جۇڭگۇدىكى داڭلىق جەمئىيەتشۇناسلار (2) 孙立平
مۇتەللىپ ئىقبال 孙立平 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى توغۇلغان. 1978-يىلى بېيجىڭ ئونىۋېسىتى ئەدەبىيات فاكولتىتى ئاخبارات كەسىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1981-يىلى نەنكەي ئونىۋېرسىتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1982-يىلى بېجىڭ ئونۋېرسىتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 2000-يىلى 1-ئايدا چىڭخۇا ئونۋېرسىتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكولتىتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن، دوكتۇر ئاسپىرانت يىتەكچىسى. ئو 2006-يىلى ”جەنۇپ ھەپتىلىكى“ تەرىپىدىن ”ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق شەخس“ دىگەن مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. ئۇ جۇڭگۇدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە نىسپەتەن مۇستەقىل كۆز قاراش ۋە پىكىرگە ئىگە جەمئىيەتشۇناس. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات دائىرىسى جەمئىيەت ئۆزگىرىشى ئۈستىگە مەركەزلەشكەن.