قۇربان ھېيتلىق قىسقا ئۇچۇر ھەققىدە قىسقا گەپلەر

 

 

message

مۇتەللىپ ئىقبال

 

ئالدى بىلەن بۇ يىللىق قۇربان ھېيت ھەققىدىكى تۇنجى ئۇچۇر توغرىسىدا توختىلايلى. بۇ يىلقى قۇربان ھېيتلىق تۇنجى ئۇچۇر ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش، شەھەرنىڭ بۇرجەكلىرىدە قۇربانلىق قىلىنىش ئۈچۈن توپلانغان كالا-قويلارنىڭ رەسىمىنى توپلارغا ئەۋەتىش بىلەن باشلاندى، دېسەك كۆپتۈرۈۋەتكەن بولمايمىز. چۈنكى، قۇربانلىق قىلىشتىن يىراق بولغان مەنمۇ ھەرخىل شەكىلدە ئېسىل سەمەرتېلگەن كالا-قويلارنىڭ قۇربانلىققا تازا باب كېلىدىغانلىقىدەك ئۇچۇر ۋە رەسىملەرنى كۆرۈش بىلەن قۇربان ھېيتنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئىدىم. دېمەككى، قۇربان ھېيت ھەققىدە ئەڭ ئاۋۋال ئۇچۇر بەرگۈچىلەر كالا-قوي تىجارىتى قىلىدىغانلار ئىدى. ئۇلار قۇربان ھېيتنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ئۆزلىرى يەرلىك ئۇسۇلدا باققان كالا-قويلىرىنىڭ قۇربان ھېيتقا تولىمۇ باب كېلىدىغانلىقىنى ۋە باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئۈندىدار ۋە ۋاتسئەپلەردە ئۇچۇر تارقاتقان ئىدى. قۇربان ھېيتتا مىليونلىغان كالا-قويلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى ئەلۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقولاردا ئىنكاسسىز قالمىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە قۇربان ھېيتنى قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يېيىش بەدىلىگە خۇشاللىققا ئېرىشىدىغان بايرام دېگۈچىلەرمۇ يوق ئەمەس ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرقانداق نەرسىگە ماتېرىيالىزمچە كۆز بىلەن قارايدىغانلارنىڭ چۈشەنچىسى ئىدى. ئەمەلىيەتتە قۇربان ھېيتتا نۇرغۇنلىغان ھايۋانلار قۇربانلىق قىلىنسىمۇ، قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەسلى مەقسىتى گۆش يېيىش ئەمەس ئىدى. قۇرئان قاتارلىق مۇقەددەس كىتابلاردا ئاللاھنىڭ قۇربانلىقنىڭ قېنى ياكى گۆشى قاتارلىقلارغا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئىنسانلارنىڭ مال-مۈلكىدىن كېچىپ قىلغان قۇربانلىقىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشتىن ئىبارەت نىيىتىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىدۇ.

بۇ يىل قۇربان ھېيت ھەققىدە كالا-قوي ئۇچۇرىدىن كىيىنكى ئۇچۇر قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنىسى بولغان يەكشەنبە تارقاشقا باشلىدى. دېمەككى، دۈشەنبە ھېيت ئىدى. ھېيتنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر ھېيت بولغان كۈنى تەبرىكلەش ئەۋەتسە، كىشىلەرنىڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىغا دىققەت قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىدىمۇ، يەكشەنبە كۈنىلا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئۈندىدار ۋە باشقا ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۇچۇشقا باشلىدى. دېمەككى، ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلغان، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تولىمۇ تىز بولغان بىر سىپىرلىق دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمىز ئېنىق ئىدى. بۇ سىپىرلىق دۇنيادا ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىلمۇ-خىل ۋاسىتىلەرنى ۋە ئۇسۇللارنى قوللىناتتۇق. بۇنىڭ بىلەن قۇربان ھېيت ھەققىدە بالدۇر ئۇچۇر ئەۋەتىش مودا بولغاندەك قىلاتتى.

ئەلۋەتتە، مەنمۇ ھېيتنىڭ ھارپا كۈنىسىلا نۇرغۇنلىغان تەبرىكلەش ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ۋە ئۇچۇر ئەۋەتكۈچىلەردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. چۈنكى، مىنىڭ بەزى تونۇش-بىلىشلىرىم چاققان بىر شەكىلدە ئۆز ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق خاسىيەتلىك ھېيتنىڭ كېلىشىدىن شەپە بېرىپ ماڭا ھۇزۇر ۋە خۇشاللىق تېلەۋاتاتتى. بۇ خىل تىلەكلەر ئەسلىدە ھېيت خۇشاللىقىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. بىراق شۇنى ئەسلەپ قالدىمكى، بۇرۇنقى زامانلاردا ھېيتلىق تىلەكلەر پەقەت ھېيت بولغان كۈنىلا تېلىنەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئالاقىدىكى قولايلىق ھەرقانداق بىر بايرام ھەققىدىكى تىلەكلەرنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا يوللىنىشىنى مۇمكىن قىلغان ئىدى. دېمەككى، بالدۇر ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئۇچۇر قوبۇل قىلغۇچىنىڭ بالدۇر دىققىتىنى تارتىش ھەممە ئادەم ھېيت كۈنىسى ئۇچۇر ئەۋەتەلەيدىغان بىر دۇنيادا باشقىلارنىڭ كۆڭۈل خانىسىگە بالدۇرلا كىرىشىمىزدىكى تاكتېكىلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى.

قۇربان ھېيت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئىچىدە دىققىتىمنى تارتقان يەنە بىر ئىش، مەن ئەزا بولغان بىر ئۈندىدار توپىدا بىرىنىڭ توپتىكىلەرگە يوللىغان قۇربان ھېيتلىق ئۇچۇرىدا مەسچىت يېنىدا چېركاۋنىڭ ئايكون(Icon) رەسىمىنى تىزىپ قويۇشى ۋە بۇ ئۇچۇرنىڭ توپقا يوللىنىشى بىلەن مۇقەددەس كۈنلەردە ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەسچىت بىلەن خىرىستىيان دىنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان چېركاۋنىڭ بىر يەرگە تىزىلسا بولمايدىغانلىقى، بۇنداق قىلىشنىڭ ئېغىر خاتالىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش بولدى. ئەلۋەتتە، ھەرقانداق بىر دىننىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ئۈچۈن مۇقەددەس بىلىنىدىغان نەرسىلىرى بولىدۇ . بۇ سەۋەبتىن ، بۇ مۇقەددەس نەرسىلەر ئىشەنگۈچىلەر تەرىپىدىن جان تىكىپ قوغدىلىدۇ. توپتا دىققەت قىلىنماسلىقتىن يوللانغان ئۇچۇر ھەققىدىكى تالاش-تارتىشمۇ ناھايىتى تىزلا بېسىقتى. چۈنكى، يوللىغۇچى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. ئەمما، بۇ مۇنازىرىنى قىلغۇچىلار خىرىستىيان دىنىنىڭ چېركاۋىنى مەسچىت قىلىپ ئىبادەت قىلىۋاتقان تۈرك خەلقى ياشاۋاتقان رايوندا ياشاۋېتىپ بۇ مۇنازىرىنى قىلىشقان بولدى. ئەسلىدە خىرىستىيان دىنى ئىسلام دىنىغا ئۇنچىلىك يات دىن ئەمەس ئىدى. خىرىستىيانلار چوقۇنۇۋاتقان ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىدىكىلەر ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەر ئىدى. مەسچىت ۋە چېركاۋ رەسىمى ھەققىدىكى كىچىك مۇنازىرە ماڭا ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد ، تېرە، دۆلەت، مىللەت قاتارلىق كىملىك قارىشىنىڭ ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەسلىكىنى ئېسىمگە سالدى. بۈگۈنكى كۈندىكى بارلىق زىددىيەت ۋە قان تۆكۈلۈشلەر ئەسلىدە بىزنىڭ ئۆزىمىزنى مەلۇم بىر كىملىك ئىچىگە تەۋە قىلىۋېلىپ قارشى كىملىكلەرنى باستۇرىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. دېمەككى، زىددىيەتلەر ئېنىق ھالدا ئىدېئولوگىيە كۈرىشى ئىدى.

قۇربان ھېيت ئۇچۇرى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋاتقان يەنە بىر نۇقتا بار ئىدى. ئو بولسىمۇ، ئۈندىداردا ھەممە كىشىگە ئوخشاش بىر ئۇچۇر، يەنى توپ ئۇچۇرى يوللاش مەسىلىسى ئىدى. توپ ئۇچۇرى يوللاش يېقىنقى زاماندا پەيدا بولغان ھادىسە ئىدى. توپ ئۇچۇرىنى يوللىغۇچى پەقەت ئۆلچەملىك بىرلا ئۇچۇرنى تەييارلىۋېلىپ ياكى باشقا يەردىن كۆچۈرىۋېلىپ ئۆزىگە يېقىن ۋە يېقىن بولمىغان بارلىق كىشىگە بۇ ئۇچۇرنى تارقىتاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن بىرلا ئۇچۇر مەيلى يېقىن تۇغقان ، مەيلى يىراق تۇغقان ۋە مەيلى مۇنداقلا تونۇشقان كىشى بولسۇن، ھەممىسىگە ئوخشاش يوللىناتتى ۋە قوبۇل قىلغان كىشىلەردە ئوخشاش تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى. مىنىڭ كۆزىتىشىمگە ئاساسلانغاندا، توپ ئۇچۇرى يوللانغان ۋاقىتتا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغۇچى ئۇچۇر ئەۋەتكۈچىدىن ئاساسەن رازى بولمايدىكەن ياكى ئۇچۇر ئېۋەتمىگەن بولسىكەن، دەپ قارايدىكەن. چۈنكى، توپ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلغۇچى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە ئالاھىدە ئۇچۇر يوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بۇ يەردىكى ئالاھىدە دېگىنىمىز ئۇچۇر يوللىغۇچىنىڭ ئوخشاش بىر ئۈلگىلىك ئۇچۇرنى ھەممە كىشىگە يوللىماستىن، تىلەك تىلگۈسى ۋە ئۇچۇر يوللىغۇسى كەلگەن كىشىگە ئايرىم شەكىلدە ئۇچۇر يېزىشنى كۆرسىتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر تېخنىكا ھاياتىمىزغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى، دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن. ماڭا نىسبەتەن تېخنىكا ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە ئىنساننى ھەقىقىي ھېس-تۇيغۇغا ئىگە ئادەم بولۇشتىن يىراقلاشتۇرۇۋەتتى. ئالدىدا سۆزلەنگەن توپ ئۇچۇر مەسىلىسى دەل بۇ پىكىرنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. ئەسلىدە، سالام-سائەت، ھال-ئەھۋال سوراش ئىشلىرى ئىككى ئىنسان ئارىسىدىكى ئىش ئىدى. پەقەت ئىككى ئىنسانغىلا خاس ئىدى.  ھال-ئەھۋال ۋە تەبرىكنىڭ پەقەت ئىككى كىشى ئارىسىدا بولۇش مەسىلىسى ئەسلىدە ئىككى كىشىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس بولغان مۇناسىۋەت شەكلىنى ئوتتۇرىغا چىقىراتتى. بىراق، توپ ئۇچۇرى يوللانغان ۋاقىتتا ھال-ئەھۋال سوراش ۋە تەبرىك يوللاش پەقەت ئىككى ئىنسانغىلا خاس بولۇشتىن، توپ ئۇچۇرى يوللانغان ھەممە كىشىگە ئورتاق بۇلاتتى. ئەسلىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا توپ ئۇچۇرى يوللىغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ توپ ئۇچۇرى قوبۇل قىلغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىراقلىق ھەم يېقىنلىق خاراكتېرىگە ئىگە. توپ ئۇچۇرى يوللىغۇچى ئەمەلىيەتتە بەزى كىشىلەر بىلەن ناھايىتى يېقىن ، بەزى كىشىلەر بىلەن يىراق ئارىلىق ساقلاپ ياشايدۇ. توپ ئۇچۇرى يوللىغۇچىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش مۇناسىۋىتى باشقىلار بىلەن يىراق-يېقىن بولۇش خاراكتېرى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىكەن، توپ ئۇچۇرى يوللىغۇچىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن بىرلا ئۇچۇرنى ھەممە كىشىگە ئورتاق يوللىشى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھاياتىغا ۋە خاراكتېرىگە قىلىنغان ماس كەلمەسلىك ۋە ئاسىيلىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر بىلەن يىراق مۇناسىۋەت ساقلاپ، بەزى كىشىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ساقلاپ ياشىغان ئىكەنمىز، نېمىشقا ئوخشاش مەنە ۋە ئوخشاش تۇيغۇ بېرىدىغان ئۇچۇرنى يېقىن ۋە يىراق مۇناسىۋەت ساقلايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق يوللايمىز؟ بەلكىم ئۈندىدارىمىزدىكى بەزى كىشىلەر بىز بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتىشى مۇمكىن. بەزى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولىشىمىز مۇمكىن. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا نېمە ئۈچۈن يېقىن كىشىلىرىمىزگە يىراق كىشىلىرىمىزگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمىز ۋە ئوخشاش ئۇچۇر ئەۋەتىمىز؟ مېنىڭچە بۇ ئەسلىدە بۈگۈنكى زامان ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ بىزنى سۈنئىيلەشتۈرگەنلىكى ۋە بىزنىڭ ئەسلى خاراكتېرىمىزدىن يىراقلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. قىسقىسى، بىز تېخنىكىنىڭ ھاياتىمىزنى قۇلايىقلاشتۇرۇشىغا ئىشەنگىنىمىز بىلەن تېخنىكىنىڭ ھاياتىمىزدىكى چىن ئىنسانلىق مەنىسىنى ئوغرىلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى، بىزنى ئەسلىي ئىنسانىيلىق خۇسۇسىيتىمىزدىن يىراقلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئويلانمىغان ئىدۇق.

قۇربان ھېيتلىق ئۇچۇرلار ئىچىدە يەنە بىر يەردىن بىر يەرگە كۆچۈرۈلۈپ ئەۋەتىلىدىغان ئۇچۇرلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئەلۋەتتە بۇ خىل ھادىسىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار ئىدى. بەزى كىشىلەرنىڭ ئەدەبىيات سەۋىيەسى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن باشقىلار ئەۋەتكەن ياكى توپلاردا مودا بولغان ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈپ ئېلىپلا باشقىلارغا ئەۋەتىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۇچۇر ئەۋەتىش شەكلىنىڭ توپ ئۇچۇرىغا ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى، ئۇچۇر ئەۋەتكۈچى بىر ئۇچۇرنى پۈتۈن ئەزالارغا ئورتاق ئەۋەتمەيدۇ. ئۆز چەمبىرىكى ئىچىدە ياقتۇرغان كىشىسىگىلا ئەۋەتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن تەييار ئۇچۇرنىڭ پەقەت ياقتۇرغان كىشىلەرگىلا ئەۋەتىلىشى ئۇچۇر ئەۋەتكۈچىنىڭ نىيىتىنىڭ ساپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇمۇ بۈگۈنكى كۈندە تېلېفون ۋە كومپيۇتېرلاردىكى كۆچۈرۈپ چاپلاش تېخنىكىسىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. ئەمما، كۆچۈرۈپ-چاپلىنىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يازالىغىنىمىزغىچە يازالىغان ئۇچۇر كۆچۈرۈلگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا قارشى تەرەپنى ياخشىراق تەسىرلەندۈرەلىشى ۋە سالىمىمىزنىڭ چىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن ، يازالمىغانلارنىڭ سۆزلەش ئارقىلىق ھەقىقىي نىيىتىنى ئۆزىگە خاس ئاۋازلار بىلەن بىلدۈرىشى بۇنىڭدىن كىيىن كېڭەيتىشكە تېگىشلىك ئىشىمىز بۇلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

بۈگۈنكى كۈندە تېلېفون قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بولۇپ-پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كىردى. ھاجەتخانىغىمۇ تېلېفۇنسىز كىرگۈمىز كەلمەيدىغان بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئېنىق . ئەمما، بۇ يىلقى قۇربان ھېيتلىق ئۇچۇرلاردا بەزى يېقىن كىشىلىرىمنىڭ ھەممىسىگە ئۇچۇر ئەۋەتىپ ھال-ئەھۋال سوراپ بولالمىدۇق. ئەڭ مۇھىمى نۇرغۇن كىشىلەر بىر-بىرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. گەرچە تېلېفون ئۇخلىغاندىمۇ ياستۇقىمىزنىڭ ئاستىدىن ئايرىلمايدىغان بىر ۋاسىتە بولسىمۇ، بىزنى نۇرغۇنلىغان يېقىن كىشىلىرىمىزدىن ئايرىپ تاشلىغان ئىدى. گەرچە ئالاقە قولاي بولسىمۇ، يېقىن كىشىلىرىمىزنى دائىم ئۇنتۇپ قالاتتۇق. ئوقۇرمەنلەردىن يوشۇرمايمەنكى، بۈگۈنكى قۇربان ھېيتتا بارلىق ئالدىراشچىلىقلارنى تۈگىتىپ مىنىڭ قانچىلىك يېقىن كىشىلىرىم بار ۋە ئۇلارغا ھېيتلىق تىلەك يوللىدىممۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىنىپ باقتىم. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىراشچىلىق ئىچىدە تاشلىنىپ قالغان ئىدى. ئادەملەر ۋاقتىنى ئالدىغا سېلىشنى نىيەت قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ۋاقىت بىزنى ئاللىقاچان تاشلاپ كېتىپ قالغان ئىدى. بىز ۋاقىتنىڭ كەينىدىن قوغلىغانسېرى يېتەلمەيتتۇق. ۋاقىت كەپسىز قىزدەك بىز قوغلىغانسېرى قاچاتتى.

قۇربان ھېيتلىق سالام ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كىملەر بىلەن يېقىن ، كىملەر بىلەن يىراق ئىكەنلىكىمىزنى ئەسلەتكەن بىر ۋاسىتە بولدى. چۈنكى، قۇربان ھېيتتا نۇرغۇن ياخشى تىلەكلىك كىشىلەرنىڭ تىلىكىنى ئالدۇق ۋە ئالەمچە سۆيۈندۇق. ھازىرغا كەلگۈچە ۋاقتىمىزنى ئاجرىتالمىغان ۋە ئالاقىلىشىپ بولالمىغان نۇرغۇن يېقىن كىشىلىرىمىزگە ئايەملىك تىلەك يوللىدۇق. قىسقىسى، قۇربان ھېيتلىق ئۇچۇر بىزگە يېقىن ۋە يىراق كىشىلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمىزگە سېلىپ ئۆتتى.

ئەسلىدە، ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشتىن يانمىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ھېكايىسىدىن تۆرەلگەن قۇربان ھېيتنىڭ خاسىيىتى ناھايىتى كەڭ ۋە چوڭقۇر ئىدى. بۇ ھېيت بىزگە زامانىۋىلىقنىڭ ئالدىراش ھەۋەسلىرى ئىچىدە ئۆز-ئۆزىمىز بىلەن بولۇپ كېتىۋاتقان پەيتتە بىر-بىرىمىزگە تىلەك تىلەش، ھال-ئەھۋال سوراشتىن ئىبارەت ئەڭ تۈپكى ئىنسانىي ھوقۇقلىرىمىز ۋە مەرھەمەتلىرىمىزنى خاتىرلەتتى. قۇربان ھېيتنىڭ ئەتىگەندىلا ئاغىنەم بىلەن كۆرۈشكىلى مېڭىۋېتىپ، ياتاق بىناسىغا ئانچە يىراق بولمىغان ئىستانبۇلدىكى ئەڭ ئېسىل ۋە ئالىي مېھمانخانىنىڭ بىر كۆزەتكۈچىسىنىڭ مېنى تونۇمىسىمۇ، كىچىك كۆلبىسىدە ئولتۇرۇپ ماڭا ئاكتىپلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ سالام قېلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم ۋە قۇربان ھېيتنىڭ كەلتۈرگەن بۇ ئىنسانلىق خاسىيىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. گەرچە كۆزەتكۈچى مېنى تونۇمىسىمۇ، ماڭا ھېيتلىق سالام قىلىشى ماڭا ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدا سۆيۈملۈك قەلبلەرنىڭ بارلىقىنى خاتىرىلەتتى. دېمەككى، بارغانسېرى بىر-بىرىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان بۇ دۇنيادا قۇربان ھېيت سالىمى بىزگە ئەڭ تۈپكى ئىنسانلىقىمىزنى ئىدى. مېنىڭچە ، بارلىق ئىنسانلىق ئىنسانلارنىڭ تېرىسى ۋە رەڭگىگە قارىماستىن، بىر-بىرىنى سۆيەلىشىدىن، تونۇش ياكى ناتونۇش بولسۇن، ئەڭ ئېسىل تىلەكلەرنى تىلەلىشىدىن ۋە بىر-بىرى بىلەن مال-مۈلۈكلىرىنى تەڭ بەھرىلىنىپ، غەمخان بولالىشىدىن باشلىنىدۇ.

قىسقىسى، بۇ يىلقى قۇربان ھېيتلىق ئۇچۇر بىزگە بىز ھېس قىلمىغان نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى. بەلكىم كەلگۈسىدە ئوخشىمىغان شەكىلدە سالام يوللاش ئۇسۇللىرى بەرپا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت ۋە ئادەملەر تىز ئۆزگەرسىمۇ، قەلبىمىزنى ئەسلىي ئىنسانلىق ھالىتىدە ساقلاش ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن تىلەك تىلەش ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

 

2016-يىل 13-سېنتەبىر

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز