سارتېرىنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىكى
مۇتەللىپ ئىقبال مەۋجۇدىيەتچىلىك دېگەن نېمە؟ بۇ سوئالغا ھازىرغا قەدەر بېرىلگەن جاۋابلار ھەرخىل. ئەمما ئۇقۇمغا بېرىلگەن تەبىرلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ ئاساسلىق دائىرىسىنى بېكىتىش بىزنىڭ بۇ ئۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى ھەققىدە بۇ پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى(سارتېرى)مۇ مەلۇم بىر ئېنىقلىما بەرمىگەن.[1] مەۋجۇدىيەتچىلىك فىرانسىيەلىك يازغۇچى سارتېرى(Jean Paul Sartre) نىڭ 1946-يىلى فىرانسىيەدىكى بىر كۇلۇبتا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن تەرەققىي قىلغان پەلسەپە بولۇپ، سارتېرى ”مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر ئىنسانچىلىقتۇر“ دېگەن كىتابى ئارقىلىق مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇنداقتا مەۋجۇدىيەتچىلىك دېگەن