مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات

مۇتەللىپ ئىقبال مەدەنىيەتنى ئادەتتە نۇرغۇنلىغان تۈرگە بۆلگىلى بۇلىدۇ. مەسىلەن، مودا مەدەنىيەت، ياشلار مەدەنىيتى، كارخانا مەدەنىيتى، يەرلىك مەدەنىيەت، يۇقىرى مەدەنىيەت، تۈۋەن مەدەنىيەت، تەبىقە مەدەنىيتى، ئۇيغۇر مەدەنىيتى…. جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئادەتتە مودا مەدەنىيەت ۋە ئاۋام مەدەنىيتى ھەققىدە تەتقىقاتلار بىر قەدەر كۆپ. تۈۋەندە، كۆپ ئۇچرايدىغان مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۈتىمىز.   مودا مەدەنىيەت مودا مەدەنىيەت دىگىنىمىز جەمئىيەتنىڭ كۆپ سانلىق كىشىلىرى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان مەدەنىيەت[1] بۇلۇپ، ئادەتتە جەمئىيەتتىكى ئوتتۇرا تەبىقە ۋە تۈۋەن تەبىقە كىشىلىرى تەرىپىدىن كۆپرەك قارشى ئېلىنىدۇ. مودا مەدەنىيەتكە مەلۇم بىر

داۋامى

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىم چۈشەنچىسى

بىلىم بەخىت كەلتۈرىدۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ   ئىنسان بىلىم بىلەن يۈكسىلىپ شۆھرەت تاپىدۇ. ھەممە ياخشلىقلار ئىلىمنىڭ پايدىسى بىلەن بۇلىدۇ، ئىلىم بىلەن كۆككىمۇ يول ئېچىلىدۇ. كىمدە ئىدراك بولسا، ئۇلۇغلۇققا ئىرىشىدۇ. بىلىم كىمدە بولسا، ئۇ بۇيۇكلۈككە ئىگە بۇلىدۇ. ھەر ئىشنى ئىدراك بىلەن چۈشۈنۈپ، بىلىم بىلەن قىل، كۈنۈڭ قۇتلۇق، يوللىرىڭ سائادەتلىك بۇلىدۇ. بىلىملىك ئادەم توغرا، سۆزدە مۇلايىم بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئىش-ھەركىتى ئىشەنىچلىك، ئۇ تەمكىن، مۇلايىم ۋە ناھايىتى سەۋىرچاندۇر. ئۇ ئىشنىڭ تىگى-تەكتىگە يىتىپ ئالدىرىماي ئىشلەيدۇ. ئەقىللىق-ئىدراكلىق كىشىنىڭ ئۇرۇقى ياخشى بۇلىدۇ،

داۋامى

جوڭگۇ جەمئىيەتشۇناسلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى

    مۇتەللىپ ئىقبال   جۇڭگۇدا جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان تالاش-تارتىش ۋە ئۆلچەملەر مەۋجۇت. بەزىلەر 1949-يىلىدىن ئىلگىرىكى جۇڭگۇ جەمئىيەتشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىنى نۇرغۇن بۈلەك ۋە قىسىملارغا  بۆلگەن. ھەممىگە مەلۇم، 1840-يىلىدىن باشلاپ جوڭگۇ چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزى ئاستىدا قالدى. بۇنىڭ بىلەن مىللىي كىرىزىس شەكىللەندى ۋە ئېغىرلاشتى. 1840-يىلىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگۈچە جۇڭگۇ ئاساسەن يېرىم مۇستەملىگە، يېرىم فىئودال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. دۆلەتنىڭ كۈچى ئاجىزلاشتى، خەلق خاراپ بولدى… بۇنىڭ بىلەن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلار جۇڭگۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاكىتىپ

داۋامى

مەرىپەتچلىك ھەرىكىتدىكى بەزى مۇتەپەككۇرلار

  مۇتەللىپ ئىقبال   ياۋرۇپا تارىخىدا 17-ئەسىردە مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى باش كۈتۈرۈپ چىققانغا قەدەر دۆلەتنىڭ ھۇقۇق سىستىمىسى ياكى كىشىلەرنىڭ سىياسىي چۈشەنچىسى ئەنئەنىۋىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن. ھەممە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، پادىشاھ مۇتلەق ھۇقۇققا ئىگە. بۇ سەۋەپتىن پادىشاھ نىمە دىسە، نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەردە تاللاش پۇرسىتى يوق، پەقەت بويسۇنۇش مەجبۇرىيتى بار. چۈنكى ياۋرۇپادىمۇ، ئاسىيا جەمئىيەتلىرىگە ئوخشاش قەدىمدە، ھۇقۇق تەڭرى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان، دەيدىغان چۈشەنچە ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئەمما بۇ خىل قاتمال چۈشەنچە مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىدىكى بەزى مۇتەپەككۇلارنىڭ كۆز-قاراشلىرى بىلەن ئۆزگىرىشكە باشلىغان.

داۋامى

ئۇيغۇلاردىكى ئىپتىدائىي ئېتقادنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۆزگىرىشى

    مۇتەللىپ ئىقبال ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: ئىپتىدائىي ئېتقاد ھادىسسى ئىپتىدائىي جەمىيەتتە بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاسمان جىسىملىرىغا ، ھايۋانات- ئۈسۈملۈكلەرگە ۋە ئەجداد-قەھرىمانلارغا چۇقۇنۇشتەك ئېتقاد شەكلىگە ئىگە. ئىپتىدائىي ئېتقاد ھادىسىسى ھەرقايسى خەلق مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆزگىچە ئۇرۇن تۇتىدۇ. بۇ ماقالىدە ئۇيغۇلارنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىدا ساقلىنىۋاتقان ئىپتىدائىي ئېتقادقا مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەرنى مىسال ئېلىش ئارقىلىق،  ئىپتىدائىي ئېتقاد ھادىسلىرىنىڭ ئىسلام دىنى شارائىتىدا مۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشتىكى سەۋەبلىرى ئېچىپ بىرىلىدۇ.   ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىپتىدائىي ئېتقاد، ئۇيغۇرلار، ئىسلام دىنى     ئىپتىدائىي دىن

داۋامى