alpamix:aziz يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:05 AM
بۇ تېما ئارقىلىق ئىناقسىزلىق پەيدا قىلماقچى ئەمەسم ...
«مەن پەقەت تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان نەزىر-چىراق،ئاتا -ئانا،ئەجدادلارنى روھىنى ئۇلۇغلاش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزدۇم.» ماۋۇ گەپنى ئىنكاستا دەپسىز، «.نەزىرگە ئاتىغان پۇلنى چوقۇم نەزىر بېرىشكە،ۋاپات بولغۇ چىنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇش،خاتىرجەم قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك.نەزىرگە ئاتىغان پۇلنى باشقا ئىشقا ھەدىيە قىلىشقا دەۋەت قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللەتكە،مىللەتنىڭ تارىخىغا،مىللى ئۆرپ-ئادەت،قائىدە-يوسۇنلىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلغۇچى خائىن-مۇناپىققا ئايلانغانلىقىنى،كەلگۈسى ئەۋلادلار ئالدىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھغا پاتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى زۈرۈر.» ماۋۇ گەپنى بولسا تېمىدا دەپسىز، ئەجەبا مۇشۇمۇ «پەقەت ئەجدات روھىنى ئۇلۇغلاش» توغۇرلۇق گەپما؟ مۇشۇمۇ سىزنىڭ يۈرگۈزگەن پىكىرىڭىزمۇ؟
ئۆزىڭىز يازغان گەپلەردىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچماڭ، پىكىرلىرىڭىز قالتىسكەنغۇ ئەمىسە سىزنىڭ؟ پىكىر بىلەنلا خەقنى مۇناپىق، گۇناھكار، ئاسىي، خائىنغا چىقىرالىغاندىكىن....