ئائىلە ھەققىدە قىسقا گەپلەر

    مۇتەللىپ ئىقبال     ئەنئەنىۋى ئائىلىلەر ئەڭ ئالدى بىلەن بىر ئىقتىسادىي بىرلىك ئىدى. ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىقتىساد ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى. بۇ خىل ھالەت توي ئىشلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ چىقاتتى. ئەمەلىيەتتە ئوغۇل ياكى قىز تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بېرىدىغان تويلۇقى پۈتۈنلەي ئىقتىسادىي پائالىيەت ئىدى. نۇرغۇنلىغان خەلقلەرنىڭ تارىخىدا تويلۇققا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ سەۋەبى ئائىلىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن بىر ئىقتىسادىي ئورۇن ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تويلۇق ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ئىش ئىدى. تويلۇق ئەسلىدە جەمئىيەتتە ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى

داۋامى

قۇربان ھېيتلىق قىسقا ئۇچۇر ھەققىدە قىسقا گەپلەر

    مۇتەللىپ ئىقبال   ئالدى بىلەن بۇ يىللىق قۇربان ھېيت ھەققىدىكى تۇنجى ئۇچۇر توغرىسىدا توختىلايلى. بۇ يىلقى قۇربان ھېيتلىق تۇنجى ئۇچۇر ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش، شەھەرنىڭ بۇرجەكلىرىدە قۇربانلىق قىلىنىش ئۈچۈن توپلانغان كالا-قويلارنىڭ رەسىمىنى توپلارغا ئەۋەتىش بىلەن باشلاندى، دېسەك كۆپتۈرۈۋەتكەن بولمايمىز. چۈنكى، قۇربانلىق قىلىشتىن يىراق بولغان مەنمۇ ھەرخىل شەكىلدە ئېسىل سەمەرتېلگەن كالا-قويلارنىڭ قۇربانلىققا تازا باب كېلىدىغانلىقىدەك ئۇچۇر ۋە رەسىملەرنى كۆرۈش بىلەن قۇربان ھېيتنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئىدىم. دېمەككى، قۇربان ھېيت ھەققىدە ئەڭ ئاۋۋال ئۇچۇر بەرگۈچىلەر

داۋامى

يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ

    مۇتەللىپ ئىقبال   خەلقىمىزدە ”يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ“ دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار. بۇ ماقال-تەمسىلدە بىر كىشىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەرىكىتى، كىملىكى ۋە كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنداق بولسا، سېمىز كىشىلەر بىلەن دوست بولساق سېمىز بولۇپ قالامدۇق؟ بۇ سوئال قارىماققا كۈلكىلىكتەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى، قازانغا يولۇقساق  قارىسى يۇققان بىلەن سېمىز كىشى بىلەن دوست بولساق سېمىز بولۇپ قېلىش ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ئەخمىقانلىقتەك بىلىدۇ. مەن يېقىندا كۆرگەن تېد(Ted) لىكسىيەسىدە بۇ تېما ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

داۋامى

سائەت، مەتبۇئات ۋە تېلېسكوپ ھەققىدە ئاددىي گەپلەر

مۇتەللىپ ئىقبال   سائەت نېمىشقا ئىجاد قىلىنغان؟ نېيىل پوستمەن(Neil Postman)نىڭ  بەرگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 12- ۋە 13-ئەسىرلەردە موناسىتىرلار قوڭغۇراق ياكى داڭ چېلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىبادەتكە چاقىراتتى. كىشىلەرنىڭ ئىبادىتىنى ۋاقتىدا قىلغۇزۇش ئۈچۈن سائەت كەشىپ قىلىنغان ئىدى. موناستىرنىڭ قوڭغۇراقلىرى سائەت بۇيىچە دەل ۋاقتىدا چېلىناتتى. ئەمما، ئۇ چاغدا سائەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان ۋە كونترول قىلىدىغان ۋاسىتىگە ئايلىنىدىغانلىقى بىلىنمىگەن ئىدى. سائەت 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ موناستىرنىڭ تاملىرىدىن ئېشىپ، ئىشچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ھاياتىنى مىنۇتلار بۇيىچە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا باشلىدى[1]. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدا تەرتىپلىك

داۋامى

ئۆزتارتىم

  مۇتەللىپ ئىقبال   ئۆز تارتىم(Selfie,自拍 ) بۈگۈنكى كۈندە ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 2013-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى لۇغىتىگە ئۆزتارتىم سۆزى كىرگۈزۈلدى ۋە شۇ يىلنىڭ ئەڭ مودا سۆزلىرى سۈپىتىدە باھالاندى. رەسىمگە تارتىش ئەسلىدە ساياھەتكە، كاماندىروپكىغا چىققاندا ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قېتىلغاندا قىلىدىغان ئىشنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە رەسىمگە تارتىش كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ كىچىك بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. جۈملىدىن ئەڭ قولايلىق رەسىمگە تارتىش ئۇسۇلى ئۆزتارتىم (Selfie,自拍 )  كۈنسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. نەتىجىدە،

داۋامى