مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: XERHAN

ھاراقكەش كېلىن ( پوۋېست )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۈرەك ۋىلىقلاپ كۈلدى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 781
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7569
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1361 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 04:29:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇشۇ شىرخان ئەسەرنىڭ داۋامىنى يىزۋەتمەي نەدە لاغايلاپ يۈرگەندۇ دەيمەن
داۋامىغا تەشنامەن .....سىزگە مەدەتلەر بولسۇن .....ھارماڭ قېرىندىشىم .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9212
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2703 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 04:30:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81223
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3026
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 04:39:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
buraqixi يوللىغان ۋاقتى  2013-2-20 01:50 AM
ۋاي   ۋاي    ۋاي !   باش  سۈرىتىڭىز  بەكلا  قالتىسكەنغۇ،ھۆ ...

رەھمەت لېكىن بۇنى ئۆزۈم لاھىلىمىگەن~~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10579
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2284 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 04:42:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xukrat116 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-20 04:39 PM
رەھمەت لېكىن بۇنى ئۆزۈم لاھىلىمىگەن~~~~

سىز لايىلىمەپسىزدە ! بولسا ئاشۇ خەتنىڭ نىمە مەنىسى بارلىقىغا قىزىقىپ قالدىم .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90158
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 242
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 05:08:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۈگەپ قالدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1973
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 06:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇ جاھان شۇنداق جاھانكەن ، بىردە كۈلۈپ ياشايدىكەنمىز ، بىردە يىغلاپ دىگەندەك

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72935
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 06:23:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91628
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-2-13
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 09:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تىزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 11 كەتتى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3685
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28396
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5190 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 09:39:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ...

                                                                          ( 7 )

قاچانلاردا تۈگىدىكىن زەپەرنىڭ گەپلىرى تۈگەپ < ئۇھ ، مەن بەك تويۇپ كەتتىم > دىگەن ۋاقىتتىلا ئامانگۈلمۇ ئۆز ئەكسىگە قايتىپ كەلدى ، خۇددى بىر سىرلىق ئورىدىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالغان ئامانگۈل شۇ تاپتا بىر توننا يۈكنى دۈمبىسىگە ئارتىۋالغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى .
- بىلەمسىز زەپەر ، سىزنىڭ بۇ ئۆتمۈشلىرىڭىز ۋە بۈگۈنىڭىز ھازىر مىنى ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشلىرىمدىنمۇ بەكرەك ئازاپ ، ئىتىرازغا مۇپتىلا قىلىۋاتىدۇ .
دىدى ئامانگۈل بېشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئېغىزىدىن تاماكانىڭ تۈتۈنىنى تورۇسقا قارىتىپ چىقىرىۋاتقان زەپەرگە قاراپ ، زەپەر بولسا باشقىچە ئىپادە بىلدۈرمىدى ، چۈنكى ئۇ كونا - يىڭى ھەممە ئىشلىرىنى ئامانگۈلگە سۆزلەپ بىرىپ بولغان ئىدى . ئەمدى بولغاندا باشقا گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق دەپ قارايىتتى ، بىراق ئامانگۈل ئۇنى داۋاملىق ھەمسۆھبەت بولۇشقا رايىش قىلدى .
- زەپەر ، مەن سىزگە ھەقىقەتەنمۇ قايىل بولدۇم ، بەلكىم سىز بۇ ئۆتمۈشىڭىزنى ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى تويىڭىز كىچىسىدە ئۆيدىن قايتىپ چىققان ئىشڭىزنى مەندىن باشقىلارغا دىسىڭىز ئۇلار سىزنى بىر ئەخمەق ، ھاماقەت چاغلىشى مومكىن ، مىنىڭچە سىز ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك ، ئاقكۆڭۈل ئەركەنسىز ، ئەگەر بۇ ئۆمرۈمدە سىزدەك بىرسىگە ئۇچرىغان بولسام مىنىڭ ھاياتىم بۇ دەرىجىدە خۈنۈكلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى .
زەپەر يەنىلا ئىپادە بىلدۈرمىدى ، توختىماي تاماكا شوراۋاتقان زەپەرنىڭ تۇرقىنى كۆرگەن ئامانگۈل شۇ تاپتا ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى زەپەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرۋاتاتتى ، شۇڭىمۇ ئۇ زەپەرگە داۋاملىق تەسەللى بىرىش نىيتىدە گەپ قىلدى .
- ماڭا ئىشىنىپ ، مىنى يارىتىپ شۈنچە ئىشلىرىڭىزنى ماڭا سۆزلەپ بەردىڭىز ، بۇنى بەلكىم مەندىن باشقا يەنە بىرسى ئۇقماسلىقى مومكىن ، ھازىر سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ۋە ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى زەپەر ...
زەپەر ئامانگۈلنىڭ توختىماي ماختاشلىرىدىن ھەم ئۆزرىھالىقىدىن زىرىكتىمۇ ئۇنىڭغا ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ۋارقىراپ تاشتى .
- بولدى قىلە ۋاي ... بۇنداق ئۇچۇرۇشلىرىڭدىن مەن قىلچىمۇ خۇشاللىق تاپالمايمەن ، ئەكىسچە تېخىمۇ ئىچىم ئېچىپ ، ئۆرتىنىپ كىتىپ بارىدۇ .
ئامانگۈل يەنە ئوڭايسىزلىنىپ قالدىيۇ ئازراقمۇ ھېيىقماستىن  زەپەرگە ئېيىتتى .
- بىلەمسىز ، مىنى ھىچكىم ماختىمايدۇ ، بىرەرسىنىڭ ئالدىدا يۈز تۇرانە بىر ئېغىز ماختاشقا ۋە ھۆرمەتكە ئىرىشەلىگەن بولسامكەن كاشكى - مىنى كۆرگەن بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى < ھاراقكەش خوتۇن ، ئامان مەنتەڭ > دىيىشىدۇ ، زىمىستاندەك مۇزلاپ كەتكەن قەلبىمگە بۇنداق ئاتاقلار سىڭىپ كىرىپ مىنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرۋاتتى ، ئەجىبا سىز مەندىنمۇ بەك بىچارە ۋە ئاجىزمۇ ؟ ھە ، ئېيتىڭە زەپەر ...
ئامانگۈل گەپلىرىنى دەپ بولۇپ ئۆزىمۇ خالىمىغان ھالدا كۆزلىرىدىن ياش ئېقىتتى ، زەپەر ئۇنىڭغا قاتتىق تەككىنىدىن بىر ئاز ئۇيىلىپ قالدىمۇ ، ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسىنى بىر ئاز سىلىقلاشتۇردى .
- خاپا بولما ، مەن قەستەن كۆڭلۈڭنى ئاغرىتماقچى ئەمەس ، ساقچىلىققا ئالماشقاندىن بۇيان مىجەزىم مۇشۇنداق كەسكىن ۋە قوپالراق بولۇپ قالدى توغرا چۈشەن ...
- ھىچقىسى يوق زەپەر ، سىز ھېلىمۇ ماڭا چوڭ ئۈمۈتلەرنى ئاتا قىلدىڭىز ، مىنىڭ سىزدىن ئاغرىنىشقا قىلچىمۇ ھەققىم يوق .
ئۆزىنى تىزلا يىغلاشتىن توختاتقان ئامانگۈل زەپەرگە ئۆزىمۇ خالىمايدىغان بىرخىل ئۇسۇلدا يىنىككىنە كۈلۈپ قويدى ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ھازىر چۈشىنىش ھاسىل قىلىنىپ بولالمىغان بولسىمۇ ئەمما ئامانگۈل زەپەرنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن ئادىمى دەپ قالغان ئىدى ، لىكىن زەپەرگە بىلىندۈرگۈسى كەلمەيىتتى ، زەپەرنىڭ مۇئامىلىسىمۇ دەسلەپكىگە قارىغاندا خېلىلا ياخشىلىنىپ قالغان ئىدى .
- سائەت نەچچە بولدى ، دۇكىنىڭدا سائەت بارمۇ ؟
سورىدى زەپەر ، پىشانىسىگە يېيىلىپ كەتكەن چاچلىرىنى ئارقىسىغا قىلىپ ئوڭشاۋاتقان ئامانگۈلدىن .
- بەش بولۇپتۇ ...
- بەش ؟... توغرىمۇ يا ؟
ئەجەپلىنىپ كەتكەن زەپەر ئامانگۈلدىن يېنىشلاپ سورىدى .
- راستقۇ ، توغرا ئۇ سائەت .
- مەن بۇ يەردە شۈنچىۋالا ئۇزۇن ئولتۇردۇمما ؟
- سىلەر كەلگەندىمۇ سائەت ئون ئىككىدىن ئاشقان ئەمەسمۇ ...
- مانا ، يەنە تاڭ ئاتىدىغان بولدى ، زىمىنغا كۈن چىقسىلا مىنىڭ يىڭى تۇرمۇشۇم يا ئۇيان يا بۇيان بولىدۇ .
- بۇ نىمە دىگىنىڭىز زەپەر ؟
- ھىچنىمە ، چىقىپ لوقماننى ئويغىتاي ئۇ ئىشقا بارمىسا بولمايدۇ ، ئۆيىسىگە بېرىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ، تەييارلىقى بولسا قىلىۋالسۇن .
- تېخى بۇرۇنغۇ ؟ سائەت ئالتىلەردە ماڭساڭلارمۇ ئۈلگۈرگىلى بولىدۇ .
- مەنغۇ مەيلى ، بىراق لوقماننىڭ ئىشلىرى دەخلىگە ئۇچرىسا بولمايدۇ ، قولىدا تۇتقان دىلوسى بار ئىكەن تۈنۈگۈنمۇ ئاران دىگەندە بىر كۈن رۇخسەت سوراپ تويۇمغا قاتنىشالىدى .
- قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىز زەپەر ؟
- نىمىنى ؟
- ھېلىغىچە ئۆيگە قايتىسىز ھەرقاچان ، ئايالىڭىزغا نىمە دەيسىز ؟
- تېخى ئۇنى ئويلىغۇدەك بولمىدىم باشقا كەلگىننى كۆرەرمەن .
- ئاخشامنىڭياقى نەدە ئىكەنلىكىڭىزنى سورىسا نىمە دەيسىز ؟
- نەدە دەيىتتىم مۇشۇ يەردە ، ھاراقخانىدا دەيمەن .
- مەن باشقىلاردىن ئايال كىشىنىڭ ھەرقانچە چوڭ گۇناھى بولسىمۇ ئەركىشىنىڭ ھەرگىزمۇ تالاق قىلماسلىقى ، تالاق قىلسا ئەركىشىگە ئېغىر گۇناھ بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم ، شۇڭا سىزگە دەيدىغىنىمىز زەپەر - مەيلى ئۇ نىمە دىسۇن ، نىمە قىلسۇن ھەرگىزمۇ تالاق قىلىدىغان ئىشنى قىلماڭ ، ئەسكىلەر بىلەن تەڭ بولۇپ گۇناھكار بولۇپ قالغاننىڭ پايدىسى يوق .
- مەنمۇ ئۇنداق ئويلىمىدىم ، ئەمما ئاخشامقى ئەلپازىمدا ئۇنى ئۇرۇپ ، ماخچايتىپ قويغۇم بار ئىدى ، ئۆزۈمنى ئاران - ئاران تۇتىۋالدىم .
- ھېلىمۇ تاسلا قاپسىز چوڭ ئىش چىقارغىلى ، ئەگەر قاچىنى تامغا ئۇرغان ۋاختىڭىزدا چىنە پۇچۇقلىرى كۆزىڭىز ، يۈزىڭىزدەك جايلارغا كىرىپ كەتكەن بولسا خەخ سىز ئۈچۈن ئازاپلانمايدۇ ، ئەگەر شۇ ئاچچىقىڭىزدا قىڭراق بىلەن ئۇنى بىر نىمە قىلۋەتسىڭىز ياكى ئۆزىڭىزگە سېلىۋالسىڭىز ئاقىۋىتى نىمە بولماقچى ؟
- ساراڭمۇ مەن ئۆزۈمگە پىچاق سالىدىغان ، ئۆزۈڭگە ئوخشىتىپ قېلىۋاتامسەن ؟
- توۋا ، ئادەمگە ئىشەنگىلى بولمايدىكەن ھە ؟ مەن تېخى سىزنىڭ بۇنداق تىزلا پىشانەمدە قويىشىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .
- ھە ، خاپا بولما ، ئېغىزىم مۇشۇنداق ئىتتىك ئەمما ساڭا ئازار قىلىش مەقسىتىدە دىمەيمەن .
- سىزگە دىسەم زەپەر ، مەيلى ئايالىڭىز نىمە دىسۇن پەرۋا قىلماڭ ، ئۇنىڭغا ئەركىشى ئايالىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا تىگىشلىك بولسا ، نىمىگە ئىرىشىشىكە تىگىشلىك بولسا شۇنداق قىلىڭ . نىكاھ غايىپتىن ، رىسىق نىكاھدىن دىگەندەك بىر قانچە كۈندىن كىيىن سىزگە ئامراق بولۇپ دىگەن گەپلىرىگە پۇشايمەن قىلىپ قالامدۇ تېخى .
- ھەيتاڭ قانداق بولاركىن .
- ئاۋۋال بىر سىناپ باقماپسىز ، ئۇنىڭغا سىلىق مۇئامىلە قىلىڭ ، ياخشى گەپلەر بىلەن كۆڭلىنى ئىللىتىڭ لىكىن بىر ئىش ئىسڭىزدە بولسۇن - ئۇنىڭ ئالدىدا كونا ئايالىڭىزنىڭ ھەرقانداق گېپىنى قىلماڭ ، مانا مەن شۇنداق ئاچچىق ساۋاققا ئىگە بولغان بەندىمەن .
- دىگىنىڭدەك قىلسام ئۇ يەنىلا شۇ گېپىنى قىلىپ ماڭا تۇتۇق بەرمىسىچۇ ؟
- شۇ ۋاقىتتا بىرگەپ بولمامدۇ ، ئايال كىشىنڭ سۆيگۈسى ئەركىشىنىڭ مۇئامىلىسىدىن كىلىدۇ ئەمەسمۇ .
- قارىغاندا سەن خىلى پىشىپ قالغان ، تەجىربىگە ئىگە ئىكەنسەن ھە .
- ئۇنداقمۇ ئەمەس ، مەنمۇ ئايال كىشى بولغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن شۇ .
- مۇنداق دىگىن ، بۇمۇ بولىدىغان گەپلەركەن قېنى مەن بىر سەن دىگەندەك قىلىپ باقاي .
- شۇنداق قىلىڭ ، سىزنىڭ نىيتىڭىز دۇرۇس ، قەلبىڭىز پاك بولسىلا خۇدايىم رىسىق - پىشانىڭىزنى ئوڭ قىلغۇسى !
- ماقۇل ئەمىسە ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي بۇ ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ كەتكىنىمنى قارا ، ئەمدى چىقاي بەكلا چارچاپ كەتتىم .
- ئۇنداقتا مەن سىرىتقى ئۆيگە چىقماي ، بولمىسا لوقمان ئارتۇقچە ئويلىنىپ قالمىسۇن ، ئۆزىڭىز ئويغىتىپ چىقىپ كىتىۋىرىڭ .
- مەن يەنە كىلىشىم مومكىن ، خوش .
زەپەر ئامانگۈل بىلەن ئاددىيلا خوشلىشىپ ئىچكىركى ئۆيدىن قايتىپ چىقتى ھەم سافادا  كېرىلىپ ياتقان لوقماننى ئويغىتىپ ، ئۇنىڭ يۈزىنى مۇزلۇق لۆڭگە بىلەن سۈرۈپ قويدى .
لوقمان كىچىدىن بېرى بولۇنغان گەپ سۆزلەردىن ، زەپەرنىڭ ئۇيقىسىزلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى .
ئۆزىنى سافادا ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان زەپەر لوقمان بىلەن دۇكاندىن چىقتى ، يىڭى بىر سەھەرنى كۈتىۋىلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ زىمىندا كۈن چىقسا يەنە قانداق يىڭى ئىشلارنىڭ يۈز بىرىدىغىننى ھىچكىم بىلىپ بولالمايىتتى .

داۋامى بار ...
   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-21 06:42 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tamken + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91871
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 09:51:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى داۋامىنى قاچان يوللايسىز ، ئادەمنى تەققازا قىلىپ............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش