىگۈدەك دەرىجىدىكى پەن - تىخنىكا (ياسىمىچىلىق ياكى ئىجادىيەت ) خاراكتىرىدىكى ئەمەلىي ماتىرىياللارنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسى ۋە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى بىلەن تەمىن ئىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلسام، سىزنىڭ قوبول قىلىشىڭىزغا ئىرىشەلەرمەنمۇ؟
مەسىلەن: ئىنگىلىزچە تور بەتلەردە ناھايىتى ئەمەلىي بىلىملەر مول، ماشىنا، كومپىيۇتىر، سۈنئىي ھەمرا، ئايرۇپىلان قاتارلىق ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە قوراللارنىڭ چىرتىيۇژ،ھەرخىل سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە كىرەكلىك بولغان ماتىرىياللار بىلىملىرى بىلەن تەمىنلىسىڭىز بولامدۇ؟