- نەزىر قانداق ئىش؟
جاۋاب – نەزىر، ئاللاھ ئەمر قىلمىغان بىر ياخشى ئىشنى قىلىمەن، دەپ ئۆز ئۈستىگە ئېلىش دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنى ياكى بىر قانچە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنى ياكى بىر قانچە رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشنى ۋە ياكى بىر مىقدار پۇلنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر نەزىردۇر. بۇنداق نەزىرلەرنى ئورۇنلاشنىڭ، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئىنسان سۈرىسىنىڭ 7 – ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنىدىكى «نەزىر» مانا مۇشۇنداق نەزىرلەردۇر.
ئەمما مېيىت چىققان ئۆيلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەرنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. كۈن توختىتىپ «بۇ كۈندە ياغ پۇرىتىلمىسا مېيتنىڭ روھى خاپا بولۇپ قالىدۇ» دېگەن ئېتىقادلار ئىنايىن خەتەرلىكتۇر، ھەتتا شېرىككە يېقىندۇر.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن «بامدىتى»، «ئۈچى»، «يەتتىسى»، «يىگىرمىسى»، «قىرىقى» ۋە «يىلى» دەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەر بار. بۇلار نەزىر دەپ ئاتالغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن نەزىرلەردىن ھېساپلانمايدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. مەن ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا ئەھلى تەۋھىد بىر ئالىمنىڭ: «يەتتە، قىرىقى، يىگىرمە دېمىدۈك، ماتەم ئۆيىدە نەزرە يېمىدۈك» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مانا بۇ سۆز، ئۇ ئالىمغا «ئەھلى تەۋھىد» دېيىلىشنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
سوئالىڭىزدا سىز زىكىر قىلغان نەزىرلەر ۋە ئادەم چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتىدىغان ئىشلارغا كەلسەك، بۇ ئىشلارنى قىلىش ئاللاھقا توغرا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىك، پەيغەمبەرنى توغرا تونىمىغانلىق ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن غاپىل قالغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر! چۈنكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ھەر كىشىنى ئۆزىنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. «ئىسلام» نىڭ مەنىسى ئۆزى ئاللاھقا تەسلىم بولۇشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»
«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.
باشقىسى قىلغان ئىبادەت شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.
مەنبەسى:
http://www.musulmanlar.com/?p=1654