مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: alpamix:aziz

نەزىر قىلىش ئۆرپ-ئادىتىمىز يوقۇلۇپ كەتمىسۇن ئەزىز ھېيت كۈن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85232
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 628
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 431 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:04:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېچىدىن كۆرگەن چۈشلىرىڭىزنىڭ يەكۈنىما بۇ؟
ئاغىنەم، ئىسلامغا ئائىت ماقالىلەرنى ئەتىگەن قوپۇپ «ئىلھام كەلدى» دەپ يازىۋىرىدىغان نەرسە ئەمەس، مۇناسىۋەتلىك ئايەت، ھەدىس ۋە پەتىۋا ئالىملىرىنىڭ يەكۈنى قاتارلىقلارنى تولۇق دەلىل-ئىسپات كەلتۈرۈپ، ئاساس بىلەن يازىمىز، ئۆزىڭىزنىڭ يەكۈنىنى ئەكىلىپ ئانداغەي، مانداغەي دەپ چاپلاپ قويسىڭىز، سىزنىڭ ئويۇنچۇقىڭىز ياكى خاھىشىڭىز بويىچە بولىدىغان نەرسە ئەمەس بۇ دىن دېگەن!!!
كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەپ قوياي، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىدئەتكە ئائىت ھەدىسلىرىنى، پەتىۋا ئالىملىرىنىڭ ۋە ئۆتكەن زامانلاردىكى يېتىشكەن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ نەزىر، بىدئەت، سۈننەت توغۇرلۇق ماقالە، بايانلىرىنى كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، يەنە بىر دەي: دىن ئىسلام سىز بولىدۇ دېگەنگە بولىدىغان، بولمايدۇ دېگەنگە بولمايدىغان نەرسە ئەمەس.
نەزىر بەرمىسە چوڭقۇر گۇناھقا پاتىدىغانلىقى قايسى سۈرە قايسى ئايەتتە باركەن؟ ياكى قايسى ھەدىستە تىلغا ئېلىنىپتۇ؟ قايسى ئالىم، قايسى پەتىۋاچى پەتىۋا بېرىپتۇ؟ قۇرئاننىڭ قايسى سۈرە قايسى ئايىتىدە «ئۆرپ ئادىتىڭىزگە دىنىڭىزنى ماسلاشتۇرىۋىلىڭ» دەپ باركەن؟ «مېنىڭ مۇلاھىزەم» دەپ يۈرۈپ «قاتتىق گۇناھ» دېيىشكە تىلىڭىز قانداق باردى؟
نەزىرنى بېرىدىغان پۇلنى سەدىقە قىلسا، باشقا ساۋاب ئىشقا ئىشلەتسە مۇناپىقمىش!!! مۇشۇ گەپنىڭ ئۆزىدىن قانداق ئادەملىكىڭىزنى بىزگە دەپ بېرىپ بولدىڭىزغۇ مانا؟

قىزىقارلىق يۇمۇرلار، شەخىسنىڭ سەرگۈزەشتىسى ۋە كۈلدۈرگىلەر مانا بۇ جايدا!
بۈگۈن سىزگە تۆۋەندىكى سوۋغىلارنى ئېلىپ كەلدىم، ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلغايسىز
[كىتاپ بازىرى] [ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى تېمىلار جەمگاھى] [url=http://www

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4266
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:05:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ   تېما  ئارقىلىق ئىناقسىزلىق پەيدا قىلماقچى  ئەمەسمەن. تېمىنى تەستىقلىغۇچىلاردىمۇ   خاتالىق يوق. بىر جەمىيەت  بولغاندىكىن  جەمىيەتنىڭ  مۇقىم تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا ھەر خىل قاراشنىڭ  ئوخشىمىغان قاراشتىكى كىشىلەر  تەرپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلىشى تەبىي. ئۇيغۇرلار  تارىختا  كۆپ قېتىم دىننىي ئېتقادىنى  ۋە يېزىقىنى ،مەدەنىيىتىنى يەڭگۈشلىگەن مىللەت.مىللى  ئۆرپ-ئادەت  بىر  مىللەتنىڭ موھىم ئالاھىدىلىكىگە  ۋەكىللىك قىلىدۇ.مەن يالغۇز دىننىي نوقتىدىنلا  ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزنىلا  كۆزدە تۇتۇپ  پىكىر يۈرگۈزمىدىم.بەلكى  ئۆتمۈش،ھازىر،كەلگۈسىنى ئوچۇق ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھالىتى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى بىرلەشتۈرۈپ پىكىر يۈرگۈزدۈم.ئۇيغۇرلار ئىسلامغا دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان مىللىتى.ئەمما مۇسۇلمان دېگەن چوڭ ئۇقۇم ئىچىدە يەنە ئۇيغۇر دەيدىغان كىچىك ئۇقۇم بار.بىز مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى بىلىش بىلەن يەنە ئىسلام دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە (رايۇنىمىز تەۋەسىدە ) ئوخشاش ئۆزىگە خاس مىللى ئالاھىدىلىكى بار مىللەت ئىكەنلىكىمىزنىمۇ بىلىشىمىز زۈرۈر.نەزىر بېرىش-بىزنىڭ نۇرغۇن ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرى.مەن پەقەت  تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان نەزىر-چىراق،ئاتا -ئانا،ئەجدادلارنى روھىنى ئۇلۇغلاش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزدۇم.ھەممىنى رىئاللىقنىڭ يۈزلىنىشى بەلگىلەيدۇ.بەلكىم  نەزىر بېرىش ئادىتىمىز يوقۇلۇپ كېتەر ياكى ساقلىنىپ قالار.ئۇنى ۋاقىت ئىسپاتلايدۇ.ھازىرقى نەزەربىلەن قارايدىغان ئادەتنىڭ داۋام قىلىشى ياكى ئۇزاق تارىخ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان قاراشنىڭ  ئومۇممىي يۈزلىنىشكە ئايلىنىدىغان ئايلانمايدىغانلىقىنىمۇ  ۋاقىت ئىسپاتلايدۇ. مەن ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ  خاتا ھالدا قالپاق كەيگۈزمەسلىكىنى بۇ تېما ياقمىغان  بولسا  ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا  قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىشنى  ئۇمىد قىلىمەن.قىسقىسى نەزىر بېرىش داۋاملاشسا  ياكى يوقاپ كەتسە  شەخسى نوقتىدىن ئالغاندا  ھېچكىمگە زىيىنى يوق.ئەمما مىللى ئۆرپ-ئادەت  نوقتىسىدىن بىر ئۆرپ-ئادىتىمىز ئازىيىدۇ .شۇ. ئەگەر  نەزىر بېرىش  ئومۇمىي يۈزلۈك  ئەمەلدىن قالسا شۇ يۈزلىنىشنى مەن بىر مۇقەرەرلىك دەپ بىلىمەن.بۇ ھەرگىزمۇ يومىلاق تاۋۇزلۇق قىلغانلىقىم ئەمەس.ناۋادا  نەزىر بېرىش ئۆرپ-ئادىتىمىز يەنە ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ قالسا  شۇ  ئەنئەنىنىڭ داۋاملىشىشنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.ئاخىرقى سۆز: بۇ مۇنبەرگە چىققانلار ئۆز-ئارا دۈشمەن ئەمەس.پىكىرنى چىرايلىق ئوتتۇرغا قويايلى.تەنقىدىي پىكىر بولغان تەقدىردىمۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەرلىك،خوشال روھى ھالەت-ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:09:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلەت تېما مېسىرانىمدىن مۇشۇنىڭدەك  ئەخلەت تېمىلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ كېرەك...
باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق تېمىنىمۇ تەستىقلاپ قىلىدىغان ئىش تاپالمىغان ئوخشمىامدۇ.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 760
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3095 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:12:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن بىر كىشى ئۆتكەن ئىدى،  ئۇ كىشى ياشىغان دەۋر ئازاتلىقنىڭ پارلاق نۇرى كەڭ زىمىننى قاپلىغان يىللار بولۇپ كىچىكىدىن تارتىپلا يولداش ماۋزېدۇڭنى مەدىھىيلەش،  ئۈزۈندىلىرىنى يادلاش ئىچىدە ئاستا ئاستا چوڭ بولدى،  ئۇ ياخشى ئوقۇدى،  يازغۇچىمۇ بولدى، ئەنگىلىيەدىن تارقالغان دۇنياۋى مىللەتچىلىك ئېقىمى تەسىرى پۈتۈن دۇنيادا قاتتىق تەسىر قوزغىۋىدى:  يازغۇچىمىزمۇ مىللىتىنى تەتقىق قىلىپ باقتى،  ۋە كىتاب يازدى .....
ئۆزىنىڭ قايسى يولدا مېڭىشىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر ساددا بۇ كىتابنى ئوقۇپ قالدى ۋە قاتتىق تەسىر قىلدى ، ئۇ ئاتالمىش مىللىتىنى قايتىدىن تونىدى ،  ۋە قاتتىق پەخىرلەنگەنىدى !  بۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى ئۆز مىللىتىگىمۇ بىلدۈرگۈسى كېپكەتتى !  قانداق قىلىش كېرەك؟  ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي تۆۋەندىكى قۇرلارغا قەلەم تەۋرەتتى :  «نەزىر قىلىش ئۆرپ ....»
ئەپسۇسكى ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي قالدى ، ئۇ يازغان نەرسىسىنى ئالقىشلىنىدۇ دەپ ئويلىغانىدى ئەمما ئۇ تۈكرۈككە كۆمۈلۈپ كەتتى !  ئۇ خەلقىنىڭ ئاللىبۇرۇن بۇ ئىشلارنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟  بىچچارە كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەن پېتى ئىسسىت نادان خەلقىم دەپ ئاھ ئۇردى ....

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1690
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:19:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادام تۇگەپ كەتكەندە زور تالاش-تارتىشلار بۇلۇپ كەتكەن، ئىنىلىرىم نەزىر ئۇتكۇزمەسلىك پىكرىدە چىڭ تۇرغان ،دادامنىڭ خىزمەتداشلىرى تۇنۇش -بىلىشلەر، خۇلۇم-خوشنىلار  نەزىر قىلمىساڭلار قانداق بۇلدۇ  ئۇ بىر  ئەل -جامائەت ئالدىدا ھورمەتكە سازاۋەر ھوكۇمەت كادىرى تۇرسا  مۇشۇنداقلا ئاچقىپ كۇمۇۋەتسەڭلا قاتتق نارازىلىق بىلدۇرۇشكەن ئىدى. دادامنىڭ ئىدارىسىدىنمۇ  نەزىر قىلىڭلار دەپ  ئىككى خاتا گۇرۇش ،بىر خالتا ئۇن  ئون كىلو ياغ  ئەكلىپ بەرگەن ئىدى. ئىنىلىرىم بۇ ئاشلىقلارنى  يىتم-يىسىرلارغا  بىرۋەتكەن.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
haptohtaptu + 10 ئىنىللىرىڭىز ئوغۇل ب.
yabgu + 15 ئوغۇلبالا!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 25   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90642
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 175
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:25:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ  دەلتە ، نەدىن چىقتى، ئادەمدەك گەپقىلىلى كىم ،قەۋرە يوقلاشنى چەكلەپتۇ ، ؟ سىز مۇناپىقنىڭ قانداق بولدىغانلىغىنى بىلمىگەندىكىن ئالدىراپ بۇ سۆزنى ئاتىمانڭ ،بولمىسا ئۆزىڭىز مۇناپىق بولۇپ قالىسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5605
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1278 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:35:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىنىمىزغا بويسۇنغان، توغرا كەلگەن، دىنىمىزدا چەكلەنمىگەن ئۆرىپ-ئادىتىمىز بولسا داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ. ئەگەر دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان، ئۇنى قىلسا ياكى داۋاملاشتۇرسا گۇناھ بولىدىغان، ياكى ئىسلامدا كۆرسىتىلگەن توغرا ئۇسۇل، يول بويىچە ئېلىپ بېرىلمىسا گۇناھ بولىدىغان ئۆرىپ-ئادەتلەرنى تۈزىتىش ياكى يوقىتىش كېرەك. بىزگە ئۆرپ-ئادەتكە قارىغاندا ئىمانىمىز بىلەن ئاللاھ كۆرسەتكەن توغرا يولدا مېڭىپ ياشاش ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mostafa + 10 اللە رەھمەت قىلسۇن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83992
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3928
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1793 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:45:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alpamix:aziz يوللىغان ۋاقتى  2013-2-1 11:05 AM
بۇ   تېما  ئارقىلىق ئىناقسىزلىق پەيدا قىلماقچى  ئەمەسم ...

كاللىڭىز بەك ئىشلەيدىكەن ھە، سەن ئۆزەڭنىڭ قاپات كاللىسىنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىدىن ئۈستىن دەپ قارامسەن، دىندىن ئەسلا ساۋادىڭ يوق تۇرۇپ، تېخى دىنىمىزدىن سۆز ئېچىۋاتامسە؟

ئالدىڭغا شۇنداق بىر ئېغىر سىناقلار كەلسە، سەن ھەرگىز بوشىشىپ قالمىغىن. چۈنكى بۇ سىناق سەن ئۈچۈن پىلسىرات كۆۋرىكىنىڭ يول خېتىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5167
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 727 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:45:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zapar يوللىغان ۋاقتى  2013-2-1 03:01 AM
.نەزىرگە ئاتىغان پۇلنى چوقۇم نەزىر بېرىشكە،ۋاپات بولغ ...

100%قوشۇلىمەن!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51044
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9861 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:54:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئېگىسى دېۋاتقان گەپنى ئۇمۇمىي نۇقتىغا كۆتۈرۋالماڭلار.
ھەممە كىشىنىڭ ئۆز-كۆز قاراشلىرىنى مۇنبەردە دېيىش ھوقۇقى بولىدۇ،بىر كىشى دەپ قويغانغا ئىشلار ئۇنداق بوپ كەتمەيدۇ.بېرىلدىغان رەدىيە ئىلمىي بولسا،ھەممىمىز ئىلمىي مۇنازىرە قىپ ھەقىقەتنى سۈزۈپ چىقىدىغان يەر بۇ،تالاش-تارتىش بولمىسا مۇنبەرنىڭ ئەھمىيتى بولمايدۇ.مۇشۇنداق تېمىلاردا چۈشكەن ئىنكاسلار ئارقىلىق تېمىنىڭ ئەھمىيتىنى ئۆلچەپ بېقىش كېرەك.بەس-مۇنازىرە كۈچلۈك بولسا،چۈشكەن ئىنكاسلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەر-ۋىلايەتلەردىكى ھەر قايسى كىشىلەرنىڭ نەزىرگە بولغان قارىشى ھەمدە ئۆرپ-ئادەتكە بولغان چۈشەنچىلەردىكى پەرقنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.
بۇ تېمىنى تەستىقلاپ خاتا قىلمىدىم،مۇنبەر دېگەن بىلىم ئۆگىنىش سورۇنى.خاتالىق بولسا رەدىيە بېرىپ،ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىپ مۇنازىرە قىلسا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنۋالغىلى بولىدۇ.
ئىدىيەگە سىغدۇرغىلى بولمايدىغان بەزى قاراشلار نۇرغۇن تورداشلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغاندەك قىلىدۇ،بولسا تېما ئېگىسى ئۆز-كۆز قارىشىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويغاندىكىن،بىزمۇ كۆرۈۋاتقان رېئاللىقنى چىقىش قىپ ئىنكاس يازساق،بىر تېما بىلەن تېما ئېگىسىنى سەلبىي سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش