مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: alpamix:aziz

نەزىر قىلىش ئۆرپ-ئادىتىمىز يوقۇلۇپ كەتمىسۇن ئەزىز ھېيت كۈن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3323
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10270
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4358 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 01:08:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكىلەرنى ئوينىتىپ باقاي دەپ يازغان تىمىمۇ بۇ ئەمدى~~~؟؟؟

ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 01:37:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تېمىنى يېزىشىشىمغا  ھەقىقىي تۈرتكە بولغان  سەۋەپ :

       مەن بىر قانچە يىل ئىلگىرى تېلۋىزوردا  نەزىر-چىراققا ئاتىغان پۇلنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ھەدىيە قىلسا ساۋاپلىق ئىش بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك كاتتا ئىش بوپتۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.چۈنكى شۇ چاغلاردا مەن نەزىر-چىراق ۋە بەزى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى بىھۇدە ئىش،ئاۋارىچىلىق،ئەھمىيىتى يوق دەپ ئويلايتىم.بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىركى ۋاقىتقا كەلگەندە كۆز قارىشىم ئۆزگىرىپ قالدى.بۇنىڭغا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ،قوغداش خىزمىتىنى  ۋە غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش ،رەتلەش خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىم سەۋەپ بولدى.مەدەنىيەت يادىكارلىق خىزمىتى تارىخ ۋە ئارخىلوگىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ مەن شىنجاڭنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى نۇرغۇن ماتىرياللارنى كۆردۈم.قېزىۋېلىنغان ئارخىلوگىيلىك بۇيۇملار ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولدۇم.غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى بولسا مىللى ئۆرپ-ئادەتنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان بولۇپ دۇنياۋى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى'»ئۇيغۇر مەشرەپلىرى'دىن تارتىپ كىچىك تۈردە باي ناھىيىسى سايرام يېزىسىنىڭ «سايرام قېتىقى»ىغىچە ناھايىتى كۆپ ماددى تۈردىكى غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز قېزىپ رەتلىنىپ دۇنيا،دۆلەت،ئۆلكە،ۋىلايەت-ئوبلاست،شەھەر-ناھىيە قاتارلىق 5 دەرىجە بويىچە قوغداش كاپالىتىگە ئېرىشتى.مىراسلىرىمىزنى جۈملىدىن تۈگمەن،جۇۋاز،ئىگرىك (يىپ ئىگىرىدىغان) قاتارلىق ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان ھازىر ئىستىمالدىن (ئىشلىتىشتىن ) قالغان بىر قىسىم كونا ئىشلەپچىقىرىش بۇيۇملىرى ھەققىدىكى ماتىرياللارنى كۆرۈش جەريانىدا ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتىگە قىزىقىپ قالدىم.جۈملدىن بىزنىڭ توي-تۆكۈن ،نەزىر چىراق قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز بەزى جايلاردا بەزى كىشىلەر تەرپىدىن كۆپتۈرۈلۈپ،ھەشەمەتچىلىك ،ئىسراپچىلىققا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە بويىچە شۇ ئىشلارنى نورمال ئېلىپ بېرېىۋاتقانلىقىنى بۇ ئادەتنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
   دىننىي ئېتقاد پائالىيىتى بىلەن ئۆرپ-ئادەتنىڭ بەلگىلىك پەرقى بولىدۇ.بىر پائالىيەتنىڭ دىننىي ئېتقاد قا ياكى ئۆرپ-ئادەتكە تەۋە پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ئايرىشتا ئاۋال دىننىي ئۆلچەمگە ئوچۇق ئېيتقاندا مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئۆلچىمىگە مۇراجەت قىلىش كېرەك: مۇسۇلمان بولۇشنىڭ  ئۆلچىمى : بىرىنچى : ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە مەڭگۈ شەك كەلتۈرمەسلىك،ئىككىنچى : ھەر بىر مۆمىن مۇسۇلمان ھەر كۈنى بەش ۋاق نامازنى ئۆتەش ۋە جۈمە نامىزىنى ئۆتەش،ئۈچۈنچى: ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا 30 كۈن روزىنى تولۇق  تۇتۇش،تۆتىنچى: ئۆشرە-زاكات،سەدىقە،پېتىر بېرىش،ساۋاپلىق ئىش قىلىش،بەشىنچى :ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەرەمگە -مەككىگە ھەج قىلىشقا بېرىش.يۇقۇرقىلار مۇسۇلمان بولۇشتىكى 5 پەرھىز بولۇپ داۋام قىلىپ كەلگەن.يۇقۇرقى 5 پەرھىزدىن باشقىلىرى جۇملىدىن قۇربان ھېيت،روزى ھېيت نامىزىغا قاتنىشىش،نەزىر بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بولسا مىللى ئۆرپ-ئادەتكە كىرىدۇ.بىر مەزگىل بىر قىسىم جايلىرىمىزدا دۆلەت كادىرلىرى  بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت،روزى ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشى قاتتىق چەكلەنگەن.ئىككى يىلدىن بۇيان قۇربان ھېيت،روزى ھېيت نامىزى نورمال مىللى ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ چەكلەش ئاساسەن بىكار قىلىندى.بەزى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز دىننىي قائىدىلەر زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن.قۇربان ھېيت،روزى ھېيت پائالىيىتى ،نەزىر بېرىش ئالدى بىلەن دىننىي پائالىيەتتۇر.لېكىن ئۇ ئەڭ ئاممىۋىيلىقى،ئومۇملاشقانلىقى،ئىجتىمائىلاشقانلىقى بىلەن ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتىدۇر.
    مەن نەزىرنى مىللى ئۆرپ-ئادەت نوقتىسىدىن ئويلىغىنىمدا ئىنساننىي باراۋەرلىكنى ھەققىقىي نامايەن قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.بىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتكە مەنسۇپ نۇرغۇن يىغىلىشلىرىمىزدا
جۈملىدىن نەزىر-چىراق ئىشلىرىمىزدا شەھەر-يېزىلاردىكى تۈرلۈك يىغىنلاردىكى يۈزلىشىش بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان دىدارلىشىش قائىدىسىنىڭ بارلىقىنى  كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.ئادەتتە يىغىنلاردا ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.پۇقرالار تۆۋەندە ئولتۇرىدۇ.ئادەتتىكى تۈرلۈك ئۇچۇرشىشلاردىمۇ دان بىلەن سامان ئايرىم تۇرغاندەك بايلار بىر جايغا ،ئاددى(نامرات) ئادەملەر يەنە بىر جايغا سۈزۈلۈپ قالىدۇ.لېكىن ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان نەزىر ئۇنىڭغا مۇتلەق ئوخشىمايدۇ.بىز ئادەتتە نەزىرگە قاتنىشىشقا كەلگۈچىلەرنىڭ ھازىرقى تويۇنۇش دەۋرىدە ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن كېلىدىغانلىقىنى،نەزىردە ھەممە ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئەمەلدار-پۇقرا،باي-كەمبىغەل،چوڭ-كىچىك،بىجىرىم-مېيىپ دېمەي بىر-بىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئامانلىق سورىشىدىغانلىقىنى،خوشلىشىدىغانلىقىنى،ئۇزايدىغاندا ئامانلىق  تىلىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز.شۇنىڭغا قارىغاندا نەزىر بېرىش پائالىيىتىنىڭ خاسىيىتى يالغۇز جامائەت ئالدىغا تائام قويۇش بىلەن  چەكلەنمەستىن ئەل-جامائەتنى ئۇچراشتۇتۇش،جەم  قىلىش،ئۆملەشتۈرۈش،ئىتپاقلاشتۇرۇش،باراۋەرلىك  تۇيغۇسىغا چۆمدۈرۈش ئىكەنلىكىدىمۇ كۆرۈلدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ.جاننى ئاللا بەرگەن .جان ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىلكىدە.ئاللاھ ئۆزى بەرگەن جاننى قاچان ئالغۇسى كەلسە شۇ چاغدا ئېلىپ كېتىدۇ.بۇنىڭغا بەندىلەرنىڭ ئەلەكموللا دېمەي باشقا ئىلاجى يوق.لېكىن ئادەملەر ئالاھقا سېغىنىنغاندىن باشقا ھايات ۋاقتىدا بىر-بىرىنىڭ ۋە ۋاپات بولغۇچىلارنىڭ  ھۆرمىتى،قەدرىنى قىلىدۇ.نەزىرنىڭ خاسىيىتى  مۇشۇ جەھەتتىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەن  شۇ ئوي تۈركىسىدە يۇقۇرقى تېمىنى يازغان ئىدىم.

   ئەسكەرتىش: تېمىنىڭ ئىخچام بولۇشىنى كۆزلەپ تەپسىلى،قايىل قىلارلىق،سىلىق بايان قىلىشنى كەم قىپتىمەن.تورداشلارنىڭ زىتىغا تېگىپ قويغان بولسام تورداشلارنىڭ ئومۇمىي  نەزەردە قاراپ ئەپۇ قىلىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەرلىك،خوشال روھى ھالەت-ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22106
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10890
تۆھپە نۇمۇرى: 912
توردا: 2557 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 01:40:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە قانداق پىتنىلەر كىلەر بىزنىڭ قەۋىمگە .قاراپ تۇرۇپ شېرىك سۆزلەرنى قىلۋاتسا ئۆرۈپ ئادەتنى ياقلىدى دەپ ئولتادۇق .ئىلىمدا چولتىلىق قىلغانننىڭ تەمىنى تېتىيدىغان ئوخشايمىز .
شەيتان نەپسىگە بىرىلىپ ،شەرىئەتتىن ئۆزىنى ئەپ قاچقانلارنى ئاسان ئازدۇرىدۇ .

sabri@ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:02:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:08:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە ھەر بىرلىرىمىزگە مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلغاي ، ئامىن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى قەستەنگە پىتنە تىرىش ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللىغان  ،  بىلىپ قوي تىما ئىگىسى ئىشە ك ~ ئۇلۇغ ئىسلامنى ھىچقانداق بەندە ۋەياكى مىللەت ئۆز خاھىشى بويىچە خالىغەنچە ئۆزگەرتسە بولمايدۇ شۇنداقلا قىلچىلىك ھوقوقى يوق ! داداڭ ۋە ئاناڭنىڭ سىنى تەرلەپ كۈچەپ تۇرۇپ قاراڭغۇدا تاپقىنى ئۈچۈن لەنەت !

Made in Answer

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6255
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قىيامەتتە ئىنسانلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ، قازاق ، خەنزۇ ....... لار دەپ ئايرىلمايدۇ . بەلكى مۇسۇلمان ، مۇناپىق ، كاپىر دەپ ئايرىلدۇ . بۇ دۇنيادا قىلغان ئىش _ ھەرىكەتكىرىمىزنى اللاھ ھەرگىزمۇ ئۆز ئۆرپ ئادىتىمىزنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سوراققا تارتمايدۇ بەلكى ئاللاھنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن قانۇنلىرىنى چىقىش قىلىپ سوراققا تارتىدۇ . ئەنە شۇنداق بىر كۈندە سىزدىن قىلغان گۇناھلىرىڭنى دېگىن دېسە ، سىز مەن ئۆرپ ئادىتىم بويىچە ياشىدىم دەپ جاۋاب بېرەمسىز ؟ ئىنسان قىيامەتتە ھەربىر يىڭنىچىلىك قىلغان ئىشلىرى دېگەن گەپلىرى ، كۆرگەنلىرى ، ئاڭلىغانلىرى ئۈچۈن سوئال _ سوراققا تارتىلدۇ . بۇ نۇقتىنى دېمىسەممۇ بەلكى بىلىسىز . ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى سىز خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بۇنى ھېس قىلىپ يېتىپسىز . سىزنىڭ ئۆز قانۇنىڭىزنى بىر كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ ياكى كۆرمىدىڭىزمۇ بىلمەيمەن . يەنىلا سىزگە تەۋسىيە قىلدىغىنىم : ئەگەر ئۆز قانۇنىمىزنى كۆرۈپ بولغان بولىسڭىز يەنە بىر قېتىم قەلىب كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . كىم بىلىدۇ بۇ قېتىم كۆرگەندىن كېيىن ئىدىيەرىڭىزدە نەزىر ھەققىدە ئۆزگەرتىش پەيدا قىلۋەتكەن خىزمىتىڭىزنى تاشلاپ چىقامسىز تېخى .... ئۇنىمۇ يىراق دېگىلى بولمايدۇ . قېرىندىشىم . اللاھقا ئامانەت !

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:42:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sabri@ يوللىغان ۋاقتى  2013-2-1 02:02 PM
..... توۋا!   ئۇيغۇرلارنى ئويغۇنۇش باسقۇچىدا دىسەم ، تېخى  ...


ئۇنداق بولسا نەزىر بەرگەنلەر ئەمەس، يىگەنلەر لاياقەتسىز ئىكەنغۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-1 02:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5630
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:44:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئاداشنىڭ تىمىسىدىن مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى ھەقىقىي بىر ئىسىل تىمىنىڭ رولىنى ئويناپتۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22601
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7198
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:51:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ توردا قالايمىقان پەتىۋا  چىقىرىپ  تور دۇنياسىنى  قالايمىقان قىلغان تور  موللىلىرنى  نىمە دىسەم بولا   يەنىلا  ئوزۇم  بىلگەن ئىشنى قىلاي

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
apisi502 + 10 ئەگەشتىم

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سۆزلىرىم ئاشكارە
سىرلىرىم پىنھان
قەلبىمنى چۇشەنمەس
ھىچقانداق ئىنسان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش