مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: XERHAN

ھاراقكەش كېلىن ( پوۋېست )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80814
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4813
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 391 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 11:39:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يىزىپسىز شىرخان   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90158
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 11:41:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۈگەپ قالدى دىسە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3308
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 876 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 12:01:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ئەسەر ماڭا بەك ياردى ، بولسا مىسرانىم ئەپەندى ئاۋازلق ئەسەرقىلپ ئىشلەپ چىقساڭلاربولاتتى ، ھىلقى ‹‹پاھشە نىڭ مۇھەببىتى››دىن 1000پىرسەن ياخشى چىقاتتى ،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3686
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28429
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5193 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 12:14:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ...

( 6 )


- نىمىدىگەن چاكىنا ئايال ئۇ ؟ خۇددى كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋىلىش ئۈچۈنلا توي قىلغاندەك ئىش قىپتۇ ، مىڭ لەنەت بولسۇن !
ئامانگۈل ئەمدىلا گېپىنى تۈگىتىپ يەنە بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان زەپەرگە يىرگىنىش ئىلكىدە خۇددى زەپەر ئامانگۈلنىڭ قىسمىتىگە ئۆكۈنگەندەكلا ئۆكۈندى .
- ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغىنى ئېنىقتە ، مىنى < ساقچىلىققا ئالمىشىڭ ، مەن يۆتكىلىپ كىرسەم سىزگە ۋە ئاپامغا ۋاختى - ۋاختىدا قارىيالىغان بولاتتىم ، مەنغۇ مەيلى چىقىپ - كىرىپ ئىشلىسەم ، ئەمما ئاپام ياشىنىپ قالغان ئۇنىڭ ئۈستىگە كىسەلچان بولغاندىن كىيىن ئاپامنى دەپ بولسىمۇ ئالمىشىڭ > ... دىگەندەك گەپلەرنى قىلسا مەن تېخى ئۇنى راستىنلا شۇنداق قىلامدىكىن دەپتىمەن . ئۇنىڭ مائاشىنى خەجلەپ قورساق كۆپۈكى بولغىنى پەقەتلا بىر باھانە ، مەن بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن ... چۈنكى مەن ئالدىنئالا ئەسكەرتىپ قويغان ، ئەسلى بۇرۇندىن تارتىپ نىيىتى باشقا ئىكەن ئۇ ئاپەتنىڭ ...
دىدى زەپەر تاماكىنى چىشلەپ تۇرۇپ ، ئامانگۈل ئەمدى بولغاندا ئۆزىنى قويۇپ زەپەرگە ھىسداشلىقى قوزغالغان ئىدى .
- كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ زەپەر ، خۇدايىم ھامان تەڭشەيدۇ ، ئايال كىشى پۇلنى ئائىلىدىن ، تۇرمۇشتىن ، ئىرىدىن يۇقىرى كۆرسە ھامان ئۆز بەختىنى ۋەيران قىلىدۇ ، بىز مەيلى مىليۇنىر بولايلى ، مەيلى قەلەندەر بولايلى ھامان ئائىلىگە مۇھتاج بولىمىز ، تۇرمۇشنىڭ ئىچىدە ياشايمىز .
ئامانگۈل زەپەرنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن ، ساقچىدا بولۇشقا تىگىشلىك سالاپەت ۋە تەمكىنلىكنىڭ يوقىلىپ مۈكچىيىپ كەتكەن گەۋدىسىدىن يەنە بىر ئاچچىق ھەقىقەتنىڭ زەپەرنى مۇشۇنداق قىيناۋاتقانلىنى قىياس قىلدى ھەم زەپەردىن قايتۇرۇپ سورىدى .
- نىمە ئويلىغان بولسىڭىز شۇنى دەڭ زەپەر ، ئەگەر تارتىشقا ئىمكان بولسىدى سىزنىڭ بارلىق دەرت - ئازاپلىرىڭىزنى مەن تارتىشقا رازى بولغان بولاتتىم .
- ساڭا بىر گەپنى دىسەم يەنە < مىنى پەس كۆردى > دەپ قالارسەنمۇ ؟
- نىمىنى دەيسىز ، قېنى دەۋىرىڭ ئۇنداق دىمەيمەن .
- بۇ ئۆيۈڭ سېسىق پۇرايدىكەن ، ھاراقنىڭ پۇرىقى بىر ياندىن ...
- مەن كۆنۈپ قاپتىمەن زەپەر ، ئەتتىر چېچىۋاتاي ھە ، ئەتتىر چېچىپ شاڭ يېقىپ قويسام پەسىيىپ قالىدۇ بۇ پۇراقلار ...
ئامانگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچكىركى ، تاشقىرقى ئۆيگە قېنىق ئەتتىر چېچىپ چىققاندىن كىيىن زەپەردىن سورىدى .
- قاراڭ بۇ ئاغىنىڭىز تېخىچە سافاغا يۆلىنىپ ئۇخلاۋىتىپتۇ ، ئۇنىڭ ياتقۇزۇپ قوياي ھە ؟
- نەدە ياتقۇزىسەن ؟
- سافاغىلا ياتقۇزۇپ قوياي ...
ئامانگۈل لوقماننىڭ ئايىغىنى سالغۇزۇپ سافاغا يەڭگىل ياتقۇزۇپ قويدى ، ئاندىن ئىچكىركى ئۆيدىن ئۆزىنىڭ ياستۇقىنى ئېلىپ چىقىپ بېشىغا قويۇپ قويغاندىن كىيىن زەپەردىن سورىدى .
- ھە راسىت ئۇنىڭ ئىسمى نىمە ؟
- لوقمان .
- ئۇمۇ ، سىزمۇ سالاپەتلىك ، كىلىشكەن ئىكەنسىلەر ...
- كۆزۈڭ چۈشۋاتامدا ؟
زەپەر ئامانگۈلنى ياراتمىغان قىياپەتتە سورىدى ، ئامانگۈل زەپەردىن ئەيمىنىپ قالغان ئىدى ، ئەمما جاۋاپ بەرمىسە بولمايىتتى .
- ياق ، ياقەي ... سىلەردەك توققۇزى تەل ، ئائىلە كىلىپ چىقىشى ياخشى ئادەملەرگە مەندەك ھاراقكەش خوتۇن قانداقمۇ ماس كەلسۇن ؟
- ماس كەلسەڭمۇ ئامال يوق ، ئۇنىڭ ئايالى بار ، مىنىڭمۇ ھەم شۇنداق ...
- بىلىمەن ، شۇڭا مەن سىلەرنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرۈشكە لايىق ئەمەس .
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە ، سىنىڭمۇ كىلىپ چىقىشىڭ ياخشىكەنغۇ ، موللامنىڭ قىزى ...
زەپەرنىڭ تەسەللىگىمۇ ، تەنــــــــىگىمۇ ياتمايدىغان بۇ گېپى ئامانگۈلنى يەنە بىر قېتىم ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى ، ئامانگۈل بۇنىڭغا گەپ قايتۇرالمىدى ھەم گەپنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن زەپەردىن سورىدى .
- تاماكىنى چىكىۋەردىڭىز ، قىزىل چاي ، كۆك چايدەك بىر نەرسە ئىچەمسىز ؟
- شۇنداق سۇلارمۇ بارمۇ دۇكىنىڭدا ؟
- ئادەتتە خەققە ساتقىلى ئەمەس ، ئۆزۈم ئىچكىلى ئەكىرىپ قويىمەن نەچچە ئون تال .
- مەيلى يىشىل چاي بولسا ئەكىرە ئەمسە سوغۇقراقىنى ...
ئامانگۈل سىرىتقى ئۆيگە چىقىپ بىرتال يىشىل چاينى تىزلا كۆتۈرۈپ ئەكىردى ھەم زەپەرگە تۇتتى .
- مەھ ، ئېلىڭە ... كاللىڭىز سەگىدەپ نىرۋىڭىزغا ئارام بولىدۇ .
زەپەر چاينى ئېلىپلا گۆپىلدىتىپ يېرىمىدىن ئازراقىنى ئىچىپ توختىدى . زەپەرنىڭ سۇ ئىچىشلىرىمۇ ئامانگۈلگە < يەنە بىر ئىش بار > دەۋاتقاندەك قىلاتتى . بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئىتىۋاتقان زەپەرنىڭ ئەلپازىنى كۆرگەن ئامانگۈل يەنە زەپەردىن سورىدى .
- دىمەك ئىككىلىڭلارنىڭ ئايالى بار دەڭ ، لوقمان < بۇ ئاغىنەمنىڭ كۆڭلى يېرىم > دىگەندەك قىلىۋاتاتتى بۈگۈن نىمە بولغانتى سىزگە ؟
- ھىچنىمە .
- ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ قولىڭىزنى يىڭىلا تاڭدۇرۇپسىز ، كىيمىڭىزدىمۇ قان يۇقى بارئىكەن .
- ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ھەيران قالما ...
- دەڭچۇ ، بۇندىن كىيىن بۇنداق پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولامدۇ بولمامدۇ ئۇقمايمەن ، بۈگۈن مىنىڭ تەلىپمنى رەت قىلمىغان بولسىڭىز سىزدىن يەنە بىر قېتىم مىننەتدار بولغان بولاتتىم زەپەر .
- سەن زادى نىمىنى بىلمەكچى ، دەيدىغان گەپلىرىمنى دەپ بولدۇمغۇ ؟
- ياق ، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ سىزدە يەنە بىر ئىش بار .
- چوقۇم بىلگۈڭ بارمۇ ؟
- شۇنداق بىلگۈم بار .
- ئاڭلاپ تۇر ، بۈگۈن مىنىڭ تويۇم بولغان كىچە ...
- نىمە دىدىڭىز ؟ بۇ ، بۇ قانداق ئىش ؟
- دىدىمغۇ بىلگۈنىڭىنىڭ پايدىسى يوق دەپ .
- پايدىسى بولسۇن بولمىسۇن بىلگۈم بار قېنى دەڭە نىمىشقا ئۆيدە بولماي ھاراق ئىچىش خىيالىغا كىرىپ قالدىڭىز ؟
- ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن ، ئىشقىلىپ مەن ئايال كىشىگە شۈنچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتتىم . ھەتتا ئۆز - ئۆزۈمگە قەسەمياد قىلىۋەتتىم .
- كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن زەپەر ، شۇ تاپتا ئۆزۈمدىن بەكرەك سىزنى ئويلاۋاتىمەن .
- قانداق بولۇپ ؟
- ھەرقانچە بولسىمۇ مەن مەيلى قانچىلىك كۈن كۆرەي بۇ ھالىتىمدە بەرىبىر < ئامان مەنتەڭ > دەپ ئاتىلىۋىرىمەن ھەم ئۇنداق ئاتالساممۇ مەيلى ، چۈنكى مەن دىگەن بىر ھاراقكەش خوتۇن كەلگۈسۈمدە بەرىبىر ئاقلىنالمايمەن ، لىكىن سىز ئوخشىمايسىز ، سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ، سىزنى يۈرەك پارىسى دەپ بىلىدىغان ئانىڭىز بار ...
- مەن خىزمەتنى ئەمەس ئانامنىڭ يەنە بىر يۈرەك ئازابى تارتىپ قېلىشىنى ئۆزۈمنىڭمۇ كىشىلەر ئالدىدا < بىتەلەي ساقچى > دەپ ئاتىلىپ كۈلكىگە قېلىشىمدىن ھەم ئەرلىك غورۇرۇمنىڭ ئاشۇ پەس خوتۇنلىرىم تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن ئەنسىرەيمەن ھەم ئۆكۈنىمەن .
- بۈگۈن نىمىشقا ئۆيدىن يېنىپ چىقتىڭىز ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ ئۆيىڭىزدە تۇرىشىڭىز كىرەك ئىدى .
- سەن چۈشەنمەيسەن ، ئۇ ماڭا شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا مەن ئۆزۈمنى بىر ئەر ، بىر ساقچى ئورنىدا ئەمەس بەلكى بىر پاھىشخانىغا كىرىپ قالغان تىگى پەس ئەردەك ، ساقچى ئالدىدىكى مەھبۇستەك ھىس قىلدىم ، ئۇنىڭ گەپلىرىگە قارىغاندا مەن ئۆزۈم ئىرىشىشىكە تىگىشلىك سۆيگۈگە ، ھىسىياتقا ۋە خۇشالىققا ئىرىشەلمىگۈدەكمەن ، ئۇنداق كىچىنى بىللە ئۆتكۈزگەننىڭ خۇددى بىر پاھىشە بىلەن بىرەر قېتىملىق ياكى بىرەر كۈنلۈك ئىشقىۋازلىق قىلغان بىلەن نىمە پەرقى ؟
- ئۇ زادى نىمە دىگەنتى ، سىزنى بۈنچىۋالا قىلىۋەتكۈندەك ؟
- ئىنسان ئۆز ۋۇجۇدىدا بولۇشقا تىگىشلىك ھىسيات ، ئارمان ، خۇشاللىقلارنىڭ بىر قىسمىنى قارشى تەرەپ يەنى ئەر ئايالدىن ، ئايال ئەردىن تاپىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا كۆيىنىش ، ئۆز ئارا تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدىكەن ، مەن ئۇنى < ئۇ مىنىڭ خوتۇنۇم > دەپلا ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى بۇ غايىپ كىچىنى بىللە ئۆتكۈزۈشنى توغرا كۆرمىدىم .
- شۇ تاپتا ئۇنىڭ سىزگە نىمە دىگەنلىكى ھەم ئۆيدىن چىقىپ كىتىش ئالدىدا نىمىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى تولىمۇ بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ .
- ئالدىرما ھازىر ئاڭلايسەن ، بۈگۈن مىنىڭ تويۇم ئەمەس بەلكى ئۆتمۈشۈمنى ئەسلىتىدىغان ، بۇرۇنقى شۇ خوتۇننىڭ قىلغان گەپلىرىنى ، قىلىقلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئەنسىز بىر كۈن بولدى .
زەپەر ئامانگۈلنىڭ چىڭ تۇرىۋىلىشى بىلەن بۈگۈننىڭ توينىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ ئاخىرلىشىپ ئۆيگە كۆچۈرلۈپ كىلىپ ، بولغان ئىشلارنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بەردى ، نازىلەنىڭ دىگەن گەپلىرى ، زەپەرنىڭ ئۆزىنىڭ دىگەن گەپلىرى  ھەممىسى چالا قويماي سۆزلەندى ، ئامانگۈل بولسا قاتتىق قىزىقىش ۋە ئەجەپلىنىش ئىچىدە زەپەرنىڭ گەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى .

داۋامى بار ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-11 12:38 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tamken + 100 ياخشى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79004
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1993
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2012-4-18
ئاخىرقى: 2013-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 12:30:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي  توۋا  نىمىنداق  ئاز  دەيمەن  بۇ  ھىكايىڭىزنىڭ  داۋامى  ؟
ۋايجان  قاچانمۇ  يوللارسىز  ئاخىرىنى  ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 130
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10695
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 12:40:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  شىرخان  بۇ ئەسەرنى  تولمۇ  ياخشى يىزىپسىلە  چىنلىق   تولمۇ ياخشى ئاددى  ئەمما مەنىسى  چۇڭقۇر  ئىپادىلىنىپتۇ  ئاخىرنى  يوللاپ  بولغاندا  كۆرۈپ  بۇلۇپ  ئاندىن  قالغان ئىنكاسنى  يازاي  ، ئىلھامىڭلىغا  بەركەت ۋە ئۆزگىچە  تۇيغۇلانى  تىلەيمەن

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3686
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28429
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5193 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 12:47:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diyarm يوللىغان ۋاقتى  2013-2-20 12:01 PM
ماۋۇ ئەسەر ماڭا بەك ياردى ، بولسا مىسرانىم ئەپەندى ئاۋ ...

گەرچە مەن بۇنى توردىكى ياخشى ئەسەر دەپ قارىمىساممۇ ئەمما تۇمۇشتا كۆرگەن ، ئاڭلىغان ۋە ھىس قىلغانلىرىمنى بىر يەرگە ئەكىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە ئەتراپىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان ۋە يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بولىۋاتقان مۇشۇنداق ھەقىقەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈش ، يۈز ئادەم ئىچىدە بىرسى ئوقۇپ تىگىگە يىتەلىسە مىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىم بىكارغا كەتمىگەن بولاتتى .
سىز دىگەن پاھىشە قىزنىڭ مۇھابىتى دىگەنمۇ ناھايىتى ياخشى ئەسەر ھەم توردا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغىغان بۇ ھىكايىنىڭ باشلىنىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدۇ ئەمما ھىكايە قۇرۇلمىسى ۋە كىيىنكى ۋەقەلىكلەر جەھەتتە مۇئەييەن پەرىقلەرگە ئىگە .
تىل ۋە بايان قىلىش ئۇسۇلۇمنىڭ كەمچىل بولىشى سەۋەپلىك بەزى نوقسانلاردىن خالىي بولالمىغان بولسام كىرەك ، شۇڭا سىزلەرگە ئوخشاش ئاشكارە پىكىر بىرەلەيدىغان تورداشلارغا مۇھتاجمەن .
بۇنى تامام قىلىپ بولغاندا مەنمۇ سىز دىگەندەك ئاۋازلىق قىلىش مەقسىدىم بار .... رەھمەت .

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34340
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5787
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2505 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 01:11:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر قىسىمى تۈگىدى ............................. رەھمەت ، بەك ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ . ھارمىغايسىز . .................. چوقۇم ئەسىرىڭىزدىن ئىبىرەت ئالىدىغان ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان كۈنلىرىگە شۈكىرى قىلىدىغانلار چىقىدۇ . شەخسەن مەن بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ   ئۇلۇغ ئاللاھقا ھازىرقى كۈنلىرىمگە چەكسىز شۈركىرەلەرنى ئېيتتىم

سىرداش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75119
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3208
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 01:11:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diyarm يوللىغان ۋاقتى  2013-2-20 12:01 PM
ماۋۇ ئەسەر ماڭا بەك ياردى ، بولسا مىسرانىم ئەپەندى ئاۋ ...

شۇ روماندىكى قىزنىڭ ئىسمى نېمە (ئاۋاز بەرگەننىڭكىنى دېمەكچى روماندىكى پېرسوناژنىڭ ئەمەس)

قورقۇش پەقەت نېرۋىنىڭ ئەڭ زىل ئىنكاسى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11202
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8947
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 01:30:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخرى جىددى ساقلانماقتا.......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش